xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 12:21:56


18- قەۋەتتىكى Pinhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىزنىڭكىنى مەن نەدىن بىلەي ، ئۇنداق دېسىڭىز مىنى خىجىل قىلىپ قويىسىزكەن . سىزنىڭكىگە ئەڭ ياخشىسى ئۆيىڭىزدىكى ئائىلە باشلىقى بىر نىمە دىسۇن ماقۇلما . ئىرى بار خوتۇنلارنىڭ بېشىغا ، قېشىغا قاراپ يۈرمەيتتىم كەچۈرۈڭ


نىمانچە زىدىيەتلىشىپ كەتتىڭىز ، بايىلا تېخى قالپاق كەيدۈردىغان باشنىڭ بار يوقلىغىغا قارايمىز دەۋاتمامتىڭىز؟


Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 12:30:35

گەپ سۆزلىرىڭىز بىر -بىرىگە زىت دىمەكچىمۇ سىز ؟  تاس قاپتىمەن چۈشەنمىگىلى . قەيىرى زىت ئىكەن كۆرسىتىپ قويغان بولسىڭىز ، ساۋاپ بولار ئىدى .

Ay يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 12:41:14

ئەجەپ تەسىر قىلدا...

ئاللا خالىسا... \"\"

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 12:45:24

21- قەۋەتتىكى Pinhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

گەپ سۆزلىرىڭىز بىر -بىرىگە زىت دىمەكچىمۇ سىز ؟ تاس قاپتىمەن چۈشەنمىگىلى . قەيىرى زىت ئىكەن كۆرسىتىپ قويغان بولسىڭىز ، ساۋاپ بولار ئىدى .



مۇھەببەتنىڭ ئۆزى يالىڭاچلا ئۇقۇم


مىنىڭ گەپلىرىمدىن مۇھەببەتكە ئېنىقلىما بەرگەندەك مەنا چىقىۋاتامدا


سىزگە قالپاق كەيدۈرگىلى بولماسمىكىن . ئاۋۋال قالپاقنى ئويلىماي ، قالپاق كەيدۈردىغان باش بارمۇ يوق دەپ ئويلىنىش كېرەك .


  ئىرى بار خوتۇنلارنىڭ بېشىغا ، قېشىغا قاراپ يۈرمەيتتىم كەچۈرۈڭ .


ھازىرچە تېپىلغان ئىسپاتلار مۇشۇلاركەن ،

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 12:51:36

تەشەككۈر ، ئاللاھ قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن \"\"

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 12:55:59

شۇ دەرت كەلمىگەن قولامدا قەھۋە خېنىم دىگەندەك پولۇ ئىتەي ئەمسە ،   {:92:}

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 12:58:46

ئابدۇراخمان قاھارنىڭ بىر پوۋېستى بولىدىغانغۇ «ئادەملەر ماڭا رەھىم قىلماڭلار» دەپ. لەغمەننى يامان ئوخشىتىدىغان بىر چوكانغا بۇزۇلۇپ كېتىدىغان.



پىنھانغا قول قويدۇم، ئاياللار بىلەن بۇنداق تەپسىلىي گەپ تالاشماق تەس جۇمۇ!

totem يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 13:10:32

سىيىنى ئالماشتۇرۇپ كۈندە 3 ۋاق لەغمەن يىسەممۇ زېرىكمەيمەن.

uyghurbaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 13:23:45

@alnoor024 ئەڭ ياخشىسى ئاۋۇ شىئىرنى دىمەيلا قويۇڭ ،بولمىسا ئۇرۇش چىقىدۇ ئىككى تەرەپ بولۇپ   {:92:}

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 13:41:22

بويتاق بولغاچ بىر يىل 365 كۈن دىگۈدەك لەغمەن يەيمەن. تاساددىبى چۈشتە يىيەلمەي قالساممۇ كەچتە سېغىنىپ تۇرىمەن. \"\"

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 13:56:38

پىنھان ، يېقىندىن بېرى تەنقىدچىلىك بىلەن شوغۇللانمايۋاتقانسەن؟  {:92:}   

كاللاڭغا نىمە تەسىر قىلۋاتىدۇ ، دىگىنە بىر ، ئۆزەم بىر تەرەپ قىلىمەنغۇ \"\"

