باش بەت / ساقلايمەن

ئاھۇ كۆز (4)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2012-4-2 04:53 | ئاپتور: ئادالەت ئابدۇرېھىم | مەنبە: خۇشدىل مۇنبىرى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

نەچچە ۋاقىتىن بۇيان ئۆزۈم كۆپ قېتىم ئىلتماس قىلغان ئاقشور تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپىگە تەقسىم قىلىنغانلىقىمنى ئۇقۇپ تولىمۇ خۇشاللاندىم. شاھىدە، ئويلاپ باققىنا، سېنىلا دېمەيدىغان بولسام ئادەملىرىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى ئىنتايىن تۆۋەن، يۈزلىرىدىن توپا ئۆرلەپ تۇرىدىغان، بۇيەرگە نېمىشقا كېلىمەن؟ بۇ يەردىكى شاڭجاڭ -شۇجىلارمۇ پۇزۇر ياسىنىۋالغىنىغا قارىماي يۈز-كۆزلىرى توپا،  دېھقانلىرىنىڭ ئۈستى- بېشى تېخىمۇ... دائىملا قارىسا پۇشقاقلىرى تۈرۈلگەن، پاچاقلىرىدىكى مويلار لاي گادالىرىنى ياماشتۇرىۋالغان ھالەتتە، ئاغزىدىن چىقىدىغىنى قوپال، مەدەنىيەتسىز سۆزلەر ئىكەن. زومچەك-زومچەك ئۆيلەر، باغ-ۋارانلىرى بىلەنلا ئۆيدەك كۆرىنىدىكەن…
ئاقشور ئوتتۇرا مەكتەپ ئاقشور يېزىلىق ھۆكىمەتىنىڭ 50 مېتىر نېرىسىغا جايلاشقان ئىدى. زەڭگەر سىرلانغان تۆمۈر رىشاتكىلىق دەرۋازىسىدىن كىرىشىگىلا ئىككى قاسناقتا توپ مەيدانى، مەيداننىڭ چېتى بولسا قومۇش زاغ-زاق ئۈنۈپ كەتكەن بوش يەر ئىدى. ئۇدۇلدا بىر قەۋەتلىك سىنىپ بىناسى، ئىشخانا بىناسى، ئۇنىڭ ئارقىسىدا ئاشخانا، ناۋايخانا، ئوقۇغۇچىلار ياتىقى دىگەندەكلەر ئورۇنلاشقان ئىدى. يېڭىدىن قويۇلغان بىلەكتەك-بىلەكتەك  تېرەك كۆچەتلىرى تۇتايمۇ -تۇتمايمۇ دېگەندەك شۈمشىيىپ  تۇراتتى.
مانا ، مەن بۇ مەكتەپكە  جايلىشىۋالغىلىمۇ بىرنەچچە كۈن بولدى. ئوقۇتقۇچىلار بىلەنمۇ تونۇشتۇم، بىرنەچچە كۈن ئۆتكەن بولسىمۇ سەن ھېچ كۆرۈنمەيتىڭ. سەن بىلەن ئەھۋاللاشقۇم، تۇرمۇشۇڭ، سالامەتلىگىڭ، خىزمەت ئەھۋالىڭ، ئاتا- ئاناڭ ... ھەققىدە كۆپلەپ سورىغىم، يۈرەك سىرلىرىڭنى ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا ئاڭلىغۇم بار ئىدى. سېنىڭ پەرىزاتتەك جامالىڭنى كۆرگۈم، باھار سۇلىرىدەك ئويناق ھېسىياتىڭ بىلەن  ئورتاقلاشقۇم، ياڭراق ناخشىلىرىڭدىن ھوزۇر ئالغۇم بار ئىدى. شۇ خىيال  بىلەن بىر ئايال ئوقۇتقۇچىنىڭ يالغۇز كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئەيمىنىپقىنا ئەھۋالىڭنى سورىدىم.
-ئۇنى دەمسىز؟ ئۇ ھازىر كېسەل، ناھىيلىك دوختۇرخانىدىمىكىن، داۋالىنىۋاتقىلى بىرەر ئاي بولدى.
