باش بەت / ساقلايمەن

ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(1)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2012-3-30 10:30 | ئاپتور: ساجىدە سۇلايمان | مەنبە: خۇشدىل مۇنبىرى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

    ـــ سۆيۈملۈك زۈبەيدە، مۇقەددەس سۆيگۈمىزنىڭ كۈچى، سىزگە بولغان مۇھەببىتىمنىڭ چىنلىقى سىزنى ئانا يۇرتىڭىز ئۈرۈمچىدىن بۇ يىراق سەھراغا باشلاپ كەلدى. بۇ تەقدىر، ئىشىنىشىڭىز كېرەك، تەقدىرنىڭ ھۆكىمىسىز قىل تەۋرىمەيدۇ. بىراق سىزنى تاشلاپ كېتىۋاتىمەن، كۆزلىرىم كەينىمدە قالدى، ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ. ئانام ياخشى بولۇپ قالغان ھامان يېنىڭىزغا قايتىپ كېلىمەن، بىز توي قىلىمىز،  بۇ قېتىم ئاتا- ئانامنى قايىل قىلىپ، سىزگە خۇش خەۋەر ئېلىپ كېلىمەن. بۇ يەردە بىز بەختلىك مۇھەببىتىمىزنىڭ ئابىدىسىنى تىكلەيمىز.

    بۇ فىرقەتنىڭ ئوت يېنىۋاتقان جىسمىمنى باغرىغا مەھكەم بېسىپ، ئۆزى ئامراق دولقۇنسىمان چاچلىرىمنى قانماي پۇراپ تۇرۇپ قۇلاقلىرىمغا پىچىرلاپ دەۋاتقان گەپلىرى ئىدى.

      ـــ ئىشىنىمەن، مۇھەببىتىمىزنىڭ مۇقەددەسلىكىگە ئىشىنىمەن، تەقدىرنىڭ ھۆكىمىگىمۇ ھەم ئىشىنىمەن. بىراق فىرقەت، يۈرىكىم ئەنسىز سوقۇۋاتىدۇ، بۇ بەلكىم سىزگە قىيالماستىن بولىۋاتقان تۇيغۇدۇ؟  بۇ خوشلىشىش مىنۇتلىرىمىزنىڭ ھاياتىمىزدىكى ئەڭ ئاخىرقى خوشلىشىش بولۇپ قېلىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرەيمەن.

     ـــ چىرايلىق  ئۈنچىلەر تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان تاتلىق تىللىرىڭىز نېمىشقا مۇھەببەت قامۇسىمىزدا يوق گەپلەرنى قىلىدىغاندۇ؟  ئەگەر يەنىلا  شۇنداق خاتىرجەم بولالمىسىڭىز مەن بارماي، سىزنى بۇ ھالدا قويۇپ مەن قانداقمۇ خاتىرجەم بولالايمەن؟ بولدى مەن بارماي، مەڭگۈ سىزگە ھەمراھ بولاي.

    مەن ئۇنىڭ باغرىدىن ئاجراپ چىقىپ ياشلىق كۆزلىرىمنى  ئۇنىڭغا تىكتىم:

    ـــ كېسەل كارۋىتىدا ئۆز باغرىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتقىنى سىزنىڭ ئانىڭىز،  بارمايمەن دەيسىزغۇ؟! بۇ گەپ ئېغىزىڭىزغا قانداق پاتتى؟  سىزدىن ئۈمىدسىزلەندىم، ـــ دېدىم ئۇنىڭغا تەتۈر قاراپ.

    ـــ ئەمىسە سىز مېنى خاتىرجەم قىلىپ، چىرايلىق كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇزىتىپ قويۇڭ، بايىقىدەك گەپلەرنى ئىككىنچى تىلغا ئالغۇچى بولماڭ.

    ـــ ماقۇل، ئەمدى ئۇنداق گەپلەرنى قىلمايمەن، يۈرىكىمنىڭ قورقۇتۇشلىرىغىمۇ ئىشەنمەيمەن.

