باش بەت / ساقلايمەن

ئاھۇ كۆز (2)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2012-4-2 04:52 | ئاپتور: ئادالەت ئابدۇرېھىم | مەنبە: خۇشدىل مۇنبىرى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

ئادىتىم بويىچە ھەر كۈنى چۈشلۈك ئارام ئېلىش ۋاقتىدا، باشقىلار تاتلىق ئۇيقۇغا شېرىك بولاتتى. مەن تەنتەربىيە مەيدانىغا چىقىپ چىڭقالغان روھىمنى ئارام  ئالدۇرغاچ چېنىقاتتىم. قويۇق مەجنۇنتال سايىسىغا كىرىۋېلىپ ئاۋازىمنى بولىشىغا قويۇپ بېرىپ ناخشا توۋلايتتىم. بۇ ھىجران ئازابىنى تارتىۋاتقان مەن ئۈچۈن يېقىندىن بۇيان تېخىمۇ ئىزچىل ئىشقا ئايلانغان ئىدى. بىر كۈنى ناخشا بىلەن گېلىمنى سازلاپ كۆرپىدەك يۇمشاق چىملىقنىڭ سايە چۈشكەن يېرىدە ئېغىناپ ياتاتتىم، ئۇ تەرەپتىكى قويۇق دەرەخلەر ئارىسىدىن بىرسىنىڭ شىپىلداپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندەك بولدۇم. يۈرىكىم ئەنسىز تىپچەكلەپ كەتتى . ئۇ سەن ئىدىڭ. ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم-دە، يېقىنلاپ بېرىپ قارىغاينىڭ تۈۋىدە سېنى كۈزەتتىم. كۆزلىرىڭ ياش بىلەن نەمدەلگەن ، چاچلىرىڭ رەتسىز، ئالدىڭغا قاراپ شۈمشىيىپ كېتىپ باراتتىڭ. ھېلىقى ئالەمگە نۇر ياغدۇرىدىغان گۈزەللىكىڭ خىرەلەشكەندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. سەن ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىن چىققان ئىدىڭ، چوقۇم ئەشۇ خەنەكنىڭ ياتىغىدىن چىققان ئىدىڭ .كۆڭلۈم بىر شۇملۇقنى تۇيدى، يېنىڭغا يۈگۈرۈپ بېرىپ ئەھۋال سوراي دېدىم، لېكىن بىركۈچ مېنى كەينىمگە تارتىپ تۇراتتى. مەن كۆپ ئىش قولىدىن كەلمەيدىغان بىر ئاددىي ئوقۇغۇچى ئىدىم، مەن سېنى ئۇنتۇلۇپ كەتمەكچى ئىدىم، بوپتىغۇ دىدىم ئىچىمدە، باشقىلارنىڭ تاشلىۋەتكىنىمۇ بوپتىغۇ؟ ئۇمۇ ئۆزىنى دەڭسەپ باقسۇن، ئۇ ئۆزىنى  ھېچكىمنىڭ قولى يەتمەيدىغان ئاسماندىكى ئاي چاغلاپ يۈرىۋەرمىسۇن ... بىراق مەن سېنى ئۇزۇن يىللار  تاشلىيالمايدىغانلىقىمنى نەدىن بىلەي؟ ئۆزۈمنى ئىرادىسىزلىكتە ئەيىپلەيمۇ؟