-نېمە، كېسەل؟ نېمە سەۋەپتىن ئاغرىپ قاپتۇ؟ جىددىيلەشكىنىمدىن چىرايىم باشقىچە بولۇپ كەتكەن بولسا كېرەك، ھېلىقى ئوقۇتقۇچى ماڭا قاراپ ئەتراپنى چاڭ كەلتۈرگىدەك قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە مېنى ئەمدىلا كۆرىۋاتقاندەك بېشىمدىن ئايىغىمغىچە كۆزىتىپ چىقتى-دە، كۈلكىلىرىنى باسالمىغان ھالدا ياندۇرۇپ سورىدى.
ئۇ سىز ئۈچۈن شۇنچىلىك مۇھىم ئوخشىمامدۇ؟ سىزنىڭ  يۇرتىڭىزنى تاشلاپ بۇياققا كېلىشىڭىزدىكى سەۋەپ شۇ ئىكەن-دە؟ ئەستا، بۇ ئىشلارنىڭ قاملاشقىنىنى... -ئايال بىردەم جىم بولدى. ئۇنىڭ بۇ جىملىقى شۇ قەدەر ئۇزۇن ۋە غەيرى تۇيۇلۇپ كەتتىكى، ئۇنىڭ ئەشۇ يۇمىلاق ئاغزىدىن قاچان گەپ چىقار دەپ تەلمۈردۈم.
-گەپ قىلسىڭىزچۇ، نېمە بولدى؟
-سىزمۇ ئۇنىڭغا ئاشىقمۇ؟ راستىنى ئېيتىڭە؟
-ئېيتىڭە، قايسى ئىشنى دەيسىز؟ مېنىڭ كەلگىنىم بولماپتىمۇ؟
-ما بالىنى، بولدى جىددىيلەشمەڭ. ھېچ گەپ يوق، پات ئارىدا ئۇمۇ ساقىيىپ قالىدۇ.
ئۇ گېپىنىڭ ئاخىرىنى يۇتۇۋېتىپ كېتىپ قالدى. باش-ئاخىرىنىڭ تايىنى يوق بۇ گادىرماش سۆھبەت مېنى تېخىمۇ گاڭگىرىتىپ قويدى. نەچچە كۈنگىچە گاراڭ يۈردۈم. ياتاقدىشىم مۇشۇ ناھىيىنىڭ باشقا بىر يېزىسىدىن كەلگەن ئوقۇتقۇچى ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن خېلى چىقىشىپ قالغانتىم، ئۇ مېنىڭ كۈنسېرى روھسىزلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ سورىدى .
-كۆڭلۈڭلاردا بىر گەپ بارلىقىنى بىلىمەن، بۇ ياقا يۇرتتا ئىچ پۇشىقى تارتساڭلا كىمنىڭ كارى؟ ئەڭ ياخشىسى بۇ يەردە ئىشلەيمەن دەپ كەلگەندىن كېيىن، ئەتراپتىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن تونۇشۇپ ، خۇشال-خۇرام ياشىمامسىلەر؟ خۇشاللىققا نېمە يېتىدۇ؟ ھەر ئىش بولسا ئۆزۈڭلارنى ئۇتتۇرۇپ قويماڭلار ... شاھىدە خانىم كەلگەندىن كېيىن تەپسىلىي پاراڭلاشساڭلار بولىدىغۇ؟
- نېمە، سىلە قانداق بىلىسىلە؟
- ۋاي بۇ ئادەم كۇسسىدە ئوساسا ھەممە جايغا پۇر كېتىدىغان مەكتەپ بۇ، جاھاننىڭ بىر چېتىدىن بىكارغا كەلمىگەنلىكىڭلار مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرمامدۇ؟
مەن ئۇزاققىچە ئۈنسىز ئولتۇرۇپ كەتتىم .
-چاي ئىچىڭلا، ئۇسىغانسىلە.-ئۇ بىر ئىستاكان چىرايلىق دەملەنگەن چاينى تەڭلىدى.
-رەھمەت.