    ـــ ماۋۇ گېپىڭىز بولدى، سىز مېنىڭ ، مەن ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ!

    ـــ بولىدۇ ، سىزمۇ ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ، ئانىڭىزغا ياخشى قاراڭ، ئۇنىڭغا ۋاپادارلىقىڭىزنى يەتكۈزۈڭ .

   سىرتتا ئىشىك ئالدىدا توختىغان ماشىنىنىڭ ئاۋازى بىلەن تەڭ بىز بىر-بىرىمىزدىن ئاجراپ، كۆزلىرىمىزنى ئىشىككە ئاغدۇردۇق. فىرقەتنىڭ دوستى پەرھات كەلگەن ئىدى. ئۇ ياتاققا كىرمەستىن، ماشىنىسىنىڭ ئەينەكلىرىنى سۈرتكەچ بىزنىڭ چىقىشىمىزنى ساقلاۋاتاتتى.

    ـــ ئەمىسە مەن ماڭاي، ۋاقىت توشۇپ قاپتۇ، ــ دېدى فىرقەت مېنى ئاخىرقى قېتىم باغرىغا بېسىپ، مەن بىر- بىرى بىلەن قىستىلىشىپ چىقىپ، ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلۈۋاتقان ياشلىرىمنى سۈرتكەچ، ئۇنىڭ بىلەن سىرتقا چىقتىم.  بىزنىڭ چىقىپ كېلىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرگەن پەرھات، دەرھال ماشىنىسىغا چىقىپ ئولتۇرۇپ، ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇپ، مېڭىشقا تەييارلاندى. بىز ئۇدۇل كېلىپ ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇردۇق. ھېچقايسىمىز گەپ قىلىشماي ئۈن-تىنسىز كېتىپ باراتتۇق. پەقەت ماشىنىنىڭ ماڭغاندىكى گۈرۈلدىگەن ئاۋازىلا جىمجىتلىقنى بۇزۇپ ھاياتلىقتىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى .

    ـــ خوش ئاغىنە، داداڭ-ئاناڭغا سالام ئېيتقىن، بۇ يېشىككە ئاناڭغا ئازراق دورا ۋە يەرلىك مەھسۇلاتلاردىن سېلىپ قويدۇم، ئاز بولسىمۇ ئۇلارغا ئالغاچ كەتكىن، ــ دېدى پەرھات ماشىنىنىڭ ئارقا ساندۇقىدىن ئىككى يەشىكنى ئېلىپ فىرقەتكە سۇنۇپ، ـــ سەن ماڭغىچە ھەمراھ بولالمايدىغان بولدۇم، ئازراق جىددىي ئىشىم چىقىپ قالدى، كېلىدىغان ۋاقتىڭدا خەۋەر قىل، ئۆزۈم ئالغىلى چىقىمەن. خوش ئەمىسە ئاق يول بولسۇن. ــ دېدى يەنە فىرقەتكە قولىنى ئۇزىتىپ.

ئۇ كەتكەندىن كېيىن بىز ئۇنىڭ كەنىدىن بىردەم قاراپ تۇرۇپ، يېشىكلەرنى كۆتۈرۈپ  بېكەت ئىچىگە كىردۇق، بېكەت ئادەم بىلەن لىق تولغان بولۇپ، بىرلىرى شوپۇر بىلەن يۈكلىرىنىڭ باھاسىنى كېلىشەلمەي ئاۋارە بولسا، بىرلىرى يولدا يەيدىغان نەرسىلەرنى ئاپتوبۇس ئەينىكىدىن سۇنۇشۇپ، كۆرگەن كىشىگە بىر خىل جىددىي تۇيغۇ بېرەتتى. بىز ئاپتوبۇسلارنى ئارىلاپ، شەھەرگە ماڭىدىغان ئاپتوبۇسنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدۇق. ئاپتوبۇسقا  ئادەم لىقلا تولغان بولۇپ، پەقەت فىرقەتنىلا ساقلاپ تۇرغاندەك قىلاتتى.  فىرقەت يېشىكلەرنى شوپۇرنىڭ ياردىمىدە ئاپتوبۇسنىڭ يان تەرەپتىكى ساندۇقىغا ئورۇنلاشتۇرۇۋالغاندىن كېيىن،  يېنىمغا كېلىپ توختىدى. مەن ئۇنىڭغا قارىسام ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي يەنە يىغلاپ كېتىشىمدىن ئەندىشە قىلىپ يەرگە قارىغىنىمچە تۇرىۋەردىم .

