باش بەت / ساقلايمەن

ئاھۇ كۆز (7)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2012-4-2 04:56 | ئاپتور: ئادالەت ئابدۇرېھىم | مەنبە: خۇشدىل مۇنبىرى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

-مەن سىزنى - دەپ يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى يېزاباشلىقى قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ ، -تېلىۋىزورغا چىقىرىمەن، ياق ئۆز ئىقتىدارىڭىز بىلەن چىقىسىز، مەن پەقەت قوللاپ قويىمەن شۇ. سىز توغۇرلۇق فىلىم ئىشلىنىدۇ. سىزنىڭ ناخشىلىرىڭىزنى  VCD قىلىپ ئىشلەيمىز. ئەگەر خالىسىڭىز، سەنئەت ئىنىستىتۇتلىرىدا ئوقۇىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئۇ چاغدا سىز ھەقىقى بىر چولپان بولىسىز ، ھا ھا ھا ... قانداق دېدىم ؟ قوشىلىدىغانسىز ؟
- بۇنىڭغا ناھايىتى كۆپ چىقىم كېتىدۇ .– دېدى شاھىدە بايامنىڭ ياقىدىكى ئۆز جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ .
-چىقىم ؟  ھا ھا ھا ... چىقىم دەپ قاپسىز ، چىقىمنى يېزىلىق ھۆكۈمەت كۆتۈرىدۇ . يېزىلىق ھۆكۈمەت بىر ئىقتىساس ئىگىسى ئۈچۈن چىقىم تارتسا بولىدۇ ، قانچىلىك چىقىم كەتسە كەتسۇن مەيلى !
-سىز چىقىم دەپ قالدىڭىزمۇ ؟ - دەپ ھىجايدى بايامدىن بېرى بىر چەتتە ئولتۇرغان جۈرئەت، - سىز بىر كادىر ، سىز ئىشلەۋاتقان ئورۇن سىزنىڭ قابىلىيىتىڭىزنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن چىقىم قىلىشقا ئەرزىيدىغانلىقىنى بىلىدۇ. قابىلىيەت ، تالانتنىڭ ئالدىدا پۇل دېگەن نېمە ؟ بولمىسا ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇپ مەخسۇس تەربىيلىسىمۇ ئارتۇق قىلغان بولمايدۇ.
-ياق، بارلىق چىقىمنى يېزىمىز ئۆزى كۆتۈرىدۇ. بىز مائارىپ ئىدارىسىدىكىلەرنى،  سىلىنىڭ داداڭلارنى خىجىللىقتا قويمايمىز جۇما. ئۆز چولپانلىرىمىزنى ئۆزىمىز كۆتۈرگۈچىلىكىمىز بار بىزنىڭ . ھا ھا ھا... شۇنداقمۇ كۆپچىلىك ؟ ھا ھا ھا .....
يېزا باشلىقىنىڭ مەنسىتمەسلىك بىلەن قىلغان سۆزلىرى جۈرئەتنى بۇرنى- قۇلاقلىرىغىچە قىزارتىۋەتتى. قادىر بولسا بىر چەتتە جىمجىت قاراپ تۇراتتى . ئۇ بىر تەرەپتىن شاھىدەنىڭ تالانتىدىن پەخىرلەنسە ، بىر تەرەپتىن شاھىدە ئۈچۈن قانات سۆرەۋاتقان مۇنۇ كىشىلەردىن نەپرەتلىنەتتى. ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئەتراپتىكى سالاچىلارنىڭ « شۇنداق ، شۇنداق بولمامدىغان !»  دەپ بىلجىرلاشلىرى ، كۈلۈشلىرى ، خۇشامەت سۆزلىرىنىڭ ھېچقايسىسى كىرمەيتتى. ئۇ ئالقىنىدىكى بەخت قۇشىنىڭ ئۇچۇپ كېتىشىدىن، ئۆزىنىڭ پەرۋاز قىلغان قاناتلارغا قاراپ ھاڭ بېقىپ قېلىشىدىن ياكى ئالقىنىدىكى بۇ گۆھەرنى بۇلاڭچىلارنىڭ بۇلاپ كېتىپ ئۆزى ئاجىز ئەرزىمەس ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشىدىن تولىمۇ ئەنسىرەيتتى .
-قادىر نېمە بولدىڭىز ؟ تۇرۇڭ مۇزىكا باشلىناي دېدى. – دېدى شاھىدە خىيالغا پاتقان قادىرنى نوقۇپ . ئۇلار ئورنىدىن تۇرۇشقاندىن كېيىنلا ئاندىن مۇزىكا چېلىندى . يېزا باشلىقى، جۈرئەت ۋە ئۇلارغا يانداشقان بەزى ئەرلەر شاھىدەنىڭ ئاللىبۇرۇن قادىر بىلەن مەيداننىڭ قاپ ئوتتۇرسىغا بېرىپ بولغانلىقىنى كۆرۈشتى .
-مەن بەك ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدىم .
