باش بەت / ساقلايمەن

ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(4)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2012-3-30 10:33 | ئاپتور: ساجىدە سۇلايمان | مەنبە: خۇشدىل مۇنبىرى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

«سۆيۈملۈك زۈبەيدە، قالدۇرغان خېتىڭىزنىڭ مېنى قانچىلىك سۆيۈندۈرگەنلىكىنى بىلەمسىز؟ ئاشۇ ئىككى قۇر خېتىڭىزنى بۈگۈن قايتا – قايتا نەچچە رەت ئوقۇغانلىقىمنى سىز بىلمەيسىز».

«نېمانداق قايتىپ كەلمەيسىز؟»

«چوقۇم بەك كۆڭۈللۈك ئويناۋاتىسىلەر»

«زۈبەيدە، بۈگۈن بىر كۈن ساقلىسام كەلمىدىڭىز، تورمۇ سىز بىلەن مەنىلىك ئىكەن، سىز يوق باش سۈرىتىڭىزگە ئۇزۇندىن- ئۇزۇن قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتىم، ئۆزۈمگە نېمىلەرنى دېگەنلىكىمنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟»

«بۇ مەخپى، ئۇنداق ئاسانلا دەپ بېرىدىغان ئىش يوق»

«زۈبەيدە........!   قايتىپ كېلىڭ......!»

ھەر بىر ئۇچۇرنىڭ ئارىلىقى 15 مىنۇت، يېرىم سائەت، ياكى بىر سائەتتىن ۋاقىت پەرقى بار بولۇپ، ھەممىسىنىڭ ئارقىسىدا خەت مەزمۇنىغا ماس كىرىشتۈرۈلگەن سۈرەتلەر بار ئىدى. ئۇچۇرلارنى قايتا – قايتا ئوقۇپ بەك خۇش بولۇپ كەتتىم. مۇشۇ ھاياجىنىم بىلەن ئۇنىڭغا سالام قىلاي دېسەم ئۇ يوق.  ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاخىرىغا:
«فىرقەت زۈبەيدەنى ئىزەپ قارلىق دالاغا كەتتى، تاپالامدۇ يا تاپالمامدۇ، بۇ ھېكايىنىڭ ئاخىرىغا قىزىقساڭلار سائەت 7دە ئاڭلىتىلىدىغان فىرقەت -زۈبەيدە ھېكايىسىدىن ئاڭلىغايسىلەر، خەيرلىك چۈشتىن كېيىن» ــ دەپ يېزىپ قويغان ئىدى،

دېمەك ئۇنىڭ 7 دە كېلىدىغانلىقى مەلۇم بولدى. بۇ خەتلەرنىڭ يۈرىكىمنى قانچىلىك لەرزىگە سالغانلىقىنى ئاجىز تىللىرىم ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. «ئاھ! سۆيۈملۈك فىرقەت» دېگەن گەپ ئاغزىمدىن قانداق چىقىپ كەتكەننىمۇ تۇيماي قالدىم. مەنمۇ ئۇنىڭ كۆزنىكىنى ئېچىپ قويۇپ، خەتلىرىنى قايتا-قايتا ئوقۇغاچ سائەتنىڭ 7 بولۇپ ئۇنىڭ پەيدا بولۇشىنى كۈتتۈم. ۋاقىت بەكمۇ ئاستا ئۆتمەكتە ئىدى، سائىتىمنىڭ ئىسترىلكىسىنى بىردەم 7 گە ئەكىلىپ قويۇپ، بىردەم كەينىگە ياندۇرۇپ يۈرۈپ ئۇنى كۈتمەكتە ئىدىم. «تاق-تاق-تاق...» قىلغان ئاۋازنىڭ يۈرىكىمگە ئۇرۇلۇشى بىلەن ئۇنىڭ باش سۈرىتى يورىدى. مەن ئۇنىڭ كىرىپلا مېنىڭ تۇرغانلىقىمنى كۆرۈپ قانداق ئىپادىدە بولىدىغانلىقىنى كۆزىتىپ، ئۇنىڭغا سالام قىلماي قاراپ ئولتۇردۇم.

