باش بەت / ساقلايمەن

ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(8)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2012-3-30 10:37 | ئاپتور: ساجىدە سۇلايمان | مەنبە: خۇشدىل مۇنبىرى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

مېنىڭ خۇشلۇقۇم پەقەت مۇشۇ مەكتەپ، ئوقۇغۇچىلىرىم، ئۇلارنىڭ كۈندىن-كۈنگە گەۋدىلىنىۋاتقان نەتىجىلىرى، يەنە فىرقەتتىن كېلىپ تۇرىدىغان تېلېفون ۋە ئۇچۇرلار، ئاپام- داداملارمۇ كۈندە تېلېفون قىلىپ ئەھۋالىمنى، قىينالغان-قىينالمىغانلىقىمنى سورايدۇ، ئاشۇ گەپلەرنى قىلىپلا كۈندە يىغلايدۇ ئاپام، مەن ئاپامغا كۈندە تەسەللىي بېرىمەن، بۇ يەرنىڭ شارائىتىنىڭ بەك ياخشىلىقىنى، يەنە مەريەم ھەدەم بىلەن تونۇشۇپ قالغانلىقىمنى، ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا يېڭى دوستلىرىمنىڭ بولغانلىقىنى، مەكتەپتە بەلگىلىك نەتىجە قازىنىپ ھەر قېتىملىق سىياسىي ئۆگىنىش ۋە يىغىنلاردا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ تۇرۇۋاتقانلىقىمنى دەپ ئۇلارنى خۇش قىلىمەن. بىراق مېنى خۇش قىلىدىغان ئادەم يوق. قىشلىق تەتىلگە ئاز قالغان مەزگىل ئىدى، توساتتىنلا فىرقەت پەيدا بولۇپ قالدى، ئۇ بۇ قېتىم 15 كۈن تۇرۇپمۇ قايتىپ كەتمىدى، مەن ئۇنىڭ قاچان ماڭىدىغانلىقىنى سورىغان بولساممۇ بىراق ، ئۇ بۇ توغرىدا گەپ ئەگىتىپ دەپ بەرمىدى، يەنە « ئەمدى كەتمەيمەن، خىزمەت تاپالمىسام مۇشۇ يەردە باشقا ئىش قىلىمەن» دەپ تۇرۇۋالدى. مەنمۇ ئۇنى گەپكە كىرگۈزەلمىدىم. بىر كۈنى دەرس ۋاقتىدا بىر تېلېفوننى تاپشۇرۇپ ئالدىم، بېسىۋېتىپ دەرستىن چىقىپ قايتۇرغان ئىدىم. ئۇنىڭ ئانىسى ئۇرۇپتۇ.
ـــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىزىم، مېنىڭ جىق گەپ قىلىشقا ماغدۇرۇم يەتمەيدۇ، ئوغلۇم سىزنى بەكلا ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، خىزمەتنى تاشلاپ سىزنىڭ يېنىڭىزغا كەتتى، بىراق مەن ھازىر بۈگۈن ئۆلۈمەنمۇ ئەتىمۇ دەپ ياتىمەن، مەن ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلىش ئالدىدا، ئاكامغا بەرگەن ۋەدەمنى ئورۇنلاپ، ھەم ئانىلىق قەرزىمنى ئادا قىلىپ ماڭمىسام بولمايدۇ، مېنىڭ بۇ ئەھۋالىم بىلەن سىزنىڭ ئاتا – ئانىڭىزنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈچىلىكىم يوق. شۇڭا سىزنىڭ ئوغلۇمنى ياخشى كۆرگەن ياخشى قەلبىڭىزنى بىلگەنلىكىم ئۈچۈن، بىر مەزگىل بولسىمۇ، ئوغلۇمنى ماڭا قايتۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز، ئاشۇ قەرزلىرىمنى ئادا قىلىۋالسام، كېيىنكى ئىشلارنى شۇ ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا قاراپ قىلساڭلار. مەن سىزدىن ئۆتۈنگەن بولاي قىزىم. ئۇ يەنە تۇرۇپ قالسا مېنىڭ يۈزۈمنى كۆرەلمەيدۇ، ــ دېدى ئايال تولىمۇ زەئىپ ئاۋازدا. مەن ئۇنىڭغا ئارتۇق گەپ قىلمايلا ۋەدە بەردىم، فىرقەتنى ئۇنىڭ ئالدىغا قانداق قىلىپ بولسىمۇ ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرقى مىنۇتلارنى بىرگە ئۆتكۈزۈشكە باشقىچە ئۇسۇل بىلەن كۆندۈرۈشكە ۋەدە بەردىم ھەم ئۆزى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىمنىمۇ مەخپىي تۇتىدىغان بولدۇم. شۇنداق قىلىپ قاتمۇ-قات كەلگەن ھىجران دەرياسىغا غەرق بولۇپ فىرقەتنى ئۇزىتىپ قويدۇم.

