باش بەت / ساقلايمەن

ئاھۇ كۆز (8)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2012-4-2 04:57 | ئاپتور: ئادالەت ئابدۇرېھىم | مەنبە: خۇشدىل مۇنبىرى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

-ئۇنداق بولسا توينى قاچانلىققا بېكىتىمىز ؟– دېدى قادىر .
-بايام دېگەندەك مەن ئاتا - ئانامنى جىق قاقشاتتىم . ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ ئاندىن توي ۋاقتىنى بېكىتەيلى. ئەگەر خىزمىتىم رەسمىيلەشمىسە ئۇلار  ئۇنىماسمىكىن دەيمەن .....
-ھازىر بولمامدۇ ؟ سىز مېنى راستىنلا ياخشى كۆرەمسىز - يوق ؟ خىزمەتنى رەسمىيلەشتۈرۈش دېگەن ئاسانلا  قىلىۋالىدىغان ئىشمۇ ؟ ۋاقتى سائىتى كەلگەندە ھەل بولىدىغۇ ؟
-قادىر بۇنىڭغا گەپ كېتەمدۇ؟ ھەتتا مەن ئۇلارغا تا ھازىرغىچە نېمە ئۈچۈن  ئوقۇشتىن چېكىنگەنلىكىمنى دېمىگەن تۇرسام. ئۇلار ھە دېسە، سەن ئۆز خىزمىتىڭنى قىمارغا ئۇتتۇردۇڭمۇ ؟ قاچان رەسمىيلىشىسەن ؟ - دەپ كوتۇلدايدۇ.
-ئۇلارنى دۆت كۆرىۋاتمايدىغانسىز ؟ ئۇلارمۇ سىزنى ئاز - تولا چۈشۈنىدىغاندۇ ؟ بىر قىز بالا ئاتا – ئانىسىغا قاراپ تۇرۇپ شۇنداق گەپلەرنى دېيەلمەيدۇ، خىزمەت توغرىسىدا كوتۇلدىغان بولسا ئۇلارنىڭ كوتۇلدىغىنى توغرا . ئەمما ئۇلارغا ھازىر توي قىلىش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈڭ .
-قادىر... – شاھىدە ھەم خىجىل بولدى ھەم ئازاپلاندى . ئۇ ئالدىدا تۇرغان مەردانە ، قاۋۇل ، ئەقىللىق يىگىتنىڭ ئۆزىنىڭ يۆلىنىدىغان تېغى، بېشىدىكى سايىۋىنى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم مۇئەيەنلەشتۈردى ۋە خۇددى بۇ قاۋۇل بەسىتلىك يىگىت ئالدىدىن پۇررىدە ئۇچۇپ كېتىدىغاندەك ھەم خىجىل بولغان ھەم سۆيۈنگەن ھالدا ئۇنى قۇچاقلىۋالدى. يېنىك شامال يۇمران تېرەك نوتىلىرىنى يەلپۈپ ئۇلارنى تېخىمۇ مەھكەم بىر گەۋدە قىلىۋەتتى.
يېزا باشلىقى يېقىندىن بۇيان مەكتەپ قوروسىغا تولا كىرىدىغان بولۇپ قالدى . ھېلى نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش بەدەل پۇلىنى يېزىدىن بىر تۇتاش كۆتۈرۈش توغرىسىدىكى ھۆججەتلەرنى ئېلىپ كىرسە، ھېلى ئىككى قەۋەتلىك تەجىرىبىخانا بىناسى سېلىپ بېرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەنى ئېلىپ كىرەتتى. ھېلى ئوقۇتقۇچىلارنى يىراق شەھەرلەرگە ئاپىرىپ ساياھەت قىلدۇرۇش نىيتىنى ئاشكارىلىسا، ھېلى بىر تۇتاش ئوقۇتقۇچىلار فورمىسى تىككۈزۈپ بېرىش توغۇرلۇق ۋەز ئېيتاتتى. ئۇ ئاۋۋال مەكتەپ مۇدىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلار بىلەن مەكتەپنىڭ يىراق كەلگۈسى پىلانى. ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەشكە قانداق كۆڭۈل بۆلۈش كېرەكلىكى... قاتارلىق مەسىلىلەر توغۇرلۇق قىززىق پاراڭغا چۈشۈپ كېتەتتى. يېزا باشلىقى كىردىمۇ بولدى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئىشلىرىنى تاشلاپ  ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشاتتى. ھەتتا دەرس ئۆتىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارمۇ داڭ چېلىنىشنى كۈتمەستىن دەرىسلىرىنى بالدۇرراق تۈگىتىپ يېزا باشلىقىنىڭ پايدىلىق پاراڭلىرىنى ئاڭلايتتى. يېزا باشلىقىنىڭ ھەربىر سۆزى تەرەققىيات ، زامانىۋىلىشىش ، ئوقۇتقۇچىلارنى يېڭى دەۋىرگە لايىقلاشتۇرۇش ، بۇنىڭ ئۈچۈن كېتىدىغان ئىقتىسادنى يېزا ئۈستىگە ئېلىش... دېگەندەك مەسىلىلەر ئىدى. ھەتتا شاھىدەنىڭ VCD لېنتىسى بىلەن ئاقشور يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپىنى ۋە ئاقشور يېزىسىنى تونۇتۇش قاتارلىق شەخىسلەرگە بېرىپ تاقىلىدىغان تېمىلارنى ئېغىزدىن چۈشۈرمەيتتى. ئەلۋەتتە بۇنداق پاراڭلارنى ئاڭلاشنى ھەممە كىشى خالايدۇ . بىراق بۇ ئۇلۇغۋار پىلانلارنىڭ قايسىسى ئەمەلگە ئاشىدۇ ، ھېچكىم بىلمەيتتى. شۇنداق بولغاچقا ئوقۇتقۇچىلار يېزا باشلىقىنىڭ  مەكتەپكە تولا كىرىشىدە ئاز- تولا غەرەزنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى بىلسىمۇ، ئۇنى يوققا چىقىرىۋىتەتتى. پەقەت ھاراق سورۇنى ياكى ئالاھىدە سورۇنلاردا قىز-چوكانلارغا چاقچاق قىلمىسا ، ئادەتتىكى چاغلاردا چاكىنا گەپ-سۆزلەرنى زادىلا قىلمايتتى. شۇڭا يېزىدىكى  ھەممە ئادەم يېزا باشلىقىدىن ھەم قورقاتتى ھەم چوڭقۇر ھۆرمەتلەيتتى. مانا، يېزا باشلىقى يېقىندىن بۇيان مەكتەپ ئىچىدە  ئەركىن -ئازادە كۈلۈپ ، ئوچۇق - يورۇق گەپ قىلىدىغان بولدى. بۇ مەكتەپ ئۈچۈنمۇ شان- شەرەپ ۋە ئامەت- تە! مانا، ئۇ نۇرغۇن ياخشى پىلانلارنى ئوتتۇرغا قويىۋاتىدىغۇ ؟ شۇڭا ھەممەيلەن ئاينىڭ ئەتراپىغا ئولاشقان يۇلتۇزلاردەك يېزا باشلىقىنى خۇشاللىق بىلەن كۈتىۋالاتتى. شاھىدەچۇ ؟ پەقەت شاھىدەلا سادىن ئۈركىگەن توخۇدەك يېزا باشلىقى كىرىشى بىلەنلا ئىشخانىسىدا كونسىپىك يازغان ، دەرس تەييارلىغان بولىۋالاتتى .
-شاھىدە قىز كۆرۈنمەيدىغۇ ؟ - دېدى بىر كۈنى ئۆزىگە ھۆرمەت بىلەن قاراپ تۇرۇشقان ئوقۇتقۇچىلارغا قاراپ يېزا باشلىقى،- ئاغرىپ قالمىغاندۇ ؟
-ياق بايىلا بار ئىدى ، كونسىپىك يازىمەن دەۋاتقان .
-ھېلىقى قادىر دېگەن بىلەن بىر يەرگە كەتتىمۇ يە ؟
-ياق ، قادىر مەدەنىيەت ئۆيىنى رەتلەۋاتىدۇ . ئەتە مەكتەپنىڭ مەنىۋى - مەدەنىيەت ئەھۋالىنى تەكشۈرگىلى ئادەم كېلىدىكەن. ئۇ بەك ئالدىراش... -دېدى ئارىدىن بىرى .
