ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| قىزىق نۇقتا | خەلقئارا خەۋەرلىرى | مەملىكەت خەۋەرلىرى | شىنجاڭ خەۋەرلىرى | تەنتەربىيە | IT كومپىيۇتىر | ئىقتىسادى خەۋەرلەر | مائارىپ-ئىمتىھان خەۋەر باش بىتى  
ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىڭىزنى ئاشۇرىدىغان يېمەكلىكلەردىن قايسىلارنى بىلىسىز؟ - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
ئورنىڭىز:خەۋەر >> مەملىكەت خەۋەرلىرى >>
ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىڭىزنى ئاشۇرىدىغان يېمەكلىكلەردىن قايسىلارنى بىلىسىز؟
 يوللىغۇچى:خۇشخۇي   كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:196  
ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار قانداق يېمەكلىك يىسە ئەڭ ياخشى؟ ئوزۇقلۇق ساقلىقنى ساقلاش مۇتەخەسىسلىرى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، مىڭە قۇۋۋىتىنى تولۇقلاشقا ياردىمى بولىدىغان بىر قىسىم يېمەكلىكلەرنى تونۇشتۇرغان. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

  1. يەر ياڭىقى

  يەر ياڭىقى تەركىبىدە لېتسىتىن بىلەن سېفالىن مول، بۇ تەركىبلەر نېرۋا سىستېمىسى ئېھتىياجلىق بولغان مۇھىم تەركىبلەر بولۇپ، بۇلار مىڭە ئىقتىدارىنىڭ چىكىنىپ كېتىشىنى كېچىكتۈرۈپ، قان پىلاسىنكىلىرىنىڭ توپلىنىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مىڭىدە قان نوكچىسى شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تەجرىبىدە ئىسپاتلىنىشىچە، داۋاملىق يەر ياڭىقى يەپ بەرسە قاي ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، ئەستە ساقلاش قابىلىيتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن، يەر ياڭىقى ئىسمى-جىسمىغا لايىق «ئۇزۇن ئۆمۈر يېمەكلىكى» ئىكەن.

  2.كالا سۈتى

  كالا سۈتى تەركىبىدە ئاقسىل، كالتىسىي ۋە چوڭ مىڭىگە زۆرۈر بولغان ئامىنو كىسلاتالاسى قاتارلىق تەركىبلەر مول. كالا سۈتى تەركىبىدىكى كالتىسىي ئەڭ ئوڭاي سۈمۈرۈلىدىغان بولۇپ، مىڭە مېتابولىزمىدا كەم بولسا بولمايدىغان ماددا. بۇنىڭدىن سىرت ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە نېرۋا ھۈجەيرىسىگە ئىنتايىن پايدىلىق  
قاتارلىقلار بار. ئەگەر مىڭىنى زىيادە ئىشلىتىپ ئۇيقۇسىز بولۇپ قالغاندا، ئۇخلاشتىن  ئىلگىرى بىر ئىستاكان ئىسسىق سۈت ئىچىۋەتسە ئۇخلاشقا پايدىلىق.

  3. بېلىق تۈرى

  بېلىق تۈرىدىكىلەر چوڭ مىڭىگە پايدىلىق بولغان ئاقسىل ۋە كالتىسىيلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، تاتلىق سۇ بېلىقلىرى تەركىبىدىكى ياغ كىسلاتاسى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، قان-تومۇر قېتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، مىڭە ئارتېرىيە قان-تومۇرلىرىغا زىيانسىز بولۇپ، مىڭە ھۈجەيرىسىنىڭ يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

 

