3- ماي، شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى لى جياچېڭ دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئويۇشتۇرۇپ، بۇ دوختۇرخانىنىڭ ئاسىيادىكى تۇنجى سۈنئىي كۆرۈش تور پەردىسىنى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيسىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملىغانلىقىنى، ئوپېراتسىيە نەتىنجىسىنىڭ ئىنتايىن كۆڭۈلدىكىدەك بولغانلىقىنى، بىمارنىڭ كۆرۈش سەزگۈ ئىقتىدارىنىڭ ياخشىلىنىپ نۇرنى سېزەلەيدىغان ۋە پرويېكسىيە ئېكرانىدىكى خەتلەرنى ئوقۇيالايدىغان بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