-نېمىدىن ؟
-ئىككىمىزنىڭ قوشۇلالماسلىقىمىزدىن. ھەر ئىككىمىزنىڭ بەختسىز بولۇپ قېلىشىمىزدىن .
-سىزنىڭ ئىرادىڭىز مۇستەھكەمدۇ؟ - تاتلىققىنە كۈلدى قىز .
-بۇنىمۇ سورامسىز ؟ بىلىپ تۇرۇپ .
-ئەمسە نېمىدىن ئەنسىرەيسىز ؟
-سىزنى باشقا بىرسىنىڭ ئىگەللىۋېلىشىدىن .
-سىز مېنى ئادەم قاتارىدا كۆرىدىغانسىز ؟ ئەگەر مېنى مۈلۈك دەپ قارىماي ھېسىياتى بار ئادەم دەپ قارىسىڭىز، ھەرگىز بۇنداق قاراشتا بولماڭ . مەن پۇل - مالغا ئۆزۈمنى بۇزىدىغانلاردىن ئەمەس، تېخىچە بۇنى بىلمەمسىز ؟
-بۇ تەرەپنى ئەلۋەتتە چۈشىنىمەن . سىز ھەرگىز پۇل ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى قۇربان قىلمايسىز .
-ئەمىسە نېمىشقا ئەنسىرەيسىز ؟
-پۇلى بارلارنىڭ چاڭگال سېلىشىدىن قورقىمەن، سىزنى ئۆزلىرىنىڭ  قارا چاڭگىلىغا ئېلىۋالارمىكىن دەپ قورقىمەن .
-سىز مېنى تېلىۋىزورغا چىقىش، VCD فىلىمى ئىشلەش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىدۇ  دەپ قالدىڭىزمۇ ؟ ئاڭلاپ قويۇڭ . بۇ پەقەت ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكىلا گېپى . ئەگەر راستىنلا شۇنداق ئىش بولىدۇ دېيىلسىمۇ مەن قوشۇلارمەنمۇ ؟ ماڭا ھەقىقىي ئىنسان كېرەك . پەقەت ھەقىقىي ئىنسان سۈپىتىدە ياشىيالىسام ، ئادەملىك ئورنۇمدىن مەھرۇم قالمىسام، تۇرمۇشۇم غۇربەتچىلىكتە ئۆتسىمۇ مەيلى. مەن ھەشەمەتچىلىكتىن ئاللىبۇرۇن بىزار بولغان ، بىلەمسىز ؟ سىزگە مەن بۇرۇن  ئېيتىپ بەرگەن، ھەشەمەت قوغلۇشۇپ قالغان ئەھۋالىمنى سۆزلەپ بەرگەن. - قىزنىڭ يىغلامسىراپ ئۈمچىيىشلىرى يىگىتنىڭ نازۇك قەلبىنى يەنە تىتىرەتتى .
-شاھىدە مەن سىزنى چۈشىنىمەن . مەن سىزنىڭ VCD پىلاستىنكىلىرىڭىزنى كۆرۈشكە ھەقىقەتەن تەشنا . ئەمما يېزا باشلىقىنىڭ بۇجەھەتتە سوققان پىلانى بارمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن .
-يېزاباشلىقى، يېزاباشلىقى دەپ كەتتىڭىزغۇ ؟ مېنىڭ VCD پىلاستىنكىسى چىقىرىش ئويۇم يوق . ئەمما مۇشۇ يېزىدا ياشايمىز- دە .
مۇشۇ يېزىدا ياشىدۇق دەپلا ئۇنىڭ پىلانىغا ماقۇل بولماڭ . ئەگەر بىز توي قىلساق باشقا تەرەپتىن ئىگىلىك تىكلەپ پۇل تېپىپ ئاندىن VCD پىلاستىنكىسى چىقارساقمۇ بولىدىغۇ ؟ ئەگەر بۇ يېزا بولمىسا باشقا يېزا بار،  جاھان كەڭرىغۇ ؟
-توۋا مەنمۇ مۇشۇنداق دەۋاتىمەنغۇ، گەپ قىلىپ بولغىچە ئۇرۇشسام بولامتى – يە ؟ يا بىز تېخى توي قىلغان ئەر -خوتۇنلار بولمىساق ؟ بەك جاھىلكەنسىز .
-ھەئە مەن جاھىل، يېزا باشلىقى ئاكىڭىز VCD پىلاستىنكىسى چىقىرىپ بەرسۇن . VCD پىلاستىنكىسى چىقىرىمەن دەپ سىزنىڭ كەينىڭىزگە كىرىپ يۈرسۇن. مەن لامزەللە بولۇپ سوكۇلداپ يۈرەي، شۇنداق قىلسام رازى بولامسىز ؟ مەن بىر ئوغۇل بالا . مەن ئۆزىنىڭ ئار نومۇسىنى پۇلغا تېگىشىدىغان ئادەملەرگە بەك ئۆچ . بۇنداق چاكىنا ئادەملەردىن بەكمۇ بىزار!  