ـــ ئادەم بارمۇ؟ ــ دېگەن كوت-كوت ئىپادىسىدىن كېيىن، ـــ ئەسسالام، قاردا كۆڭۈللۈك ئوينىدىڭىزمۇ؟ ــ دېدى ئۇ.
ـــ شۇنداق كۆڭۈللۈك ئوينىدىم، كەڭ كەتكەن قارلىق دالانىڭ قانچىلىك گۈزەل ئىكەنلىكىنى بىر كۆرسىڭىز ئىدى، ئاجايىپ تۇيغۇلار بىلەن ئېسىل مىسرالارنى تۈزەتتىڭىز.
ـــ شۇنداقمۇ؟ قار دېگەنمۇ چوڭ شەھەردە چىرايلىق بولامدۇ نېمە؟
ـــ قانداق دەيسىز؟
ـــ سىزنى ساقلاۋېرىپ، ئاخىرى مەنمۇ دېھقانچىلىق مەيدانىمىزدىكى قارلىق دالاغا بېرىپ باقتىم، لېكىن ئۇ يەردە ئادەمگە غېرىپلىق چىللاپ كېلىدىغان جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرۈپتۇ. پەقەت ئېتىزلارنىڭ ئۈستىدە ئانچە-مۇنچە ئەگىپ يۈرگەن قاغىلارلا قاقىلداپ، بۇ جىمجىتلىقنى بۇزۇپ تۇرۇپتۇ. قارلارغا قاراپ سىزنى غايىۋانە تەسەۋۋۇر قىلىپ باقتىم.
ـــ قانداق تەسەۋۇر قىلدىڭىز؟
ـــ كۆز ئالدىمغا پەقەت سوغۇقتا توڭۇپ قىزىرىپ كەتكەن ئالمىدەك يۈزىڭىز، يەنە ھەر تىنىقىڭىزدا ھور ئۆرلەپ تۇرغان گىلاستەك لەۋلىرىڭىز، قىپقىزىل چىلاندەك بۇرنىڭىز نىڭ خىيالىي سىماسىدىن باشقا ھالىتىڭىزنى تەسەۋۇر قىلالمىدىم. ــ دېدى ئۇ.
ـــ گەرچە مەن دېھقانچىلىق مەيدانىنى كۆرۈپ باقمىغان بولساممۇ ئۇنىڭ دېگەنلىرىدىن ئاشۇ جىمجىت دالادا خىيالچان كۆزلىرىنى يىراقلارغا تىكىپ تۇرغان فىرقەتنى كۆرگەندەك بولدۇم، ـــ دەپ يازدىم مەنمۇ. نەچچە مىنۇت ئىككىمىز جىمىپ قالدۇق.

ـــ نېمىش قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بىلەن پاراڭلىشىۋاتامسىز؟ ــ دېدى ئۇ.
ـــ ياق، خەتلىرىڭىزگە قاراپ ئولتۇرۇۋاتىمەن، ـــ دېدىم.
ـــ بۇ ئوخشاشلىقنى! زۈبەيدە!
ـــ ئوۋ!
ـــ مېنى كۆرۈپ باققىڭىز يوقمۇ؟
ـــ سىزنىڭچۇ؟
ـــ بار دېسەم نېمە دەرسىز؟
ـــ بۇ ئوخشاشلىقنى دەرمەن؟! ــ دەپ كۈلۈمسىرىگەن ئىپادىنى ئەۋەتتىم. ئۇ كامىرا بەلگىسىنى باستى، كۆزنەكنى ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم.
ـــ ئېچىشنى بىلەلمىدىڭىزمۇ؟ قوبۇللاش دېگەن يەرنى باسسىڭىزلا ئېكراندا مەن پەيدا بولىمەن. ــ دېدى ئۇ. قوبۇللاشنى بېسىپلا قوللىرىم بىلەن يۈزلىرىمنى تۇتۇۋالدىم، ئاندىن قوللىرىمنىڭ ئارىسىدىن ئاستا مارىلاپ تۇرۇپ ئېكرانغا قارىدىم.  ئېكراندا ئاق يۈزىگە يارىشىملىق نىپىز بۇرۇت قويغان چاچلىرى قويۇق ھەم قارا، كۆزلىرى سەمىمىيلىكىنى ئىپادىلەپ كۈلۈمسىرەپ بىر يىگىت تۇراتتى. يۈرىكىمدە ۋىلىلداپ يېنىۋاتقان چوغ بىراقلا يالقۇنغا ئايلىنىپ كەتتى.

