تېڭشۈن تاماشا تور خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى، لوس ئانژىلىس ۋاقتى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى، داڭلىق چولپان جېشكا ئالبا ۋە قىزى ھونېر ماشىنىغا لىق ئويۇنچۇق ۋە بالىلار ئوينايدىغان قورچاقلارنى سېلىپ خەير-ساخاۋەت پائالىيىتىگە ئىئانە قىلغىلى كەلدى. جېشكا كۆرۈنۈشتىن ئىنتايىن خۇشال كۆرۈنەتتى. چۈنكى ئۇنىڭ قېشىدا كىچىك ياردەمچىسى، ئوماق قىزى ھونېر بار ئىدى. ئانا-بالا ئىككىيلەن بارلىق ئويۇنچۇقلارنى قىيىنچىلىقى بار ياردەمگە موھتاج بالىلارغا سوۋغا قىلدى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى جېشكانىڭ ئىككى قىزىنى ئېلىپ دوستى بىلەن كۆرۈشكىلى بارغانلىقى توغرىسىدىكى سۈرەتلەر تارقالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئىككى قىزى ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن چىرايلىق ھەم ئوماق.
جېشكا ئالبا ئامېرىكىنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى بولۇپ 1981-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى تۇغۇلغان. ئۇ 13ياش ۋاقتىدىن باشلاپ كىنو-فىلىملەردە رول ئالغان. 2005-يىلى «جىنايەتكە تولغان شەھەر»،«سىرلىق تۆت پالۋان»قاتارلىق فىلىملەردە رول ئېلىپ، زور نام قازىنىپ كەسىپنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققان.ئۇ يەنە«ئەڭ قالتىس ئايال ئارتىس مۇكاپاتى»، «ئەڭ تەنناز ئايال ئارتىس مۇكاپاتى»قاتارلىقلارغا ئېرىشكەن.