خەلقئارا تور خەۋىرى، 2012- يىلى 25- ئاپرېل چۈشتىن كېيىن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى گۇاڭجۇ شەھىرى لوگاڭ رايونىدا بىر ئايالنىڭ باش قىسمىدىكى 7- 8 سانتىمېتىرلىق ئورۇنغا پولات چىۋىقتىن ياسالغان چوڭ تۆمۈر ئىلمەك كىرىپ كېتىپ، باش سۆڭىكى ۋە مىڭە توقۇلمىسى پارچىلىنىپ كۆپ مىقداردا قان چىقىپ كەتكەن. بۇ ئايال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، دوختۇر پولات چىۋىقنى كېسىۋەتكەندىن كېيىن چىقىرىۋېتىلگەن، نۆۋەتتە بىمارنىڭ ئەھۋالى بىر قەدەر مۇقىملاشقان ئەمما يەنىلا خەتەردىن قۇتۇلمىغان. گۇاڭجۇ لوگاڭ رايونى جيۇلۇڭ بازىرىدا تۇرۇشلۇق چېن خانىم بۇ يىل 56 ياشقا كىرگەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 25- ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ئۇ تەخمىنەن 5 __6 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر پولات چىۋىقتىن ياسالغان تۆمۈر ئىلمەك بىلەن دەرەختىكى شاخ-شۇمبىلارنى چۈشۈرۈپ، ئۆيگە ئوت قالاشقا ئېلىپ ماڭماقچى بولغان، ئۇ پولات چىۋىقنىڭ ئىككى ئۇچىنى ئېگىپ ئىلمەك قىلىپ، بىر ئۇچىنى تۇتۇپ، يەنە بىر ئۇچى بىلەن تومراق شاخنى ئىلىپ كۈچ بىلەن تۆۋەنگە تارتقان. بۇ ۋاقىتتا پولات ئىلمەك تۇيۇقسىزلا كەينىگە يېنىپ ئۇنىڭ پېشانىسىنى يېرىپ كىرىپ كەتكەن، ئۇ دەرھال قوراللىق قىسىم گۇاڭجۇ باش ئەترەت دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلغان.
ھازىر بۇ ئايال جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈستىدە.

