باش بەت / ساقلايمەن

ئاھۇ كۆز (5)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2012-4-2 04:54 | ئاپتور: ئادالەت ئابدۇرېھىم | مەنبە: خۇشدىل مۇنبىرى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

-قادىر شاھىدەنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياخشى كۆرەتتى. ئىككەيلەن ناھايىتى ئىجىل-ئىناق ئۆتتى، شاھىدەنىڭ  ۋۇجۇدىدىكى نورمالسىزلىقلار يوقىلىپ، باشقىچە خۇشخۇي بولۇپ قالدى. شاھىدە  ئەسلىدە بىر يېتۈك ناخشىچى ئىكەن ، مەكتەپتىكى بىر قېتىملىق گۈزەل سەنئەت پائالىيتىدە ئۇنى مەكتەپ قايتىدىن تونىۋالدى، ئۇ گۈلدىراس ئالقىش- سادالىرىغا كۆمۈلۈپ كەتتى . قايتا- قايتىلاپ قىلىنغان تەلەپلەر ئۇنى سەھنىدىن چۈشۈرمىدى. كېيىن ئۇنىڭ داڭقى پۈتۈن  يېزىدىكىلەرگە پۇر كەتتى . يېزىدىمۇ پات- پات  ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزىلىپ تۇراتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن شاھىدەنى بىر مەزگىل يېزىلىق سەنئەت ئەترىتىگە ئەپچىقىۋېلىشتى. ئۇلار ناھىيەدىمۇ بىرنەچچە رەت ئويۇن قويدى. شۇنىڭ بىلەن شاھىدەنى نامى ، سەنئەت تالانتى ناھىيىگە پۇر كەتتى. ئۇ مەكتىپىمىزدە ، ئاقشور يېزىسىدا ھەتتا پۈتۈن  ناھىيە تەۋەسىدە ئەتىۋارلىق شەخسكە ئايلىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ شوخ،  تېتىك، ھېسسيات ئوقچۇپ تۇرىدىغان ناخشىلىرى كىشىنىڭ ئاڭلىسا ئاڭلىغۇسىنى كەلتۈرەتتى. ئۇنىڭ ئاۋازىدا بىر سېھىرلىك كۈچ بار ئىدى. بىر خىل سىلىق، يۇمشاق ، لەرزان ئاۋاز تېمپىسى ئۇدۇل يۈرەكلەرگە باراتتى.  
نېمىنى ئويلىدىكىن، مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىمىز دېگەن گەپ بىلەن يېزىلىق ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ ‹ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم ئەدەبىيات- سەنئەت پائالىيىتى ئېلىپ بارىمىز› دېگەن گەپنى پەيدا قىلدى. ئۇلارنىڭچە ناخشا ، ئۇسۇل، تانسا ، ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ بىر تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەنىۋى –مەدەنىيەتنى كۈچەيتىدىغان مۇھىم ئامىل ئىكەن. بۇ پائالىيەت ھەر كىشىنىڭ  ئىختىيارلىقىدا ئەمەس ئىدى. يېزا تەۋەسىدىكى بارلىق ئوتتۇرا –باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، بارلىق كادىرلار مەجبۇرى يوسۇندا پائالىيەتكە قاتناشتى. پائالىيەت باشلىنىشتىن بۇرۇن  يېزا بويىچە يوقلىما قىلىنىپ، كەلمىگەن، كېچىككەنلەر تىزىملىناتتى ۋە ئاي ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ  مائاشىغا چېقىلىدىغان تۈزۈم ئورنىتىلدى. شۇنداق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ بىرىدە قادىر بىلەن شاھىدەنىڭ مۇھەببىتىگە كۈيە چۈشتى. شاھىدە بىلەن قادىرنىڭ مۇھەببەت گۈلزارلىقى ۋەيران قىلىۋېتىلدى. - ياتاقدىشىم ئېغىر ئۇھ تارتتى.
-نېمە بولۇپ ، نېمىشقا ؟
-مەن بۇنداق گەپلەرنى تولا دەپ ئۆز پۇتۇمغا ئۆزۈم پالتا چاپىدىغان ئىشنى قىلسام بولمايدۇ ، قالغان گەپنى بارا -بارا بىلىپ قالىسىلەر.
-سىلە دېگەندەك مەن، مەن ئۇنىڭ ساۋاقدىشى ھەم مەن ئۇنىڭ ... - دېيەلىدىم ئارانلا يالغاننى قانداق توقۇشنى بىلمەي.
-سىلە  ئۇنىڭ ياخشى ساۋاقدىشى، ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى بولسىاڭلار ئۇنى قۇتقۇزىۋېلىڭلار. ئۇنى بۇ جايدىن ئېلىپ كېتىڭلار. بولسا مائارىپتىن باشقا ساھەگە يۆتكەشنىڭ ئامالىنى قىلىڭلار .