     ـــ ھە، تۇغقانلار بىلەن خوشلىشىپ بولغان بولساڭلار ماشىنىغا چىقىڭلار!  ھازىر ماڭىمىز،  ــ دەپ ۋارقىرىغان پاكار، قارامتۇل كەلگەن شوپۇرنىڭ قوپال ئاۋازى جۇدالىق ئازابىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، تىترەپ تۇرغان نىمجان يۈرەكلەرگە بازغاندەك ئۇرۇلدى،  ئۈركىگەن كېيىكنىڭ كۆزلىرىدەك چوڭ ئېچىلغان كۆزلىرىم ئۇنىڭ قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىگە قادالدى، كۆزلىرىمدىن ئاققان ياشلار ئاللىبۇرۇن ئېڭەكلىرىمدە  تامچىلارنى ھاسىل قىلىپ تۆكۈلۈشكە باشلىغانىدى .

    ـــ سىز ماڭا ۋەدە بەرگەن ئىدىڭىز،  يەنە يىغلاۋەرسىڭىز مەن راستىنلا ماڭمايمەن، ــ دېدى ئۇ مەيۈس چىرايى بىلەن، ئەمما يىغلاشقا ئارانلا تۇرغان كىچىك بالىدەك ئۆمچەيگەن  لەۋلىرى ئۇنىڭ ياشلىرىنىڭ يۈرىكىگە ئېقىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى .

    ـــ ماقۇل، ئەتىدىن باشلاپ، سىز كەلگىچە ھەرگىز يىغلىمايمەن!

    ـــ سالامەتلىكىڭىزنى ئاسرىشىڭىز كېرەك، كۈلۈپ قالسىڭىز مەن ئەنسىرىمەيمەن.

    ـــ ماقۇل،........ ماقۇل.......ماقۇل...

    ئۇنىڭ دېگەن ھەر بىر گېپىگە «ماقۇل» دەپلا  بېشىمنى لىڭشىتىپ جاۋاب بېرەلىدىم. ئۇ قوللىرى بىلەن ئىككى بىلىكىمدىن قاماللاپ تۇتۇپ مېنى ئۆزىگە قارىتىپ:

    ـــ ماڭا بەرگەن ۋەدىڭىزنى ئۇنۇتماڭ، يىغلىماڭ،  مېنى سېغىنىپ تۇرۇڭ، مەن كۈندە تېلېفون قىلىپ تۇرىمەن، يەنە ئۇچۇر قىلىپ تۇرىمەن.

    مەن توختىماي باشلىرىمنى لىڭشىتىپ ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ تۇراتتىم .

