باش بەت / ساقلايمەن

ئاھۇ كۆز (6)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2012-4-2 04:55 | ئاپتور: ئادالەت ئابدۇرېھىم | مەنبە: خۇشدىل مۇنبىرى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم
....
ئەنە شۇنداق خىياللار بىلەن تانسا ئويناۋاتقان يېزا باشلىقى مۇزىكا توختىشى بىلەن ئېسىگە كەلدى ‹‹ ھۇي، ئەجەپ ئىش، مەن نېمىشقا كۆڭۈللۈك پەيتنى مەنىسىز خىياللار بىلەن ئۆتكۈزۈۋەتكەندىمەن- ھە ؟» دېدى ئۆز- ئۆزىگە.  يەنە مۇزىكا باشلاندى . يېزا باشلىقى ئورنىدىن قوزغۇلۇپ شاھىدەنىڭ يېنىغا كېلىپ ئوڭ قولى بىلەن ئىشارەت قىلغاندا ، شاھىدە قادىرنى ئىما قىلىپ يېزا باشلىقىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلدى. قادىر بىلەن يېزا باشلىقى تەڭلا شاھىدەگە قاراپ تۇراتتى، ئەمما سالاچىلار شاھىدەگە قائىدە- يوسۇن توغرىسىدا بىرمۇنچە نەسىھەت قىلدى. ئۇلارنىڭچە بولسا شاھىدە يېزا باشلىقى بىلەن ئوينىسىلا قائىدىلىك بولاتتى. ئەمما شاھىدە ئۆزىنىڭ ھايات پىرىنسىپىنى ئوتتۇرغا قويدى.
-ھەر ئىشنىڭ ئۆز يولى بارغۇ؟ مەن سورۇن باشلانغاندىن بېرى سىلە بىلەن ئويناۋاتىمەن ، قائىدە بويىچە ئەمدى ھەر ئىككەيلەن باشقىلار بىلەن ئوينايلى.  
-ھەي، يېزا باشلىقىنىڭ ئالدىدا قائىدە -يوسۇن سۇرۈشتۈرۈپ كېتىشمۇ ئىشمۇ؟ ئوينىسىڭىز قانداق ؟ ئادەم دېگەن ئىززىتىنى بىلىش كېرەكدە!
-سەنمۇ تازىمۇ بىر ئاداشكەنسەن ھەي ! ئادەمگەرچىلىك دېگەننى بىلەمسەن- يوق ؟يېزا باشلىقىنىڭ ئالدىغا ئەلەڭلەپ كېلىۋالغىنىڭ نېمىسى؟ - دەپ بىرەيلەن قادىرغا گەدىنىنى قوپۇردى .
-توۋا، ماۋۇ ئەپەندىنى!  ياخشىراق كۈن ئېلىشىنىڭ كويىغا چۈشسەك بولمامدۇ ؟ ھالىڭغا باقماي تانسا ئوينايمەن دېگۈچە ؟ بىرەر قېتىم تانسا ئوينىغانغا نېمە بوپتۇ…
يېزا باشلىقىنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ بىر يۇمۇلۇپ ، بىر ئېچىلىپ تۇرغان ئېغىزلىرىدىن كىشىنى ئەيمەندۈرىدىغان چاقچاقلار، ئېغىزغا ئېلىشقا ئۇيىلىدىغان سۆزلەر كەلكۈندەك يامراشقا باشلىدى . لېكىن شاھىدە ئۈن- تىنىسىز ھالدا قادىرغا ئەگىشىپ، تانسىغا چۈشۈپ كەتتى. شاھىدە دادىل ۋە  ئادەمگەرچىلىكنى بىلىدىغان  قىز ئىدى . يېزا باشلىقى رەڭگى ئۆڭگەن ھالدا جايىغا قايتىپ كېلىپ، تاماكا تۇتاشتۇردى . ئۇ جىددىيلەشكەن ئىدى. كۆرەڭلىك، مەنسىتمەسلىك چىقىپ تۇرغان ئەلپازى بىلەن تانسا ئويناۋاتقانلارغا قاراپ قويدى- دە ، ئۆزىگە خۇشامەتگۇيلۇق بىلەن سۇنۇلغان رومكىنى ئىچىۋەتتى. ئۇ ئەمدى شىئېر ئوقۇشقا باشلىدى. ئۇ پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ زېھنى- قۇۋىتىنى يىغىپ ، قايسىدۇر بىر شائىرنىڭ ئۆزى ئازدۇر- كۆپتۇر يادقا ئېلىۋالغان شېئىرىنى  ئوقۇيتتى. بۇنىڭغا نىسبەتەن ئەتراپتىكىلەر ئالقىش ياڭراتتى . بىراق ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى تۈگۈن ۋە غەشلىك بارغانسېرى ئۇلغىيىشقا باشلىدى.  ئۇ ھەر قېتىم قەدەھ كۆتۈرگەندە ، قەدەھ سۆزىنى سۆزلەيتتى. قەدەھ سۆزى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، ئەلىشىر نەۋائى قاتارلىق بۇزۇرىكۋارلارنىڭ شېئىرلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈش ، قايتىدىن شەرھىيلەش بىلەن بولاتتى . قارىماققا سورۇننى ناھايىتى قىزغىن دېيىشكە بولاتتى. بىراق ھەممەيلەن بۇخىل قىزغىنلىقنىڭ ئاستىدىكى دىلخەستىلىكنى چۈشۈنۈپ تۇراتتى ...