-ئەگەر ماڭا ئىشىنىدىغان بولسىاڭلا، ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە تەپسىلىرەك سۆزلەپ بەرگەن بولساڭلار، ئۆتۈنۈپ قالاي .... – مەن يالۋۇرغان ھالەتتە  تەلمۈردۈم - بولىدۇ، مەن سىلىگە ۋەدە بېرەي. مەن ھېچقانداق ئىنسانغا تىنمايمەن . راستىنللا سىلىنىڭ دېگەنلىرىنى باشقىلارغا دەپ سالىدىغان بولسام، ئادەم بالىسى بولماي كېتەي. ئۇ بىر پەس سۈكۈتتە تۇرغاندىن كېيىن، ئېغىر بىر تىنىۋېلىپ شاھىدە توغرىسىدىكى ئۇزۇن ھېكايىسىنى باشلىدى .
-شۇنداق ، يېزىمىزدا سەنئەت كېچىلىكى بولۇپ تۇردى .
تانسا ئوينىيالمايدىغانلارمۇ  ئوتتۇرىغا چۈشىۋېلىپ كىملەر بىلەندۇر قولتۇقلىشىپ تانسا ئۆگۈنىدىغان، ئۇسۇل ئوينىيالمايدىغانلارمۇ ئوتتۇرىدا خالىغانچە سەكرىشىپ بىر قىلىقلارنى قىلىدىغان بولدى. ئەلۋەتتە نۇرغۇن كۆز – قاراقلارنى ئالا - چەكمەن قىلىپ ئۇسۇل ۋە ناخشىلار بىلەن يۈرەكنى تىترىتىدىغان چولپانلارمۇ بار ئىدى . شاھىدەدەك قىزلار بۇنداق سورۇنلارنىڭ ئەڭ ئېسىل مېھمىنى، گۈلدىراس ئالقىش سادالارنىڭ ھەقداسى بولۇش بىلەن سەنئەت ساھەسىنىڭ گۈل تاجىسى بولۇپ تۇراتتى. مۇشۇ كىچىككىنە يېزىدىكى ئاشۇ مەدەنىيەتنى كۈچلەندۈرۈش، بېيىتىش سورۇنىدا شاھىدەدەك قىزلار ھەممەيلەننىڭ ئالدىدا گويا قاداق باسقان بارماقلارغا سېلىنغان جاۋاھىرات  ئۈزۈكلەردەك يالتىراپ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتاتتى. بۇنداق سورۇنلاردا ئەلۋەتتە يېزىمىزنىڭ كاتتا باشلىرى يېتەكچىلىك رول ئوينىغاچقا، ئۇلار باشلاپ بەرمىگەن تانسا تانسا بولمايدۇ ، ئۇلار چۈشمىگەن ئۇسۇل ئۇسۇل بولمايدۇ . يېزىمىزنىڭ سەنئەت خادىملىرى ئۇدا ئۇسۇللىرىنى كۆرسىتىۋاتقاندا كەسپى سەنئەت ئەھلى بولمىغانلارمۇ ئالدى بىلەن يېزا باشلىقىنى  ئۇسۇلغا تارتىشىدۇ. ئۇلار ئالدى پەشلىرى تامامەن ئېچىۋىتىلگەن كاستىيۇمىنى لەپەڭلەتكىنىچە لەرزان قەدەملەر بىلەن ئۇسۇلغا چۈشىدۇ . ئۇنىڭ پەشلىرى قەدەملەرگە تەڭكەش بولۇپ تەڭ سىلكىنىدۇ . ئۇنىڭدىن كېيىن بىر نەچچە ئايال ياكى ئەرنى ئۇسۇلغا تارتىپ قويغان بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن قىززىشىپ خالىغانچە ئوينىشىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ئاخشاملارنىڭ بىرىدە ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر يېزا باشلىقى شاھىدەنى ئۇسۇلغا تارتتى . يېزا باشلىقى ئالىپتە ياسىنىۋالغان شاھىدەگە يەۋەتكۈدەك دەرىجىدە تىكىلىپ قارايتتى . ئۇنىڭ ئىچ- ئىچىگە پاتمايۋاتقان پوخۇرلىقى  پۈتۈن زالدىكىلەرگە ئېنىق بولسىمۇ، شاھىدە گويا ھېچ ئىش بولمىغاندەك تەبىئىي، ئادەتتىكىچە ئويناۋەردى. مۇزىكا ئاخىرلاشتى. ئىككىنجى قېتىملىق مۇزىكا باشلانماستىنلا شاھىدەنى قايسىدۇر بىركىشى چاقىرىتىپ پاراڭلىشىشقا باشلىدى. لېكىن ئىلىكتىرونلۇق رويالغا ناخشىچىنىڭ بارمىقى تېگىشى بىلەن تەڭلا يېزا باشلىقى شاھىدەنى تانسىغا تەكلىپ قىلدى. شۇنداق قىلىپ شاھىدە بىلەن يېزا باشلىقى تانسىغا چۈشۈپ كەتتى. يېزا