    ـــ ھوي ئۇكاموي! ماڭامسەنيا؟! كەچ بولۇپ كەتتى،  نېمە تۈگىمەيدىغان گەپ ئۇ؟ ئەتە ماڭامسەنيا بولمىسا؟ ــ دەپ ۋارقىرىغان قوپال ئاۋاز بىزنى  ئەسلىمىزگە  قايتۇرۇپ كەلدى، شوپۇر ئاللىبۇرۇن رولغا چىقىپ بولغان بولۇپ ماشىنىنىمۇ ئوت ئالدۇرۇپ بولغان، بىر ئاپتوبۇس يولۇچى ئۇنى ساقلاپلا تۇرغانىدى، بىز خىجىل بولۇپ قالدۇق. فىرقەت جىددىيلىشىپ ئاپتوبۇسقا قاراپ ماڭدى. ئۇ سومكا ئالماي ئۇچىسىدىكى كىيىمى بىلەنلا ماڭغانلىقى ئۈچۈن، بىر تاقلاپلا ئاپتوبۇسقا چىقىپ، ئورنىغا بېرىپلا ئەينەكنى چۈشۈردى، مەن بايىقى ئورنۇمدىن مىدىرلىماي، ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەدەم بويىچە ياشلىرىمنى ئىچىمگە يۈتۈپ، ئۇنىڭدىن كۆزۈمنى ئۈزمەي، يالغان كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇردۇم. ئاپتوبۇس قوزغىلىشى بىلەن تەڭ ئىچىمدىن بىر نەرسە قومۇرۇلۇپ چىقىپ كەتكەندەك مەيدەم قاتتىق ئاغرىپ كەتتى، بىر قولۇم بىلەن مەيدەمنى چىڭ تۇتۇۋالدىم، ئاغرىقتىن يەڭگىل تۈرۈلگەن چىرايىمنى دەرھال تەبەسسۇمغا ئۆزگەرتىپ تەستە ئۇنىڭغا قارىدىم. ئۇ ئەنسىزچىلىكتە چەكچەيگەن كۆزلىرى بىلەن ماڭا قاراپلا  قالغانىدى. مەن قوللىرىمنى يەڭگىل سىلكىپ،  ھېچ ئىش بولمىغانلىقىنى ئۇنىڭغا بىلدۈردۈم. ئاپتوبوس بارغانچە سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئېغاڭلىغان پېتى  بېكەتتىن چىقىپ كەتتى، ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك  سىرتتا، قوللىرىدا ئاللىنېمىلەرنى ئىشارە قىلىپ كېتىپ قالدى. ياشقا تولغان كۆزلىرىم،  ئاپتوبۇس قالدۇرۇپ كەتكەن توزاندىن باشقا ھېچنەرسىنى كۆرەلمىدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇنى نەچچە قېتىم مۇشۇ بېكەتتىن ئۇزاتقان ئىدىم، لېكىن بۇنداق ھەسرەتلىنىپ ياش تۆكمىگەن ئىدىم، بۇ قېتىم ئەھۋال ئوخشىمايدۇ، نېمىشقا بۇنچە ياش تۆكۈپ ئۇزىتىپ قويىدىغانلىقىمنىڭ سەۋەبىنى ئۇ ھەرگىز بىلمەيدۇ، ئۇ پەقەت، ئۆزىنىڭ ماڭا دېگەن«بۇ قېتىم قاچان كېلىشىمنى بىلمەيمەن، قانداقلا بولمىسۇن كېلىشكە ئىمكان بولسىلا ئۇ يەردە بىر مىنۇتمۇ تۇرمايمەن» دېگەن كېلىشى ئېنىقسىز بولغان سەپىرى ئۈچۈن شۇنداق ھەسرەتلەندى دەپ بىلەتتى. ئۇ كەتتى،  مەن قالدىم، مۇھىتى، ئادەملىرى، ھەتتا ھاۋاسىمۇ مەن ئۈچۈن ناتونۇش بولغان بۇ يىراق سەھرادا تومۇزدا قاغجىرىغان يېگانە گۈلدەك شۈمشىيىپ قېلىپ قالدىم. تۇرۇپلا پۇتۇمنىڭ سىرقىراپ ئاغرىۋاتقانلىقىنى سېزىپ پۇتۇمغا قارىدىم،  پۇتۇمدا ياتاقتا كىيىپ يۈرىدىغان ساپما كەشىم تۇراتتى ، ئۈستۈمگىمۇ نېپىز مايكامنىڭ ئۈستىگە قارا رەڭلىق تىۋىت پەلتۇيۇمنى كىيىپلا چىقىپتىمەن،  مۇشۇ بىرىنچى ئايدا ئۈرۈمچىدە بولغان بولسام مۇشۇ ئەپتىم بىلەن سوغۇقتىن ئۈششۈپ قالمىساممۇ پالەچ بولۇپ قالاتتىم، بەدىنىمگە سەل تىترەك ئولاشقاندەك بولدى، پۇتلىرىمنى سۆرەپ دېگۈدەك مېڭىپ قەدىمىمنى تېزلەتتىم. پۇتلىرىمدا ئازراقمۇ سېزىم قالمىغان ئىدى.  كېتىۋېتىپ يول بويىدىكى يوپۇرماقلىرى پۈتۈنلەي چۈشۈپ كەتكەن، توپىدىن غولىنىڭ قايسى دەرەخكە تەۋە ئىكەنلىكىنىمۇ پەرق ئەتكىلى  بولمايدىغان تېرەكلەرگە قارىدىم، ئۇلار نۇرغۇن سىرلارنى بىلىدىغاندەك، ماڭا ئېچىنىۋاتقاندەك سۈكۈتتە تۇرۇشاتتى،  كېتىپ بارغان ئادەملەرگە قارىدىم، ئۇلارمۇ ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش كېتىۋاتىدۇ، ئۇلار مېنى تونۇپ بولدىمۇ يا بېشىمغا چىرايلىق ياغلىق ئېلىپ چىگىۋالغانلىقىم ئۈچۈن مېنى قەلبىگە سىغدۇردىمۇ ئىشقىلىپ بۇرۇنقىدەك يامان كۆزلىرى بىلەن ماڭا قارىماستىن، غودۇراپ تىللىماستىن ئۆز يوللىرىغا كېتىشىپ باراتتى.  خىيال بىلەن مېڭىپ ياتاققا قانداق كېلىپ قالغانلىقىمنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن، كىرگەن پېتى پەلتۇيۇمنىمۇ سالماي كارىۋىتىمغا كېلىپ سوغۇق تامغا تىكىلگىنىمچە ئولتۇرۇپ قاپتىمەن.

