
جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 30- سېنتەبر مانىلادىن ئەۋەتكەن تېلېگراممىسى: فىلىپپىن غەربىي قىسىم ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى سابان 30- سېنتەبر مۇنداق ئاشكارىلىدى: فىلىپپىن ئارمىيە تەرەپ فىلىپپىن ئىگىدارچىلىقىدىكى نەنشا ئاراللىرىغا قارىتا چارلاشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، فىلىپپىننىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى پالاۋان ئۆلكىسىگە دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمىنىڭ ئىككى باتالىيونىنى كۆپەيتىپ ئەۋەتتى، ھەمدە ئارالدىكى «ئاھالىلەر» نىڭ سانىنى كۆپەيتىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
سابان شۇ كۈنى تاراتقۇنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق ئاشكارىلىدى: فىلىپپىن ھەربىي تەرەپ كۆپەيتىپ ئەۋەتكەن دېڭىز ئارمىيەسى 3- قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش برىگادىسىنىڭ ئىككى باتالىيونىدىكى تەخمىنەن 800 گە يېقىن كىشى پالاۋان ئۆلكىسىگە يېتىپ باردى، شۇنىڭ بىلەن شۇ جايدا ماكانلاشقان دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمى برىگادا دەرىجەلىك كۆلەمگە كېڭەيدى. فىلىپپىن ھەربىي تەرەپ بۇنىڭ ئۈچۈن فىلىپپىن ئىگىدارچىلىقىدىكى نەنشا ئاراللىرى (ئاتالمىش كارايان تاقىم ئاراللىرى) «مۇداپىئە قىلىش» قا مەسئۇل بولىدىغان يېڭى قوماندانلىق شتابى قۇردى. ئېيتىلىشچە، بۇ دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمى فىلىپپىن ئىگىدارچىلىقىدىكى نەنشا ئاراللىرىغا كىرمەيدىكەن، ئەمما شۇ ئەتراپنى چارلايدىكەن.
سابان مۇنداق دېدى: فىلىپپىن ھەربىي تەرەپنىڭ بۇ ئورۇنلاشتۇرمىسى پەقەتلا «قوغدىنىش خاراكتېرىدىكى تەدبىر» بولۇپ، «خىرىس قىلىش تەدبىرى» دەپ قارالماسلىقى كېرەك. فىلىپپىن شۇ سەۋەبتىن كۈتۈلمىگەن توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ، ۋەزىيەتنىڭ رايونلۇق مەسىلىگە تەرەققىي قىلىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلمايدۇ. ئۇ خۇاڭيەن ئارىلىنى مىسال قىلىپ مۇنداق دېدى: مۇداپىئەنى كۈچەيتىش زېمىن تەلىپى بار دۆلەتلەر زېمىننى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن يەنە قايتۇرۇۋېلىشنى ئويلاشقا قارىغاندا ياخشى.

سابان ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇشتىن باشقا يەنە، فىلىپپىن ئىگىدارچىلىقىدىكى نەنشا ئاراللىرىغا تېخىمۇ كۆپ ئاھالە كۆچۈرۈشنى رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: فىلىپپىن تىنچ ۋاسىتە ئارقىلىق جۇڭگو بىلەن ئۇچرىشىۋاتقان مەزگىلدە، فىلىپپىننىڭ قىلالايدىغىنى پەقەتلا نەنشا ئاراللىرى، بولۇپمۇ جوڭيې ئارىلىدىكى ئاھالىلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىشتىن ئىبارەت. ئۇ مۇنداق دېدى: فىلىپپىن ئىگىلىگەن ئاراللاردا مەكتەپ، ئايروپىلان يولى قاتارلىق پۇقراۋى مۇئەسسەسەلەرنى ياسىشى كېرەك.