باش بەت / ساقلايمەن

ئاھۇ كۆز (3)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2012-4-2 04:53 | ئاپتور: ئادالەت ئابدۇرېھىم | مەنبە: خۇشدىل مۇنبىرى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

مانا، ئاخىرى ئوقۇش پۈتتۈردۈم. ئىلمىي ئۇنىۋان ياكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش شاھادەتنامىسىنىڭ ھېچقايسىسىغا ئېرىشەلمىدىم. ياخشىراق جايدىن بەرىبىر خىزمەت تاپالمايدىغانلىقىم ئېنىق ئىدى. مەن شۇنداق قارار قىلدىم، ھېچكىمنىڭ رۇخسىتىسىز ھالدا ئاتا-ئانام، ئۇرۇق-تۇققان، دوست-يارەنلىرىمدىن ۋاز كېچىپ مېنى ئازراقمۇ  ياخشى كۆرمەيدىغان قىزنىڭ ــ سېنىڭ كەينىڭدىن كەلدىم. ئېھتىمال ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىپ يۈرگىنىمنىمۇ ھېس قىلالمىغان بىر قىزنىڭ كەينىدىن لالما ئىتتەك سوكۇلداپ يۈرىشىم ئۆتۈپ كەتكەن دۆتلۈكتىندۇر، ھاماقەتلىكتىندۇر، خىيالپەرەسلىكتىندۇر. ئەمما مەن ئۆز ئەقىدەم يولىدا تەەۋرەنمەي ئىلگىرلەشكە، سەن بىلەن قايتىدىن ئۇچرىشىش پۇرسىتى ئىزلەشكە جەھلىم بىلەن ئالدىرىدىم. مەن ئىككىمىزنى گويا ئۇزۇن تاناپنىڭ ئىككى ئۇچىغا باغلانغان ئىككى لەگلەك دەپ قارايتتىم، ھەتتا ياشىنىپ قالغان ئانام: ‹ بىز قېرىدۇق ، يېنىمىزغا چوقۇم قايتىپ كەل…› دەپ شۇنچە يالۋۇردى. بىچارە ئاچام بىر نەچچە قېتىم شۇ ئىش بىلەن مېنى ئىزلەپ يېنىمغا كەلدى. بىراق مەن ئۇلارنىڭ كۆز ياشلىرىنى ئۈن-تىنسىز كۈتىۋېلىپ، بىلگىنىم بويىچە ئىش قىلدىم. بەزىلەر: ‹سەن ئادەممۇ نېمە؟ ئېشەكمۇ بىر پاتقان جايىغا ئىككىنچى پاتمايدۇ، نېمانداق تويمايسەن ئۇ قىزغا ! ئىسىت ئاتا -ئاناڭنىڭ سېنى باققانلىرى، ئوغۇل بالا دىگەننىڭ غورۇرى بولمىسا بىكار –دە…› دېسە ، يەنە بەزىلەر يۈزۈمدىن يۈزۈمگىلا : ‹ئوغۇل بالىنىڭ خۇۋەينىسى ئىكەنسەن، شالاسى يوق مەش  ئوچاقتا ئوت كۆيەمدۇ؟...› دەپ مېنى مەسخىرە قىلاتتى. ئەمەلىيەتتە بۇ مەسخىرە -تەنىلەر مېنى بوغۇزلىغاندىنمۇ ئارتۇق جازا ئىدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ مەسخىرە-تەنىلەرگە چىداشقا رازى بولدۇمكى، ساڭا قىيمىدىم. غايىبانە بىر كۈچ مېنى سەن تەرەپكە سۆرەيتتى. باشقىلارنىڭ ئاھانەتلىرى، ئەيىپلەشلىرى سېنى ئەسكى مازنى چۇۋۇغاندەك چۇۋۇشلىرى ماڭا كار قىلمىدى. ئۇلار سەن توغرىسىدا مەن ئاڭلاش تۈگۈل، خىيالىمغا كەلتۈرسەممۇ چۆچۈپ كېتىدىغان بەدۋى گەپلەرنى قىلغىلى تۇرغاندا مەن چىدىيالماي ۋارقىرىۋېتەتتىم، ساڭا تۆھمەت قىلىنىۋاتقانلىقى ئېنىق ئىدى. ھېلىقى غىتمەك بىلەن ئارلىشىپ بۇرنى-قۇلىغىڭغىچە تويغانلىغىڭ راست. قالغانلىرى يالغان. بۇنىڭغا مېنىڭ سەزگۈلىرىم دەلىل. غىتمەك بىلەن زادى بىرەر ئىش يۈز بەرگەنمىدۇ؟… ياق،ياق، بۇنداق بولىشى زادى مۇمكىن ئەمەس!