-ھە ، مەن تېخى ئۇ ئىككىسىنى...- سىرلىق كۈلدى يېزاباشلىقى. باشقىلارمۇ كۈلۈشتى، تازىمۇ قىززىق ! بۇ قىزنىڭ بۇلبۇلنىڭ ئانار شېخىنى تاللىماي ئەسكى تامنى تاللاپ ئۇۋا سالغىنىدەك ، قىززىق ئىشنى قىلغىنىنى قارا... -يېزا باشلىقى ئەتراپتىكىلەرنىڭ ئالدىدا شۇنداق چىرايلىق ئوخشىتىشىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىشلىتەلىگەنلىكىدىن مەمنۇن بولغاندەك كېرىلدى ۋە  قوشۇپ قويدى،-ئۇغۇ ئۆزىنىڭ تاللىشى، ئۆزى توغرا دەپ تاللىغان بولسىلا بولدىغۇ .
-قىز بالا دېگەن شاڭجاڭ ئەمدى.... - دەپ تىلىنى چاينىدى بىرەيلەن .
-بوپتۇ، بۇمۇ بوپتۇ!- دېدى يېزا باشلىقى ئورۇندۇقتىن سېمىز گەۋدىسىنى ئاران كۆتۈرۈپ .
-شاڭجاڭ، ئەگەر ناخشا ئاڭلىغىلىرى بولسا شاھىدەنى ھازىرلا چاقىرايلى!-دېدى مەكتەپ مۇدىرى .
-يوقسۇ، بولدى، بولدى، بۇدو يەنە بىر كىرەرمەن.- ئۇ رەھبەرلەرگە خاس مەغرۇرانە قەدەملەر بىلەن قولىنىڭ كەينىدە ئىشارەت قىلغىنىچە مەكتەپ قورۇسىدىن چىقىپ كەتتى. مەكتەپ مۇدىرى ، ئىلمىي مۇدىر ، مالىيە مۇدىر ۋە باشقا ئوقۇتقۇچىلار يېزا باشلىقىنىڭ ناخۇش ھالدا چىقىپ كېتىۋاتقان تۇرقىغا قاراپ ھودۇقۇپ تاتىرىپ تۇرۇپ قېلىشتى.
مانا، مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى يۇقىرىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيتىنى تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن جىددىي تەييارلانماقتا. بۇ قېتىم ۋىلايەت خاراكتېرلىك تەكشۈرۈش بولىدىغان بولغاچقا، ئاۋۋال ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىشى كېرەك ئىدى. سىنىپ، مەيدان، ئىشخانا، ئاشخانا، ھاجەتخانا، يول… ئىشقىلىپ ھەممە يەر شۇ قەدەر تۈجۈپىلەپ تازلاندى . سىنىپ - ئىشخانىلارنىڭ تاملىرىغا مەدەنىيەتلىك سىنىپ - ئىشخانا قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدا توختامنامە تۈزۈپ، ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى قول قويۇپ  چاپلاندى. ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەدەنىيەتلىك بولۇش ئىرادەنامىلىرى، « ئۈچ بولۇش يەتتىنى قىلماسلىق»، «تۆتتە گۈزەل بولۇش»، «بەشنى تەكىتلەش»، «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دۆلەت بايرىقى ئالدىدىكى قەسەمنامىسى»، «ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەت بايرىقى ئالدىدىكى قەسەمنامىسى» شۇنداقلا تۈرلۈك  ۋىۋىسكىلار، جايى- جايىغا ئېسىلدى . مەكتەپ ئىچىگە بىرنەچچە خىل ئۇزۇن مۇددەتلىك ماتىرياللار ئورنىتىلدى.  مەدەنىيەت ئۆيىگە تىكتاك توپ ، شاخمات ، گېزىت - ژۇرنال ، بورت ، توپ ، ئېلىكتىرونلۇق رويال، باسما رويال، سەكرەتمە توپچاق قاتارلىقلار جايى-جايىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى . ئىشخانىلار، سېمونت يول ، كارىدورلار نەچچە خالتا ئۇن سوپۇن بىلەن يۇيۇلدى،  دەرۋازىدا پوستتا تۇرىدىغان مەخسۇس  ئادەم قويۇلۇپ ھېچكىمنى ئۇياق - بۇياققا ئۆتكۈزمىدى. كۈن چۈش بولاي دېدى،  ئەمما تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر ھېچ قارىسىنى كۆرسەتمەيتتى. ھەممە تىت-تىت بولغان ھالدا بىر نېمىلەرنى دەپ غودۇرايتتى. قاچانمۇ كېلەر بۇ تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر ؟ ئۇلار بىر كېلىپ كەتسە ، پۇتلىرىمىزنى ئەركىن يۆتكەپ ماڭالايدىغان بولساق نېمە دېگەن ياخشى، ئۇلار سورىغان سۇئاللارغا تولۇق جاۋاپ بېرىپ مائاشىمىزنى ئېلىش ئۈچۈن ئىمكانىيەت ياراتساق بولاتتى- دە … بۇلار بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كاللىسىنى ئىگەللىۋالغان مەسىلىلەر ئىدى. چۈنكى كىمنىڭ ئىش تەخسىماتىدىن چاتاق چىقسا، شۇنىڭ ئىككى ئايلىق ئاساسى ئىش ھەققى تۇتۇپ قېلىنىشى كېرەك دېگەن بەلگىلىمە بار  ئىدى . مەكتەپتىكى  ھەممەيلەن  تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىۋاتقان ئەشۇ  پەيتلەردە ، قادىر مەدەنىيەت ئۆيىدە دەككە - دۈككىدە ئۇيان - بۇيان مېڭىپ يۈرەتتى. مەدەنىيەت ئۆيىدىكى يەتتە شاخماتتىن ئارانلا بەشى  قالغان . قالغانلىرىنى بۇرۇنلا بەزىلەر ئارىيەتكە ئېلىپ چىقىپ كەتكەن. مانا ئەمدى ئارىيەتكە ئېلىپ چىقىپ كەتكەن نەرسىلەرنى ئۇ جايىغا كەلتۈرەلمەيۋاتاتتى.
ئېلىكترونلۇق رويالنىڭ بىرىنى شاھىدە ياتىقىغا ئېلىپ چىقىپ كەتكەن ۋە شۇنىڭ قولىدا بۇزۇلغان ئىدى. بىر نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا يېزا باشلىقى «قىزىمغا ئۆگىتەتتىم» دېگەن باھانە بىلەن شاھىدەنىڭ يېنىغا ياردەم  سوراپ كىرگەن ئىكەن. شاھىدە يېزا باشلىقىغا ئېلىكترونلۇق رويالنى بېرىش مەسلىسىدە پىرىنسىپقا يات ئىشنى قىلىپ ھۆددىسىدىن چىقالماسلىقىدىن ئەنسىرىدى، شۇڭا ئۇ ئىشنى چىرايلىق پۈتتۈرۈش مەخسىتىدە :
-قىزلىرى ئۆزى ياتىقىمغا كېلىپ  ئۆگىنىپ كەتسە قانداق ؟ -دەيدۇ چېچەنلىك بىلەن . يېزا باشلىقى ئىشنىڭ ئۆزى ئويلىغىنىدەك بولىۋاتقانلىقىدىن  خۇشال بولۇپ:
-ئۇنداق بولسا تېخى ياخشى رويالنى ئېلىپ چىقىپ كەتسەممۇ ئىشخانامغا كىرىپ ئۆزىڭىز ئۆگىتىپ قوياتتىڭىز شۇ ، - دەيدۇ .
راستىنلا ئۇ ئويلىغاندەك  يېزا باشلىقىنىڭ قىزى  ئۆگەنگىلى قەدەم باسقان بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ شاھىدەنىڭ ياتىقىدا قىزى بىلەن تەڭ يېزا باشلىقىمۇ پەيدا بوپتۇ. مۇشۇ سەۋەپتىن  شاھىدە بىلەن قادىر ئارقا - ئارقىدىن سوقۇشقان ئىدى. بۇ كۆڭۈلسىزلىكلەر شاھىدەدە ئېلىكترونلۇق رويالنى قەستەن  بۇزىۋىتىپ ئاندىن بۇ ئۆگەنگۈچىلەردىن  قۇتۇلۇش خىيالىنى پەيدا قىلغان ئىدى.  
-بۇ چالغۇنىڭ ئەڭ مۇھىم، ئەڭ نازۇك بىر  يېرى بار ئىدى ، ئۇ  بولمىسا رويالنى زادى چالغىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئۇ نەرسىنى تىقىپ قويۇپ چالغىلى بولماس قىلىپ قويغان ئىدىم، - دېدى شاھىدە بىر كۈنى قادىرغا دەرت تۆكۈپ، - لېكىن يېزا باشلىقى« بۇنى ئۆزۈم ئوڭشايمەن » دەپ رويالنى پۈتۈنلەي كاردىن چىقاردى.
