ئېلېكترونلۇق پاسپورت بىلەن كونا پاسپورتنىڭ قانداق ئوخشىماسلىقلىرى بار؟ تۈنۈگۈن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك چېگرىدىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى قوبۇل قىلىش بۆلۈمى باشلىقى جۇلىڭ، ئېلېكترونلۇق پاسپورت بىلەن كونا پاسپورتنىڭ ئەڭ چوڭ ئوخشىماسلقى بولسا ئېلېكترونلۇق پاسپورت ئۈچۈن بارماق ئىزى ئۇچۇرلىرى ۋە ئىمزا ئۇچۇرلىرىنى توپلاش دەپ بىلدۈرگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئېلېكترونلۇق پاسپورت ئۈچۈن ئىككى بارماق ئىزى توپلانسا بولىدىكەن. توپلانغان بارماق ئىزى ئالدى بىلەن ئوڭ قول، ئاندىن سول قولدىن تەرتىپ بويىچە، ھەر بىر قولدىن پەقەت بىرلا بارماق ئىزى ئېلىنسا بولىدىكەن. بارماق ئىزى ئېلىش تەرتىپى: باش بارماق، كۆسەتكۈچ بارماق، ئوتتۇرا بارماق، ئۈزۈك بارمىقى ۋە چىمچىلاق ...... ئەگەر ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسىلا، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىككى قولىنىڭ باش بارماقلىرىنىڭ ئىزى ئېلىنىدىكەن. جۇلىن يەنە، ئېلېكترونلۇق پاسپورتقا ئىلتىماس سۇنۇش جەدۋىلىنى تولدۇرغاندا يازما ئىمزا قويۇش كېرەك، ئاندىن بۇ كومپيۇتېر ئارقىلىق ئاپتوماتىك ھالدا پاسپورتقا بېسىلىدۇ دەپ چۈشەندۈرگەن. بارلىق پاسپورتلارنىڭ ھەممىسىگە بارماق ئىزى قالدۇرۇش كېرەكمۇ؟ 16 ياشتىن يۇقىرى پۇقرالار ئېلېكترونلۇق ئادەتتىكى پاسپورتقا ئىلتىماس سۇنغاندا، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى چېگرىدىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئورگانلىرى نەق مەيداندىلا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ بارماق ئىزى ئۇچۇرلىرىنى توپلىشى كېرەك. 16 ياشقا توشمىغان پۇقرالار ئېلېكترونلۇق ئادەتتىكى پاسپورتقا ئىلتىماس سۇنغاندا، ھامىي بولغۇچى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ بارماق ئىزى ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەشكە قوشۇلسا، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئورگانلىرى نەق مەيداندىلا بارماق ئىزى ئېلىۋالسا بولىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچى بارماق ئىزىنى يوقاتقان بولسا، بارماق ئىزى قالدۇرمىسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ بارمىقى زەخمىلىنىپ بارماق ئىزىنى قالدۇرۇشقا ئامال قالسا ھەمدە قوبۇل قىلىش ئورگانلىرى ھۆكۈم قىلىشقا ئامالسىز بولسا، ئىككىنچى دەرىجىلىك دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دوختۇرخانا چىقىرىپ بەرگەن ئىسپاتنى تاپشۇرۇشى زۆرۈر ھەمدە زەخمىلەنگەن بارمىقى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن قوبۇل قىلىش ئورگانلىرىغا بېرىپ، بارماق ئىزىنى تولۇقلاپ، پاسپورتنى