بىر كۈنى ماڭا كۈڭلىنى يېقىن دەپ ئويلايدىغان بىرى چىۋىندەك قۇلىقىم تۈۋىدە گىڭىلداپ  نەسىھەت قىلىشقا باشلىدى ‹…قىز بالا دېگەن ساماندەك تولا تۇرسا، نېمانچە قىلىدىغانسەن، ئۇ كىرلەشكەن بىر قەغەز، تاشلىۋېتىلگەن ئەخلەت، ئۇنىڭ يۈگۈرگىدەك نەرى بار؟ سەن ئەقلىڭنى ئىشلەت، ئۇنداق غەلدىر-غەش چىرىندىلەر ئارىسىدا سېسىپ قالغان بىر نېمىنى دەپ ئاتا-ئاناڭنى تاشلىما، ساڭا ئار-نومۇس لازىم ئەمەسمۇ؟....›
ئۇنىڭ مېنى سەندىن بەزدۈرمەكچى بولغانلىقىنى ئويلىغىنىمدا تولمۇ ئازاپلاندىم، ئۇ ئويلىغاننى مەن ئويلىمىغانمۇ؟ بەلكى ئارتتۇرۇپراق ئويلىغاندىمەن.
مەن سېنىڭ ئۆز ناھىيەڭنىڭ يىراق بىر يېزىسىدا ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەپ تۇرغانلىغىڭنى بىلەتتىم، سېنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەنلىكىڭنى، يۇرتلۇقلىرىڭ ۋە ساڭا ھېسىداشلىق قىلىدىغانلاردىن كۆپ قېتىم  ئاڭلىغانتىم، شۇنىڭغا ئاساسەن  بىر-ئىككى قېتىم تېلفون بېرىپ خەۋىرىڭنى ئۇقماقچى، سەن بىلەن تېلفوندا دىدارلاشماقچى بولدۇم. ساپلا دەرسكە كىرىپ كەتكەن ئىكەنسەن، تېلفون قوبۇل قىلغۇچىلار ساڭا خەۋەر قىلىپ قويۇشماقچى بولۇشتى. ئەمما سەن چىقىپ بولالمىدىڭ، مەن ئۇلارغا ئۆز نومۇرۇمنى دەپ بېرىپ تېلفوننى قويىۋەتتىم . ناھايىتى ئۇزۇندىن كېيىن تېلفون جىرىڭلىدى. يۈرەكلىرىم ھاياجاندىن دۈپۈلدەيتتى. بىز بىردەم پاراڭلاشتۇق، سەن ئىلگىرىكىدەكلا خۇشخۇي، چاقچاقچى ئىدىڭ. ئاۋازىڭ مۇلايىم ، سىلىق، يۇمشاق، تارتىمىلىق، سېھىرلىك ئىدى.
-ئىليار مېنى ئەسلىگىنىڭىزگە رەھمەت، مەنمۇ سىلەرنى ئەسلەپ تۇرىۋاتىمەن...
-راستمۇ ؟ راستىنلا مېنى ئەسلىدىڭىزما؟
مەن شۇنچىلىك ھاياجـانلانغان ئىدىمكى، سېنىڭ  دىلرەبا سۆزلىرىڭدىن مەست بولۇپ خۇدۇمنى يوقىتىپ قويىۋاتاتتىم، قانلىرىم ئۆركەشلەيتتى، شۇ قەدەر يېنىك، ئازادە بولۇپ قالغان ئىدىم.
-ئەسلىمەيچۇ، سىز مېنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچىم تۇرسىڭىز... -مەن…راست گەپنى قىلسام…سىزنى بەك كۆرگۈم كەلدى، بەكلا بەكلا! مەن… مەندە كېچىسى ئۇيقۇ يوق ...
-نېمىشقا؟
-شاھىدە، سىز قانداقراق؟
-تولىمۇ ياخشى، يېزا بولغىنى بىلەن ئادەملىرى كەڭ قورساق دەڭا، ئوقۇغۇچىلىرىم تېخى شۇ قەدەر ئوماق، دەرسخانىغا كىرسەملا يەڭگىللەپ قالىمەن، بالىلار بىلەن بىرگە بولسام كۈچ- قۇۋىتىم ئېشىپ تۇرغاندەك ھاياجانغا تولىمەن. راست، ئادەم ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا تۇرسا ئۆزىنى تولىمۇ بەختلىك سېزىدۇ. پەقەت ئۆزۈمنىڭ يارىماسلىغىمنى ئويلىساملا بىر قىسما بولۇپ قالىمەن.
-شاھىدە ئۇنداق دېمەڭ، ئۆزىڭىزنى كەمسىتمەڭ.
-سىز مېنى بىرئاز چۈشىنەرسىزمىكىن، تارقالقان گەپ-سۆزلەرنىڭ كۆپىنچىسى يالغان، گېپىمگە ئىشىنەمسىز ؟ ئۇنى ياخشى كۆرگىنىملا راست.
