جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 30-مارت بېيجىڭ خەۋىرى: شياڭگاڭ پاكلىق مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى تۈنۈگۈن كەچقۇرۇن پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتنىڭ ئىككى يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە رايونىنىڭ بىر سابىق ئاساسلىق ئەمەلدارىنى خىيانەتچىلىككە چېتىشلىق دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئالغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. باياناتچى يەنە مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈش داۋاملاشماقتا، پاكلىق مەھكىمىس ھازىر بۇنىڭدىن ئارتۇق باھا بەرمەيدۇ.
شياڭگاڭدىكى نۇرغۇن تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، قولغا ئېلىنغان كىشى شىنخوڭ بازا كەسپ بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گو بىڭجياڭ بىلەن گو بىڭليەن ئاكا-ئۇكا، شۇنداقلا ئالاھىدە رايونلۇق ھۆكۈمەت مەمۇرىي ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ سابىق باشلىقى شۈ شىرېن ئىكەن