-سەن توغرىسىدىكى مىش-مىش سېسىق گەپلەر ھەممە جايغا تارىلىپ  كەتتى. رەڭگىڭ سېرىق، چۈشكۈن، بىچارە ، يالغۇز، تەنھا يۈرەتتىڭ. ھېچكىمگە گەپ قىلمايتتىڭ، بىۋاقىت چۈشىۋاتقان دەرەخ خازانلىرى بەئەينى سېنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى، ئۇچۇپ يۈرگەن ئەخلەت –چاۋارلار ئۇدۇللا سېنى قارىلاپ يۈرگەندەك، تۇمانلىق ھاۋا پەقەت سېنىڭ ئاللىقانداق يەرلىرىڭنى يوشۇرۇش ئۈچۈن       يامغۇر ياغدۇرمىغاندەك قىلاتتى. مەن سەندىن نەپرەتلىنەتتىم. سېنىڭ شۆھرەتپەرەس، تۇترۇقسىزلىقىڭدىن نەپرەتلىنەتتىم. ئۆزۈمدىن نەپرەتلىنەتتىم، مەندەك ئەرزىمەس بوشاڭ ئادەمنىڭ يورۇق دۇنيادا ياشاپ، ئۆزىنى ئالداپ يۈرگەنلىگىدىن چەكسىز نەپرەتلىنەتتىم. مېنىمۇ ئادەم دىگىلى بولامدۇ؟ مەندە ۋىجدان ، غورۇر دېگەنلەر بارمۇ؟ مېنىڭ نەرىم يىگىت؟ نېمىشقا ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ئادەمنى  بۇ ھالاكەت پاتقىقىدىن بۇرۇنراق  تارتىۋالمايمەن؟ مەن ھۆڭرەپ يىغلىدىم. مەكتىپىمىز كەينىدىكى دەريا بويىدا قېرى سۆگەتكە يۆلىنىپ تۇرۇپ قاچانغىچە يىغلاپ، قاچانلاردا توختاپ،  قانچىلىك خىيال سۈرگەنلىگىمنى ئۆزەممۇ بىلمەيمەن . كېيىن ياتاقداشلىرىمنىڭ زورى  بىلەن ياتاققا قايتىپمۇ، بىرنەچچە كۈن لايدەك يېتىۋېلىپ ، ھاراقتىن باشقا نەرسىلەنى رەت قىلىپ ، ئەسسەببىلەشكەنلىكىمدىن ئۆزۈمنى كاچاتلاپ يۈرۈپتىمەن. مەن ئۆزۈمنىڭ سەندىن زادىلا ئايرىلالمايدىغانلىقىمنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلدىم ، لېكىن بۇنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ھىجرانلىق مۇساپەمنىڭ باشلىنىشى ئىكەنلىگىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن . شۇنداق ئازاپ دېڭىزىدا گاھ لەيلەپ، گاھ چۆكۈپ ئېغىر كۈنلەرنى مىنۇت ساناپ ئۆتكۈزدۈم ،شاھىدە، سەن بۇلاردىن خەۋەرسىز ئىدىڭ. سېنىڭ ئوتۇڭدا كۆيۈپ ،سۈيۈڭدە ئېقىپ كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ، كۈندۈزلەرنى پىغان بىلەن ئۆتكۈزگەن ئەشۇ كۈنلەردە مىش- مىش گەپلەر بەكلا ئاۋۇپ قالغان ئىكەن. مەن ھايات كومپاسىمنىڭ  ئىستىرىلكىسىنى مۇستەھكەملەپ، تەۋرەنمەي