
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى 26 -نۆۋەتلىك ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى شېنتەندە ئېچىلىدۇ،بۇ يېغىن ئېچىلىدىغان شېنتەن تەنتەربىيە مەركىزى شېنتەننىڭ جەنۇبى تاغ رايۇنىدىكى شېنتەن قولتۇقىدىكى شىياڭگاڭ بىلەن قوشنا ئورۇنغا جايلاشقان،ئومۇمى كۈلىمى 256000 كۇۋادىرات مىتىر كىلىدۇ.بۇ قۇرلۇشنىڭ سېرىتقى كۈرىنىشى پىلە غۇزىكىگە ئوخشايدىغان بولغاچقا "پىلە غوزىكى"سارىيى دەپ ئاتالدى.بۇ قۇرلۇشنىڭ ئىچىدە تەنتەربىيە مەيدنى ،تەنتەربىيە سارىيى ۋە سۇ ئۈزۈش مەيدانى بار،ھازىر بۇ قۇرلۇش ئاساسى جەھەتتىن پۈتۈپ بولدى ،كۈكەرتىش خىزمىتى ۋە بىر قىسىم ئۇششاق ئەسلىھە قۇرلۇشى 5 -ئاي ئەتراپىدا ئاياقلىشىپ قۇرلۇش پۈتىدۇ.



شىنخۇا تورى