ـــ ئوماقلىقىڭىزنى تەسەۋۇر قىلغان بولساممۇ بۇنچىلىك دەرىجىدە جەلپكار ئىكەنلىكىڭىزنى ئويلماپتىكەنمەن، ـــ دېدى ئۇ. فىرقەت مىكرافوندا گەپ قىلدى، مەن تىڭشىغۇچ بىلەن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، دېگەن گەپلىرىگە قارىتىپ خەت يازدىم. چۈنكى دادام ھۇجرامنىڭ ئۇدۇلىدىكى كۈتۈپخانىسىدا ماتېرىيال كۆرۈۋاتاتتى. ـــ مەن سىز ئويلىغاندەك ئاق ئاتلىق شاھزادە ئەمەس، ئادىيغىنە دېھقان بالىسى، ـــ دېدى ئۇ يېقىشلىق ئاۋازى بىلەن.
ـــ ئاق ئاتلىق شاھزادە بولماي دېھقان بالىسى بولغىنىڭىز كۆزنەكنى داۋاملىق ئېچىپ تۇرۇشۇمغا سەۋەب بولۇۋاتىدۇ،- دەپ يازدىم. ئۇ ئۇچىسىغا كۈلرەڭ ئېگىز ياقىلىق مايكا كىيگەن بولۇپ، بۇ مايكىسى ئۇنى تېخىمۇ مەردانە قىلىپ كۆرسەتكەنىدى.
ـــ بولدى سىز خەت يازماي قاراپ ئولتۇرىڭە، خەت يازىمەن دەپ كۇنۇپكا تاختىسىغا ئېڭىشىۋالسىڭىز يۈزىڭىزنى كۆرەلمەيدىكەنمەن. ـــ دېدى ئۇ. مەن كۈلۈپ كېتىپ ماقۇل بولدۇم. بىز ئۇزۇنغىچە قارىشىپ ئولتۇردۇق. ئۇ توختىماي قىزىق گەپلەرنى قىلىپ، مېنى كۈلدۈرەتتى. ـــ ئاۋازىڭىز قايسى بۇلبۇلنىڭ ئاۋازىغا ئوخشايدۇ؟ ــ دېدى ئۇ. مەن ئىشىككە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن:
ـــ چىمەن باغدىكى قۇشقاچنىڭ ئاۋازىغا ئوخشايدۇ ، ـــ دېدىم ئاۋازىمنى تۆۋەن چىقىرىپ.
ـــ ئاۋازىڭىز ئۆزىڭىزدىنمۇ يېقىملىقكەن، ـــ دېدى ئۇ. مەن خىجىل بولۇپ يەرگە قارىۋالدىم. ئىشىكنىڭ چېكىلگەن ئاۋازى سۆھبىتىمىزنى بۇزۇپ قويدى، ئىشىكنى چەككەن ئاپام ئىدى.
ـــ سائەت ئون بولدى قىزىم،  ئەمدى ئارام ئېلىڭ، ـــ دېدى ئاپام ئىشىكتە تۇرۇپلا.
ـــ ۋوي، شۇنداقمۇ؟ ماقۇل، سىزمۇ ئارام ئېلىڭ، ياخشى چۈش كۆرۈڭ ئاپا! ـــ دېدىم ئاپامنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنى سۆيۈپ خوشلىشىپ. قايتىپ كېلىپ :
ـــ ئاپام ئۇخلاڭ دەيدۇ، ئەتە پاراڭلىشايلى، خەيرلىك كەچ! ـــ دېدىم.
ـــ ئاللاھ ياخشى چۈشلەرنى نىسىپ قىلسۇن سىزگە، ئەتە ئۇزۇنراق ئۇخلىۋېلىڭ، بۈگۈن قار تېيىلىپ ھېرىپ كەتتىڭىز. مەن ئەتە ئەتىگەندە دوخۇرخانىغا ئانامغا دورا ئالغىلى بارىمەن، ئاندىن كۆرۈشەيلى.
ـــ ھە ئانىڭىز....
ـــ شۇنداق ئانامنىڭ سالامەتلىكى دېگەندەك ياخشى ئەمەس، دورا بىلەن ئۆرە تۇرۇۋاتىدۇ شۇ. بۇ ئىشلارنى كېيىنچە دەپ بېرىمەن.
ـــ ماقۇل، خوش ئەمىسە.
ـــ خوش.