-ئۇنى ھازىرمۇ ياخشى كۆرەمسىز؟
-بولدى، قوڭغۇراق چېلىپ كەتتى، دەرسكە كېچىكىپ قالىمەن تېلفوننى قويىۋەتتىم...؟
سېنىڭ خۇشناۋا بۇلبۇلنىڭكىدەك گۈزەل ئاۋازىڭنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىلگىرىكىدەك سەۋدايىلەرچە ئاھ ئۇرۇشنىڭ ئورنىغا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئارزۇيۇم ئۈچۈن كۈرەش قىلىش قارارىغا كەلدىم. ئىلگىرىكى ئىككىلىنىشلىرىم، چاڭقاقلىق ئىچىدىكى پۇچۇلىنىشلىرىم ئورنىغا بەردەم قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرلىشىم لازىم ئىدى. سەزگۈلىرىمنىڭ مېنى ئالدىمىغانلىقىنى، تۇتقان يولۇمنىڭ شۇ قەدەر توغرا ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردۈم. ئاخىرى مەن خىزمەت تەقسىماتىدىكى ئاخىرقى قارارنى چىقاردىم .
ياقا يۇرت، ناتونۇش ئادەملەر، يالغۇزلۇق، غېرىپلىق مېنى ئارامسىزلاندۇراتتى. تەقسىماتنى قولغا ئالغۇچە كىرگۈدەك ماكان بولىشى كېرەكقۇ؟ مېھمانخانىلاردا، ئاشپۇزۇللاردا لاقىلداپ يۈرگىنىمگە خېلى كۈن بولدى. ئۇنىڭ-بۇنىڭدىن سېنىڭ ئۆيۈڭنى سۈرۈشتۈردۈم ، ئەھۋالىڭنى بىر قەدەر تەپسىلىي ئىگەللىدىم. تېخى توي قىلماپسەن، بۇنى ئاڭلاپ تېرەمگە سىغمايلا قالدىم. سەن بىلەن بىر كۆرۈشۈش ئۈمىدىدە، سەن ئۆتىدىغان يولدا ئەتىگەندىن كەچكىچە ساقلىدىم . دېمىسىمۇ بۇنىڭدىن بۆلەك ئاللاھىدە ئىشىم يوق ئىدى. مەن سەن ئۈچۈنلا تۆرەلگەن ئىكەنمەن، بىراق سېنى زادىلا ئۇچرىتالمىدىم . ئوت بولۇپ كۆيىۋاتقان يۈرىكىم كۆرۈشۈش تەقەززالىقىدا تېخىمۇ پۇچۇلىناتتى، بۇنداق ئۆرتىنىشلىرىم ئاز كەلگەندەك، يالغۇزلۇق، مۇساپىرلىق ئازابى تېخىمۇ قىينايتتى. ئىشىك ئالدىڭدىكى تاش سۇپىدا ئولتۇرۇپ قالغىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. ئاناڭ بولسا كېرەك (كېيىن ئۇقسام ئۇ راستىنلا سېنىڭ ئاناڭ ئىكەن) رەتلىك، پاكىز كىيىنگەن شەھەر ئاياللىرىغا خاس تۈستىكى بىر ئايال دەرۋازاڭلاردىن چېلەك كۆتۈرۈپ چىقىپ كەلدى. ھودۇقۇپ كەتتىم، ئاناڭ بىر خىل مەيۈس كۆرىنەتتى. ھودۇقۇش ئىچىدە ئۇنىڭغا قورۇنۇپقىنا تەلمۈردۈم .ئەمما ئۇ ماڭا دىققەت قىلمىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ھەر كۈنى بۇ كوچىغا تېخىمۇ كۆپ كېلىمەن. ئەمما شۇنىڭدىن ئېتىبارەن سېنىمۇ، ئاناڭنىمۇ  خېلى كۈنلەرگىچە كۆرمىدىم.
كۈنلەر شۇ قەدەر زېرىكىشلىك، پات-پات مائارىپ ئىدارىسىغا كىرىپ ئەھۋال ئىگەللەيمەن، گەرچە بۇ بىرنەچچە كۈنلۈك ۋاقىت بولسىمۇ  ماڭا نىسبەتەن ئاجايىپ ئۇزۇن تۇيۇلۇپ  كەتتى.


ئاھۇ كۆز باشقا تېمىلار
ئاھۇ كۆز (1)ئاھۇ كۆز (2)ئاھۇ كۆز (3)ئاھۇ كۆز (4)ئاھۇ كۆز (5)
ئاھۇ كۆز (6)ئاھۇ كۆز (7)ئاھۇ كۆز (8)