يېرىم يىل ئىلگىرى، جېنجېننىڭ دادىسىنىڭ قىز دوستى بولقا بىلەن ئۇنىڭ بېشىغا ئىككى مىقنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈۋەتكەندە ھوشىدىن كېتىپ، ئېسىگە كېلەلمىگەن، بۇ خەۋەر پۈتۈن چىڭداۋنى تەۋرىتىۋەتكەن. 30- مارت چۈشتىن كېيىن، جېنجېننىڭ دادىسى مۇخبىرغا، بالام ھوشىغا كەلدى، ھازىر ئورنىدىن تۇرالايدىغان بولدى. ئەمما ھازىر جېنجېننىڭ سۆزلەش ۋە ھەرىكەت قىلىشىدا توسالغۇ بار، سالامەتلىكى تولۇق ئەسلىگە كېلىشىگە يەنىلا خېلى ۋاقىت بار دىگەن.
«مەن نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىلا بالىنى شاڭخەيدىن قايتۇرۇپ كەلدىم، خەلقپەرۋەر شەھەر ئاھالىسگە رەھمىتىمنىمۇ بىلدۈرەلمىدىم، بالامنىڭ سالامەتلىكى مۇشۇنچىلىك ئەسلىگە كەلدى، تەلىيىمگە ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر بار ئىكەن، ئوغلۇم ھازىر ئۆزى ئۆرە تۇرالايدىغان بولدى، ئەمما ئۆرە تۇرالايدىغان ۋاقتى كۆپ ئۇزۇن ئەمەس، 10 نەچچە مىنۇتلا تۇرالايدۇ،» 30- مارت چۈشتىن كېيىن، مۇخبىر ئۇنى زىيارەت قىلغاندا ئۇ مۇشۇنداق دىگەن.
مۇخبىر جېنجېننىڭ مومىسىنىڭ جېنجېننىڭ بەدىنىنى ئۇۋۇلاپ قويۇۋاتقانلىقىنى، جېنجېننىڭ بولسا تېلېۋېزور كۆرگەچ قىزىقارلىق كۆرۈنۈشلەر چىققاندا خۇشاللىقىدىن «ئا، ئا، ئا» دەپ ئاۋاز چىقىرىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن، ئوپېراتسىيە قىلغانلىقتىن بالىنىڭ سۆزلىشى بىر قىسىم تەسىرلەرگە ئۇچرىغان، ھازىر باشقىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىكەن، ئەمما ئۆزى گېپىنى ئۇقتۇرالمايدىكەن.
«بۇ يېرىم يىلدا جېنجېننىڭ دوختۇرخانا داۋالاش خىراجىتى ئۈچۈن ئاللىقاچان 300 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل خەجلىنىپ بولدى، ئائىلىمىز ھازىر 250 مىڭ يۈەنگە قەرزگە بوغۇلدۇق، ھەقىقەتەن ماغدۇردىن قالدۇق»جېنجېننىڭ دادىسى مۇشۇنداق دىگەن. بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئۇ خىزمىتىنى تاشلاپ بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان، ھازىرمۇ تېخى بىرەر رەسمىي خىزمەت تاپالمىغان، ئۇ ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر ياكى كارخانىنىڭ ئۇنى بىرەر ياخشى خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلىشىنى ئارزۇ قىلىدىكەن، ئۇ چوقۇم تىرىشىپ ئىشلەپ بالىسىنى ئۈزۈل -كېسىل داۋالىتىپ، بالىسىنىڭ بالدۇرراق مەكتەپكە كىرىپ، ئىلگىرىكىدەك شوخ ھالىتىگە قايتىشنى ئارزۇ قىلغان.
مەن ھازىرغا قەدەر قىز دوستۇمنىڭ مۇشۇنداق ئىش قىلىدىغىنىغا ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ دىگەن ئۇ. ئۇنىڭ قىز دوستى بۇ يىل 39 ياشتا بولۇپ، جېنجېن بۇ ۋەقەگە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۇمۇ دورا يەپ ئۆلىۋالغان. ھازىر جېجېننىڭ دادىسنىڭ بىردىنبىر ئۈمىد قىلىدىغىنى ئوغلىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشى ئىكەن