ياشاش قارارىغا كەلدىم . مىش-مىش گەپلەرگە پىسەنت قىلمايتتىم . ئەگەر  سېنىڭ ماڭا كۆڭۈل بەرگۈدەك، قەلب ئىزھارىمنى ئاڭلىغۇدەك مەيلىڭ بولسىلا، پىتنە-پاساتلار مەن ئۈچۈن بەرىبىر ئىدى. مەن سېنىڭ غۇبارسىزلىغىڭغا، تاغ سۈيىدەك  ساپ روھى دۇنيارىڭغا ئىشىنەتتىم، مېنىڭ روھى دۇنيارىمدا سەن بۇلبۇلدەك كۈلۈپلا تۇرىدىغان پاك پەرىشتە ئىدىڭ، شوخ سابادەك لەرزان ئۇچۇپ كۆڭۈللەرگە ئازادىلىك ۋە شادىمانلىق بەخىش ئېتىدىغان ئىلاھى مۇئەككەل ئىدىڭ . شۇنداق چەكسىز ئىنتىلىش ۋە چۇۋۇلغان چاچتەك گادىرماش خىياللار ئىلكىدە، ساڭا قانداق ئۇسۇلدا  تەلەپ قويۇش ھەققىدە باش قاتۇرىۋاتقان مەزگىللەردە  تاساددىپىي ھالدا ئوقۇشتىن چېكىنگەنلىكىڭدىن خەۋەر تاپتىم. ئەمدى قانداق قىلاي؟

لۆم -لۆملۈكۈم ئۈچۈن ئۆزۈمنى جازالايمۇ؟ گۈزەل پەرىشتەمنىڭ دەپسەندە بولغىنى راستمۇ؟ يىگىتلىك غورۇرۇم بىلەن قايسى كۈچلەر بىلەن ئېلىشاي؟ كىملەردىن ئاغرىناي؟ سېنىڭدىنمۇ؟ ياق، ياق ! ‹مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن، سەنمۇ مېنى ياخشى كۆرەمسەن؟› دىيەلمىگەن ھالىمغا سېنىڭدىن ياكى باشقىلاردىن  ئاغرىنىشقا نېمە ھەددىم؟ ئەگەر مېنىڭ  قەلبىمنى ئازراق بولسىمۇ چۈشەنگەنلىكىڭنى ھېس قىلغان بولسام ئەشۇ ھالىتىمدە ئۆزلىكىمدىن ئوقۇشتىن توختاپ گويا سايەڭغا ئوخشاش سەن دەسسىگەن تۇپراقلارنى كۆزۈمگە سۈرتۈپ، ئىزىڭغا دەسسىگەن پېتى ۋىسالىڭنى قوغلاشقان بولاتتىم . ئەپسۇس ، تولىمۇ ئەپسۇس. ئىنتايىن ئۇزاق ئويلاندىم، سەن مېنى ھېچ چۈشىنىدىغاندەك ئەمەس، كاشكى لەختە -لەختە قانغا ئايلانغان يۈرۈكۈمنى ئازراق بولسىمۇ  پەرۋايىڭغا ئېلىپ قويغانلىقىڭنى ھېس قىلغان بولسام مەندەك ئىشىق سەۋداسىدا ساراڭلىق كوچىسىنى تاللىغان بەندە ئۈچۈن ئسىتىقبال دىگەن نېمىدى؟ مەن ئۈچۈن ئىستىقبال پەقەت شاھىدە ئىدى. مېنىڭ بارلىق ئارمانلىرىم، كەلگۈسى غايىلىرىم ، ئۈمىد-ئىستەكلىرىمنىڭ ھەممىسى شاھىدە ئىدى. ئاھ خۇدا كىممۇ مېنى چۈشىنەر؟ ئېھتىمال بەزىلەر مېنى ‹ئازغۇن، ساراڭ › دەپ مەسخىرە قىلىۋاتقاندۇ؟ ئۇلارمۇ مەندەك كۆيۈك ئوتىدا سەۋدا بولۇپ باقسۇنچۇ!