كومپيۇتېرنى ئۆچۈرۈپ يۇيۇنمايلا كارۋىتىمغا ئاران ئۈلگۈردۈم. گەرچە فىرقەت ماڭا تەلەپ قويۇپ ياكى مەن ماقۇللۇق بىلدۈرمىگەن بولساممۇ، كۆزلىرىمىز، ھىسسىياتىمىز ئاللىبۇرۇن بىر-بىرىنى ئېتىراپ قىلىشىپ، بىر-بىرىمىزنى بىردم كۆرمىسەك چىدىيالماسلىق دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن ئىدۇق. مەن ئويلىغانچە ئۇنىڭغا بەكلا ئىچىكىپ كېتىۋاتقانلىقىمنى سەزمەكتە ئىدىم. كۈنلىرىمىز شۇ تەرىقىدە كۆڭۈللۈك ئۆتۈۋاتاتتى، مەن ئەتە مەكتەپكە چىقىمەن دېگەن كۈنى كەچتە:

ـــ ئەتىدىن باشلاپ مەكتەپكە چىقىپ كەتسەم، ھەپتىدە بىر كېلىمەن، مەكتەپتىكى ئېلېكترونلۇق كۈتۈپخانىنىمۇ ھەپتىدە ئىككى كۈن كەچتە ئاچىدۇ، كۈندۈزى مەن ئوقۇشتا بولىمەن، ـــ دېدىم.
ـــ مەنىسىز كۈنلىرىم باشلىنىپتۇ ئەمىسە، بىر ھەپتىنى قانداق كەلتۈرەرمەن؟ ئۆتكەندە نومۇرۇمنى دەپ بەرگەن ئىدىم بەلكىم ساقلىۋالمىدىڭىز، قايتىدىن دەپ بېرەي، پات- پات ئالاقىىشىپ تۇرايلى، بۇ تېلفون نومۇرۇم:  138............
ـــ ماقۇل، ساقلىۋالدىم، بۇ مېنىڭكى: 139...........

بىز بىر-بىرىمىزگە قىيالمىغان ھالدا خوشلاشتۇق. ئەتىسى مەكتەپكە چىقىپلا يىراقتىن كەلگەن دوستلار بىلەن بولۇپ كەتتىم، چۈشتىن بۇرۇن ياتاقلىرىمنى ئورۇنلاشتۇرۇۋالدىم. چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا فىرقەتتىن تېلېفون كەلدى.


ـــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
ــــ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، يېڭى مەۋسۈمگە كىرىۋالدىڭىزمۇ؟
ــــ رەھمەت، كىرىۋالدىم.
ــــ دوستلىرىڭىز سالامەت تۇرۇپتىمۇ؟
ــــ رەھمەت، سالامەت تۇرۇپتۇ، سىزمۇ سالامەت تۇرغانسىز؟ ئانىڭىز ياخشى بولۇپ قالدىمۇ؟
ــــ ياخشى بولۇپ قالدى، يىگىتىڭىزمۇ ياخشى تۇرۇپتىمۇ؟ ـــ دېدى ئۇ. يۈرىكىم ئېغىپ كەتتى، دەماللىققا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم.
ـــ ياخشى ئۆتىدىغان ئوغۇل ساۋاقداشلىرىڭىزنى دەيمەن، ھېچ ئۇلار توغرىلىق گەپ قىلمىدىڭىز. مېنى قانداق بىلىۋالدىكىن دەپ قالدىڭىز-ھە؟ مەن دېگەن كاتتا پەرەزچى جۇمۇ %99 توغرا چىقىدۇ.
ـــ شۇنداقمۇ؟ ئەمىسە بۇندىن كېيىن سىزنى ئالدايدىغان ئۇنداق پەرەزلىرىڭىزگە ئىشەنمەيلا قويۇڭ، ـــ دېدىم. ئاۋازىممۇ تىترەپ چىقىپ كەتتى.
ـــ رەھمەت سۆيۈملۈك زۈبەيدە. خوش، دەرستىن چۈشۈپ تېلېفون قىلىڭ، تېلېفونىڭىزنى كۈتىمەن.- دەپلا تېلېفوننى ئۈزدى ئۇ. مەن تېلېفونغا بىردەم قاراپ تۇرۇپ قالدىم. «زۈبەيدە، ساراڭ بولدۇڭمۇ؟ ئۇ دېگەن سەندىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقتىكى ئادەم. باش قوشۇشۇڭ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس! ئۆزۈڭنى بىلىپ دەرھال كەينىڭگە قايت!» دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىۋاتاتتى تۇيغۇم. ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە نەچچە ئايلا قالغانلىقى ئۈچۈن يېڭى مەۋسۈم باشلىنىپلا پراكتىكىغا چۈشۈپ كەتتۇق.  ئۇ داۋاملىق تېلېفون قىلىپ تۇراتتى، ئالدىراش بولغان ۋاقىتلىرىدا ئۇچۇر قىلاتتى. مەنمۇ شۇ. ئادەتتە كۈندۈزلىرى مەن تورغا چىقالمىغانلىقىم ئۈچۈن ئۇ ھەر كۈنى چىقىپلا ئالدى بىلەن ماڭا سۆز قالدۇراتتى، مەن قاچاندا تورغا چىقسام ئۇنىڭ قالدۇرغان خېتىنى ئوقۇپ ئادەتلىنىپ قالغان ئىدىم، بۈگۈنمۇ ئۆيگە كېلىپلا ئۇنىڭ قالدۇرغان خېتىنى ئوقۇدۇم.