-مەن ئۇنداق دېمىدىم، VCD پىلاستىنكىسى چىقارمايمەن، VCD پىلاستىنكىسىنى زادى چىقارمايمەن بولدىمۇ ؟ ئەجەپمۇ بىزار بولدۇم ، ئۆچ بولدۇم دېگىنىنى تېخى. تۈز گەپ قىلىۋاتسا چۈشەنمىگەن قانداق گەپ بۇ .
-ئىككىڭلار نەچچە قېتىملىق مۇزىكىنى سەھنىدە ئۆتكۈزدۈڭلارغۇ ؟ يا ئوينىغىنىڭلارنىڭ تايىنى يوق . يا ئوينىمىغىنىڭلارنىڭ . ئۇرىشىۋاتامسىلەر- يە ؟-جۈرئەت شۇنداق دېگىنىچە كېلىپ شاھىدەنى تانسىغا تەكلىپ قىلدى. – كېلىڭ چېچىلماڭ بىللە ئوينايلى ، كېلىڭ .
-مەن ئويناۋاتىمەنغۇ ؟ كۆرمىدىڭىزمۇ ؟ ...
-ۋۇي چىرايىڭىزنى بۇلۇت قاپلاپ كېتىپتىغۇ ؟ بوزەك قىلدىمۇ يا بۇ قادىر دېگەن.
-ياق ، سىز  ئىشىڭىزنى قىلىڭ .
-ئەگەر بوزەك قىلغان بولسا مانا ماڭا دەڭ . سىز دېگەن بۇ يۇرتنىڭ يىگانە گۈلى جۇمۇ .تەڭدىشى يوق ساھىپجامال، تالانتلىق ناخشىچى . قورقماڭ كىم بوزەك قىلىدىكەن ، ھەرگىز قورقماڭ، سىزگە بولىشىدىغان ئادەم بار!- مەيدىسىگە مۇشلىدى جۈرئەت.
شاھىدە ئالىيىپ قويۇپ قادىرغا مەھكەم ئېسىلىپ تانسا ئويناشقا باشلىدى . ئەمما چىرايى تۇتۇلغان ، زەردىسى قاينىغان ئىدى . قادىرنىڭمۇ سەپراسى ئۆرلىگەن ، خىيالى ئاللىقاياقلارغا ئۇچقانىدى . بىر ئاچچىق ، بىر نادامەتلىك قېيداش . مۇھەببەتنىڭ ئاچچىق نالىسى، ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى قىيناپ كاۋاپ قىلاتتى .
-ئاداش ، كىچىككىنە قىز بالىنى بوزەك قىلماڭلار جۇمۇ . سىلە بىلەن تانسا ئوينىغانغا خۇش بولۇپ ئويناڭلار! – دېدى جۈرئەت يەنە گەپ- سۆز قىلماي تانسا ئويناۋاتقان قادىرغا زوتاۋلىق قىلىپ .
شاھىدە « جىم » دېگەن مەنىدە قادىرغا شەرەت قىلدى. ئاچچىقى كەلگەنلىكتىن قادىرنىڭ پۇتلىرى تانسىغا كەلمەيتتى. ئۇنى شاھىدە تۇتۇپ تۇرمىغىنىدا، ھازىرلا جۈرئەتنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ بارىدىغاندەك قىلاتتى. مۇزىكا تۈگىشى بىلەن قادىر شاھىدەنى قويىۋەتتى- دە، ھاراق قۇيىۋاتقان سورۇنغا  باردى .
-قېنى ماڭا بىرنى سۇنمامسىلەر ؟ !   
-ۋوي يېڭىلىققۇ ؟ كەل ئاداش كەل . ئىچىدىغان بولساڭ سەندىن ئايلانسۇن !
-قۇيە!-دېدى قادىر بىرنى كۆتۈرىۋىتىپ .
-مەندەك دوستۇڭغا كەلگەندە ھەجەپ دەپ كەتتىڭا ؟
-مانا مانا ... قادىر ئىچىمەن دېسە .... بۇنەرسە جىق جۇمۇ ! - دېدى بىرچەتتىكى بىرەيلەن رومكىنى تەڭلەپ .