ئەمەلگە ئاشمىغان ئارمان، تېگى يوق ھەسرەت –نادامەت، سەۋدايىلارچە ئاشىقلىق! سەن زادى ماڭا نېمە ئاتا قىلدىڭ؟ سەن مېنىڭ ياشلىغىمنى، گۈزەل ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى، بۈيۈك ئارزۇ –ئارمانلىرىمنى ۋەيران قىلىپ، ھەممىنىڭ ئورنىنى ئىگەللىۋالدىڭ . ھەممىنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالددىڭ . زادى ماڭا نېمە  ئاتا قىلدىڭ؟ مانا ئەمدى بىر مەيخور بەڭگە بولدۇم . ئىلگىرى ساددا، سەمىمىي، ئاق كۆڭۈل، نومۇسچان يىگىت ئىدىم . ئەمدى كۈنلىرىم قاۋاقخانىلاردا، قىمارخانىلاردا مەست- ئەلەس يۈرىدىغان، ئاتا- ئانامدىن پۇللا تەلەپ قىلىدىغان  بەزىدە ھەتتا ئىسمىنى دېيىشكە نومۇس قىلىدىغان جايلارغا بارىدىغان پىيەنچۈككە ، يارىماسقا ئايلاندىم. بۇنىڭغا كىم ئەيىپلىك؟ زادى كىم؟
مەن ئەينى چاغلاردا سېنىڭ ناخشاڭغا تەڭكەش قىلغان مۇزىكامنى ھەسرەت بىلەن چالاتتىم، بۇ كۈي ئەسلىدە ئۇنچىۋلا ھەسرەتلىك ۋە مۇڭلۇق بولمىسىمۇ، مەن ئۇنىڭغا ئالەمچە ھەسرەت ۋە ئازاپ يۈكلىگەن ئىدىم، مۇزىكا مەن ئۈچۈن پۈتمەس- تۈگىمەس تەسەللىي ئىدى. تۈن كېچىلەردە، چىڭقى چۈشلەردە گىتارىمنى بوينۇمغا ئېسىپ، ئۇزۇندىن- ئۇزۇنغا سوزۇلغان يوللاردا باغچىلاردا، بۈككىدە ئارچا دەرەخلىرى ئاراسىدا ئۆستەڭ بويلىرىدا ، سىنىپ ، ياتاق، مەيدانلاردا، كىنوخانا ، تانسىخانىلاردا داۋاملىق چالاتتىم. مەن ئۆز خۇدۇمىنى يوقاتقان ئىشقىۋاز دەرۋىش ئىدىم، ئىشىق ئوتىغا ئۆزۈمنى بەخشەندە قىلىۋەتكەن بىر تەلەپكار ئىدىم. تاكى كۆزلىرىم خۇنسىز  ھالدا  بىر نۇختىغا تىكىلىپ، شۆلگەيلىرىم ئېقىپ، بارماقلىرىم قاناپ، خۇدۇمنى يوقاتقاندا، ئېسەدەشلىرىم ئۈزۈلۈپ، تومۇرلىرىم قېتىپ قالغاندا، ئەتراپىمدىكى ھەيرانلىقتىن ياقىسىنى چىشلەپ قالغانلار ھەسرەتلىنىپ تۇرۇپ يېنىمغا كېلىشەتتى. ئۇلار مېنى بەزلەيتتى، تەسەللىي بېرىشەتتى. يىراقتىنلا ئەيىپلەشكىنىچە كېتىپ قېلىشقانلارنىڭ  بەزىلىرى  بولسا، مېنى تىللايتتى، قارغايتتى، ئۇلارنىڭ قىلغان ھەربىر سۆزى قۇلىقىمغا مۇشت بولۇپ ئۇرىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەسەبىلىرىم تېخىمۇ قوزغىلىپ قايتىدىن ئازاپلىق كۈيلىرىمنى باشلايتتىم. سېنى تىللايتتىم ‹... ھەي، دۆت! كاللىسىنى قاغا چوقۇۋالغان، ئاق- قارىنى پەرق ئەتمەيدىغان! ساڭا ئاشىقلىقىمنى ، شۇ سەۋەپتىن نېرۋامنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى نۇرغۇن ئادەم بىلىدىكەنۇ، سەن نېمىشقا بىلمەيسەن؟ بار بالانى سەن تېرىپ قويۇپ، نېمىشقا قازاسىغا ئىگە بولمايسەن؟ دۇنيا بويىچە بىرىنچى  دەرىجىلىك كاززاپ  ! ھىيلىگەر ئالدامچى! ھۇ پەسكەش! كاللاڭ ئىشلەيدىغان بولسا سېنى بارلىقى بىلەن سۆيگەن، بەخىت-سائادىتىنى ساڭا بېغىشلىغان ئادەمنى سۆيمەي ،بىر ئەكە- نايناق خەنەكنى، بىر خېنىم مىجەز قىسى قوڭنى ياخشى كۆرەمتىڭ؟ ياخشى بولدى، خوپ بولدى، ھەجەپ سېنى ئاقلاپ كېتىپتىمىنا؟ سەن ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇپ كېتىپتىمىنا؟ سەن ياكى ئېلىپ قويغان خوتۇنۇم بولمىساڭ، ئۆتۈپ كەتكەن بىر  رەسۋا ئالدامچىغا مۇشۇنچىۋلا قىلىش كېتەمدۇ؟ ھەي دەلتە، سېنىڭ ئىككى كۆزۈڭ بولغىنى بىلەن ئالتۇن بىلەن غازاڭنى پەرىق قىلالمايدىغان نېمىكەنسەن ، ئەمدى سېنىڭ سېسىق نامىڭ جاھانغا پۇر كېتىدۇ، ئۇ چاغدا كۆرىمەن تېخى ، ئالۋاستىدەك يۈز-كۆزلىرىرىڭ پۇرلاشقان لاتىغا ئايلىنىدۇ. مەن ئەمەس ، مەن كۆزگىمۇ ئىلىپ قويمايدىغان بىراۋلارنىڭ پۇتىغا يىقىلىسەن....... شۇنداق دەيتتىم  ۋە ئارقىدىنلا سېنى ئاقلايتتىم. يەنە سېنىڭ ئۈچۈن ياش تۆككەتتىم. سېنىڭ ئۈچۈن قايغۇراتتىم. ھاكاۋۇر، شۆھرەتپەرەسلىكىڭدىن قانچىلىك رەنجىگەن بولسام، ساددا، سەبىيلىك يېغىپ تۇرغان نۇرانە چېھرىڭنى، پاكلىق، ئاق كۆڭۈللۈك چىقىپ تۇرغان گەپ- سۆزلىرىڭ بىلەن سېنى ئاقلايتتىم. سېنىڭ ئۈچۈن گەپ تارقاتقانلارنى، تۆھمەت چاپلىغانلارنى دۇنيادىن سۈرگۈن قىلغۇم، گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوق مەلىكەمنىڭ ئەتراپىغا ئۈنگەن شۇم بۇيىلارنى يۇلۇپ يەر يۈزىدىن يوق قىلغۇم كېلەتتى. يەنە سېنى تىللىغان ئاغزىمغا كاچات ئۇرغۇم كېلەتتى. ئاچچىققا چىدىماي سېنى ھاقارەتلىگەنلىگىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئەيىپلەيتتىم. بۇنداق ئاقىۋەت سېنىڭ دۆتلىكىڭ ، شۆھرەتپەرەسلىكىڭدىن، سېنىڭ بېشەملىكىڭدىن. ياق ، سېنىڭ تۈز، ساددا، پاكلىغىڭدىن ئىدى. ياق، ياق! ئۇ سەن خالاپ تاللىغان يول ... ھىم دەپ كەتكىنىمنى، بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئەخمەقلىقىم … بۇنداق گادىرماش خىياللارنىڭ زادى ئاخىرى