

تۇڭگانلارنىڭ ھېيتتا سالىدىغان بىر نەرسىلىرى بار ھېلىقىدەك گۈل چىقىرىپ مايدا پۇشۇرىدىغان،يەنە بىرسى بار ئاق،تېرىسى قات-قات ،يۇمىلاق، ئىچىدە قىيمىسى بار شۇلارنى بەك يىگۈم كەپ كەتتى دىسە.ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا غۇلجىلىق زۇلپىيە دەپ بىر ساۋاقدىشىم دائىم شۇنداق نەرسىلەر بىلەن يوغان-يوغان قۇرتلاردىن ئەكىلىپ بىرەتتى. سىز شۇلارنى ئېتىشنى بىلەمسىز شەھلا ؟ ئىزدىنىشتا بىر ئاشپەزلىك كۇرسى ئاچسىڭىز بەك قوللايتتىم جۇمۇ ئىشقىلىپ ما تېمىنى كۆرەپ ئەجەپ بولۇپ قالدىم.... بىزنىڭ ئادەمگە بىر يىلدىن بۇيان ئىككى قېتىملا لەغمەن ئېتىپ بېرىپتىمەن... گىپىم تەييار، بۇ يەرنىڭ ئۇنىدا لەغمەن ئەتكىلى بولمايدىكەن دەپ ...ۇف........ تىرىشىپ باقسام بولغۇدەك
يازدا ئۆيگە قايتسام، ئاپام بولكا ماشىنىسغا ئوبدانلا كۆنۈۋاپتۇ، 15 مىنۇتتا 5-4تەخسە لەغمەننىڭ خېمىرىنى تەييار يۇغۇرۇپ بولىدىكەن، ئاپام ئىككىمىز 40 مىنۇتلاردا تاماقنى تەييار قىلىپ بولىدىكەنمىز....چۆپ دىگەن تارىدەك.... تەۋسىيە قىلىمەن جۇمۇ ما ماشىنىنى، لەغمەن يىگىسى كېلىدىغانلار، ئايالىڭلارغا ئەپ بەرسەڭلار چوقۇم بەك خۇش بولىدۇ...

124- قەۋەتتىكى pidayiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ما تېمىنى كۆرەپ ئەجەپ بولۇپ قالدىم.... بىزنىڭ ئادەمگە بىر يىلدىن بۇيان ئىككى قېتىملا لەغمەن ئېتىپ بېرىپتىمەن... گىپىم تەييار، بۇ يەرنىڭ ئۇنىدا لەغمەن ئەتكىلى بولمايدىكەن دەپ ...ۇف........ تىرىشىپ باقسام بولغۇدەك
يازدا ئۆيگە قايتسام، ئاپام بولكا ماشىنىسغا ئوبدانلا كۆنۈۋاپتۇ، 15 مىنۇتتا 5-4تەخسە لەغمەننىڭ خېمىرىنى تەييار يۇغۇرۇپ بولىدىكەن، ئاپام ئىككىمىز 40 مىنۇتلاردا تاماقنى تەييار قىلىپ بولىدىكەنمىز....چۆپ دىگەن تارىدەك.... تەۋسىيە قىلىمەن جۇمۇ ما ماشىنىنى، لەغمەن يىگىسى كېلىدىغانلار، ئايالىڭلارغا ئەپ بەرسەڭلار چوقۇم بەك خۇش بولىدۇ...![]()
سىزمۇ ئىچكىرىدە تۇرامسىز ؟ ئۇ يەرنىڭ ئۇنىدا لەغمەن ئەتمەك ھەقىقەتەن بەك تەس،بىزنىڭ بۇ يەردىكى ئۇنغا ئوخشىمايدۇ ،مەنمۇ باشتا ياخشى ئېتەلمىگەن ،ئەمما كېيىن ياخشى ئېتىشنىڭ يولىنى تېپىۋالغانتىم ،سىز ئىچكىردىكى ئۇ ئۇنلارغا ،خېمىر يۇغارغاندا پەقەتلا تۇز سالماڭ ۋە ياكى تۇزنى بەك ئاز مىقداردا سېلىڭ ،شۇنداق قىلسىڭىز چۆپ ياخشى چىقىدۇ .
تىنچلىق جەنۇبىي يولىدىكى زەمزەمنىڭ ئۇدۇلىدا بىر ئاشخانا بار، قەشقەر لەغمىنى ئوخشايدۇ، ياشلار باغچىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى كوچىدا قېرىنداشلار ئاشخانىسى دەپ بىر ئاشخانا بار، غۇلجا لەغمىنى ئوخشايدۇ. مەن ھەر ئىككىلىسىنى ياقتۇرىمەن.
88- قەۋەتتىكى xahla91نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
خېمىرغا كىچىككىنە پىششىق ياغ ، ياكى بىرەر تال تۇخۇم چېقىۋەتسىڭىز
پىششىق ياغ دېگەن قانداق ياغ ؟
ھىلىقى ئادىل سودا سارىيىنىڭ يىنىدىكى لەغمەنخانا ھازىر ۋولقان كاۋاپخانىسىنىڭ يېنىغا كۆچتى.
لەغمەنچىلەر خىلى جىقكەن جۇمۇ ئىزدىنىشتا. كىچىك چاغلىرىمدا ئۆيدە لەغمەن ئېتىلسە ، دادام بىز توتەيلەننى بىرىنچىلىكنى تالىشىدىغان مۇسابىقىگە ، قىيمىلىق تاماق ئېتىلسە ھەممىزنىڭ قاچىسىغا ئايرىم سېلىپ بېرىپ ئاستا ، ئالدرىماي يەيدىغان مۇسابىقىگە سالاتتى . @Horma پىششىق ياغ دىگەن چۇچىگەن ياغ بۇرۇنقى 1-ماي بازىرىدىكى 10-ئاشخانىنىڭ لەغمىنى ئوبدان ئوخشايىتتى،ماي بازىرى تاقالغاندىن كىيىن بۇ ئاشخانىمۇ باشقا يەرگە كۆچۈپتۇ دەپ ئاڭلىۋىدىم ،كىيىنكى ئەھۋالىنى بىلىدىغانلار بارمۇ؟ سەردار ،باركەنسىلەر ھە،ۋەقەدىن كېيىن كۆرمىگىمەنتۇق،،،،سېنى ئەسلەپ تۇردۇق. ansariy@ {:92:} ئۆزىنى چاقىرسا ئۇچۇر كەلمەمدۇ يا مىنىڭ ئۇچۇر ئىقتىدارىم يوقمۇ