قادىر ئارقا - ئارقىدىن بىر نەچچىنى كۆتۈرۋېلىپ خېلىلا قىززىۋالدى . بۇچاغدا جۈرئەت ئاللىبۇرۇن شاھىدەنى تانسىغا تارتىپ بولغانتى. قادىر شۈمشەيگىنىچە تاماكا چېكىپ ، ھاراق ئىچىپ ئولتۇردى. مۇزىكا ئەمدىلا ئاياغلىشىۋىدى، جۈرئەت يەنە شاھىدەگە  يېپىشتى. ئارقا- ئارقىدىن بىرنەچچە مۇزىكا ئاياقلاشتى، يېزا باشلىقى بىلەن جۈرئەت  شاھىدەنى تالىشىشتىن  قويۇپ بېرىدىغاندەك ئەمەس ئىدى . جۈرئەت  شاھىدەگە نېمىلەرنىدۇ پىچىرلايتتى. قولتۇقىدىن ئالدىغا چىڭ تارتىپ  پىرقىرتاتتى . شاھىدە گۇناھكارلاردەك قادىرغا پات -پات قاراپ قوياتتى. شاھىدەدىن كۆزىنى ئۈزمەي ئولتۇرغان قادىر ھەرقېتىم شاھىدەگە قارىغاندا، باشقا بىرياققا قارىغان بولىۋالاتتى. تاماكىسىدىن ئۆرلىگەن بۇرمىسىمان قارا تۈتەك ئۇنىڭ دەرت -ھەسرىتىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى . بىر ئوغۇل بالا بىر ئەركەك ئۈچۈن ئۆز سۆيگۈنىنى باشقىلار بىلەن تانسا ئوينىغان ھالەتتە كۆرۈش قانچىلىك ئازاپلىنارلىق ئىش- ھە ؟ قادىر ھە دېگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ شاھىدەنى جۈرئەتنىڭ قولىدىن تارتىپ ئالماقچى بولاتتى، لېكىن باشقىلارنىڭ ئەيىپلىشىدىن ،  « تازىمۇ بىر يەڭگىل نىمىكەن ، ئۇ قىز باشقىلا بىلەن تانسا ئوينىسا نىمە بولىدۇ ؟ يا ئېلىپ قويغان خوتۇنمۇ ئۇ ؟ ئېلىپ قويغان خوتۇنى بولسىمۇ تانسا ئوينىسا نېمە بولىدىكىنا ؟ توۋا تازىمۇ قوپال ...  » دېيىشلىرىدىن يەنە جۈرئەتنىڭ سالاچىلىرىنىڭ ئەۋرەزگە ئولاشقان چىۋىندەك ئولىشىپ « ھوي ئادىشوي ... ، ھوي سەھرالىق نېمەڭگە يوغانچىلىق قىلىسەن ... » دەپ تىللاپ ھاقارەتلەپ كېتىشلىرىدىن، بىچارە شاھىدەنىڭ تېخىمۇ تەڭقىسلىقتا قېلىپ يىغلاپ سېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى. راستىنى ئېيتقاندا ، شاھىدە ئۇلارنى ياقتۇرمايدىغىنى راستقۇ. بىراق ئۇمۇ يۈز خاتىرە قىلىپ ئويناپ قالدى-دە ... دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى قادىر . ئەمما جۈرئەت بىلەن تىنماي پىقىراۋاتقان شاھىدەنىڭ ھالدەك كەڭ ئېتەكلىك ئۇزۇن كۆينىكى خۇددى يوغان يەلپۈگۈچتەك ئېچىلىپ ، كەڭ زالنى يەلپۈپ قادىرغا يەنە ۋەھىمە باشلاپ كېلەتتى. قىز ھەر قېتىم بىچارىلىك بىلەن قادىرغا قارىغاندا ، قادىر كۆزىنى ئېلىپ قاچاتتى. ئەمما قىزنىڭ پۈتۈن زالدىكىلەرنى ھەۋەسلەندۈرۈپ يەلپۈنىۋاتقان كەڭ ئېتەكلىك كۆينىكى، ياندا ساڭگىلاپ تۇرغان بەلۋاغلىرى ئىنچىكە بەللىرى، يەنە ئۇنىڭ خيالىنى ئاللىقاياقلارغا جېدەل – ماجرالارغا مۇش كۆتۈرۈشلەرگە ئېلىپ قاچاتتى. شۇدەم قادىر جۈرئەتنىڭمۇ شاھىدەگە قاراپ شۈمشىيىپ ئولتۇرغانلىقىنى ، قىزنى ئاللىبۇرۇن يېزا باشلىقىنىڭ سەھنىگە  تارتىپ بولغانلىقىنى كۆردى . بۇ باياملا خۇددى ئۆزىدىن جۈرئەتنىڭ  شاھىدەنى تارتىپ كەتكەنلىكىنى سەزمەي قالغاندەكلا ئىش ئىدى،  يېزا باشلىقىنىڭ بىر توپ سەركەردىللىرىنىڭ جۈرئەتنى گەپ بىلەن پوملاپ چاقچاققا كەلتۈرۈپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئەنە ئۇ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇردى.  
-جۈرئەت ھارمىدىڭمۇ ؟
-بىرەر پىيالە سوغۇق چاي ئىچىۋالامسەن . قارىغىنە تەرلەپ چىپ - چىپ ئېقىپ كېتىپسەن .
-ھەي جۈرئەتجان . ساڭا ئىچىش نۆۋىتى كېلىپ قالغىلى نەۋاخ . ئوغۇل بالا بولساڭ نۆۋىتىڭنى كۆتۈرىۋېتىپ ئاندىن ئوينا .
-ئىچىشتىن قاچقان ئوغۇل بالىنىڭ ئىشى ئەمەسقۇ ؟ سەنمۇ خېلى لاكاتلىشىپ قاپسەن جۇمۇ .