چىقمايتتى، زادى قايسىسىنىڭ توغرا، قايسىسىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى پەرىق قىلالماي رەللە بولاتتىم. پەقەت سېنىڭسىز ياشىيالمايدىغانلىقىمنى، ساڭا بارلىقىمنى بەخش ئېتىۋەتكەنلىكىمنىلا ئىقرار قىلاتتىم . ھەي شاھىدە، شۇنداق قىلىپ سەن كېتىپ قالدىڭ. مەن بۇيەردە ئەينى ۋاقىتتا بىز ئۈچۈن بەخت قۇچىغىنى كەڭ ئاچقان ئانا مەكتەپتە قالدىم. مەكتەپ مەكتەپنىڭ ئالاھىدە تۈس بىلەن بېزەلگەن سەنئەت كۇلۇبى سېنىڭ ماڭا قالدۇرغان ئەڭ زور يالداماڭ، مېنىڭ تەسەللىي ماكانىم، ھەسرەتلىك، مۇڭلۇق كۈيلىرىمنى ياڭرىتىدىغان، ئىچكى ئاۋازلىرىمنى تاشقى دۇنياغا جاكالايدىغان مۇقەددەس جاي ئىدى. مەن يالغۇز ئىدىم، سەھنە  ماڭا ياالغۇز قالغاندەك ،تۇيۇلاتتى، نۇرغۇن ئارتىسلار پىقىراپ يۈرسىمۇ، گىتارىمغا چاۋاكلار ياڭراۋاتسىمۇ، ھەۋەسكارلىرىم ئەتراپىمدا  چۇقىرىشىپ يۈرسىمۇ ھېچقايسىسى كۆزۈمگە كۆرۈنمەيتتى. ھېچقانداق ئاۋاز ماڭا جۆر بولمايتتى، ھھېچقانداق  شەيئى ماڭا ھوزۇر بېغىشلىيالمايتتى، ئىلگىرى ئىككىمىز بىرگە ئورۇنلىغان نومۇرلارنى باشقىلار بىلەن ئورۇنلايمەن، خىيالىمدا پەقەت سەن بىلەن ياندىشىپ تۇرۇۋاتقاندەكلا، خىيال ئېكرانىمدا سېنى كۆرىمەن، ئەمما سېنىڭ ئاۋازىڭنى، سېنىڭ ھىدىڭنى ئىزدەپ ئاۋارە بولىمەن، كۆزۈمنى چەكچەيتىپ ئاچقان ۋاقتىمدا ئالاقزادىلىككە تولىمەن، ئۆزۈمنىڭ شۇ قەدەر بىچارە ۋە ھاماقەتلىكىمدىن ۋايىم يەيمەن ،قاپاق لېشى يەۋالغاندەك خىيالىم تېتىقسىزلىشىدۇ. ئاھ شاھىدە، مەن مۇشۇ سەھنىدە سېنى تۇنجى رەت كۆرگەن ئىدىم .مۇشۇ سەھنىدە ساڭا  قانغۇدەك قارىۋالغان ئىدىم . ھىدلىرىڭنى پۇرىۋالغان ، چاچلىرىڭ يۈزلىرىمگە تېگىپ كەتكەن ئىدى. مۇشۇ سەھنىدە مەستخۇش بولغان ئىدىم. ئەمدى بۇ سەھنە ماڭا يالغۇز قالدى .
     گىتارىم مۇھەببەت كۈيلىرىنى ياڭرىتىۋاتقاندا، ھەسرەتلىك كۈيلەرنى تۆككەندە، بۇ ياغاچتىن ياسالغان جانسىز مەخلۇقمۇ پەقەت سەن ئۈچۈن سازلىنىدۇ، پەقەت سېنىڭ ناخشىلىرىڭ ئۈچۈن ئەۋىجلىنىدۇ. شاھىدە، مانا بۇ يەردە سەن تايچاقتەك تاقلىغان، مانا بۇ يەردە توزدەك كېرىلگەن، مانا بۇ يەردە ھۆر -پەرىلەردەك قەدەملەر بىلەن  ئاستا-ئاستا سىلجىغان ئىدىڭ. دەل بۇ يەردە جەلىپكار ناخشاڭ كىشىلەر ۋۇجۇدىنى تىترەتكەن، سامانىڭ باغرىنى يارغان ئىدى. مانا