• 2012-04-03

    خوتۇن ئالسا دۆلەتكە باج تۆلەيدىغان دۆلەتلەر

     

     

    بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولسا «كۆپ خوتۇنلۇق بېجى» ئالىدۇ دېسە، بەلكىم كۈلكىڭىز كېلىشى مۇمكىن. لېكىن بۇ بىر ئەمەلىيەت بولۇپ، بېنگال دۆلىتىنىڭ تۆتىنچى چوڭ شەھىرى راجشاش شەھىرىدە ھازىرغا قەدەر يۈرگۈزۈلمەكتە. 2006-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ بۇ شەھەر بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشتەك كونا ئۆرپ-ئادىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، كۆپ خوتۇنلۇق بولغانلاردىن باج ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. ھەر قانداق بىر ئەر ئىككىنچى خوتۇننى ئەمرىگە ئالغاندا 10مىڭ تاكا، ئۈچىنچى خوتۇننى ئەمرىگە ئالغاندا 30 مىڭ تاكا، تۆتىنچى خوتۇننى ئەمرىگە ئالغاندا 40 مىڭ تاكا (تەخمىنەن 312 ئامېرىكا دوللىرى) باج تۆلەيدىكەن.  

     

     

     

     

    ئەمەلىيەتتە بېنگال دۆلىتىدە بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش قانۇنلۇق بولۇپ، بۇنداق باج تۈزۈمىنى يولغا قويغانلىقىغا قارىتا شەھەر باشلىق مىجانۇر چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى : «بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش تۈزۈمى ئاياللارنى ھۆرمەتلىمىگەنلىك ھەم بۇ ھازىرقى زامانغىمۇ لايىق كەلمەيدۇ». ئىگىلىنىشچە، بۇ مەزكۇر شەھەرنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىنى تېزلىتىشتىكى يەنە بىر يېڭى تەدبىرى ئىكەن.

      

     

    بېنگال دۆلىتى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان دۆلەت بولۇپ. ئىسلام دىنىدا بىر ئەرنىڭ كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشىغا يول قويۇلغاچقا، بۇ دۆلەتتە كۆپ خوتۇنلۇق ئائىلىلەر ناھايىتى كۆپ