بۇ يەردە سەھەردىلا رادىئو ئۇزىلى ياڭراپ  سۈت ئۇيقۇسىدا ئۇخلاۋاتقان ئادەمنىمۇ ئويغىتىۋېتىدۇ، سەھەردىلا چىققان بۇ ئاۋازدىن خىياللار ئىلكىدە تاڭ ئاتقۇزغانلىقىمنى بىلدىم. ئورنۇمدىن تۇرماي ئۆتكەن-كەچكەن ئىشلارنى خىيال قىلىپ ياتاتتىم، فىرقەتتىن تېلېفون كەلدى.
ـــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن تىنچ -ئامان كېلىۋالدىم، ئاناملار تېلېفون قىلىپتىكەن، ئۇدۇل دوختۇرخانىغا بارىمەن، ئانامنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپلا سىزگە تېلېفون قىلىمەن. ياخشى ئۇخلىدىڭىزمۇ؟ تۇرۇپ ناشتا قىلىڭ.
ـــ ساق-سالامەت بارغانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ خۇش بولدۇم، مەنمۇ ياخشى ئۇخلاپتىمەن، خاتىرجەم بولۇڭ، ئەھۋالدىن ۋاقتى - ۋاقتىدا مېنى خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرۇڭ.
ـــ بولىدۇ، ئەمىسە تېلېفوننى قويۇڭە.
ـــ ماقۇل خوش .
ئۇ كېتىپ، تېلفون قىلىپ تۇردى، ھازىرچە كېلەلمەيدىغانلىقىنى، مېنىڭ يىغلىماي تۇرۇپ تۇرۇشۇمنى تاپىلاپلا تۇراتتى، مەن بولسام ئۇنىڭ ھامما ئاچىسىدىن ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇراتتىم، ئۇنىڭ ئانىسى راستىنلا پەسلەپ قالغان ئىدى. بىر كۈنى ئۇنىڭ ھامما ئاچىسىدىن يەنە تېلېفون كەلدى، تېلېفوندا فىرقەتكە تاغىسىنىڭ قىزىنى نىكاھلاپ ئاندىن ئاچىسىنى خاتىرجەم كۆز يۇمدۇرماقچى ئىكەنلىكىنى، لېكىن مېنىڭ بۇ ئىشلارنى توغرا چۈشىنىشىمنى دېدى. يەنە فىرقەت بۇ ئىشقا زادىلا قوشۇلمايۋاتقانلىقىنى دەپ ئۆكسۈپ- ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى، ئاپامنىڭ شۇنچە يىغلاشلىرىغا پەرۋا قىلماي بۇ يەرگە ئۇنى دەپ كەلگەن ئىدىم، ئەمما ئۇنىڭ ھامما ئاچىسىنىڭ يىغىسىغا چىدىيالمىدىم، چۈنكى ئۇ ئەزرائىل بىلەن جان تالىشىپ ياتقان ئاچىسى ئۈچۈن يىغلاۋاتاتتى.
ـــ سىزدىن ئۆتۈنسەم، سىز كاتتا كادىرنىڭ قىزى بولغاندىكىن بۇ ئەسكى سەھرادا پۇچۇلىنىپ كۈل بولۇپ يۈرگىچە، ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەتكەن بولسىڭىز، سىز بۇيەردە بولمىسىڭىزلا ئىشلار بۇنداق قالايمىقان بولۇپ كەتمەيتتى، ــ دېدى ئاخىرىدا. مەن تېلېفوننى قويۇپ ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدىم، مەن شۇنچە ئادەمنى يىغلىتىپ، زادى نېمىگە ئېرىشمەكچى؟ مېنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنىم مۇھەببەتقۇ؟ مۇھەببەتكە ئېرىشىپ بولدۇم، ئەمدى ئۇنىڭ جىسمىنى ئاشۇ نىمجانلاردىن تالىشىپ ئۇۋالىغا قالسام قانداق بولا؟ دېگەنلەرنى ئويلاپ، ئورنۇمدىن تۇرۇپلا فىرقەتنىڭ دوستى، پەرھاتنى ئىزدەپ تاپتىم. ئۇنىڭ بىلەن بىر كۈن ئولتۇرۇپ بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەپ بەردىم، ئاندىن ئۇنى يېزا باشلىقىغا دەپ مېنى باشقا يېزىغا ئالماشتۇرۇپ قويۇشىنى ئۇنى فىرقەتتىن سىر تۇتۇشنى ئۆتۈندۈم، ئۇ گېپىمگە قوشۇلدى، ئاندىن ئىككى كۈندىن كېيىن، يېڭى مەۋسۈمدىن باشلاپ يېڭى خىزمەت ئورنۇمغا بېرىپ خىزمەت قىلسام بولىدىغانلىقىنى، لېكىن بۇ ئىشلارنى مەخپى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ھەتتا مەكتەپتىكىلەرمۇ بىلمەي قالىدىغان قىلىپ توغرىلىغانلىقىنى دېدى، مەن ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىپ، مەكتەپ مۇدىرىمىزنىڭ يېنىغا كىرىپ تەتىلدىن بىر ھەپتە بالدۇر رۇخسەت سوراپ، ئاندىن فىرقەتكە تېلېفون قىلىپ ئۈرۈمچىگە تەتىلگە كېتىدىغانلىقىمنى، ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىشىنى تاپىلاپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەتتىم. دادام بىلەن ئاپام مېنى كۆرۈپلا يىغلاپ كەتتى، دادامنىڭمۇ ئوغۇرلۇقچە يېشىنى سۈرتۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. بۇ يەردە مېنىڭ بالىلىقىم، شۇخ كۈلكىلىرىم بار ئىدى، دادام -ئاپاملارغا، قىسقىغىنە نەچچە ئايدا ياراتقان نەتىجىلىرىمنى، شەرەپلىرىمنى، مەن تۇتقان سىنىپنىڭ بىرىنچى يىللىقلار بويىچە ناھىيە بويىچە بىرىنچى بولۇپ مۇكاپاتلانغانلىقىمنى، يەنە ئۇ سەھرادىكى تەبىئىيلىكنى، ئىشقىلىپ دېگۈچىلىكى بار ياخشى گەپلەرنى قىلىپ بېرىپ ئۇلارنى ئاغزىمغا قاراتتىم ھەم خاتىرجەم قىلدىم، ئۈستى-بېشىمدىكى ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ ئۇلار ھەيران قالدى.