-ياشلىق دېگەن بەڭۋاشلىق دېگەن گەپ بارغۇ؟ كۆڭلىدە مۇھەببەت، ھېسسياتنىڭ سۇنىقى يوق ئادەملەرنى ئادەم دېگىلى بولامدۇ؟ ئېيتىپ كەلسەم مېنىڭمۇ دەردىم تولا ، ‹ئىشقى يوق ئېشەك ، دەردى يوق كېسەك › دەپتىكەن قانداق قىلىمىز؟ -ئۇ مەن تەڭلىگەن تاماكىغا ئوت تۇتاشتۇرغاندىن كېيىن بنر ئۇھ تارتىۋېتىپ قوشۇپ قويدى .  
-زادى شاھىدەگە نېمە بولدى؟ بىر ئاڭلىغۇم بار. بىلەمسىلەر، مەن بۇ دەرتنى تارتىۋاتقىلى بىر يىلدىن ئاشتى. ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمىگىلىمۇ بىرەر يىل بولدى. ئىچىم دەرتكە تولۇپ كەتتى. ئاتا-ئانامنى زار قاقشىتىپ بۇ جايغا كەلسەم، ئۇ بولمىسا… -كۆز جىيەكلىرىم قىزىرىپ، نەپسىم بوغۇلۇشقا باشلىدى. ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماي دەپ گېپىمنى توختىتىۋالدىم.
-سىلىگە نېمە  دېسەم بولار؟ ‹گۈلنىڭ تىكىنى بار، چىرايلىقنىڭ دۈشمىنى › دېگەن گەپ بارغۇ؟ مېنىڭچە ئۇ بىر پاك پەرىشتە، ھۆسنى-جامالى ھەقىقەتەن تەڭداشسىز، ئەخلاق پەزىلەتتە كامالىغا يەتكەن ساھىپجامال . قۇرۇق گەپ ، ئېغىزغا ئالغۇچىلىكى يوق پىتنە-پاساتلار ئۇنىڭ روھىغا تەگدى بولغاي... مېنىڭچە سىلە ياخشى تاللاپسىلەر. ئۇنى پەقەت سىلىلا گۈزەل تۇرمۇش قوينىغا قايتۇرۇپ كېلەلەيسىلەر.
-ئۇنىڭغا يەنە كىملەر ئازار بەردى؟
-سىلىگە دېسەم گەپ جىق، ئۇ قىز مۇشۇ مەكتەپكە كەلگەندىمۇ سەل غەلىتىرەك ئىدى. يوقىلاڭ ئىشلارغا يىغلايتتى، كۈنلىرىنى ئوقۇغۇچىلار بىلەنلا ئۆتكۈزۈشكە تىرىشاتتى . بەزى كۈنلىرى روھى چۈشكۈن ھالدا بىر نۇقتىغا قاراپ ئولتۇرۇپ كېتەتتى. بەزى كۈنلىرى ئۆزىنى چىرايلىق ياساپ تېتىكلىشىپ قالاتتى. ئۇ بەكمۇ چىرايلىق بولغاچقا ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلىدىغانلار كۆپ بولدى. تەڭ دېمەتلىكلەر بولسۇن، چوڭلار بولسۇن چاقچاق قىلىپ قوياتتى . ئۇ چاقچاقلارنى چۈشەنمىگەن سېلىپ ئۆتكۈزىۋېتەتتى. ئەمما ھەممە ئادەمگە مۇلايىم مۇئامىلە قىلىشى، ئىللىقلىقى گۈزەل چىرايى ئاخىرى ئۆزىگە دۈشمەن بولدى-ياتاقدىشىم ئېغىر ئۇھسىندى.
-زادى، زادى نېمە ئىشلار بولدى؟ تەپسىلىرەك دېسەڭلارچۇ .
-شۇنداق، ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلار جىق ئىدى. بەزى گەپلەرنى دېسەم كۆڭلۈڭلەرگە ئالمايسىلەر . چۈنكى بۇ ھايات، ھايات شۇنداق مۇرەككەپ.  لېكىن ئۇ ھېچكىمگە پىسەنت قىلماي يۈرۈپ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن قادىرنى تاللىۋالدى.

 


ئاھۇ كۆز باشقا تېمىلار
ئاھۇ كۆز (1)ئاھۇ كۆز (2)ئاھۇ كۆز (3)ئاھۇ كۆز (4)ئاھۇ كۆز (5)
ئاھۇ كۆز (6)ئاھۇ كۆز (7)ئاھۇ كۆز (8)