    ـــ زۈبەيدە، ھەي زۈبەيدە، بامۇسىز؟ ــ دېگىنىچە قوشنام مەريەم ھەدە كىرىپ كەلدى، ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىساممۇ مېڭىشىدىنلا قانچە يىراقتا بولسىمۇ بىلىۋالاتتىم، ئۇ يولدىشىنىڭ ئايىقىنىڭ كەينىگە دەسسەپلا ساپما كەش قىلىپ كېيىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاۋازى باشقا مەخسۇس ساپما كەشلەردىن قوپاللىقى ھەم قاتتىق سۆرەلمىلىكى بىلەن پەرقلىنىپ تۇراتتى.

   ـــ كېلىڭە ھەدە، -دەپ ئورنۇمدىن تۇردۇم . ئۇ ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن :

   ـــ كەچتە كىرىڭ دېسەم كىرمىدىڭىزغۇ؟ ئۆتكەندىمۇ ماقۇل دەپ قويۇپ كىرمىدىڭىز، بۈگۈنمۇ روزىبادىن خىجىل بولۇپ كىرمىگەن چېغى دەپ ئۆزۈملا ئېلىپ چىقتىم بۇ تاماقنى،  ــ دېگىنىچە بىر تەخسە تاماقنى ماڭا ئۇزاتتى ئۇ. تاماقنى ئۇنىڭ قولىدىن ئېلىۋېتىپ ئەتىگەندە  «كەچتە تاماققا كىرىڭ جۇمۇ» دېگەن گېپىگە «ماقۇل» دەپ ۋەدە بېرىپ قويغىنىم ئېسىمگە كېلىپ سەل خىجىل بولۇپ قالدىم.

   ـــ تېخى ھازىر كىرەي دەپ تۇرغان، ــ دېدىم ئۇنىڭغا يالغان ئېيتىپ.