 


خاتىمە


يېڭى مەكتىپىمگىمۇ كۆنۈپ قالدىم. بۇ يەردىمۇ يەنە سىنىپ تۇتتۇم ھەم ئالدىدىكى ئىشلىگەن مەكتىپىمدىكى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، بۇ يەردىمۇ ئالاھىدە نەتىجىلەرنى ياراتتىم.
فىرقەت مېنى قىشلىق تەتىلدە كەتكەنچە تاپالمىدى، چۈنكى مەن تېلېفون نومۇرۇمنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ئىدىم، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىز- دېرەكسىز يوقالدىم، ئۇنىڭ ئەھۋالىنىمۇ سۈرۈشتە قىلمىدىم، چۈنكى نەۋرە سىڭلىسى بىلەن ئۆتكەن تۇرمۇشىنى بىلگۈم يوق ئىدى. يېڭى مەكتەپكە كەلگەن ئىككى يىل ئىچىدە خىزمەتكىمۇ خېلى پىشىپ قالدىم، كۆپ شەرەپلەرگە ئېرىشتىم. ۋىلايەت بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالىنىپ شەرەپ تاختىسىغا چىقتىم، بۇ سەۋەپلىك ۋىلايەت بويىچە ئېچىلغان يىغىنغا قاتنىشىپ سەھنىدە ۋىلايەت رەھبەرلىرىنىڭ قولىدىن شەرەپ گۇۋاھنامىلىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشقا ھەم ئۇلارنىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدۇم.
ئەمدىلا دەرستىن چۈشۈپ ياتىقىمنىڭ ئالدىغا كېلىۋىدىم ، ئىشىكىمگە يۆلەكلىك تۇرغان بىر دەستە گۈلنى كۆرۈپ، ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قالدىم. كىم بولۇشى مۇمكىن؟ بۇ يېزىدا مەن گۈل سوۋغا قىلغىدەك بىرىنى تونۇمايتتىم، تۇرۇپلا گۈلنىڭ ئىچىگە قىستۇرۇلغان كارتىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى، قولۇمغا ئېلىپ كۆرۈپ تېخىمۇ ھەيران قالدىم . چۈنكى بۇ، ماڭا توي تەكلىپى قويغان خەتلەر يېزىلغان كارتا ئىدى. ئارقامغا ئۆرۈلۈپ، ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم.

 


ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە باشقا تېمىلار
ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(1)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(2)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(3)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(4)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(5)
ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(6)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(7)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(8)