
جۇڭگو كىنو ساھەسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ خەلقئاراغا يۈزلەنگەن جۇڭگولۇق چولپانلارمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. جۇڭگونىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى فەن بىڭبىڭ 2008-يىلى پارىژ مودا كىيىم ھەپتىلىكىدە ئۆزىنى نامايان قىلىپ نام قازىنىشى بىلەن خەلقئارالىق مودا ئېقىم سەھنىلىرىدە جۇڭگو چولپانلىرىنىمۇ كۆرگىلى بولىدىغان بولدى. شۇنداقلا جۇڭگودىكى بەزى داڭلىق ئايال ۋە ئەر چولپانلار خەلقئارانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. مۇشۇ خىل يۈزلىنىشنىڭ ئارقىسىدا يەنە ئاجايىپ بىر ئىش پەيدا بولغان بولۇپ، جۇڭگولۇق گۈزەللەر چەتئەللىك ئەرلەرنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئالدىنقى تاللىشى بولۇپ قالدى.

1.فەن بىڭبىڭ
2008-يىلى فەن بىڭبىڭ تۇنجى قېتىم پارىژ مودا كىيىم ھەپتىلىكىگە يۈرۈش قىلغاندىن باشلاپ، مودا ئېقىمغا يۈرۈش قىلىش تاماشا ساھەسىدىكىلەرنىڭ قىزىل گىلەم ئۈستىدە ئۆزىنى نامايان قىلىشنىڭ يەنە بىر خىل ئۇسۇلى بولۇپ قالدى. ئەمما فەن بىڭبىڭنىڭ باسقان ئىزىنى بەلكى ھازىرقى تاماشا ساھەسىدىكى ھېچكىم باسالماسلىقى مۇمكىن. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ گۈزەللىك ۋە ئىقتىدار جەھەتتە يېتىشىپ چىققان تالانتلىق چولپان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە خاراكتېرى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن چەتئەللىك ئەرلەرنى بويسۇندۇرۇپ ئۆزىگە مەھلىيا قىلغان.

2.جاڭ مەنيۈ
جاڭ مەنيۈ ئىلگىرى ئۆزى ئەڭ ياقتۇرىدىغان مودا شاھىنىڭ Kate Moss ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. كۆپلىگەن چەتئەللىك ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە جاڭ مەنيۈ ھەقىقىي شەرق گۈزىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ۋېنىتسىيە خانىشى شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغان شەرق گۈزەللىرىگە خاس ئالاھىدىلىكنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن جاڭ مەنيۈ مودا ئېقىم ساھەسىدە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكۈچى ئايال چولپان بولۇپ، نۇرغۇن ئەرلەرنى جەلپ قىلغان.


3.گوڭلى
گوڭلى جۇڭگونىڭ دۇنياغا يۈزلەنگەنلىكىنى نامايەندىسى. مەلۇم بىر ژۇرنال چەتئەللىكلەر نەزىرىدىكى ئەڭ جەلپكار جۇڭگولۇق ئايالنىڭ كىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، جۇڭگولۇق داڭلىق چولپان گوڭلى ئۇلارنىڭ ئالدىنقى تاللىشى بولۇپ قالغان.

4.شۈچىڭ
80-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغانلار نەزىرىدە شۈچىڭ يەنىلا كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان سېھىرلىك ئايال. ئۇ گەرچە تۇرمۇشتا ئاددىي-ساددا بولسىمۇ لېكىن ئىزچىل تاماشا ساھەسىدىكى بىرىنچى ئايال چولپانلىق ئورنىنى ساقلاپ كېلىۋاتماقتا. ئۇ ئېسىل سالاپەتلىك، نازاكەتلىك، چەتئەل ئەرلىرىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان جۇڭگو چولپىنى.ئۇنىڭ سۈرەتلىرى چەتئەللەردىكى داڭلىق ژۇرناللارنىڭ مۇقاۋا سۈرىتىگە چىققان.

