پىنھانباي ، بىر مۇڭداشساق بولاتتى ۋاقىت چىقىرىپ ..
ئۇيغۇر بالىغ يوللاپ قويغان ئاۋۇ رەسىمدىكى لەغمەن ئىشىۋاتقان ئانىنىڭ رەسىمى ساقلاپ قويغۇدەكلا سۈرەت ئىكەن. @birzat كا ،ئاۋۇ ساقلاپ قويغۇدەك سۈرەت بولسا مۇنداق كۈلمەمسىز ، مۇنداق كۈلۈپ نىمە كەپتۇ ؟؟ {:92:} لەغمەنگە ئامراقلىقىمدا بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەندەك قىلىمەن. مېنى لەغمەندە باغلاپ قويۇڭلا، بولمىسا خاتا ئېموشىن ئىشلىتىپ سالغۇدەكمەن ما تېمىدا {:92:} @tashadem بىرەر كۈنىسى ئېغىر مۇڭداشمايمۇ بولمىدى جۇمۇ . پۈرسەت چىقىپ قالسا بوتولكىدىن بىرەرنى ھېقىپ دىگەندەك {:92:} سېلى ھاراق تاشلىغانمۇ يا ؟ بايا بىر لەغمەن يىدىم ، بۇنداق لەغمەننى سىلەر ئىزدەپمۇ يىيەلمەسلىكىڭلار مۇمكىن ، ئەمما بۇ لەغمەننىڭ تەمى لەغمەن ئەمەس قىغمەن دىسىمۇ بۇلىدۇ ، بۇ بىزنىڭ شىنجاڭدىكى دۇڭگانلار تاماققا خېلى ئۇستا ، لەغمەننىمۇ خېلى ئوخشىتىدۇ ، ئەممازە بۇ گەنسۇنىڭ ، چىڭخەينىڭ تۇڭگانلىرى ئەتكەن لەغمەننى لەغمەن ئەمەس قىغمەن دىسىمۇ بۇلىدۇ ، نە تەم ، نە رەڭ ! ئىسىت بىچچارە ئۇن تۇز كۆكتاتلارنىڭ جېنىغا ۋاي ، چوشقىغا ھەلەپ ياسىغاندەكلا قازانغا ياغنى بىر قۇشۇق قۇيۇپ بىر چىنە سەينىڭ ھەممىسىنى بىرلا ۋاقىتتا قورۇپ لەغمەن دەپ ئېلىپ چىقىدۇ .
خەپ ئۆيگىمۇ بارارمەن ، ئانامنىڭ ئەتكەن ئەغمەنلىرىنىڭ پۇرىقى بۇرنۇمغا پۇراپ كۇزۇمگە كۇرۇنۇپ كەتتىغۇ .
توۋا ..لەغمەنگە ئۆچ ئەر كىشىلەرمۇ باركەن دىسە ........................