   ـــ ھە بوپتۇ،  ئەمدى مەن كىرىپ بوپتىمەن، قازاندىن سۈزۈپلا قىزىق شورپىنى قۇيۇپ چىقتىم، دەرھال يەڭ، نارىن دېگەن بىردەم تۇرسا قېتىپ قالىدۇ. ئاللا..... ئوتمۇ قالىماپسىزغۇ؟ كاچكۇل بوپتۇ بۇ ئۆي، ــ دېگىنىچە مەشنىڭ كۈللىرىنى تارتىپ تاراڭلىتىپ بىردەمدە ئوتنى گۈركىرىتىۋەتتى، ــ تېخى ئاستى- ئۈستىنى ئۆرۈپ ئولتۇرىسىزغۇ يېمەي؟  تاماق يەۋالغانمۇ؟

  ـــ ياق، ــ دېدىم تۆۋەن ئاۋازدا، شۇندىلا بۈگۈن چۈشتىمۇ تاماق يېمىگەنلكىم ئېسىمگە كەلدى، ــ قورسىقىم ئاچمىغاندەكلا.

ئۇدۇلۇمغا كېلىپ ماڭا سىنچىلاپ قاراپ :

  ـــ يەنە نېمە بولدى؟ ــ دېدى ئۇ.

  ـــ فىرقەت يۇرتىغا كەتتى، ــ دېگىنىمچە پاڭڭىدە يىغلاپ كەتتىم.

  ـــ كەتسە نېمە بوپتۇ؟ ئاۋۇ روزىبايمۇ يىللاپ - يىللاپ كەلمەي ماۋۇ كۆزلىرىم ئۇنىڭ يوللىرىغا قاراپ تېشىلگىلى ئاز قالغان. مانا ئەمدى تېقىمىغا ئوسۇرۇپ ئولتۇرىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا ئېتىپمۇ تۇتقىلى بولمايدىغان يىگىت ئىدى، يىغلىماڭ، ئەركىشىگە يىغلىغان ئايالنى ساراڭ دەيمە مەن ھازىر. ئاشۇ ئاققان ياشلارنىڭ بىر تامچىىسىغا ئەرزىسە نېمە دەي ئۇلارنى. مەنمۇ ئۆز ۋاقتىدا يۇرتنىڭ گۈلى، روزى باينىڭ بۇلبۇلى ئىدىم، ماڭا ئاشىق يىگىتلەر ئۆيىمىزنىڭ ئارقىسىدىكى ئۆستەڭگە مەيدىسىنى يېقىپ، گۈلمەرەمنى ئوقۇپ تاڭ ئاتقۇزاتتى، ئەخمەقلىقىمدىن بىر موچەن پۇلى بولمىسىمۇ كۆڭلۈمنى ئۇتۇۋالغان روزىغا تېگىپتىكەنمەن،  ئۆز ۋاقتىدا ماڭا كۆيۈپ مەيدىسىنى نەم يەرگە ياققان يىگىتلەر ھازىر كاتتا ئادەم بولۇپ كەتتى، بىرسى تېخى ھاكىم بولدى،  ئۆتكەندە ئاۋۇ قاسىمجان بالامنىڭ ئىشى بىلەن ئىزدەپ بارسام، دەردىمنى ئاڭلاش تۈگۈل، نەزىرىگىمۇ ئىلىنالمىدىم. ئەرخەق دېگەن مانا مۇشۇنداق خەق. يىغلىماڭ ئۇكام، ئۇ كەتسە يەنە كېلىدۇ، كەلمىسىمۇ ئامال يوق. لېكىن سىز ياشىمىسىڭىز بولمايدۇ.

مەريەمخان ھەدە، مەكتەپ قوغداش بۆلۈمىدىكى روزىباينىڭ ئايالى بولۇپ ئۆزىنىڭ پاكار، سېمىزلىكىگە باقماي تولىمۇ چاققان ئايال ئىدى، مەن مۇشۇ يەرگە كەلگەندىن باشلاپ، مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئېلىپ كېلىۋاتقان بىردىن- بىر ھېماتچىم دېسەم ئارتۇق كەتمەيدۇ. يولدىشى روزى باي ئۆتكۈر كۆزلىرى نېمىنىدۇر دېگۈسى بار، لېكىن ئىچىدىن چىقىرالماي ھەسرەت چېكىۋاتقاندەكلا باشلىرىنى ھەدەپ لىڭشىتىپ يۈرىدىغان، جەمئىيەتتىن نارازى بولۇپلا يۈرىدىغان ئادەم ئىدى.