ئەتىسى ھەممەيلەن شاھىدەنىڭ دادىللىقىغا ئاپىرىن ئېيتىشتى. يەنە بەزىلەر شاھىدە نېمە دەيدۇ دەپ ئاغزىنى تاتىلىغانمۇ بولدى . شاھىدە تۈز بىپەرۋا ھالەتتە ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئېيتىۋېرەتتى.   
ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي يەنە بىر قېتىملىق سەنئەت كېچىلىكى ئېلىپ بېرىلدى.  بىزنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار شاھىدەنى ناخشا ئوقۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى . شاھىدە ھەقىقەتەنمۇ ناخشىنى ياخشى كۆرىدۇ. ناخشا گويا ئۇنىڭ تومۇر - تومۇرلىرىغا جان ئاتاقىلغۇچى كۈچ. ئۇ ناخشا ئېيىتسا، سورۇندا  ئاجايىپ بىر جانلىنىش پەيدا بولۇپ كۆپچىلىك   تىمتاس ھالدا بېرىلىپ ناخشا ئاڭلايدۇ، كىشىلەرنىڭ ۋۇجۇد دېڭىزلىرى قىقاس - چۇقانغا تولىدۇ .بەزىدە  كۆزلىرىدىن مۇنچاقتەك ياشلار سىرغىپ چىقىدۇ، ئارقا - ئارقىدىن بەش-ئالتە ناخشا ئوقۇغان شاھىدە گۈلدىراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ئورنىغا كېلىپ ئولتۇرىشىغا ئۇنىڭ قىزىققچىلىرى ، تاماششىبىنلار ئۇنى ئورىۋېلىشتى.
-ئىسمىڭىز نېمە ؟ قانداق بولۇپ ، بۇ ئاقشور يېزىسىغا  كېلىپ قالدىڭىز؟ – دەپ سورىدى جۈرئەت ئىسىملىك بىرى. يېزا باشلىقىمۇ شاھىدەنىڭ ئالدىغا باردى – دە ، مەغرۇرلۇق بىلەن قولىنى سۇنۇپ :
-سىزنى تەبرىكلەيمەن ، سىزنى تەبرىكلەيمەن شاھىدە خانىم! -دېدى ۋە  ئارقا-ئارقىدىن شاھىدەنى ماختاش سۆزلىرىنى ياغدۇرىۋەتتى – سىز زامانىمىزدىكى ئەڭ داڭلىق ناخشا چولپىنى بولۇشقا مۇناسىپ . توغرا، دىلبەر يۇنۇسمۇ ھەرقانچە بولسا سىزچىلىكتۇ ؟ دىلنار ئابدۇللا ، ئىززەت ئىلياس مەملىكەتنىڭ بىرىنجى دەرىجىلىك ناخشىچىلىرى دەيدۇ . بىرىنجى دەرىجىلىك بولسىمۇ بولغاندۇ ، لېكىن مېنىڭچە سىز ھەممىدىن قالتىس ناخشىچى ... تېخى ئۇلار سىزچىلىك ئوقۇيالامدىغاندۇ ؟ سىز قانداق بولۇپ مۇشۇنداق بۇلۇڭ - پۇچقاقلارغا كېلىپ قالدىڭىزكىن ؟ سىزگە مەركەزنىڭ ، ئاپتونوم رايونىنىڭ سەھنىللىرىلا لايىق ئىدى . بىزنىڭ بۇ توپا باسقان سەھراغا سىز قەتئىي ياراشمايدىكەنسىز.- قارىغاندا ئۇ بىرئااز تەڭشىلىپ قالغاندەك كۆرىنەتتى.   
-ئارتۇقچە ماختىۋەتتىلە شاڭجاڭ ، مەن مۇشۇ يېزىغا ئەڭ لايىق! - دېدى شاھىدە تېخىمۇ قىزىرىپ - ئۇلار دېگەن مەخسۇس سەنئەت كەسپىدە ئوقۇغان ، مەخسۇس تەربىيىلەنگەن . مەن پەقەت قوشۇمچە ۋاقىتتا قىزىققان شۇ ...