  4.تۇخۇم

  چوڭ مىڭىنىڭ پائالىيەتچانلىق ئىقتىدارى، ئەستە ساقلىشىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىز بولۇشى چوڭ مىڭىدىكى ئاتسېتىلخولىن مىقدارى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. تەجرىبىدە ئىسپاتلىنىشىچە، تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدە مول بولغان لىتسىتلىن ئېنزىم تەرىپىدىن پارچىلانغاندىن كېيىن، مول بولغان ئاتسېتىلخولىن پەيدا قىلىپ، قان سۇيۇقلۇقىغا كىرىپ يەنە تېزلا مىڭە توقۇلمىسىغا يېتىپ بېرىپ، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتەلەيدىكەن. چەتئەل تەتقىقاتىدا ئىسپاتلىنىشىچە، ھەر كۈنى بىر ئىككى تال تۇخۇم يەپ بەرگەندە بەدەننى يېتەرلىك خولىن بىلەن تەمىنلەيدىكەن، بۇ چوڭ مىڭىنى ئاسراپ، ئەستە ساقلاش قابىلىيتىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.

  5. تېرىق  


  تېرىق تەركىبىدىكى ۋىتامىن B1بىلەن ۋىتامىن B2 نىڭ مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا گۈرۈچ تەركىبىدىكىنىڭ 1.5 ھەسسىسى ۋە 1 ھەسسىسىگە باراۋەر،بۇنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل تەركىبىدە بىر قەدەر كۆپ بولغان تىرىپتوفىن ۋە مېتىئونىن بار. كېلىنىكىلىق كۆزىتىش نەتىنجىسىدە داۋاملىق تېرىق ئۇمىچى دىگەندەك يېمەكلىكلەرنى يەپ بەرگەندە چوڭ مىڭىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.

  6. پالەك

  پالەك ئەرزان بولغانلىقتىن كۆزگە ئانچە چېلىقىپ كەتمەيدۇ. ئەمما ئۇ مىڭە ساغلاملاشتۇرىدىغان كۆكتات. پالەك تەركىبىدىكى ۋىتامىن A、C、B1 ۋە ۋىتامىن B2 ئىنتايىن مول بولۇپ مىڭە مېتابولىزمىدىكى «ئەڭ ياخشى تەمىنلىگۈچى» لەردىندۇر. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە كۆپ مىقداردا خىلروفىل بار بولۇپ، بۇمۇ مىڭىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئەقىلنى ئاشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

  7.كۆممىقوناق

  كوممىقوناق بىخىدا ئولىئېك كىسلاتاسى قاتارلىق كۆپ خىل تويۇنمىغان ماي كىسلاتاسى بار بولۇپ، مىڭە قان - تومۇرلىرىنى قوغداش ۋە قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش رولى بار. بولۇپمۇ كۆممىقوناق سۈيى تەركبىدىكى گلۇتامىك كىسلاتاسى تەركىبى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، مىڭە مېتابولىزمىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، داۋاملىق كۆممىقوناق يەپ بەرگەندە مىڭىنى ساغلاملاشتۇرۇشقا پايدىلىق.

  8.ئاناناس

  ئاناناس تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن C ۋە ئاز مىقداردا مانگان ئېلېمنتى بار بولۇپ، داۋاملىق يەپ بەرسە كەيپىياتنى كۆتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ، يەنە بەزىلەر تەرىپىدىن ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى ياخشىلىغۇچى مېۋە دەپ ئاتالغان.

  9. قىزىلمۇچ

  قىزىلمۇچ تەركىبىدىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى باشقا ھەر قانداق بىر كۆكتاتنىڭكىدىن كۆپ، كاروتېن ۋە باشقا ۋىتامېنلارمۇ خېلى مول. قىزىلمۇچ تەركىبىدىكى قىزىلمۇچ ئىشقارى پۇراش سىزىمىنى قوزغىتىپ ئىشتىھانى ئاچىدۇ، چوڭ مىڭىدىكى قان سۇيۇقلۇقىنىڭ پائالىيتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يېقىندا مەلۇم بىر شەخس، قىزىلمۇچنىڭ «ئاچچىق» پۇرىقىنىڭ ئادەم تېنىدە كەسىپتە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش ھورمۇنىنى قوزغىتىپ، تەپەككۇرىنى ئۇرغۇتىدىغانلىقىنى بايقىغان.