-نېمە دەيسىلەر؟- دېدى تانسا ئويناۋاتقان جۈرئەت چىچاڭشىپ .- مېنى نېمە كۆرىۋاتىسىلەر ؟ شاھىدە بىلەن ئوينىسام چىدىيالمايۋاتىسىلەرغۇ تايىنلىق .
جۈرئەت شۇنداق دېگىنىچە يۇمىلاق تىزىلغان سورۇنغا يېقىنلاشتى . شاھىدە ئەمدى ئارامچىلىق بولىدىغان بولدى دەپ ئاستىلا ئارامغا چىقىدىغان ئىشىك تۈۋىگە بېرىشىغا ئۇنى بىرەيلەن توستى .
-شاھىدە قىز ، شاڭجاڭ سىزنى ساقلاپ ئولتۇرغىنى نەۋاخ .
-مەنمۇ ھاردىم . ئازراق ئارام ئېلىۋالاي .
-ۋوي ، ئەجەپ شاڭجاڭ كەلگەندە ھارىدىغان بوپكىتىپتىلىغۇ ؟ بۇنى ئىززەت دەپ بىلسىلە جۇمۇ .
-نېمە ؟ نېمە ئىززەت ئۇ ؟
-قارىسىلا شاڭجاڭ پەقەت سىلىنى ساقلاپ بايامدىن بېرى بىر چەتتە ئولتۇردى . شۇڭا ؟
-نېمە ؟ ئۇنىڭ ئۆز  پۇتى، ئۆز ئاغزى يوقمىكەن ؟ سەن ئۇنىڭ ئۈچۈن كەلدىڭمۇ ؟  ھا..ھا.. ھا .. – شاھىدە مەنسىتمەسلىك بىلەن كۈلگىنىچە چىقىپ كەتتى. شاھىدە خېلى ھايال بولۇپ كىردى . ئەمما كىرىپ بولغۇچە جۈرئەت بىلەن يېزا باشلىقىنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قالدى.
-ياق،  نېرىراق تۇرۇڭلار . مېنىڭمۇ ئۆز خائىشىم بار . -ئۇ شۇنداق دېگىنىچە قادىر تەرەپكە سىلجىدى .
-شاھىدە قىز ... قېنى بىر قول ئوينايلى ! – يېزا باشلىقىنىڭ مەغرۇر ھالەتتىكى سىلىق- سىپايە سۆزلىرى شاھىدەنى تەمتىرىتىپ قويدى .
-قېنى كېلىڭا! – يېزاباشلىقى شۇنداق دېگىنىچە شاھىدەنىڭ بېلىدىن تۇتتى . شاھىدە ئامالسىز ھالدا يېزا باشلىقى بىلەن تانسا ئويناشقا كىرىشىپ كەتتى . ئەمما ئۇنىڭ كۆزلىرى قادىردىن ئۈزۈلمەيتتى . قادىرغا بىچارىلەرچە قارايتتى، گويا قادىردىن قۇتقۇزىۋېلىشنى تەلەپ قىلغاندەك قارايتتى، يېزا باشلىقى ئۇنىڭغا توختىماي بىرنېمىلەرنى دەپ كوتۇلدايتتى. شاھىدە پەقەت باش لىڭشىتىش بىلەن كۇپايىلىنەتتى. ئۇ قادىرنىڭ غەزەپ – نەپرەت چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىنى ، ئۆزىنى بېسىۋېلىش ئۈچۈن بىر  نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىرىنى كۆرۈپ تېخىمۇ خىجىل بولاتتى. ئەنە جۈرئەت بىر تەرەپتە ھومىيىپ ئولتۇرىدۇ، شاھىدە ئۈچۈن بۇ نېمىدى ؟ ئۇ بۇنداق دومسىيىش، ھومىيىشلاردىن قانچىنى كۆرگەن ؟ ئۇنداق ئادەملەرنى ئويلاشقا ئەرزىمەيتتى، ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە قادىر نىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ھەممىدىن مۇھىم ئىدى. «بىر ئامال قىلىپ يېزا باشلىقىنىڭ ئالقىنىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ قادىرنىڭ يېنىغا بېرىش كېرەك » شاھىدە شۇنىلا ئويلايتتىيۇ ، پۇرسەت تاپالمايتتى.   
