ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 20:56:16

ئاۋۇ تۈرمىدىن چىقتى دىگەنگە ئىچىم پۇشىۋاتىدۇ ئەمدى

نىمە  ئىش قىلغان بولغىيدىم تۈرمىگە كىرىپ چىققىدەك

نەچچە كۈن كىرمىسەم مىنى تۇتۇپ ئوينىغان ئوخشايدۇ بۇ باشقۇرغۇچىلار

ناھايىتى  لەغمەننى ئىككى تاخسا يەيدىغان گۇناھىم باركەن شۇ \"\"

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 20:58:16

تۈرمىگە كىرىپمۇ ئىككى تەخسە يەپ يۈرگەنما ، مېنىڭمۇ كىرگىم كېلىۋاتىدۇ . \"\"

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 20:59:14

مەن ئوخشىغان لەغمەن بولمىسا پەقەت يىگۈم كەلمەيدۇ. پولوغا ئامراق.

لەغمەننىڭ سىيى بەك مايلىقمۇ ئەمەس، بەك سۇلۇقمۇ ئەمەس، سەيلىرى بەك پىشىپ كەتكەنمۇ ئەمەس، خام قالغانمۇ ئەمەس، بىرەر سەينىڭ تەمى بېسىپ كەتكەنمۇ ئەمەس، سەيلەرنىڭ تۈرى كۆپ بولمىسىمۇ، رەڭگى، تەمى ماس كەلگەن بولسا، تېتىتقۇ ئىشلەتمەي تەبى ھالىتىدە قورۇلغان بولسا، چۆپى بەك ئىنچىكىمۇ ئەمەس، بەك توممۇ ئەمەس، بەك چىڭمۇ ئەمەس، بەك مىش-مىشمۇ ئەمەس، توم-ئىنچىكىلىكى بىردەك، سەي سېلىپ تەخسىگە ئالغاندىكى كۆرۈنىشى كۆركەم بولغان لەغمەن بولسا ئىشتا بىلەن يەيمەن، ئۇنداق بولمىسا يىگۈم كەلمەيدۇ، زورلاپ يەپقويىمەن.



تاماق ئىچىدىكى ئەڭ خوشۇم يوق تاماق گاڭپەن، ئەگەر ئايالىم ئۇقۇشماي ئېتىپ قالسا ئۇرۇشۇپ قېلىشتىن يانمايمەن.

نارىن، خولۇپ ئاش، ئۈزۈپ تاشلىغان سۈيۈق ئاش مىنىڭ ياز پەسىللىرىدىكى داۋاملىق تاماقلىرىم، پولۇنى قىشتا كۆپ يەيمەن. لەغمەننى بايا دىگەندەك ئوخشىمىسا يىگۈم كەلمەيدۇ. تەلىيىمگە ئايالىم لەغمەننى خېلى ئوخشىتىدۇ.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 21:07:36

biligنىڭ بېشىغا قازاننى كەيگۈزۈپ قويسا بولغىدەك ،   \"\"

espresso يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 21:13:39

@bilig شۇنداق قىلىپ نۇرغۇن يېڭىلىقلار بولۇپ كېتىپتۇ بىلىگ، بىزنىمۇ خەۋەردار قىلايلى مۇنداق.



خولۇپ ئاش دىگەن قايسى تاماق بولۇپ كەتتىBTW

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 21:15:53

@espresso

خۇلۇپ خۇلۇپ قىلىپ يەيدىغان ئاشنى خۇلۇپ ئاش دەيدۇ \"\"

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 21:17:33

ئەركتىكىنكام مۇشۇ تاپتا ئايلىمىزغا يالۋۇرۇپ لەگمەن ئەتكۈزەلمەي،قاتتىق ناننى سۇغۇق سۇغا چىلاپ ياۋاتامدىكىن

..........................