5.جاڭزىيى
جەلپكار چولپان جاڭزىيى گوڭلىدىن كېيىن ئىككىنچى بولۇپ خەلقئارالىق سەھنىدە تونۇلۇشقا باشلىغان داڭلىق چولپان. ئۇنىڭ ئېسىل سالاپىتى ئۇنى خەلقئارالىق سەھنىلەردە نام قازىنىشقا مۇيەسسەر قىلغان. كۆپلىگەن چەتئەللىكلەرنىڭ نەزىرىدە جاڭزىيى جۇڭگودىكى ھەقىقىي گۈزەل ھېسابلىنىدۇ.

6.جوۋشۈن
Chanelماركىسىنىڭ جۇڭگودىكى بىردىن -بىر ئوبراز ۋەكىلى بولغان جوۋشۈنمۇ خەلقئارالىق سەھنىلەردە ئالاھىدە ئەتىۋارلاشقا ئېرىشكەن ئايال چولپانلارنىڭ بىرى. 2003-يىلىدىن كېيىن مەيلى قىزىل گىلەم ئۈستىدە بولسۇن ۋە ياكى ھەر خىل خەلقئارالىق سەھنىلەردە بولسۇن جوۋشۈننىڭ ئىسمى چىقىپ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن.

7.نىنى
بىر قانچە تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئېلىپ ئاجايىپ نام قازانغان چولپان نىنى ئاستا-ئاستا خەلقئارالىق مودا سەھنىلەرگە يۈرۈش قىلغان بولۇپ چەتئەللىكلەرنىڭ ئالاھىدە ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە بېرلىن كىنو بايرىمى، ئاسىيا كىنو بايرىمىدا كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

8.گاۋ يۈەنيۈەن
ئىككى يىل بۇرۇنقى نيويورك مودا كىيىم ھەپتىلىكىدىن باشلاپ گاۋ يۈەنيۈەن خەلقئارالىق مودا كىيىم ھەپتىلىكىنى دائىملىق مېھمىنى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ گۈزەل لاتاپىتى ۋە ئەقىل-پاراسەتلىكى نۇرغۇن چەتئەللىك ئەرلەرنى جەلپ قىلغان بولۇپ، خەلقئارالىق سەھنىلەردىمۇ ئاجايىپ ئالقىشقا ئېرىشكەن.

9.ليۇ ۋېن
ئەگەر سىز مودا ئېقىم ساھەسىگە دىققەت قىلغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا ليۇ ۋېن ناملىق ئىسىم سىزگە يات تۇيۇلمايدۇ. ئۇ 2012-يىلى ھوقۇق تور بېتى MDCدەرىجىدىن تاشقىرى مودېللار ئىچىدە 5-ئورۇندا، جۇڭگو بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. ئۇ ‹ۋېكتورىيىنىڭ مەخپىيىتى›مودا كىيىملىرىنى كىيىپ مودېللىق سەھنىسىدە ماڭغان شەرقىي ئاسىيادىن چىققان تۇنجى گۈزەل ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئەرلەر ژۇرنىلى تەرىپىدىن تاللاپ چىقىلغان 2011-يىللىق دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل 99ئايال قاتارىدا ليۇ ۋېننىڭ ئىسمىمۇ بار بولۇپ، بۇ تىزىملىكتە ئاسىيا قىتئەسىدىن چىققان بىردىن-بىر گۈزەل بولۇپ قالغان. ئۇ يەنە چەتئەللىكلەر ئەڭ ياقتۇرىدىغان جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ ئۈلگىسىدۇر.

10.خې سۈي
2011-يىلى ئېلىپ بېرىلغان نيويورك قىشلىق-كۈزلۈك مودا كىيىم ھەپتىلىكى رالف لاۋرېن ماركىسى مودا مۇسابىقىسىدىن باشلاپ دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان،VOGUEJAPA»
W.»« V،i-D »قاتارلىق داڭلىق ژۇرناللارنىڭ مۇقاۋا سۈرىتىگە چىققان چولپان خې سۈي چەتئەللىك ئەرلەر نەزىرىدىكى جۇڭگولۇق گۈزەل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ كىنو ساھەسىدىلا نام قازىنىپ قالماي يەنە مودېل، ئېلان ساھەسىدىمۇ قالتىس نام قازانغان چولپاندۇر.