ئۇ كۈنكى تانسا شۇنداق كۆڭۈلسىز ئاخىرلاشتى . ئەمما شۇكۈندىن باشلاپ قادىر بىلەن شاھىدە نېمىنىدۇر تالىشاتتى ، نېمىنىدۇر بەسلىشەتتى، قېيىدىشىپ قالاتتى، بىر نەچچە كۈن ئۆتە ئۆتمەيلا ئەپلىشىپ قالاتتى،  يەنە نېمىگىدۇر قاقاقلاپ كۈلىشەتتى. بۈگۈنى شۇقەدەر خۇشال ھالدا بىللە يۈرسە ئەتىسى يەنە ئاللىنېمىلەر توغۇرلۇق سوقۇشۇپ يۈرەتتى. بۇنى ئاز دەپ جۈرئەت پات- پات شاھىدەنى ئىزدەيدىغان بولىۋالدى . شاھىدە ئۇنىڭغا ئوچۇق چىراي ئاچمىغانسېرى، ئۇ شاھىدەگە ئۆلگىدەك يېپىشىۋاللاتتى . بۇنىڭ بىلەن قادىرنىڭ ئوغىسى تېخىمۇ قاينايتتى . جىلە بولاتتى ، تېرىكەتتى. ئۆزىچە شاھىدەگە گەپ قىلماي ھومىيىپ قالاتتى ۋە يەنە بىر ئازدىن كېيىن ئەپۇ سورايتتى . جۈرئەت بولسا قادىردىن ھېيىقىش تۈگۈل ئۇنىڭ تېخىمۇ چىشىنى قېيىشتۇراتتى. ئۇنىڭ جان جېنىدىن ئۆتۈپ كەتكۈدەك چاقچاقلارنى قىلاتتى .
-قادىر ! قادىر دېگەنلىك ھەممە ئىش قولىدىن كېلىدۇ دېگەنلىكقۇ ؟ سېنىڭ راستىنلا ھەممە ئىش قولۇڭدىن كېلەمدۇ ؟ سەن راستىنلا ھەممىگە قادىرمۇ ؟
بۇ چاقچاق قادىرنى ھەقىقەتەنمۇ جايىدا جىم تۇرغىلى قويمىدى. نومۇستىن ئاچچىق ئۈچىيىگە يىڭنە تۇرۇپ قالغان بايتالدەك سەكرەپ كەتتى .
-نېمە دەيسەن ؟ بىرەر گېپىڭ بار ئوخشىمامدۇ ؟ - دېدى ئۇ زەردە بىلەن. ئۇ  تىنماي ھاسىرايتتى، بويۇن تومۇرلىرى كۆپۈپ چىققان ئىدى، – نېمىنداق گەپ قىلمىسا تولا سەكرەۋېرىسەن ؟
-ھىم ... ساڭىمۇ ؟ سەن سولتەككە نېمە گېپىم بار بولاتتى مېنىڭ؟ چىرايلىقچە ئىسمىڭنى چاقىرىپ قويدۇم شۇ.
قادىرنىڭ تومۇرلىرى كۆپكەن ئىدى، ئۇ  ئاچچىقى بىلەن جۈرئەتكە قاراپ ئېتىلدى . ئەمما جۈرئەت پىسەنتىگىمۇ ئالماي ئولتۇراتتى. بۇنى كۆرۈپ تۇرغانلار قادىرنى دەرھال توسىۋالدى. چۈنكى جۈرئەت ئادەتتىكى ئادەم ئەمەس مۇشۇ يۇرتنى سورايدىغانلاردىن بىرى، ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنىڭ ئوغلى ئىدى.  ئەھۋال بارغانسېرى يامان تەرەپكە قاراپ يۈزلىنىۋاتاتتى. ئەگەر قادىر جۈرئەتنى « تاك » ئېتىپلا چېكىدىغان بولسا، ئۇچاغدا ئۇنىڭ كۆرگىلىكى بار ئىدى. قادىر ھەدەپ يۇلقۇناتتى. ئۇنىڭ ئەسەپلىرى قايناپ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئۆرلەپ تۇرغان ئاچچىغىنى بېسىۋالالماي ، دەرت ھەسرىتىنى ئىچىگە پاتۇرالماي ئېغىر  تۇتىۋالغانلارنىڭ قولىدا ئېغىر ھاسىرايتتى .
-قويۇۋەتمەمسىلەر . نوچا بولسا چىشلەپ باقسۇنا ھۇ ئىت، گەپ قىلمىسا قاۋاۋەرگىنىنى! - دېدى جۈرئەت جايىدا ئولتۇرۇپ پەرۋايىغا ئالمىغاندەك.
-نېمە دەيسەن ھوي لالمىنىڭ كۈچىكى، سەنمۇ نوچا بولساڭ ئورنۇڭدىن تۇرمامسەن؟ - دېدى قادىر يولقۇنۇپ تۇرۇپ .
-كەلسەم قانداق قىلىتىڭ، ھۇ يالاڭتۆش سولتەك! – دەپ دەۋەيلىگىنىچە كەلدى جۈرئەت .
باشقىلار تۇتىۋېلىشقان بولسىمۇ ئىككەيلەن ئاز-تولا  بىر بىرىگە تەگكۈزۈشۈپ ئاندىن ئۆزىگە  ھاي بېرىشتى . جۈرئەتنىڭ ئېڭىكى يېرىلغان پۇتى قايرىلغان ، قادىرنىڭ بولسا كۆزى بۆرتۈپ چىققان ئىدى. بىچارە شاھىدە ئۆزى ئۈچۈن سوقۇشىۋاتقان بۇ سوقۇشقاقلارغا بىر تەرەپتىن يالۋۇراتتى، يەنە بىر تەرەپتىن يىغلايتتى. ئەمما ئۇلار شاھىدەنىڭ بىر ئېغىزمۇ گېپىگە قۇلاق سېلىشمىدى. ئەگەر باشقىلار تاياق يېيىشىگە قارىماي ئاجىرىتىۋالمىغان بولسا ئۇلارنىڭ سوقۇشىشى ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشامدىكىن- تاڭ !