باشلىقىنىڭ  قاۋۇل بارماقلىرى شاھىدەنىڭ نازۇك قەددىنى چىڭ تارتىاتتى، ئۆزىگە بويسۇنۇشقا قىستايتتى. شاھىدە بولسا  بۇرۇندىن ئادەتلىنىپ كەتكەن  رېتىملىق قەدەملەر بىلەن تەڭ سىلكىنىپ ئۆز مەيلىچە قەدەم ئېلىۋېرەتتى. يېزا باشلىقى پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن شاھىدەگە تىكىلىپ ئۇنىڭ يۈرىكىدىن، ۋۇجۇدىنىڭ قىل قان تومۇرلىرىدىن قانداقتۇر بىر نەرسىلەرنى ئىگەللەپ ئالماقچى بولاتتى. پۈتۈن ئىشقى بىلەن شاھىدەنىڭ ھەربىر ھۈجەيرىسىگە سىڭىپ كىرمەكچى بولغاندەك قىلاتتى. بىراق شاھىدە كۆرۈنۈشتە بىر پەرىزات بولغان بىلەن يات جىنىسقا بولغان تەلپۈنۈشى ھازىرنىڭ ئۆزىدە  بىر قۇرۇق جىسىم، بىر ئىسكىلىتقا ئوخشايتتى. بۇنداق مەززىسىز ھالەتتىن تاۋى قاچقان يېزا باشلىقى بەزىدە  غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولاتتى. مەن كىم ، ئۇ كىم ؟ ئۇ بىر دىپلومسىز داشۆسىڭغۇ ؟ نېمانچە ھاكاۋۇرلۇق  قىلىپ كېتىدۇ، ئاخىرى ئالدىمغا خوش- خوش دەپ كېلىدىغۇ؟ كىيىم دىگەننى چىتقا ئىلىپ قويسىمۇ يارىشىدۇ. ئۆزىگە باقماي ئاتكاچىلىقىنى... دېگەنلەرنى خىيال قىلاتتى ۋە بىردىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئېشىپ گىدىيىپ قوياتتى. بىردىنلا  شاھىدەنى كۆزگە ئىلمىغان رەۋىشتە ئوينايتتى. شاھىدە بولسا ئۇ قانداق مۇئامىلىدە قانداق ھېسسىياتتا بولىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن مۇستەسنا ھالدا ئۆز خىيالى بىلەن بەنت ئىدى. ئۆز رېتىمى بويىچە دەسسەۋېرەتتى، يېزا باشلىقىغا ئەتراپتا تىنىمسىز مىدىرلىشىپ يۈرگەن كىشىلەر ئۆمۈلىشىپ يۈرگەن قۇرۇت- قوڭغۇزلاردەك كۆرۈنۈپ كەتتى.  ئۇ بولمىغان بولسا مۇشۇنداق ياخشى سورۇن ، ھوزۇرلۇق تانسا ، كۆڭۈللۈك ئۇچرىشىش بولارمىدى ؟ شاھىدەدەك ھېچ ئىشنى كۆرمىگەن  سويمەكلەر نىمىنى بىلسۇن ؟
ئاشۇ يەپ - ئىچىپ ئولتۇرۇشقانلار نىمىنى بىلسۇن ؟ ئۇنىڭ شاپائىتى، مۇشۇ يېزىنى گۈللەندۈرۈش يولىدا كۆرسەتكەن ئالىيجاناپ ئىنقىلابىي- پەزىلىتى ھەممە كىشىگە بەش قولدەك ئايانغۇ؟ ئۇ بارغانچە ئېگىزلەپ قامەتلىرى تېخىمۇ چەبدەسلىشىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى. ئۇ شاھىدەگە قىلچىمۇ پىسەنىت قىلماي ئۇنى خالىغانچە ئۇياندىن- بۇيانغا سۆرەيتتى. ئۇنىڭ پۇت -قولى تانسىغا كەلمىسىمۇ ئوينىسىلا بولىدىغۇ؟ ئۇ ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ئوينىسا ، ياق ھەرقانداق ئىش قىلسا شۇ ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلاتتى. ھەممە ئىش ئۇنىڭ قولىدىن كېلىدۇ . ئۇ ئەڭ پاراسەتلىك ، ئەڭ ئىپتىخارلىققا باي، ئەڭ مەردانە . شۇغىنىسى بۇ ئاقشور يېزىسى تولىمۇ كىچىك ، شەھەردىن تولىمۇ يىراق، شۇنداق بىر قاقاسلىقتا. ئۇنىڭ ئىقتىدارىنى روھى كەيپىياتىنى كىم چۈشۈنۈپ ، كىم قەدىرىگە يەتسۇن ؟ .....


ئاھۇ كۆز باشقا تېمىلار
ئاھۇ كۆز (1)ئاھۇ كۆز (2)ئاھۇ كۆز (3)ئاھۇ كۆز (4)ئاھۇ كۆز (5)
ئاھۇ كۆز (6)ئاھۇ كۆز (7)ئاھۇ كۆز (8)