     مەريەم ھەدە بىرمۇنچە ۋەز ئېيتىپ تەسەللىي قىلىپ، ئوتنى قالاپ ياتىقىمنى ئىسسىتىپ بېرىپ چىقىپ كەتتى. ئۇ مېنىڭ نېمە ئۈچۈن ياش تۆككىنىمنىڭ سەۋەبىنى، ئۇنىڭ كېلىش -كەلمەسلىكىدىن شۇنچە  ئەنسىرىشىمنىڭ سەۋەبىنى بىلمەيتتى. مەريەم ھەدىنىڭ ھازىرقى غەمسىز، ساددا تۇرقىغا تولىمۇ مەستلىكىم كەلدى. ئادەمنىڭ قەلبىگە مۇھەببەت بۆسۈپ كىرمىسە ياخشىكەن، كىردىمۇ ئۇنىڭ قانچىلىك لەززىتى بولسا نۆۋىتىدە ئېلىپ كېلىدىغان ئازابىمۇ  شۇنچىلىك ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ  چوڭقۇر بولىدىكەن.

     ئوت كۆيۈۋېرىپ مەش  قىپقىزىل چوغقا ئايلاندى. مەشتىكى ئوت كۆيۈۋاتقان يۈرىكىمدەك چاراسلاپ كۆيمەكتە ئىدى،  ئورنۇمدىن ئاستا تۇرۇپ پەلتۇيۇمنى سېلىپ كىيىم ئاسقۇچقا ئىلىپ قويغاندىن كېيىن  ئولتۇرۇپ تېلفونغا قارىدىم. «نېمانداق جىمجىت؟ ئەجىبا مەريەمخان ھەدىنىڭ دېگىنىدەك ئۇ بۇ يەردىن كېتىپلا  بايىقى ھەسرەتلىك مىنۇتلارنى ئۇنتۇلغانمىدۇ؟» تېلفونۇمنى قولۇمغا ئېلىپ قاراپ بايىقى خىياللىرىمدىن خىجىل بولۇپ قالدىم. تېلېفون ئېكرانىدا ئالمىغان تېلېفوندىن 12 سى، ئوقۇلمىغان ئۇچۇردىن  يەتتە دانە ئۇچۇر تۇراتتى. ئۇ تېلېفون ھەم ئۇچۇرنى مەندىن ئايرىلىپلا قىلىشقا باشلىغانىكەن، مەن يولدىكى ۋاراڭ - چۇرۇڭدا ئاڭلىماي قاپتىمەن.  ئالدى بىلەن قالدۇرۇلغان ئۇچۇرلارنى ئوقۇشقا باشلىدىم.

   «سۆيۈملۈك زۈبەيدە، بېكەتتە قوللىرىڭىز بىلەن يۈرىكىڭىزنى تۇتۇپ قېلىۋىدىڭىز، مېنىڭ يۈرىكىممۇ ئاغرىپ كەتتى،  ئاپتوبۇس قوزغالغاندا تەنھا قالغان ھالىتىڭىز قارچۇقلىرىمدا قېتىپ قالدى» بۇ بىرىنچى ئۇچۇر ئىدى. مەن يەنە يىغلاشقا باشلىدىم. ئۇنىڭ ئىككىنچى ئۇچۇرى مۇنداق يېزىلغان ئىدى: «قەدىرلىكىم تېلفون قىلسام ئالمايسىزغۇ؟ يەنە يىغلاۋاتامسىز؟ مەن بىلىمەن سىز يىغلاۋاتىسىز. سىز ۋەدىڭىزدە تۇرمىدىڭىز» . قالغانلىرىنىمۇ بىر بىرلەپ ئوقۇشقا باشلىدىم: «تېلېفوننى ئېلىڭ، مەن يىغلىغان ئاۋازىڭىزنى بولسىمۇ ئاڭلاي!»