-ئەستا … ھە بوپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن قۇتۇلغان بولسىڭىز بوپتۇ، -دەپ ئېغىر تىندى قادىرمۇ . تولىمۇ ئەپسۇسكى مانا ھازىر  بۇ ئېلىكترونلۇق رويال بىر چەتتە ئۆزىنى نامايان قىلىپ تۇرۇپتۇ. بۇ مەكتەپ مەدەنىيەت ئۆيىنىڭ سەرخىل سايمىنى، مەدەنىيەت ئۆيىنىڭ گۆھىرى  ئىدى. ئەگەر بۇنىڭ بۇزۇلغانلىقى بىلىنىپلا قالسا ، ھەي ....
قادىر ئۇياندىن- بۇيانغا ماڭاتتى، قوللىرىنى ئۇۋلايتتى.
-تەكشۈرۈش ئۆمىكى كەپتۇ !
ئوقۇتقۇچىلار ھاسىراشقىنىچە خۇددى يەر مىجىلىپ كېتىدىغاندەك ئاستا، ئەمما ئىلدام قەدەملەر بىلەن  دەسسەپ ئىشخانىلىرىغا كىرىشىپ  ماتىريالغا قاراپ ئولتۇرۇشتى. قادىر تېخىمۇ تىت – تىت بولۇشقا باشلىدى. تەكشۈرۈش ئۆمىكى سىنىپ ئىشخانا، مەيدانلارغا بېرىپ تەكشۈرگەن بولدى. ئۇلارنىڭ كۈلۈمسىرەپ باش لىڭشىتىشى مەكتەپ مۇدىرى، ئىلمىي مۇدىر  ۋە  مالىيە مۇدىرىنى ئىچ – ئىچىدىن خۇشال قىلىۋەتتى. ئاندىن ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ  يىغىن زالىغا يىغىلىشى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. خەتلىك مەدەنىيەتلىك سۆز قايسى؟ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يەتتىنى قىلماسلىق قايسى ؟ تۆتتە گۈزەل بولۇش قايسى ؟ دېگەندەك سۇئاللار سورالدى . ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زور كۆپچىلىكى سۇئاللارغا ياخشى جاۋاپ بەردى . سۇئال- جاۋاپ ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھەممەيلەن ئۇھ دېيىشتى. ئەمدى نۆۋەت مەدەنىيەت ئۆيىنى تەكشۈرۈش ئىشىغا  كەلگەن ئىدى.
-قادىر  مەدەنىيەت ئۆيىى ئېچىپ بىر- بىرلەپ كۆرسىتىڭ، - دېدى مەكتەپ مۇدىرى. ھەممە نەرسە شۇقەدەر پاكىز، رەتلىك ئىدى . مەكتەپنىڭ ئون يىلدىن بۇيانقى ئومۇمىي ئەھۋالىدىكى ئۆزگىرىشلەر سېخىمىلاشتۇرۇلۇپ ، ھۆسىخەت بىلەن يېزىلغان ھەم جاھازىغا ئېلىنغان ئىدى. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇراقلىشىش نىسبىتىنى كۆزنەك جەدىۋەل تەرىقىسىدە سىخىما بىلەن سىزىپ رامكىغا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. قادىرنىڭ ۋۇجۇدى تىنىمسىز تىتىرەيتتى . شۇتاپ باش جۈجاڭ گويا قادىرنىڭ دۆپۈلدىگەن يۈرۈكىنى چۈشەنگەندەك رويالنىڭ ئالدىغا باردى-دە، بىر ھازا قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ئىككى قولىنىڭ ئون بارمىقى بىلەن ئۇرۇپ باقتى . ئۇنىڭ بارماق بېسىشلىرى ۋە ئىگىلىپ تۇرۇشلىرى رويال چالىدىغان ئادەمگە شۇقەدەر ئوخشايتتى . قادىرنىڭ يۈرىكى قاتتىق سوقۇپ كەتتى .
چېلىنمايدىغۇ ؟ نېمە بولدى ؟ - دېدى جۈجاڭ ئاۋۋال قادىرغا ، ئاندىن مەكتەپ مۇدىرىغا سىنچى كۆزلىرى بىلەن تىكىلىپ ، – توك سىمىدا مەسىلە يوقتۇ ؟
-ياق ....... بۇ ........
-ئۆتكەندە بىر بەلەن ئاۋاز چىقىۋاتاتتىغۇ قادىر،  نېمە بولدى ؟ - ئەندىكىپ سورىدى مەكتەپ مۇدىرى .
-بۇ… بىر يېرى بۇزۇلۇپ قالغان ئوخشايدۇ .