سىز نىمىدىگەن ئېسل ئايال . سىزنىڭ يولدىشىڭىز چوقۇم ئۆزىنى بەخىتلىك ھىس قىلىدۇ .
ئىشتىن ھېرىپ قايتىپ كەلسەم ، ياكى ئىشتىن سىرىت ئاچقان دۇكىنىمغا ھېرىپ ماللارنى ئەكەلگەن ۋاقىتلىرىمدا مېنىڭ ھورۇن خوتۇنۇم ئانىسىنىڭ ئۆيىدە ئانىسىنىڭ لەغمىنىنى يەۋاتقان بولىدۇ . مەن دائىم تالادا تاماق يەيمەن . ياكى كادىر خوتۇنلار ئاشۇنداق ھورۇن ، ناچار كېلەمدىكىن دەيمەن . خوتۇنىڭىزنى تاتلىق گەپ بىلەن لەغمەن ئەتتۈرەلمەي «كادىر خوتۇنلار ئوسال بولامدىكىن»دىگەندەك گەپ قىلسىڭىز ،سىزدىمۇ مەسلە باركەن .ئايالىڭىزنىڭ چىن كۆڭلىدىن چىقىرىپ لەغمەن ئېتىپ بەرگۈدەك يۈرىكىنى قويمىغاندەك تۇرىسىز. لەغمەن يىيىشنى تەسلەشتۈرۈپ توۋا،،،،،نىمە مەقسىتىڭلار بار سىلەرنىڭ؟ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ لەغمەن يىگۈدەك ھوقوقىمۇ قالمىدىمۇ؟ كەچلىك تاماققا پولۇ يىسە سىڭىشلىك دىگەن تۇنجى قېتىم ئاڭلاپتىمەن


كەچلىك سۇيۇق تاماق، ياكى نان چايدىن ئوبدان سىڭىشلىكى يوقتۇر.
پەقەت بولمىسا كەچلىك لەغمەن يىسىمۇ ئاش سۈيى ئىچىۋەتمىسە سىڭمەيدۇ ، مەن دىگەن گەپ ئەمەس. دادام رەھمەتلىك شۇنداق دەيدىغان
لەغمەن يىگەن ئادەم ئاش سۈيى ئىچمىسە سىڭمەيدۇ دەپ