« يۈرىكىم پارە - پارە بولۇپ كەتتى»

«تېلېفوننى ئېلىڭ!!!»  ئۇنىڭ ھەممە ئۇچۇرى مۇشۇنداق يېزىلغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى ئۇچۇردا: « ئەمدى تېلېفون قىلماي سىزنىڭ تېلېفونىڭىزنى كۈتىمەن، ماڭا كۈلۈپ تۇرۇپ ئاق يول تىلەپ قىلغان تېلفونىڭىزنى كۈتىمەن» دەپ يېزىلغان ئىدى. مەن ئۇچۇرلارنى ئوقۇپ بولۇپ ئۆزۈمنى قويۇۋېتىپ ئاۋازىمنى بولۇشىغا قويۇۋېتىپ راسا بىر يىغلىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭغا تېلېفون قايتۇردۇم. ئۇ تېلېفوننى قولىدا تۇتۇپلا تۇرغانمىكىن، نومۇرىنى بېسىپ بولغىچىلىكلا ئېلىپ بولدى.

ـــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، جېنىم نېمىشقا تېلېفوننى ئالمايسىز؟ مېنى بەك ئەنسىرەتتىڭىز، يەنە يىغلاۋاتامسىز؟

ـــ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، كەچۈرۈڭ، مەن يولدا تېلېفون ھەم ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلىماپتىمەن، ياتاققا كىرىپ بولغىچە مەريەم ھەدەم كىردى، ئۇنى ئۇزىتىپ ھازىرلا كۆرۈشۈم، كەچۈرۈڭ، سىزنى ئەنسىرىتىپ قويۇپتىمەن، سەپىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتامدۇ؟

ـــ شۇنداق، ئەمدى خاتىرجەم بولدۇم، تاماق يەپ ئوبدان بىر ئۇخلىۋېلىڭ. مەن ئەكىرىپ بەرگەن پوملارنى مەشكە لىق سېلىپ قويسىڭىز كېچىچە ئوت ئۆچۈپ قالمايدۇ، ــ دېدى ئۇ داۋاملىق دەيدىغان گېپىنى تەكرارلاپ.

ـــ ماقۇل، خاتىرجەم بولۇڭ، دېگىنىڭىزدەك قىلىمەن، ماشىنا سوغۇقمىكەن؟ توڭلىدىڭىزمۇ؟

ـــ ياق ئەدىيالغا ئورۇنۇۋالدىم،  ئەمىسە خوشلىشايلى، ئوبدان بىر ئۇخلىۋالسىڭىز ئەتە ياخشى بولۇپ قالىسىز، مەن ساق -سالامەت بارساملا سىزگە تېلېفون قىلىمەن.  خوش ئەمىسە.

ـــ خوش، سەپىرىڭىزگە ئاق يول تىلەيمەن!

ـــ رەھمەت، تېلېفوننى ئاۋال قويۇڭە.

ـــ ماقۇل خوش. مەن تېلېفوننى ئۈزدۈم، ئۇ داۋاملىق مېنىڭ تېلېفوننى بالدۇر قويۇشۇمنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالاتتى، شۇڭا تېلېفوننى ئۈزۈپ ئېتىۋەتمەي ياستۇقۇمنىڭ ئاستىغا باستۇرۇپ قويۇپ، مەشكە پوملارنى لىققىدە سېلىپ قويۇپ ئورنۇمغا كېلىپ ياتتىم، خىيال كەپتىرىم مېنى يېتىلىگىنىچە يىراقلارغا ئېلىپ كەتتى...

 


ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە باشقا تېمىلار
ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(1)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(2)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(3)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(4)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(5)
ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(6)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(7)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(8)