-ياق ، ياق ، ھەرگىز ئارتۇق بولمايدۇ . سىزمۇ كىنو ، دىيەنشى دېگەنلەرگە چىقسىڭىز ئەڭ يارىشىدۇ .- دېدى جۈرئەت .
-راست، سىز نېمىشقا تېلىۋىزورلارغا چىقمايسىز ؟ خەپ مەن سىزنى تېلىۋىزورلارغا چىقارمىسام… ھا ھا ھا . بۇ چاقچاققۇ… ھا ھا ھا، لېكىن سەۋىر قىلساڭ، غورىدىن ھالۋا پىشار دېگەن گەپ بار -دە . ھا ھا ھا…
شاھىدە ئۈن - تىنسىز كۈلۈپ قويدى . شۇ ئارىدا  قادىر بىر ئىستاكان قايناق سۇ ئېلىپ كەلدى . شاھىدە خۇشال بولۇپ :
-رەھمەت ، رەھمەت مېنىڭ ئەڭ ئېھتىياجلىق نەرسەمنى تېپىپ كەپسىز -دېدى.
-ۋۇي ، مەن سىزنى تېلىۋىزورغا چىقىراي دېسەم، بىر ئېغىزمۇ رەھمەت دەيدىغان گەپ يوق . بۇ ئەپەندى بىر ئىستاكان قايناق سۇ بەرسە «رەھمەت،  ھەشقاللا ... دەپ كەتتىڭىزغۇ ؟ ھا ھا ھا ... ياشلىق- دە! ياشلىق ، ياشلىق – ساراڭلىق . توۋا ..... توۋا. شاھىدە قىز، ئەگەر مەخسۇس سەنئەت كۇرسىىدا ئوقۇش نىيىتىڭىز بولسا ئوقۇسىڭىز بولمامدۇ ؟ ئىمكانىيەت بولسلا ئوقۇڭ، بۇنىڭغا مەن ياردەم قىلىمەن - دېدى جۈرئەت، -ئەمما بىزگىمۇ ئانچە- مۇنچە رەھمەت ئېيتىدىغان پۇرسەت چىقىرىپ بېرىڭ. ھا ھا ھا..
-چۈنكى مەن ھازىر شۇ قايناق سۇغا ئەڭ ئېھتىياجلىق،  ئوقۇش توغۇرلۇق بولسا ئويلاپ باقماپتىمەن. مېنىڭچە ئۇنداق پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئوقۇيدىغان دەۋرىم ئۆتۈپ كەتتى.-دېدى شاھىدە شوخلۇق بىلەن كۈلۈپ .
-سىز يەنە نېمىگە ئېھتىياجلىق ؟ بىزمۇ بىلىپ باقايلى... – دېدى جۈرئەت ھىجىيىپ.

- ئەقلىڭىز بولسا ئۆزىڭىز تاپىسىز ، قادىرمۇ مەندىن «سىز نېمىگە ئېھتىياجلىق ؟» دەپ سوراپ باققىنى يوق. بەلكى ئۆزى مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىنى تاپالايدۇ، مېنىڭ ھېسىياتىمنى چۈشىنىدۇ .
-ھە ، مەن بىلىمەن – دېدى يېزا باشلىقى تەككەببۇرانە قىياپەتتە، – سىز ئەڭ ئېھتىياجلىق نەرسە قايناق سۇدىنمۇ بەكرەك ئۆز قىممىتىڭىزنى نامايان قىلىش . سىز نۇر چاقناپ تۇرغان بىر قىممەتلىك گۆھەر ، بۇ يەردىكى ھېچكىم ھەتتا قادىرمۇ سىزدىكى چاقناۋاتقان نۇرنى كۆرەلىگىنى يوق ، مانا مەن كۆردۈم . ھا ھا ھا… مانا ، مەن بۇ نۇرنى پۈتۈن شىنجاڭغا ، پۈتۈن جۇڭگۇغا ، پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە تونىتالايمەن! ھا ھا ھا...  شۇنداقمۇ قادىر ؟ ھا ھا ھا... -يېزا باشلىقى مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن قادىرنىڭ دولىسىغا شاپىلاقلاپ قويدى . قادىر تامدەك تاتاردى ، ئەمما ئۈن چىقمىدى.

 

ئاھۇ كۆز باشقا تېمىلار
ئاھۇ كۆز (1)ئاھۇ كۆز (2)ئاھۇ كۆز (3)ئاھۇ كۆز (4)ئاھۇ كۆز (5)
ئاھۇ كۆز (6)ئاھۇ كۆز (7)ئاھۇ كۆز (8)