ئاكاڭنىڭ  لەغمەن  يىگۈسى  كەلسە شۇنداقلا يەڭگەڭگە  قاراپ بارمىغىنى  تارسسىدە  قىپ  قويىدۇ،شۇنىڭ  بىلەن لەغمەن  يېرىم  سائەتتە  ئالدىمغا  كېلىدۇ .................  \"\" سەل  پو  پۇراۋاتامدۇ  نىمە   {:90:}  

لەغمەنگە   ئامراقلىغىمدىن  خوتۇن  تولا  خېمىر  يۇغۇرۇپ  چىدىماي ئاخىرى  بولكا  پىشۈرۇش  ماشىنىسىدىن  بىرنى  ئالغان  شۇ

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 21:19:43

\"\"  \"\"

قاتتىق نان يىمەي بولكا يەيمەن دەڭ

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 21:22:37

66- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەركتىكىنكام مۇشۇ تاپتا ئايلىمىزغا يالۋۇرۇپ لەگمەن ئەتكۈزەلمەي،قاتتىق ناننى سۇغۇق سۇغا چىلاپ ياۋاتامدىكىن

..........................

ئاكاڭنىڭ لەغمەن يىگۈسى كەلسە شۇنداقلا يەڭگەڭگە قاراپ بارمىغىنى تارسسىدە قىپ قويىدۇ،شۇنىڭ بىلەن لەغمەن يېرىم سائەتتە ئالدىمغا كېلىدۇ .................  سەل پو پۇراۋاتامدۇ نىمە \"\"

لەغمەنگە ئامراقلىغىمدىن خوتۇن تولا خېمىر يۇغۇرۇپ چىدىماي ئاخىرى بولكا پىشۈرۇش ماشىنىسىدىن بىرنى ئالغان شۇ

بولكا پۇشرۇش ماشىنىسىدا لەغمەن پىشامدىكەن ، مانا يىڭىلىق ،\"\"

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 21:27:57

ئوخشىمىغان لەغمەنگە كىم ئامراق    {:92:}   بېشىمغا قازان كىيدۈرۈلسىمۇ نىمە ئامال

لىكىن سىز ئوخشىتىدىغان چىراي، يولدېشىڭىز لەغمىنىڭىزگە ئامراقكەن. بۇ يازمىڭىزنى ياختۇردۇم لىكىن مىنىڭ ئايالىممۇ خولۇپ ئاش نارىن، تۈگرە دىگەنلەرنى بەك ئوخشىتىۋېتىدۇ ئامما لەغمەننى بەك ئېھتىيات بىلەن ئەتمىسە بولمايدۇ  {:92:}

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 21:28:16

ئايلىمىزنىڭ قاتتىق نان غاجاپ ئولتۇرغان ئەركتىكىنكامغا ئىچى ئاغرىپ بولكا پۇشۇرۇپ بېرىدىغان بوپتۇ  {:90:}  





بولكا پۇشۇرۇش ماشىنسىدا لەغمەننىڭ  خېمىرىنى يۇغۇرغىلى بولىدىكەن.خېمىرى تەييار بولسا لەغمەن بىردەمدە پىشىدۇ \"\"

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 21:32:15

بولكا پۇشۇرغان ماشىنىدا قانداق خېمىر يۇغۇردۇ ، خېمىر يۇغۇرۇش ماشىنىسىدا يۇغارغان خېمىردا قىلغان لەغمەننىمۇ قانداق ھېسياتلىق يىگىلى بولىدۇ . \"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 21:36:47

يولدىشىڭىزدىن ئالالمىغان ئۆچىڭىزنى خېمىر يۇغۇرۇپ مىجىپ مىجىپ ئېلىۋالىدىكەنسىزدە ئەمسە \"\"

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 21:36:51

ئەسپىرەسسو:

راس نۇرغۇن ئۆزگۈرۈشلەر بولۇندى.  يەنە كىلىپ بەكلا مۇرەككەپ...خۇدا نىسىپ قىلسا مۇنبەر يۈزىدە تورداشلار بىلەن مۇڭداشقۇم بار ئىدى لىكىن بىر تۇرۇپ يالتېيپمۇ قالىمەن.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 21:38:37