-بۇزۇلغان ئوخشايدۇ ؟ توۋا شۇمۇ گەپمۇ ؟ -مەكتەپ مۇدىرىنىڭ چىرايى تاتىرىپ، قوۋۇز گۆشلىرى تارتىشىپ، كۆز قاراقلىرى ئىچكىرلەپ ئېغىر – ئېغىر تىنىشقا باشلىدى ،- بۇنى دەرھال ئوڭلاڭلا، قانداق سايمىنى بولمىسا ، بۈگۈندىن باشلاپ جايىغا چۈشۈرۈڭلار. يەنە ئىككى كۈندىن كېيىن ۋىلايەتنىڭ تەكشۈرۈش ئەزالىرى يېتىپ كەلگۈچە چوقۇم  ئوڭلاپ قويۇڭلار، - دېدى جۈجاڭ سوغۇق تەلەپپۇزدا ۋە قولىنى كەينىگە تۇتۇپ بايامدىن بېرىقى سالايىتىگە ماس كەلمىگەن ھالدا، مەدەنىيەت ئۆيىدىن چىقىپ كەتتى.
مەكتەپ مۇدىرى جۈجاڭنىڭ ئارقىسىدىن گويا پۈتۈن ئىچ باغرىنى جۈجاڭ ئېلىپ چىقىپ كېتىۋاتقاندەك ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى. ئۇ قادىرنى قانچىلىك  ئەيىپلىسە ھەقلىق دەپ قارايتتى . ئۇنى ئېغىزىغا ئېلىپ چاينىۋەتكۈسى كېلەتتى. لېكىن مائارىپ ئىدارە باشلىقلىرى ئالدىدا ئۆزىنى تۇتىۋالماقچى بولدى . ئەمما غەزەپتىن چاچراپ چىقىپ كەتمەكچى بولغاندا پولتىيىپ تۇرغان كۆزلىرى ئۆڭۈپ نەپرەت ۋە ئەلەم تاشقىنلاپ تۇرغان ئىچكى دۇنياسىنى مانا مەن دەپ ئاشكارىلاپ تۇراتتى. دەل شۇ چاغدا سىرتقا چىقىپ بولغان جۇجاڭ دەرھال كەينىگە يېنىپ كىردى. ئۇ كىرىۋېتىپ قانداقتۇر  زەللىلىنى توي ئىگىلىرىنىڭ كەينىدىن كۆتۈرۈپ ماڭغان توي يۆتكۈگۈچى خوتۇنلاردەك بىر-بىرىنىڭ كۆزلىرىگە مەنىلىك قارىشىپ ۋە يەنە ئالدىغا ئېگىلىشكەن ھالدا لوڭۇلداپ چىقىشىۋاتقان ئەگەشكۈچىلىرىگە يولۇقتى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن جىددىي ھالدا بۆسۈپ ئۆتۈپ ، رويالنىڭ يېنىدا قېتىپ قالغاندەك شۈمشىيىپ قاراپ تۇرغان قادىرنىڭ يېنىغا باردى .
-ئىسمىڭلار نېمىدى سىلىنىڭ ؟ - سورىدى قوپالغىنە .
-قادىر ...... قادىر ھېلىم .
-ھىم ..
-قانداق دەرىسنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بۇ ؟ خىزمەت ئەھۋالى قانداقراق ؟ - جۈجاڭ گويا قادىرنى تەكشۈرىۋاتقاندەك قىلاتتى،-نېمىشقا بۇ ئوقۇتقۇچىنى مەدەنىيەت ئۆيىگە قويغانتىڭلار ؟ ئادەم يوقتەك .
-فىزىكا دەرس بېرىدۇ . ئەمدى .......
-نېمە ئەمدى ؟ بۇ مەكتەپنى زە ....... -ئۇ بايام قانداق تېز دوڭۇلداپ چىقىپ كەتكەن بولسا، يەنە شۇھالدا قولىنى كەينىگە تۇتقىنىچە چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭغا ئەگەشكۈچى قوشۇندىكىلەر بىر – بىرىگە قارىشىپ قالدى .

 


 


ئاھۇ كۆز باشقا تېمىلار
ئاھۇ كۆز (1)ئاھۇ كۆز (2)ئاھۇ كۆز (3)ئاھۇ كۆز (4)ئاھۇ كۆز (5)
ئاھۇ كۆز (6)ئاھۇ كۆز (7)ئاھۇ كۆز (8)