ھېلى ئەدەبىياتچىدىن بىرى كىرىپ «ئۈكەم ، ئەدەبىيات دىگەننى بىلەمسەن» دەپ چىشىڭغا تېگىدۇ ، ئۇ ھەرقانچە توغرا گەپ قىلغان بىلەنمۇ يەنىلا ئاخىرمۇنبەر تۈرمىسىگە قاماشقا باشلايمىز ، ئۆزەڭگە ياراپ ئوخشىدى دەپ پولو ئەتسەڭ تۇڭگانغا ئوخشاپ قاپسەن ئاداش ، ئەتكەن پولورىڭ ئاپپاق تۇرىدۇ دىسە خاپا بولمىساڭمۇ بىر نىمە بولىسەن ، شۇنىڭدەك گەپ ...

گەپنى قىلماق ئاسان ، ئىگە بولماق تەس باللا... ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە.

Ay^Tugh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 14:45:45

مومام  رەھمەتلىك ئاجايىپ لەڭمەنگە ئامراقتى.. لەڭمەن دېگەننى قولدا يىمىسە يىگەندەك بولمايدۇ. -دەپ بىر ئۆمۈر قولىدا  يەپ ئۆتكەن....

داداممۇ شۇنداق ئامراق.ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىنىممۇ بېسىپ چۈشتى ،ئۇيغۇر ئوغۇللىرىنىڭ  كۆپ قىسىمى لەڭمەنچىمىكىن...لەڭمەنگە ئۆچمەن دېگىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم.  قىزلاردىن  چىقىشى مۈمكىن.ئەمما توي قىلىپ بولغاندىكىن  ئۇلارمۇ تەبئىيلا  ئامراق بولۇپ قالىدىكەن..

لەڭمەن بىلەن  ئۆمرى خوشى يوق ھەدەممۇ  ،لەڭمەنگە سىزىك بولۇپ. مانا ئەمدى لەڭمەن دېسە ئۆلۈپ بېرىدۇ... \"\"  \"\"

matu يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 15:49:50

پولو بولسا مەيلى راس،كىچىكىمدىن ئېقىم كېلىشىپ بولالمىدى دىسە.مەندىن باشقىسى ئامراق،مېنىڭلا چىشىم قېرىشىپ قالىدۇ.

باشلانغۇچ ۋاقلىرىمدا«لەغمەننى كەشىپ قىلغان ئادەمنىڭ گۆرىگە ئوت قويۇۋەتسە..»دەپ ئاپامنى تېرىكتۈرىدىكەنمەن،كېيىنچە يېڭى گەپ تېپىپ:« مۇشۇ لەغمەن ھەلەپكىلا ئوخشايدۇ ھە،بىرمۇنچە ساماننىڭ ئۈستىگە قوناق ئۇنى سېپىپ بەرسە كالىلار ۋاشىلداپ يەپ كۆشەپ كېتىشسە...»دىسەم بويلىرى تازا ئۆسۈۋاتقان ئىنىم كۆزىنىڭ ئاپپاق پاختىسىنى چىقىرىپ ئالىيىپ قويۇپ، مېنى جىلى قىلىمەن دەپ تازا ئاۋاز چىقىرىپ ،شالاپشىتىپ ئۈچ تەخسە يەۋىتەتتى.ئاندىن «كارتتىدە..» بىرنى كېكىرىپ قويۇشى بار.... \"\"

داداممۇ شۇنداق ئاۋازىنى قويىۋېتىپ يىمىسە پۇخادىن چىقمايدۇ.قىزىم ئىككى يېرىم ياش ۋاقلىرىدا :«بوۋا،نىمانداق ئاۋاز چىقىرىپ يەيسەن...جىم يىسەڭ بولمامدۇ ..»دەپ تەربىيە بەرگىلى تۇرغانتى،قالغانلىرىمىزنىڭ كۈلگىسى كېلىپ ئۇ ياق بۇ ياققا قاراپ تۇرساق بوۋاي ماڭا ھومىيىپ:«كىم ئۈگەتتى ما گەپنى ؟؟»دەيدۇ.....  {:92:}  

matu يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 15:52:17

جېكنىڭ «لەغمەن سېغىنمىغان جېك»دىگەن بىر يازمىسى بار،بەك تاماشا......  {:92:}

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 16:08:26

مەن بۇرۇن بەك يەيتتىم.كىيىن ئۇقۇشقا چىقىپ ئۆزەم قىلىشنى ئۆگەندىم.لىكىن قىلغان لەغمەن بارماقتەك چىقىۋېلىپ،بولدىلا مەن بۇ ئىشنىڭ پىرى ئەمەسكەنمەن دەپ قول ئۇزدۇم.باراغانچە تاماققا ۋاي دەپ كەتمەيدىغان مىجەز شەكىلەندى.لىكىن شەھلا دىگەندەك تاماققىمۇ مۇھەببەت سىڭىپ قالدىكەن.ئاپىمىز قىلغان تاماقنى قايسىمىز ياقتۇرمايمىز؟

