• 2011-01-09

    ئادەم ئېڭىنىڭ چۈشمۇ ياكى جۆيلۈشمۇ ؟ - [ئاجايىباتلار دۇنياسى]

    ئۆلۈم  -  بۇ ئۇيقۇ دېمەكتۇر. ئۆلگەندىن كېيىن بىلمىدۇق، قانداق چۈشلەرنى كۆرەر ئىكەنمىز- ۋىليام شېكىسپىر ھاملىددۇنيادىكى بارلىق خەلقلەر ئۇيقۇنى ئەزەلدىن ئۆلۈم دەپ بىلىشكەن، بۇ سۆز بىكار ئېيتىلمىغان، ئەلۋەتتە. سىرتىدىن قارىغاندا ئۆلگەن ئادەم خۇددى ئۇخلاۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. كۆزلىرى يۇمۇلغان، بەدىنى مىدىرلىمايدۇ ھەم سۆزلىمەيدۇ. لېكىن بۇ باشقىلار ئۈچۈنلا شۇنداق كۆرۈنىدۇ. ئۆلگەن كىشى شۇ تاپتا نېمىلەرنى ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى بولسا، ئەگەر ھېس قىلالىغانلا بولسا، ھېچكىم بىلمەيدۇ.بۇ قىياسنىڭ يەنە بىر قىزىقارلىق تەرىپىمۇ بار. مەلۇمكى، كۆرۈش دېيىلگەندە، پەقەت ئوچۇق كۆز بىلەنلا كۆرۈنىدىغان نەرسىلەر، دەپ ئادەتلىنىپ قالغانمىز. ئېنىقراقى، بۇ ھال چوڭ كىشىلەرگىلا ئادەت دېيىش كېرەك. بالىلاردا بولسا مۇنداق بىر ھەزىل تېپىشماق بار:كۆزنى يۇمۇپ نېمىنى كۆرگىلى بولىدۇ؟جاۋابى: چۈش كۆرۈش مۇمكىن. دەرۋەقە ئۇيقۇدىكى كىشىلەر چۈشىدە گەرچە باشقا بىر ۋەقە ئىچىدە بولسىمۇ ياشايدۇ، ئۇ بىمالال ئاڭلىيالايدۇ، كۆرەلەيدۇ، گەپلىشەلەيدۇ، ھەرىكەت قىلالايدۇ ھەم قانداقتۇ ھەر خىل ۋەقەلىكلەرگە قاتنىشىدۇ. قىسقىسى ھايات كەچۈرىدۇ.ھازىرقى تېببىي ئىلىم - پەننىڭ چۈشەندۈرۈشى، نۇقتىلىق ھالدا قىلىنغان تەجرىبىلەر ۋە سان - ساناقسىز كىلىنىكىلىق ئەمەلىيەت نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئۆلۈمنىڭ جەريانى ئادەتتە يۈرەك سوقۇش توختىغاندىن كېيىن ئورگانىزمىنىڭ باشقۇرغۇچى ئورگانلىرىدىن ئەڭ ئاۋال چوڭ مېڭە پوستىلاق قەۋىتىنىڭ ئوكسېگىن بىلەن تەمىنلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىقى بىلەن ئۇنىڭ پائالىيىتى توختىشىدىن باشلىنىدۇ. بۇ چاغدا 5~7 مىنۇتقىچە بولغان قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدىكى كىلىنىكىلىق ئۆلۈم ھالىتىدە مەلۇم تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۆلگۈچىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش مۇمكىن، ئۇنىڭدىن كېيىن بولسا كېچىككەنلىك بولىدۇ. لېكىن قۇتقۇزۇش جەريانىدا، ئەڭ ئەۋۋەل يۈرەك سوقۇشى ئەسلىگە كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن نەپەسلىنىش باشلىنىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا چوڭ مېڭە پوستىلاق قەۋىتىنىڭ ھەرىكىتى جانلىنىشقا باشلايدۇ. كىلىنىكىلىق ئۆلۈم يۈز بەرگەندىن كېيىن قۇتقۇزۇش ئارقىلىق چوڭ مېڭە پوستىلاق قەۋىتىنىڭ ھەرىكىتى ئەسلىگە كەلگۈچە بولغان بۇ ئارىلىقتا ئورگانىزىم چوڭ مېڭە پوستىلاق قەۋىتىنىڭ كونتروللۇقىدىن مەھرۇم بولىدۇ، يەنى ئورگانىزىم باشقۇرغۇسىز ھالىتىدە تۇرىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە چوڭ مېڭە پوستىلىقىنىڭ باشقۇرۇشى دائىرىدىكى قۇرۇلمىلاردىن ھېس تۇيغۇ ھەمدە سەزگۈنىڭ بىرلەمچى تەھلىل مەركەزلىرىنىڭ پائالىيىتى نازارەتسىز قالىدۇ - مانا شۇنىڭ ئۆزىمۇ ھەر خىل نەرسىلەرنىڭ كۆزگە كۆرۈنۈشى، ئىشلىتىلىشى ۋە تەسەۋۋۇرىنىڭ مەنتىقىدىن ھالقىپ كېتىشىگە سەۋەپ بولىدىغان فىزىئولوگىيىلىك ئاساس بولىدۇ.ئوسىس بىلەن خالدىر سونلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا ئۆلۈم گىرادىبىدا تۇرغان ئاشۇ كىشىلەردىن بىر بۆلىكىنىڭ بەدىنىگە ئاغرىق پەسەيتكۈچى ۋە خىيالى تۇيغۇ پەيدا قىلىدىغان ناركوز دورىلارنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق خىيالى تۇيغۇ ۋە باشقا تۇيغۇلارنىڭ پەرقىنى ئايرىماقچى بولۇشقان، نەتىجىدە خىيالى تۇيغۇ پەيدا بولۇش باسقۇچلىرىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلمەستىلا ئۇ دۇنيادىكى قىسقا مۇددەت ئىچىدە بىر خىل نەرسىلەرنى كۆرۈۋەرگەن. بۇنىڭدىن تەتقىقاتچى خادىملار: ئىككىنچى بىر ئالەمگە ئۆتكەن مىنۇتلاردا پەيدا بولغان ئاشۇ تەسەۋۋۇرلارنى ھەرگىزمۇ خىيالى تۇيغۇ ئەمەس دېگەن خۇلاسىگە كەلگەن. بۇ ۋەقە خەلقئارادا چوڭ ئىنكاس قوزغىغان بولسىمۇ، ئالىملار بۇ سىرلىق ھادىسىنى ھەر خىل ئىزاھلىشىدۇ. شۇنىڭدەك پسىخولوگىيە دوختۇرى ئېلزابېت كىيۇپ، روسىس قاتارلىق مۇتەخەسىسلەر: ۋۇجۇد ئۆلۈش بىلەن كىشىنىڭ ھاياتى تۈگىمەيدۇ دەپ قەتئىي ئىشىنىدۇ