باش بەت / ساقلايمەن

ئاھۇ كۆز (1)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2012-4-2 04:51 | ئاپتور: ئادالەت ئابدۇرېھىم | مەنبە: خۇشدىل مۇنبىرى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

شاھىدە، باھار قارلىغىچىدەك توختىماي ۋىچىرلاشلىرىڭ، تال-تال كىرپىكلىرىڭ ئارىسىدىكى قۇياشتەك پارلاپ تۇرغان ئاھۇ كۆزلىرىڭ، گويا يۈرەككىلا بەتلىنىپ تۇرغان ئوقيادەك ئەگىم قاشلىرىڭ، مەجنۇنتال نوتىلىرىدەك سىلكىنىپ تۇرىدىغان سۇمبۇل چاچلىرىڭ... سېنى ئىقلىمدىكى يىگانە گۈزەلگە ئايلاندۇرغان. ئالتۇن ھىجىر جىرىڭلىغاندەك جاراڭلىق كۈلكەڭ بىلەن تەڭ كۆزلىرىڭدىن چاچرايدىغان ئۇچقۇنچۇ؟ سەن بىلەن تۇنجى كۆرۈشكەن كىشىلەر تەڭرىنىڭ بۇ نەپىس بۇيۇمىدىكى سېھرىي كارامەتتىن مەست بولسا، سىردىشىشقا مۇۋاپىق بولغان بەزى ئاياللار گۈزەللىكنى تەڭ تەقسىم قىلمىغان تەڭرىدىن ئاغرىنىشىدۇ.
ھاۋا شۇنچىلىك ئوچۇق، مەكتەپ سەيناسىدىكى سۇۋادان تېرەكلەر ئارىسىدا ئەتىگەنلىك قۇياشنىڭ شەپەق جۇلاسى تېخى تامامەن يوقالمىغان. غۇر-غۇر شامال گويا يېڭى قۇياشنى قۇتلۇقلاۋاتقاندەك بارلىق شەيئىلەرنى سۆيۈپ ئۆتىدۇ. سەن سەل توق ھالرەڭ كۆينىكىڭنىڭ كەڭ ئېتەكلىرىنى ئۇچۇرغىنىڭچە ئاجايىپ ھاياجان بىلەن مەكتەپ قورۇسىغا كىرىپ كەلدىڭ.
- ۋاي شاھىدە خانىم! شاھىدە خانىم كەپتۇ! ۋاي، شاھىدە خانىم قايتىپ كەپتۇ.
ئوقۇغۇچىلار چۇرقىرىشىپ يۈگۈرۈشكىنىچە سەن بىلەن كۆرۈشتى. سەن ئۇلارنىڭ مەڭزىلىرىگە ئىڭەكلىرىدىن ئەركىلىتىپ، باشلىرىنى سىلاپ كۆرۈشتۈڭ.
ـ شاھىدە خانىم، بىزگە يەنە جۇغراپىيە دەرسى بېرەملا؟
-ھەئە، سىلەرنى، دەرسخانىنى بەكمۇ سېغىندىم.
- ۋۇي راستما، ئەجەپ ياخشى! - بالىلار تەڭلا چۇرقىراشتى. سەن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ يەنە سورىدىڭ:
ـ سىلەر مېنى سېغىندىڭلارمۇ؟ جۇغراپىيە دەرسىنى قايسى ئوقۇتقۇچى ئۆتتى؟
- بەك سېغىندۇق، بەك سېغىندۇق ! -ئوقۇغۇچىلار بىر-بىرىگە گەپ بەرمەي سۆزلەشتى - دەسلەپتە جۇغراپىيە دەرسى بىر مەزگىل ئۆتۈلمىدى، يېقىندىن بۇيان بىردەم بىر ئوقۇتقۇچى، بىردەم يەنە بىر ئوقۇتقۇچى ئۆتىۋاتىدۇ.