قايسىمىز شۇ تاماقنى تالادىكى كاتتا ئاشخانىلارنىڭ تامىقىغا تەڭ قىلىمىز بۇ ئۆزىمىزگە ئايان...



ماۋۇ يەردە بىر دوستۇم بارتى،بىر كۇنى گۇرۇچ تامىقى قىپتىمەن،تاماق يەپ ئولتۇرۇپ‹ئاداش،مۇشۇ ەۇرۇچ تامىقى قىلغان خۇتۇنى ئۇرسا گۇناھ بولامدۇ؟›دەپ سورىغانتى تۇرۇپلا قاپتىمەن..4يىلدىن بۇيان ۋەتەنگە بارمىغاچ،ھەم ئۇن تامىقىغا بەك ئامراق بولغاچىقىمىكىن شۇنداق دىگەن گەپ.

مەن بەك ئۇزۇن سىرتتا 10يېشىمدىن بۇيان سىرتلاردا يېتىپ ئۇقۇغان بولغاچ،تاماقنى بەك تاللاپ كەتمەيدىكەنمەن.

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 16:08:55

\"تەرملەر\" دىمۇ ئەيتاۋۇر بىر نەرسىدە شۇنداق قۇرلارنى ئوقۇغۇنۇم ئېسىمدە، يىزىلىشىچە: ئاياللار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم نەرسە ئېرىنىڭ قورسىقىنى (ئاشقازىنىنى) ئۇتۇشمىش. ئەگەر ئايال كىشىنىڭ ئەتكەن تامىقى بەك تەملىك بولسا، ئەرلىرى ھىچ تالاغا قاراپ قالمايمىش. تىخى بىر سېتاتېستىكا نەتىجىسىنىم قوشۇپ بىرىپتىكەن، ئايال تاماققا ئۇستا ئائىلىلەردىكى ئەر-ئايال ئاجرىشىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەنمىش. مەنچە ئاساسى بار مۇشۇ گەپنىڭ!



ئايلاپ يىللاپ لەغمەن يىيەلمەيمەن ماۋۇ يەردە، ئامال يوق، بەك ۋاقىت ئالىدۇ دەپ پەقەت بىر ھەپتە سۇيقاش، بىر ھەپتە پول يەپلا ئۆتىۋاتىمەن.

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 16:17:40

شەھلا ھەدەمنى تولىمۇ مۇنەۋەر ئايال دەپ ئويلايمەن. تۇرمۇشىدىكى تەجىربىسى بولغان كىچىك بىر كارتىنى مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئىنتايىن ئاددىي، كەمبەغەل ئائىلە بولسۇن ۋە ياكى باي- باياشات، گۈللەنگەن ئائىلە بولسۇن ئوخشاشلا بۇ ئائىلە ئىللىق مېھىر- مۇھەببەت بىلەن ھەقىقىي بىر ئائىلە شەكلىدە مەۋجۈت بولۇپ تۇرىدۇ. بايقىساق مېھىر- مۇھەببەتنى يارىتىشنىڭ تالاي يوللىرى، پۇرسەتلىرى بار. پەقەت ئەر ۋە ئايالدىن ئىبارەت بىر ئائىلىنى باغلاپ تۇرغۇچىلارنىڭ مېھىر- مۇھەببەتنى قانداق بايقاپ قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۆز- ئارا ئەمەلىيەتلىرىدە قانداق ھېس قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت گۈزەل تۇرمۇش نىزاملىرىدىن ئۈگۈت بېرىۋاتىدۇ.