شاھىدە بىر قانچە كۈنگىچە قادىرنى كۈتتى . ئۇ قادىرنى قادىر  كىچىكىدىن كۆرۈپ باقمىغان ، ئەزەلدىن قانماي كەلگەن بىر ئانىنىڭ مېھرى- مۇھەببىتى بىلەن پەپىلەپ باقتى.  يېتىلىگەن مەزگىللەردىكى بىر ئايالنىڭ مۇھەببىتى بىلەن سۆيۈپ قارىدى . ئاش – تاماق ، كىيىم - كېچەك ، تازىلىق... قاتارلىق جەھەتلەرنىڭ ھەممىسىدە خۇددى ئايالى ئېرىنى  پەرۋىش قىلغاندەك پەرۋىش قىلدى. بۇ جەرياندا ئۇ بىر ئەتىۋارلىق ئەركە - نايناق قىز بولۇشتىن تامامەن ئۆزگىرىپ ، ھېچ بىر قېرىندىشى  بولمىغان، ئاتا – ئانسىدىن بالدۇرلا ئايرىلىپ ئۇرۇق-تۇققىانلىرىنىڭ ئاز – تولا پەرۋىشىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن قاۋۇل ھەم پەزىلەتلىك قادىرنى ھەقىقىي يۈرىكى بىلەن داۋالىدى. جۈرئەت بولسا شۇ يوقالغانچە بىر ئاي بولغىچە كۆرۈنمىدى. بۇ قادىر ۋە شاھىدە ئۈچۈن ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى ئەمەس ئىدى.
قادىر بىلەن شاھىدەنىڭ شوخ كۈلكىلىرى قايتىدىن باش كۆتۈردى، گويا ئۇلار گۈلزارلىقتىكى بىر جۈپ كېپىنەكتەك ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتاتتى، ھەممەيلەننىڭ  ھەۋىسىنى كەلتۈرەتتى . ئەمما بۇلارنىڭ شۇ قەدەر ئامراقلىقى بەزى سۆز – چۆچەكلەرنىڭ پەيدا بولىشىغىمۇ سەۋەپ بولغان ئىدى . قادىر بۇلارغا چىداپ بولالمايتتى، يۈرىكىدىن ئۆرتىنەتتى، ئالدىدىكى گۈلىنى باشقىلارغا تارتقىۇزۇپ قويۇپ ۋەيران بولۇپ كېتىشىدىن تولىمۇ ئەنسىرەيتتى.  
-شاھىدە توي قىلايلى . مېنىڭچە ئەگەر سىز قوشۇلسىڭىز تېزرەك توي قىلىۋىتەيلى – دېدى بىر كۈنى ئۇلار سەيلە قىلىۋاتقاندا قادىر جىددىي تەلەپپۇزدا .
-مېنىڭچە يەنە ئازراق پۇل جەمىلىۋالايلى. مېنىڭ ئاتا – ئانام ئوقۇشتىن بۇرۇن چېكىنىپ قايتىپ كەلگەنلىكىم ئۈچۈن بەكمۇ نارازى . تا ھازىرغىچە ئوچۇق چىراي ئاچمايدۇ. بىلەمسىز؟ ئوقۇشتىن نېمە ئۈچۈن چېكىنىپ چىقتىم؟ياق، سىز بىلمەيسىز. راست سىز بۇنى زادى بىلمەيسىز،- شاھىدە ئۆزىنى بېسىۋالالماي يىغلاپ كەتتى- ئەگەر بۇ ئىشلارنى سىزگە دېسەم، سىز چوقۇم توي قىلىشتىن يېنىۋېلىشىڭىز مۇمكىن... ياق، بىز توي قىلالمايمىز. – شاھىدە شۇنداق دېگىنىچە كەينىگە داجىدى .
-شاھىدە ! شاھىدە ! مەن بىلىمەن . مەن ھەممىنى بىلىمەن . بولدى دېمەيلا قويۇڭ .
-نېمە ؟- شاھىدەنىڭ يوغان كۆزلىرى پىيالىدەك ئېچىلدى – سىز نېمىنى بىلىسىز ؟
-مەن ھەممىنى بىلىمەن بۇنى دەپ ئولتۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق .
-بۇ ئەھۋاللارنى مەن ھېچكىمگە دېمىگەن تۇرسام، سىز قانداقسىگە ھەممىنى بىلىسىز ؟
-ھەي كىچىك بالا . ھەممە گەپنى باشقىلاردىن ئاڭلاپ بىلمەيدۇ، كۆزۈتۈپ كۆرۈپمۇ بىلگىلى بولىدۇ .
