باش بەت / ساقلايمەن

ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(6)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2012-3-30 10:35 | ئاپتور: ساجىدە سۇلايمان | مەنبە: خۇشدىل مۇنبىرى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

8- ئاينىڭ ئاخىرىدىكى تومۇز ئىسسىقتا، تۇنجى قېتىم ئۆز تەقدىرىم ئۈچۈن  ئۆزۈم ناتونۇش ئەمما بەكمۇ مەيلىمنى تارتىپ تۇرىدىغان يولغا قەدەم ئېلىپ جەنۇبقا قاراپ يولغا چىقتىم. دادام-ئاپاملار ئاپىرىپ قويىمىز دېسىمۇ، ئايروپىلانغا سېلىپ قويىمىز دېسىمۇ قەتئىي چىڭ تۇرۇپ ئاپتوبۇس بىلەن يولغا چىقتىم. بۇ مېنىڭ ئۆمرۈمدىكى تۇنجى ئۇزۇن يوللۇق سەپىرىم ئىدى.

جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى ئۇزۇن يوللۇق بېكىتىدە يىغلاپ قالغان ئاپام ھەم دادام، ئاكام-سىڭلىمغا قىيالمىغان بولساممۇ، ئۇلار ئالدىدا قەيسەرلىكىمنى ئىپادىلەپ، ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن كۆزۈمدىن بىر تېمىممۇ ياش تۆكمىدىم، ئەكسىنچە كۈلگىنىمچە ئۇلارغا تەسەللىي بېرىپ تۇردۇم، ئاپتوبۇس قوزغالغاندا ئۇلارنىڭ ھاۋادا پۇلاڭلاپ قالغان قوللىرى يۈرىكىمنى سۇغىرىۋالدى، «جاندىن كەچمىگۈچە جانانغا يەتكىلى بولماس» دېگەننىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم، ئاپتوبۇس ئۈرۈمچىدىن چىقىپ ئۇلامبايغا كەلگەندىن باشلاپ تۆكۈلگەن ياشلىرىم يول بويىدىكى توك شامالدۇرغۇچتىن ئۆتكۈچە داۋاملاشتى،  ئۆزۈمنىڭ بۇندىن كېيىنكى تۇرمۇش يولۇمدىكى مېنى كۈتۈپ تۇرغان خۇشاللىق، قىيىنچىلىق، ئوڭۇشلۇق ھەم ئوڭۇشسىزلىقلار ئۈستىدە ئويلىنىپ بېقىشقا شۇنچە غەيرەت قىلغان بولساممۇ لېكىن قەلبىمدە پەقەت تەقەززالىق، ئىنتىزارلىق، سۆيۈنۈشتىن باشقا ھېچنەرسىنىڭ يوقلىقىنى بىلدىم.

ئاپتوبۇستىكىلەرگە قارىدىم، مەن ئۇلار بىلەن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇراتتىم، ئاستىمغا كىيگەن تار پادىچىلار ئىشتىنىم، ئۈستۈمگە كىيگەن يەڭسىز مايكام، چاچلىرىمنى كەڭ قويۇۋېتىپ بېشىمغا كىيىۋالغان ئۇزۇن چېكىلىكى بار شەپكەم ئۇلارنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلىنىپ قالغانمىكىن، ياكى بولمىسا ئويدىكىلەرنىڭ مېنى ھەسرەت بىلەن ئۇزىتىپ قويۇشلىرى دىققىتىنى تارتىپ قېلىشتىمىكىن ئىشقىلىپ ھەممىسى ماڭا بىر خىل نەزەر بىلەن قاراپ ئولتۇرىشاتتى.

ـــ نەگە ماڭدىڭىز قىزىم؟ -دەپ ماڭا يۈزلىنىپ  ئولتۇردى  ئاپامدىن چوڭراق، شۇنچە تومۇز ئىسسىقتىمۇ نېپىز كۆينەكنىڭ ئۈستىگە چاپان كېيىپ بېشىنى ياغلىق بىلەن چىڭ ئورۇۋالغان بىر ئايال.
ـــ قەشقەرگە، ــ دېدىم  ئۇنىڭغا  تەبەسسۇم بىلەن.
ـــ قەشقەرگە ئوقۇشقا ماڭدىڭىزمۇ؟
ـــ ياق خىزمەتكە ماڭدىم، مەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولدۇم. ــ دېدىم ئۇ ئايالغا چۈشەندۈرۈپ، ئەتراپتىكىلەرمۇ  خېلىدىن بېرى مېنىڭ نېمىشقا بۇ سەپەرگە ئاتلانغىنىمنىڭ تېگىگە يەتمەكچى بولغاندەك، نەزەرلىرى ماڭا ئاغدۇرۇلدى.
ـــ ھازىر ئۇ يەرلەردىمۇ خىزمەت تاپماق تەس بولۇپ كەتتى قىزىم، قانداق خىزمەت قىلغىلى كېتىۋاتىسىز؟
ـــ مۇئەللىم بولىمەن، مەن توختام تۈزدۈم، قەشقەرگە بېرىپ خىزمەت قىلىشنى ئۆزۈم تاللىدىم.
ـــ مۇئەللىم بولىمەن دەڭ، ـــ دېدى ئايال ئاستا پىچىرلاپ، ئاندىن ئۈستى-بېشىمغا بىر قاراپ قويدى.  شۇنىڭدىن باشلاپ ھېچكىم بىلەن سۆھبەتتىمۇ بولمىدىم، قالغانلارمۇ مېنىڭ نېمىشقا قەشقەرگە يالغۇز ماڭغانلىقىمنى بىلىۋېلىپ جىم بولۇشتى. ئاپتوبۇس كەڭ سايلارنى، كىچىك-كىچىك ئۆيلەرنى، يەنە يېزا شەھەرلەرنى ئارقىدا قالدۇرۇپ غۇيۇلداپ كېتىپ باراتتى،  بىر-بىرىگە گەپ بەرمەي ۋارقىرىشىپ پاراڭلىشىپ ماڭغانلارمۇ جىمىپ قېلىشتى، مەن كۆزلىرىمنى دەرىزىدىن يىراقلارغا تىكىپ، مەن ئۈچۈن يېڭىلىق ئېلىپ كېلىۋاتقان بۇ مەنزىرىگە قىزىقىپ قارىغىنىمچە خىياللارغا غەرق بولدۇم.

 


ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە باشقا تېمىلار
ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(1)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(2)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(3)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(4)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(5)
ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(6)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(7)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(8)