قوڭغۇراق چېلىندى، دەرسخانىدىن چىقىشقان ئوقۇتقۇچىلار سەن  بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئەتراپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى تارقىتىۋەتتى. ئوقۇتقۇچىلار سېنىڭ  نازۇك ھېسسىياتىڭغا تېگىپ قويۇشتىن ئەنسىرەيتتى . سەن ئىشخانا- بۆلۈملەرگە كىرىپ ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى-خىىزمەتچىلەر بىلەن بىرمۇ-بىر كۆرۈشتۈڭ. شادىيانىلىق بالقىپ تۇرغان ھېسسىياتىڭ گويا  چاچلىرىڭنى يەلپۈپ  تۇرغان غۇر-غۇر شامالدەك ساپ ۋە غۇبارسىز ئىدى... سەن ئۆزۈڭنىڭ بىر مەزگىل ھەرەج تارتقانلىغىڭنى تامامەن بىلمەيدىغاندەك، مەكتەپ جامائىتى ئارىسىدا  يۈز بەرگەن بىمەنە قىلىقلىرىڭنى تامامەن ئۇنتۇلۇپ كەتكەندەك قىلاتتىڭ. سەن بىلەن كۆرۈشكەنلەر بولسا سىرلىق كۆز ئۇچراشتۇرىۋالاتتى. ئارقىدىنلا سېنىڭ گۈزەللىك يامراپ تۇرغان قۇياشتەك چېھرىڭنىڭ سېھىرلىك قاينىمىغا چۆكۈپ كېتەتتى .

شاھىدە، ھېلىقى سەنئەت كۇلۇبى ئېسىڭدىمۇ؟ ئەڭ ئالىي ئۈسكۈنىلەر جايلاشقان زال، قاتمۇ-قات ئېسىل پەردىلەر، زالغا ماسلاشقان ئازادە سەھنە ... سەن بۇلبۇلنىڭكىدەك زىل، خۇشناۋا ئاۋازىڭنى قويۇپ بېرپ ناخشا ئېيتاتتىڭ، مەن ناخشاڭغا تەڭكەش قىلىپ گىتار چالاتتىم . مەنلا ئەمەس ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن سازچىلار، ئۇسۇلچىلار بار ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ بۇ سەھنىنى، زالنى، تاماشابىنلارنىڭ قەلبىنى ئاۋات قىلاتتى. لىرىك ناخشاڭنىڭ ئەۋجى بىلەن سىلكىنىۋاتقان زىلۋا بەدەنلىرىڭگە گىتارىمنىڭ شوخ كۈيى جۆر بولاتتى. بەدىنىم، ۋۇجۇدۇم گىتار بىلەن تەڭ تىترەيتتى. تاماشىبىنلار بىزگە قاراپ چۇقان-سۈرەن كۆتۈرەتتى، زال ئىچىنى كۆتۈرىۋەتكۈدەك گۈلدىراس ئالقىش-سادالار ياڭرايتتى، ئەشۇ ئالقىش-سادالار بىزنى سەھنىدىن چۈشۈرمەيتتى. بىز سەھنىدىن يانغاندا بولسا " قانمىدۇق! قانمىدۇق!  ياشا!  ياشاپ كەت!!..." دىگەن چۇقان-سۈرەنلەر، چاۋاك سادالىرى بىزنى تېخىمۇ روھلاندۇرىۋېتەتتى . بىز قايتىدىن سەھنىگە چىقىپ پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا چۆمۈلگەن ھالدا ناخشىمىزنى باشلايتۇق ... ئېسىڭدىمۇ، بىزنى توىۇشتۇرغان ئالىي مەكتەپنىڭ ئەشۇ سەنئەت كۇلۇبى؟ بىز ئالقىش سادالىرىغا تويۇنغان ئەشۇ سەھنە؟ ئوتلۇق كۆزلىرىمىزنى ئۇچراشتۇرغان ئەشۇ  ئويۇنلار؟ مەن دائىم ئەشۇ گۈزەل چاغلارنى ئەسلەيمەن، سەنچۇ؟ ياكى ئۇنى سەنئەتنىڭ ئالىپتە نۇرى دەپلا چۈشىنەمسەن؟ بىراق سەن بىلمەيسەن، مەن ساڭا شۇ چاغلاردىلا ئاشىق ئىدىم، ئىچ-ئىچىمدىن سېنى ياخشى كۆرەتتىم . مېنى شېرىن ھېس-تۇيغۇلارغا چۆمدۈرىدىغان، لېكىن ئەشۇ شېرىنلىك بىلەن ئازاپلايدىغان كۆڭۈل سىرىمنى نەچچە رەت ئىزھار قىلىشقا تەمشەلدىم. ئېھتىمال يادىڭدىدۇر، سەن بىركۈنى مەكتەپ باغچىسىدا بىر گۈلنى ئويناپ كېتىۋاتقان ئىكەنسەن، بۇ دەل ئالما-ئامۇتلار ھۆپپىدە چېچەكلىگەن مەزگىل ئىدى. سېنى ماراپ يۈرۈپ باغدا يالغۇز ئۇچراتقىنىمدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم-دە ، كەينىڭدىن يۈگۈردۈم. سېنى چۆچۈتۈپ قولۇڭدىكى گۈلۈڭنى بۇلاپ قاچماقچى بولدۇم. بىراق ئەشۇ ئوقۇتقۇچى قاياقتىن پەيدا بولدىكىن، ئوت چاقناپ تۇرغان بىر جۈپ كۆزى مېنى ھودۇقتۇرىۋەتتى. مەن ئۇنىڭ توغرىسىدا،چېكىدىن ئاشقان بىمەنە قىلىقلىرى توغرىسىدا كۆپ ئااڭلىغان ئىدىم، قىزلارنى بوزەك قىلىدىغان ئىشرەتخورلىغى توغرىسىدا ئاڭلىغان ئىدىم. سەنمۇ ھېچ ئېرىنمەيلا ئۇنىڭ قېشىغا كېتىۋاتاتتىڭ . مەن شۇنداق بىر دىلىغۇللۇق  ھەم قىزغىنىش ئىچىدە ھودۇقۇپ كەتكەن ئىدىم. بۇنىڭ ئۇزۇن يىللىق مەڭدەپ يۈرىشىمگە سەۋەپ بولۇپ قالىدىغانلىغىنى بىلگەن بولسام، شۇ چاغدىلا  ئۆزۈمنى ئوڭشىۋېلىپ بەختىم ئۈچۈن جېنىمنى تىكىپ قويماسمىدىم؟.. ئەشۇ ئوقۇتقۇچى، ئۇسۇل ئوينىغاندا بېلى قىزلارنىڭكىدەك ئىگىلىدىغان، قىزلاردەك  نازاكەت بىلەن خۇلق چىقىرىپ سۆزلەيدىغان، ھەتتا ئىما –ئىشارەتلىرىمۇ خېنىملاردىن قېلىشمايدىغان ھېلىقى مۇئەللىم سېنى ئىگەللىۋالدى . ھەممە ئىش شۇنىڭ بىلەن باشلاندى، مېنىڭ ھېسىيات ئوخچۇپ تۇرغان روھىم شۇنىڭ بىلەن نامراتلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. مېنىڭ پىكرۇ-خىيالىم شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ خىرەلەشتى. ھەي شاھىدە، سەن شۇ ۋاقىتتىكى مېنىڭ ئوت ئۇچۇپ چىقىۋاتقان كۆزلىرىمنى، تىترەۋاتقان ئاۋازلىرىمنى، ئالدىڭدىكى شەلپەردەك قىزىرىپ دۇدۇقلاشلىرىمنى كۆرگەن، ئاڭلىغان بولغىيتتىڭ؟ سەن شۇقەدەر مۇغەمبەر، شۇ قەدەر شەخسىيەتچى، شۇ قەدەر بىغەمسەنكى... سېنى دۆت كالۋالىقتا ئۇچىغا چىققان، چىرايلىق بولغىنى بىلەن ئاق-قارىنى ئاڭقىرالىغۇچىلىكى يوق،... دەپ تازا تىللىغۇم كېلىدۇ . ئەمما بىر يەرلىرىم مېنى توسىدۇ . ياق، ياق، سەن ئەسلى ھەقىقىي سۆيگۈ ئىگىسى ئىدىڭ . سۆيۈشنى، سۆيۈلۈشنى بىلەتتتىڭ .شۇچاغدا نېمە قىلغانلىقىڭنى ئۇقامسەن؟ نېمە ئۈچۈن سەن ئەشۇ مۇئەللىمنى ئىختىيار قىلدىڭ؟  ئاھ تەقدىر! مېنىڭ، مەندەك بىر يىگىتنىڭ كۆزلىرىدىن قانچىلىك ياش قۇيۇلغىنىنى، يىغلاۋېرىپ كۆزلىرىمنىڭ تورلاشقانلىقىنى، قانچە قېتىم ھاياتىم بىلەن ئېلىشقىنىمنى بىلمەيسەن، لېكىن مەن ئۇرغۇپ تۇرغان كۈچ-قۇۋۋىتىمنى، تەشنالىق ئىلكىدە تەلپۈنىۋاتقىان يۈرىكىمنى، ماڭا ئازاپ-ئوقۇبەتلا ئېلىپ كېلىۋاتقان مېھرى- مۇھەببىتىمنى زورىغا بېسىپ سېنىڭ ئۈچۈن بەخت تىلىدىم، سەن مەن ئۈچۈن مۇھەببەت ئىلاھى، سۆيگۈ مۇئەككىلى ئىدىڭ. ‹سېنىڭ بەختىڭ ئۈچۈن ئۆز  بەختىمنى  قۇربان قىلىمەن› دېگۈچىلەرنىڭ ئىنتايىن ھاڭ باقتى، مېڭىسىنى قاغا چوقۇۋالغان نەرسىلەر ئىكەنلىگىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپمۇ ئامالسىز ھالدا دەردىمنى ئىچىمگە يۇتۇشۇمغا، بەختىڭنى تىلەيمەن دەپ لاۋزىلارچە قاراپ تۇرۇشۇمغا توغرا كەلدى. سېنى كۈندە كۆرگۈم كېلەتتى. دەرىزىلەردىن، دەرەخلەرنىڭ كەينىدىن سېنى يوشۇرۇنچە كۈزىتەتتىم، شاتلىق ئوقچۇپ تۇرغان رۇخسارىڭغا قېنىۋېلىش مېنىڭ ئىستىگىم ئىدى. مەن كۈنلەپ-كۈنلەپ تۇرمۇشتىن بىزار بولغان ھالدا خامۇش، ئېسەنگىرىگەن ھالدا يۈرەتتىم. كۆرۈپ تۇردۇم، سەن بەختلىك ئەمەس ئىدىڭ . ئەپسۇس، ئەپسۇس ، ئاتەش بولۇپ يانغان يۈرىگىمنى شۇنچە قىسىپ، چاڭقاش-تەلپۈنۈشلىرىمنى زورىغا بېسىپ، سېغىنىش بىلەن ئۇيقۇسىز تاڭ ئاتقۇزۇپ، ئۆزۈمنى پۇچۇلاپ يۈرگەنلىرىم نېمىدىن؟ سېنىڭ دەسسەپ يۈرگەنلىرىڭنى سېھىرلەنگەن ئارزۇلىرىمنىڭ كۆلەڭگۈسى دەپ بىلمىگەن بولسام، ئاللىبۇرۇن ئۇ ئالۋاستىنىڭ نەيرەڭلىك ۋەس-ۋەسىسىدىن قۇتۇلدۇرماسمىدىم؟ قانداق، مەن ئەخمەقمىكەنمەن؟


ئاھۇ كۆز باشقا تېمىلار
ئاھۇ كۆز (1)ئاھۇ كۆز (2)ئاھۇ كۆز (3)ئاھۇ كۆز (4)ئاھۇ كۆز (5)
ئاھۇ كۆز (6)ئاھۇ كۆز (7)ئاھۇ كۆز (8)