ئالماشتۇرۇشى كېرەك. ئىلتىمسا قىلغۇچى بارماق ئىزى شارائىتى قاتارلىق سەۋەبلەردىن بارماق ئىزى بىلەن تەمىنلىيەلمىگەن بولسا، ئېلېكترونلۇق ئادەتتىكى پاسپورت ئىلتىماس قىلىش ئىشخانىسى ۋە چېگرا مۇداپىئەسىنىڭ تەكشۈرۈشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، مۇخبىر گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك چېگرادىن كىرىش-چىقىش مۇلازىمەت زالىدا، بارماق ئىزلىرى توپلاش ئۈسكىنىلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىكەنلىكىنى بايقىغان.مۇخبىر، مۇلازىمەت كۆزنىكى ئالدىدىكى بىر قاتاردا كۈمۈش رەڭلىك تىكتۆتبۇلۇڭ شەكلىدىكى قۇتا بار بولۇپ، قۇتىنىڭ ئالدى تەرىپىدە ئىككى بارماق كەڭلىدىكى بارماق ئىزى توپلاش ئۈسكىنىسى بار. جۇلىڭ، ئەگەر بارماق ئىزى توپلاش ئوڭۇشلۇق بولسىلا، پەقەت بىر مىنۇتلا ۋاقىت كۇپايە دەپ چۈشەندۈرگەن. جۇلىڭ يەنە، يېڭى ئېلېكترونلۇق ئادەتتىكى پاسپورتنىڭ ئىشلىتىلىشى، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈشىگە كۆپ قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، ھازىر پۈتۈن گۇاڭدۇڭدىكى بىر قىسىم پورتلاردا ئاللىقاچان ئەنئەنىۋى تاموژنىدىن ئۆتۈش ئۇسۇلى ئىسلاھ قىلىندى. ئەنئەنىۋى تاموژنىدىن ئۆتۈشتە، خىزمەتچى خادىم تەكشۈرۈپ بېكىتەتتى، يېڭى تاموژنىدىن ئۆتۈشتە، شۇ شەخس ئېلېكترونلۇق پاسپورت بىلەنلا بەلگىلىك سان-سېفىرلارغا قارىتا تەكشۈرۈش قىلدۇرۇپ بولغاندىن كېيىنلا، ئېلېكترونلۇق پاسپورت بىلەن ئۆزىلا تاموژنىدىن ئۆتەلەيدۇ دەپ چۈشەندۈرگەن. پۇقرالار ئېلېكترونلۇق پاسپورت ئىلتىماس قىلىشتا، نەق مەيداندا «جۇڭگو پۇقرالىرى ئادەتتىكى پاسپورت ئىلتىماس جەدۋىلى» گە ئىمزا قويۇشى كېرەك. ئىلتىماس قىلغۇچى، خەلق ساقچىلىرى ئېلېكترونلۇق پاسپورتنى قوبۇل قىلغاندا ئۆز ئىسمى بىلەن ئىمزا قويۇشى كېرەك. ئىمزا «جۇڭگو پۇقرالىرى ئادەتتىكى پاسپورت ئىلتىمسا جەدۋىلى» دە كۆرسىتىلگەن تىك تۆتبۇلۇڭلۇق رامكا ئىچىدە بولۇشى كېرەك. گوۋۇيۈەن باھا مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە مالىيە تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن. ئېلېكترونلۇق ئادەتتىكى پاسپورت بېجىرىش ھەققى ئىلگىرىكى بىلەن ئوخشاش، يەنى تۇنجى قېتىم ئېلېكرونلۇق ئادەتتىكى پاسپورت بېجىرىش ھەققى بىر پاسپورت ئۈچۈن 200 يۈەن؛ ئادەتتىكى پاسپورتنى ئالماشتۇرۇش ھەققى بىر پاسپورت ئۈچۈن 220 يۈەن؛ ئەسلىدىكى ئادەتتىكى پاسپورتنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ قايتىدىن ئىلتىماس قىلىش ھەققى بىر پاسپورت ئۈچۈن 220 يۈەن؛ ئەسلىدىكى پاسپورت ئوغۇرلىنىپ كېتىپ، ياكى بۇزۇلۇپ كېتىپ قايتىدىن ئىلتىمسا قىلىش ھەققى بىر پاسپورت ئۈچۈن 220 يۈەن؛ ئەسلىدىكى پاسپورت يۈتۈپ كەتكەن بولسا، تولۇقلاش ھەققى ئۈچۈن 420 يۈەن.