-قانداق ؟ - شاھىدە ياش يۇقى كۆزلىرىنى ئېيتىپ، يەنە ھەيران بولغان ھالدا سورىدى .
-مەن سىزنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ھەممىنى جەلپ قىلغان ھەتتا ئوقۇتقۇچىلارمۇ كۆز تىككەن ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىڭىزنى بۇرۇنلا، سىز بىلەن ئارلاشمىغان ۋاقىتتىلا  ئاڭلىغان، قالغان گەپلەرنى بىرمۇ- بىر دەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوققۇ . سىزنىڭ بىز ئىككەيلەن تونۇشۇشتىن بۇرۇنقى كەيپىياتىڭىز، مىسكىن روھى دۇنيارىڭىز، مەكتەپتىن ئۆزلىكىڭىزدىن چېكىنگەنلىكىڭىز توغرىسىدىكى مەلۇماتلار… ماڭا ھەممىنى بارلىق ئىشلارنى بىر-بىرلەپ  سۆزلەپ بەرگەن.
شاھىدە تېخىمۇ ھەيران بولغان ۋە ئەنسىىرىگەن ھالدا  قادىرغا قاراپ قېتىپلا  قالدى، بۇ چاغدا قادىر نېمە قىلارىنى بىلمەي تىپىرلاپ قالغان بۇ گۈزەل يارىغا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى.
-مەن بىلىمەن . بولدى . سىز سۆزلىمىسىڭىزمۇ مەن ھەممىنى بىلىمەن. مەن سىزنىڭ تاشقى گۈزەللىكىڭىزنىلا ئەمەس، تاشقى گۈزەللىكتىنمۇ نەچچە ھەسسە گۈزەل بولغان ئىچكى دۇنيارىڭىزنى ياخشى كۆرىمەن ، بىلەمسىز ؟ سىز شۇنى بىلەمسىز ؟ ئەگەر سىز مېنىڭ ئاشۇ ئىچكى ھېىسياتىمنى بىلىدىغان بولسىڭىز مەن ئۆزۈمنى، ئاھ خۇدا! مەن ئۆزۈمنى ھەقىقەتەن بەختلىك ھېساپلايتتىم،- قادىر ھۆڭرەپ يىغلاپ تاشلىدى .
-بىلىمەن قادىر . بىلىمەن مانا بۈگۈن بىز ئادەتتىكى نۇقتىدىن پىكىر قىلىشتىن ھالقىپ ئۆزىمىزنىڭ ماھىيىتىگە قايتتۇق . مەن بۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى خۇشال . مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن. مېنىڭ تاشقى گۈزەللىكىمگىلا ئاشىق ئەمەسلىكىڭىزنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىمەن. ھەتتا مەن شۇنداق تەسەۋۋۇر قىلدىم. مەن ھاسسىغا چۈشۈپ قالغان، ئاپئاق چاچلىرىم رەتسىزلىكىدىن ئۇچۇپ يۈرگەن، قورۇلغان ئېغىز بۇرنۇمدىن شۆلگەيلەر ئاققان، تارام -تارام قورۇقلار نۇرسىز كۆزلىرىمنى ئوراپ تۇرغان ھالەتتە، سىز بىلەن بىر تېمەن بوۋاي بولۇپ شاھىدە مېنىڭ شاھىدەم ، ئەكىلىڭ قولىڭىزنى دەيسىز، مېنى يېتىلەپ بازار ئايلاندۇرىسىز، ماڭا يېمەكلىك ئېلىپ بېرىسىز.... شۇ چاغدىمۇ مەن  مەمنۇن بولغان ھالدا مەن نېمە دېگەن بەختىيار دەپ ناخشا ئېيتىمەن!-مىشىلداپ يىغلاۋاتقان شاھىدە كۈلۈپ تاشلىدى . قادىرمۇ ئەگىشىپ كۈلدى . ئۇلار ئۇششاق تېرەك كۆچەتلىرى بىلەن كۆتىكىدىن كۆكلەپ چىققان باراقسان تېرەك نوتىللىرى ئارىسىدا قۇچاقلاشتى. ئۇلار ئىچ- ئىچىدىن چىقىۋاتقان بەختىيارلىق بىلەن بىر تەرەپتىن ئېسەدەيتتى، يەنە بىر تەرەپتىن تاتلىققىنە كۈلىشەتتى. شاخ يوپۇرماقلار ئارىسىدا ماراپ تۇرغان تولۇن ئاي ئۇلارنى خىجىل بولمىسۇن دېگەندەك ئاستا ئەگىپ بۇلۇتلار ئارىسىغا مۆكۈندى .

 

ئاھۇ كۆز باشقا تېمىلار
ئاھۇ كۆز (1)ئاھۇ كۆز (2)ئاھۇ كۆز (3)ئاھۇ كۆز (4)ئاھۇ كۆز (5)
ئاھۇ كۆز (6)ئاھۇ كۆز (7)ئاھۇ كۆز (8)