ناتالىي پوتمان
يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى، ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»خەۋىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمى كەسكىن رىقابەتكە تولغان مۇشۇنداق پەيتتە ناتالىي پوتمان ۋە ئېۋۋا لونگىرىيا قاتارلىق داڭلىق چولپانلار بەس-بەس بىلەن ئوبامانى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ چوڭ سايلىمى ئېلىپ بېرىلىدىغانغا يەنە 48 كۈن قالدى. ‹قارا ئاققۇ ›ناملىق فىلىم بىلەن ئوسكار مۇكاپاتىغا نائىل بولغان ئايال ئارتىس ناتالىي پوتمان ئۆزىنىڭ بىلوگىدا رەسىمىنى چىقىرىپ ئوبامانى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. سۈرەتتىكى ناتالىي بىر قۇر قارا كۆڭلەك كىيگەن بولۇپ، قولىغا «ئاياللىق ھوقۇقى»دەپ خەت يېزىۋالغان. ئارقىدىن ئۇنىڭ بۇ سۈرىتى ئوبامانى قوللايدىغان مەخسۇس تور بېكەتكە يوللانغان ھەمدە ‹ناتالىي پوتمان ئوبامانى قوللايدۇ›دەپ يېزىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئېۋۋا لونگىرىيامۇ قولىغا «مۇھەببەت»دەپ خەت يېزىپ ئۆزىنىڭ ئوبامانى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئوبامانى قوللايدىغان داڭلىق چولپانلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇ تور بەت مۇنداق بىر خەۋەر ئېلان قىلغان. يەنى :«دۆلىتىمىز ھازىر ئەڭ موھتاج بولۇۋاتقىنى مۇھەببەت، سىز قولىڭىزغا نېمە دەپ يازىسىز؟سىزنىڭمۇ سۈرىتىڭىزنى بىزگە ئەۋەتىپ بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز»دەپ ئېلان قىلغان.