ئۈرۈمچىدەكۇنسۇل كوچىسى، تىللادىن باشقا نەنىڭ لەغمىنى ئوخشايدۇ ؟
Pinhanتويدىن كېيىن تاشلىدىم . ئادەم يەڭگىللەپ قالدىكەن، ئۇمۇ بولمىسىمۇ پاراڭ نۇقتىمىز بىر يەردىن چىقىپ قالار ، قالدىسىنى كۆرۈشكەندە دېيىشەرمىز ... مەن لەغمەنگە كۈيىمەن ئىشقىلىپ پىنھان ئىچمىسەڭ گەپ قىلالمامسەن لەغمەننى ئىچەمدۇ يەمدۇ {:90:} چۈشتە لەگمەن ئىچكەن كىچىكىمدىن لەغمەنگە شۇنداق ئۆچتىم ،ئۆيدە لەغمەن ئەتسە ،ماڭا ئايرىم گۈرۈچ دۈملەپ قوياتتى ،لەغمەننىڭ سېيى بىلەن گۈرۈچ يەيتىم ،توي قىلغۇچە چۆمۈچنى قولۇمغا ئېلىپ باقمىغان ئىدىم ،چوڭلار ئۆگىنىۋالساڭ بولاتتى بالام ،ئۆيۈڭگە مېھمان كېلىپ قالسا قانداق قىلارسەن دېسە ،پالانى ئاشخانىنىڭ توخۇسىنى ،پالانىنىڭ پولۇسىنى ،پالانىنىڭ....... ئەكىرسەم مېھمان ئۇزايدۇ دەيتىم .تەلىيىمگە توي قىلىپلا ئىچكىرىدىكى بىر شەھەرگە كەتتۇق ،ھالال تاماق ساتىدىغان ئاشىخانا ئۆيىمىزدىن تاكسىدا بىر يېرىم سائەتلىك يول ئىدى ،ئۈرۈمچىدىن كەتكۈچە ئۇيغۇر تائاملىرى دەپ بىر كىتاب ئېلىۋالغانتىم ،دەسلەپتە 2 كۈن شۇ كىتابقا قاراپ گۈرۈچ تامىقى ئەتتىم ،ئاللاھغا شۈكرى ،تۇنجى ئەتكەن تاماقلار خېلى ئوخشاپتۇ ،3- كۈنىدىن باشلاپ يولدىشىم لەغمەن يەيمەن دەپ تۇرۇۋالدى ،يولدىشىمنىڭ ئەڭ ئامراق تامىقى لەغمەنكەن ،تېلفوندا ئاپامدىن سوراپ ،كىتابقا قاراپ دېگەندەك لەغمەن ئەتتىم ،چۆپ گەرچە چوكىدەك چىققان بولسىمۇ ،خېلى ئوخشاپتۇ ،ئۆزۈم ئەتكەن لەغمەننى لەغمەنگە ئۆچتۈم دېمەي يېدىم ،شۇندىن باشلاپ لەغمەن يەيدىغان بولدۇم ،ھەم لەغمەنگىمۇ ئۇستا بولۇپ كەتتىم ،ھازىر مېنىڭمۇ ئەڭ ئامراق تامىقىم لەغمەن بولۇپ قاپتۇ . لەغمەنگە ئامراقمۇ ئۆچمۇ ئەمەسكەنمەن. نېمە تاماق يەيسەن دېسە ئاغزىمغا پولا..لا كېلىدىكەن مەنمۇ لەغمەنچى، ئەگەر جىق ۋاقىت ئېلىپ ئايالىمنىڭ ئوقۇشىغا تەسىر يەتمىسۇن دىسەم كۈندە بىر ۋاق ئەتكۈزەتتىم مەن.ھېلىمۇ 2-3 كۈندە بىر قېتىم زورلاپ ئەتكۈزىمەن {:92:}
يېرىم كىچىدە لەغمەن گىپىنى قىلىپ
ئەركتىكىنكام مۇشۇ تاپتا ئايلىمىزغا يالۋۇرۇپ لەگمەن ئەتكۈزەلمەي،قاتتىق ناننى سۇغۇق سۇغا چىلاپ ياۋاتامدىكىن {:92:} مەن شۇ يەنە لەغمەن ئەتتىم ، بۇ تېمىنى يوللاپ بۇلۇپ ئاجايىپ بىر ئىلھام كەپتىكەن ، قاپىيەنى پىلتىغاچۈشۈرۈپ ، رادىفنى قورمىدا تەڭشەپ ، بىر پىلتىسىدا بىر كۆپلىت لەغمەن تاييار بوپتۇ ، ئىچكى ئاھاڭلىرى سىركە ،ياغمۇچلىرىدا بەلەنلا تەڭشىلىپ قورساقلا بەلەكچە ھوزۇرلاندى . ئەمسە بىر دىكلاماتسىيە قىلۋېتىڭە {:90:} دېكىلماتسىيە قىلاي دىسەم ئۆيدىكىلەر يەپلا قويۇپتۇ ، سەت بولدى ،