    10. ئاپلىسىن

  ئاپلىسىن تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن A、B1 ۋە ۋىتامىن C بار، ئاپلىسىن تىپىك ئىشقارلىق يېمەكلىك بولۇپ، كۆپ مىقداردىكى كىسلاتالىق يېمەكلىكنىڭ نېرۋا سىستېمىسىغا قارىتا زىينىنى چىقىرىۋېتەلەيدۇ. ئىمتىھان مەزگىلىدە مۇۋاپىق مىقداردا جۈزە يەپ بەرسە، كەيپىياتنى جانلاندۇرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، لىمون، ماندارىن، جۈزە قاتارلىقلارنىڭمۇ يۇقارقىدەك رولى بار.

  11. چىچەكسەي

 كىشىلەر چېچەكسەينى نېرۋىنى تىنچلاندۇرغۇچى دەپ ئاتىشىدۇ. ئەمما چېچەكسەينى ھەرگىزمۇ خام پېتى ئىستېمال قىلىشقا ياكى ئايرىم قورۇپ يېيىشكە بولمايدۇ، ئۇنى قاينىتىپ پىشۇرۇپ يىسە ياكى قۇرۇتۇلغىنىنى يىسە ئەڭ ياخشى.  

 

يېڭى خەۋەرلەر
ئالما بىلەن سەنشىڭنىڭ پاتىنېت جېڭىدە ئادۋوكاتلار قانچە پۇل تاپتى
ئالما بىلەن سەنش...
ئالما OS X Mountain Lion مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئەتە بازارغا سالماقچى
ئالما OS X Mountain Lion ...
2D باش سۈرىتىنى 3D مودېلىغا ئايلاندۇرۇشتىكى ئەڭ ئاددىي تېخنىكا بارلىققا كەپتۇ
2D باش سۈرىتىنى 3D ...
2012-يىللىق داڭلىق ماركىلق يانفونلار رەت تەرتىپى
2012-يىللىق داڭلىق...
USB ئېغىزلىق SD كارتىسى 24.99دوللارلىق باھا بىلەن بازارغا سېلىندى.
USB ئېغىزلىق SD كار...
گۈزەل چولپانلار ئارىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەر
گۈزەل چولپانلار ...
جاڭ بوجىنىڭ ئەرەنچە ياسىنىپ چىققان فىلىمىدىكى سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى
جاڭ بوجىنىڭ ئەرە...
بېكخامنىڭ يەنە بالىلىق بولۇش پىلانى ۋېكتورىيەنى چۆچۈتۈۋەتتى
بېكخامنىڭ يەنە ب...
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىڭىزنى ئاشۇرىدىغان يېمەكلى...
ئاسىيادىكى تۇنجى كۆرۈش تور پەردىسىنى كۆچۈرۈش ئوپ...
350 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان نەچچە تۈمەن بېلىق بىر ...
گۇاڭشى رۇڭئەندىكى گىگانت تاش پۇقرالارنىڭ ئۆيلىر...
گۇاڭدۇڭدا ئېلېكترونلۇق پاسپورت بېجىرىش باشلاندى
جۇڭگو تېلېگرافى 11 دۆلەتنىڭ خەلقئارا سەيلە تاۋۇشى...
ئاسىيادىكى تۇنجى كۆرۈش تور پەردىسىنى كۆچۈرۈش ئوپ...
350 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان نەچچە تۈمەن بېلىق بىر ...
گۇاڭشى رۇڭئەندىكى گىگانت تاش پۇقرالارنىڭ ئۆيلىر...
خۇنەن ئۆلكىسى قىزىقارلىق تەنتەربىيە پائالىيىتى ...
ماي بايرىمى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا تىيەنئەنمېن مە...
گۇيجۇدىكى كان قۇدۇقىدا كان ئىشچىلىرى قاپسىلىپ قا...
پولات چىۋىق بىر ئايالنىڭ مېڭە توقۇلمىسىنى پارچىل...
جۇڭگودىكى 136 كارخانا «فوربىس» تىزغان «2000 كۈچلۈك ك...
چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى 2012-يىلى شىنجاڭدىن 28 ئوقۇغۇچ...
تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 13899842526