مۇشۇ كۈيگە توۋلىغىنىمىزدا  بىر-بىرىمىزگە مەستخۇشلارچە تىكىلىپ قاراشقان، قەلبىم ئېكىنزارلىقىدا مۇھەببەتنىڭ ھارارەتلىك ئۇرۇقلىرى تاتلىق بىخلىرىنى يارغان ئىدى... كۆزلىرىمنى يۇمۇپ بار كۈچۈم بىلەن گىتار تارلىرىغا ئۇراتتىم، گويا گىتار تارلىرىدىن سەن ئۈنۈپ چىقىدىغاندەك، يېنىمدىكى ناخشىچى قىزنىڭ ئورنىدا سەن پەيدا بولىدىغاندەك، گويا قايتا -قايتا ئۈزۈلگەن تارلاردىن دەردىم چىقىدىغاندەك... بەزىدە كومپوزىتورلۇق قىلىۋاتقان مۇئەللىم : ‹سىزگە نېمە بولدى؟ ھېسسىيات جەھەتتە نېمىشقا ماسلىشالمايسىز؟› دەپ سورايتتى. يەنە بەزىدە خۇددى ماڭا ئىچى ئاغرىغاندەك پائۇزا- رېتىملارغا قانداق دىققەت قىلىشىم، قايسى ئۇدارنى قانداق ئېلىشىم ھەققىدە نەسىھەت قىلاتتى. مەن ماقۇللۇق بىلدۈرەتتىميۇ بىلگىنىمچە چالاتتىم. خىيالىمدا سەنلا تۇرساڭ باشقا نەرسىنى  ئويلىيالايتتىممۇ؟ ھېلىقى ساڭا مەڭگۈلۈك قاراڭغۇلۇق تامغىسىنى بېسىپ قويغان ئوقۇتقۇچىنى كۆرسەم يەۋەتكۈدەك ئالىيىپ قارايتتىم، ئۇمۇ مېنىڭ پەيلىمنى بىلىپ قالغان بولسا كېرەك، مەن بار سورۇنلاردىن ئۆزىنى قاچۇراتتى. شۇ غىتمەك جېنىدا مېنى چۈشىنىپتۇ، سەن مېنى زادى چۈشەنمىدىڭمۇ، شاھىدە؟ مەندە ئۆچ ئېلىش ھېسسياتى قوزغالدى. سەن ئۈچۈن، ئۆزۈم ئۈچۈن ئۆچ ئالماقچى بولاتتىم. يېقىن دوستلىرىمغا ، ساۋاقداشلىرىمغا مەسلىھەت سالدىم. ئۇلار مېنىڭ ياتلاشقان، غەيرى ، بەغەرەز روھى دۇنيارىمدىن بىزار بولغاندەك مەنسىتمەسلىك بىلەن قاراشتى. گويا ئاغرىق چوشقىنىڭ سېسىشقا باشلىغان ئىچكى ئەزالىرىدىن بىزار بولغاندەك تۇمشۇقلىرىنى تولغاپ ، ‹ئەمدى جىڭ ساراڭ بولغان ئوخشىمامسەن؟ ئۇ دېگەن ئوقۇتقۇچى تۇرسا› دېيىشتى. ئوقۇتقۇچى ئادەم بوزەك قىلسا بولىدىكەن-دە . ئاچچىغىمدا بۇ غىتمەككە مەست بولىۋېلىپ پۇت ئېتىپمۇ باقتىم، بىراق مەن روھى ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن تولىمۇ بىچارە ئەھۋالغا كېلىپ قالغان ئىدىم. بىر قېتىم ئۇنى تىللاپ پوسكايتىۋەتتىم، ئۇ ئاخىرى يەنىلا بىر ئوقۇتقۇچى ئىدى-دە. مەكتەپ ماڭا ئارقا -ئاقىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش تارقاتتى ....


ئاھۇ كۆز باشقا تېمىلار
ئاھۇ كۆز (1)ئاھۇ كۆز (2)ئاھۇ كۆز (3)ئاھۇ كۆز (4)ئاھۇ كۆز (5)
ئاھۇ كۆز (6)ئاھۇ كۆز (7)ئاھۇ كۆز (8)