مەيلى لەغمەن بولسۇن، مەيلى پولۇ بولسۇن تاماققا مۇھەببىتىڭىزنى يۇغۇرۇپ تۇرۇپ ئەتسىڭىز ئوخشايدۇ.

espresso يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 21:42:49

\"\" ئەجەپ خولۇپ ئاشنىڭ نىمىلىكىنى دىمىدىڭلا بىر.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 21:51:29

ماشىنىدا ئەتكەن تاماق ئوخشىمايدۇ، يىيىش ئۈچۈنلا زورلاپ ئەتكەن تاماقمۇ شۇ. تاماق ئەتكۈچى تاماق ئېتىشكە ئاز-تولا ئىشتىياقى بولمىسا بىكار. دىمەك شەھلا خانىم لەغمىنىگە ئېرىگە بولغان مۇھەببەتنى سىڭدۈرۈپ تۇرۇپ ئېتىدىكەن شۇڭا ئېرى ياختۇرۇپ يەيدىكەن، ئائىلىسى بەخىتلىككەن(كۆز تەگمىسۇن، تېخىمۇ بەخىتلىك بولسۇن!)

تاماق ئەمەس، ھەرقانداق نەرسىگە ھىسسىياتنى باغلىغىلى، يەنى سىڭدۈرگىلى بولىدۇ، بۇنى چۈشەنمەيدىغانلارغا ئامال يوق! شۇڭا بەزىدە ئايالى ئاتايىن ئەتكەن تاماقنى ئېغىزىغا ئانچە تېتىمىسىمۇ ئوخشاپتۇ دەپ قويسىلا خوتۇن خەقلەر ۋىللىدە ھاياجانلىنىپ، خوش بولۇپ كىتىدۇ، ھەممىسى شۇنداق.  بىزئەرلەر ئاياللىرىمىزنى مۇشۇنداق بىر ئېغىزگەپ بىلەنمۇ خوش قىلالايمىز. لىكىن ھەرگىز تامىقىڭ ئوخشىماپتۇ دىمەڭلار، شۇنداق دىسەڭلار كىيىن تېخىدىنمۇ ئوخشاتمايدۇ، چۈنكى سىز ئالدىنقى قىتىم مىھرىنى سىڭدۈرۈپ ئەتكەن تاماقنى ئوخشىماپتۇ دەپ ئۇنىڭ ھىسسىياتىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتتىڭىز، كىيىن بولۇ-كۆتە ئېتىقشىمۇ مۇمكىن ئاندىن بارا-بارا مۇھەببەت سۇسلىشى ئاندىن مۇمكىن... بۇنىڭغا سەل قارىماسلىقىمىز كىرەك.

يۇقىردا مەن راس گېپىمنى قىلمىدىم، گاڭپەنگە خوشۇم يوق بولسىمۇ لىكىن ئايالىمنى تىللاپ باقمىدىم تاماق توغرىسىدا، ئۇ دىگەن گاڭپەنگە خوشۇم يوقلۇقنى ئىپادىلەش ئۈچۈن يازغان بايان...

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 21:57:40

خولۇپ ئاش دىگەن ماش سېلىپ ئانچە-مۇنچە دورا-دەرمەك سېلىپ، چىلان سېلىپ ئەتسە «خان ئېشى»، قۇرۇق خۇدا بەرگەن سۇنى شۇ كونا قازاندا قاينىتىپ ، چامغۇر بىلەنلا ئەتسە «دىھقان ئېشى» دىيلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تامىقى. چۆپى نارىننىڭكىدىن نىپىز ۋە كەڭ، سۈيى ۋە چۆپى ئايرىلىپ تۇرىدىغان سۈيۈق تاماق. ياز كۈنلىرى،  ئەتىگەن كەچتە ئىچىشكە ماس كىلىدىغان بىر خىل تاماق. قۇرۇق ئىسسىقنى باسىدۇ، مىجەزنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ، بەدەندىكى زەھەرنى ھەيدەيدۇ...

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 22:03:46

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 22:08:14

بەت: 1 2 3 [4] 5 6 7 8
: لەغمەنگە يۇشۇرۇنغان مۇھەببەت