تالاي قىزلىرىمىز بار قارىساق شۇنچە گۈل چىراي، گۈزەل خۇلۇق. ئەمما ئەڭ ئاددىيسى ئاپىسى ئىتىپ بېرىۋاتقان تاماققا ئىشلىتىدىغان كۆكتاتلارنى ئوڭشاپ بىلمەيدۇ دېيەلمەيدۇ. قانداق تائاملارغا قانداق سەي- كۆكتات نېمىلەر ئىشلىتىلىدىغىنى ئەسلا بىلمەيدۇ، ۋاھاكازا! نامدا قىز- ئايال بولغانغىلا ھېساپ ئەمەس، بىلىم- ئىلىم قۇرۇلمىسى جەھەتتە مۇكەممەل بولۇپلا قالماي، ئەدەپ- ئەخلاق مىزانلىرى، شەرمى- ھايا ئەدەپلىرى، ئائىلە ئىشلىرى قائىدىلىرى... دېگەندەك ئايال بولغۇچىغا خاس ئىش- ھەرىكەتلىرى گۈزەل، ئىدىتلىق يېتىلگەن بولۇش بەكلا مۇھىم. چۈنكى ئاياللار بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ! ...

ھەدە ئەتمەكچى بولغان پولۇغا ھەممىمىز ئىشتەي ساقلايدىغان بولدۇقتە ئەمدى.... \"\"

berna يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 16:25:06

مەنمۇ ھازىرغىچە بىرەسىنىڭ لەغمەنگە ئۆچ دىگەنلىكىنى ئاڭلاپ باقمىدىم.

بىزنىڭ ئۆيدىكى يىگىتلەرمۇ كۈندە ئۈچ ۋاق يىسىمۇ زېرىكمەيدۇ.

بۇ يىلدىكى روزىدىمۇ بىر ئاي ئاندا ساندا باشقا تاماق قىلغاندىن باشقا ئاساسەن دېگۈدەك لەغمەن بىلەن روزا تۇتتى.

تېلفۇنۇم ئىككىدە سايرىشى بىلەنلا دىڭڭىدە قۇپۇپ لەغمەن ئېتىمەن.تاماقنى پىشۇرۇپ بىرلا توۋلايمەندە ھەممىسى كۆزلىرىنى ئۇۋلاپ چىقىپ غىڭ قىلماي ئىككى تەخسىدىن لەغمەننى يەۋىتىدۇ.

ئۆيگە تېلفۇن قىلسام ئاكام پات پات تەتىل قاچان بولىدۇ،قاچان كېلسەن دەپ سوراپ قۇيدۇ.قايتمايمەن دېسەم قايتىپ كەلگىنە دەپ.نېمە سېغىنىپ كەتتىڭما دېسەم،     \"\"  \"\"  \"\" تامىقىڭنى سېغىندىم دەپ \"\"  \"\"  \"\"

مۇھەببەت شۇنداق كىچىك ئىشلارنىڭ ئارىسىغا يۇشۇرغان.

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 16:34:38

لەغمەن بىلەن پولونى كۈندە يىسەم زىرىكمەيمەن ئۆيدە ھەپتىدە 3 كۈن لەغمەن 2 كۈن پولو ئىتىدۇ قالغان ئىككى كۈندە ئۆزلىرى خالىغانننى ئىتىدۇ لىكىن جۈمە كۈنى چۇقۇم پولو ئىتىشى كېرەك كونىلارنىڭ بىر گىپى بار پولو ئەر كىشىنىڭ بوغۇزى دەپ ........

uyghurbaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 16:53:27

مەن لەغمەن دىگەنگە ئامراق ئەمەس ئىدىم راسىت گەپ قىلسام .بۇنىڭدىن بۇرۇن ئانام لەغمەن ئەتسە قاقشايدىغان .سەي بىلەن نان يەيمەن دەپ تۇرۋالاتتىم . لىكىن بۇگۈن تۇيۇقسىز ئويلاپ قالدىم .ئۆيگە بارغان ۋاقتىمدا ئانام لەغمەن ئېتىپ بەرسە ھەرگىزمۇ يىمەيمەن دەپ تۇرۋالمايمەن. يىيىشىم كېرەككەن . ئانام ئىتىپ بەرگەن تاماقنى يىيەلىشىم بەختىمكەن ئويلاپ باقسام \"\".





\"\"

بەت: 1 [2] 3 4 5 6 7 8
: لەغمەنگە يۇشۇرۇنغان مۇھەببەت