«سۆيۈملۈك زۈبەيدە، سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. قانچە قىلىپمۇ ئۆزۈمنى زادىلا كونترول قىلالمىدىم، شۇڭلاشقا، ئەگەر سىزمۇ مېنى ياخشى كۆرسىڭىز، سۆيگۈمنى قوبۇل قىلسىڭىز، مەن ئۈرۈمچىگە بېرىپ، بىرەر كومپيۇتېر شىركەتلىرىدە ئىشلىسەم، كۈندە سىزنى كۆرۈپ تۇرسام دەيمەن. خىزمىتىممۇ ھەل بولاي دەپ قالغان ئىدى، ئەگەر ھەل بولۇپلا قالسا بۇ يەردىن مىدىرلىيالىشىم مۇمكىن ئەمەس، مەن بۇ ئويۇمنى ئاكاملارغا دېۋىدىم ، ئۇلارمۇ توغرا تاپتى. ئەگەر سىزلا ماقۇل دېسىڭىز، مەن يېنىڭىزغا بارىمەن. جاۋابىڭىزنى تەشنالىق بىلەن كۈتۈپ:

                                                                      فىرقەت»

ھاياجان تۇيغۇلار يۈرىكىمنى ئىلكىگە ئالدى، ئۇنىڭ خەتلىرىنى قايتا-قايتا ئوقۇدۇم، گەرچە بۇ خەتلەردىن ئالەمچە سۆيۈنگەن بولساممۇ، يەنە ياخشى ئويلانمىسام بولمايتتى. ھېسسىياتقا بېرىلىپ ئۇنى كېلىڭ دېسەم، ئۇنىڭ ئوقۇغان بەش يىلى بىكار بولاتتى. دېھقان دادىسى، ئاغرىقچان ئانىسى، يەنە مەن بىلمەيدىغان نۇرغۇن ئىشلىرى.... ھەي، قانداق قىلىش كېرەك؟ دەپ، ئۆز ئۆزۈمگە توختىماي سۇئال قوياتتىم.  ئۇنىڭ خېتىنى تۇنجى قېتىم جاۋابسىز قالدۇرۇپ توردىن ئاستا چېكىندىم. بىر كېچە كاللام خىلمۇ-خىل توقۇنۇش بىلەن تولۇپ تۈزۈكرەكمۇ ئۇخلىيالمىدىم.

ئۇ ئادەتتە 8 لەردە تورغا چىقاتتى، مەن ئۇنىڭدىن 2 سائەت بالدۇر چىقىپ خېتىگە جاۋاب خەت يازدىم:

«قەدىرلىك فىرقەت، مېنى ياخشى كۆرگىنىڭىزگە رەھمەت، مۇشۇ تاپتا يۈرىكىم مەندىن بۇرۇن جاۋاب بېرىشكە ئالدىراپ كېتىۋاتىدۇ. نېمە دەيمەن؟ مەن سىزنىڭ قەلبىڭىزگە بۆسۈپ كىرىشتىن بۇرۇن، سىز مېنىڭ قەلبىمدىن ئورۇن ئېلىپ بولغان ئىدىڭىز. ھاياتنىڭ بۇنچىلىك گۈزەللىكىنى سىز بىلەن ھېس قىلغانمەن. كۈنلىرىم سىز بولغاچقىلا مۇشۇنداق رەڭدارلىققا تولدى، سىز ماڭا قانچىلىك كۆيگەن بولسىڭىز، مەنمۇ سىزگە شۇنچىلىك، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇقراق كۆيىمەن.  قالدۇرغان خېتىڭىز، قەلبىمنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتتى،  قانداق جاۋاب بېرىشىم كېرەك؟ مانا بۇ بىر ئېغىز سۆز مېنى قىينىماقتا.  قەدىرلىك فىرقەت ئالدىراپ بېسىلغان بىر قەدەم ئويلىمىغان تراگىدىيەلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. شۇڭا بىز ياخشى ئويلىنىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز تېخى ھېچقانداق سىناقلارغا دۇچ كەلمىدى، بۇنىڭغا ۋاقىت كېرەك. بىز ئوبدان ئويلىنىپ بىر قارارغا كېلەيلى، شۇڭلاشقا ماڭا ۋاقىت بېرىڭ، بىر ئاي ۋاقىت بېرىڭ فىرقەت. بۇ بىر ئاي بىر-بىرىمىزگە بولغان مۇھەببىتىمىزنى دەڭسەپ كۆرىدىغان بىر ئاي بولسۇن. ئوقۇشىمىز پۈتۈشكە ئاز قالدى، شۇڭا بۇ مەزگىلدە تورغىمۇ كۆپ چىقالمايمەن،  سېغىنىشلىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ، خەتلىرىڭىزدىن ھىدلىرىڭىزنى پۇراپ تۇراي، گېپىمنى خاتا چۈشەنمەسلىكىڭىزنى ئۆتۈنىمەن، مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە تېلېفون قىلىشمايلى، لېكىن ئۇچۇرلىرىمىز نورمال مېڭىپ تۇرسۇن. خەير –خوش، سىزنى سۆيۈپ:  

             زۈبەيدە»

بۇ خەتنى يېزىپ بولۇپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى باسالماي ئۇزۇن تۇرۇپ كەتتىم، ئۇزاق ئويلىنىپ يەنە يوللاش قارارىغا كېلىپ يوللاش كۇنۇپكىىسنى بېىسىپلا، خۇددىي مەن ھازىردىن باشلاپ ئۇنى كۆرەلمەيدىغاندەك كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى.

بۈگۈن شەنبە، دەم ئېلىش، كۆڭلۈم ھېچبىر ئادەم خالىمايدۇ، بىراق خالىمىسىمۇ كەچتە دوستلىرىمنىڭ يېنىغا بارمىسام بولمايدۇ، چۈنكى بۈگۈن قەلبىنۇرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى. ئاڭغىچە نېمىش قىلىشىم كېرەك؟ سۇئال قويدۇم ئۆزۈمگە. «بۈگۈن مەن تېلېفوننىمۇ ئاچماي، ھېچكىشىگىمۇ دېمەي ئۆزۈمگە تەۋە بولۇپ باقسام قانداق بولا؟ توغرا، شۇنداق قىلىپ باقاي، بۇنىڭ بەلكىم قارارنى ياخشى چىقىرىشىمغا پايدىسى تېگىپ قالا» دېدىم-دە، ناشتىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن سىرتقا چىقتىم، ئەتىياز مەزگىلى بولغاچقا نەچچە كۈن توختىماي بوران چىققان ئىدى، بىراق بۈگۈن مېنى خاتىرجەم ئايلىنىۋالسۇن دېگەندەك ھاۋامۇ بەكلا ئوچۇق ھەم بورانمۇ توختاپ قاپتۇ. ئىشىكتىن چىقىپ قەيەرگە بېرىشنى بىلەلمەي قالدىم. خىيالىمنى سۈرۈپ، نىشانسىز يالغۇز ئايلاندىم، ھېچيەرگە بارغۇم كەلمەي ئۆزۈم يالغۇز بىرەر سائەتچە ئايلىنىپ قايتىپ كەلدىم. قايتىپ كېلىپ ئۆيگە كىرگۈم كەلمىدى، بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قارىدىم، زەڭگەر ئاسماندا ئاپ ئاق بۇلۇتلار ھەر يان ئۈزۈشۈپ يۈرەتتى، تۇرۇپلا كاللامغا بىر خىيال كېلىپ قالدى. «ئەگەر مۇشۇ بىنانىڭ ئەڭ ئۈستىگە چىقىپ باقسامچۇ؟» مەن خىيالىمغا ئەگىشىپ، بىنايىمىزنىڭ ئەڭ ئۈستىگە چىقتىم، ئالتە قەۋەتلىك بىنا ئانچە ئېگىز بولمىسىمۇ ھەر ھالدا شەھەرنىڭ بىر بۆلىكىنى كۆرگىلى بولاتتى، مەن ئۆگزىدە تۇرۇپ، مىغىلداپ كېتىشىۋاتقان ئادەملەرنى، قويۇندەك ئۇچۇشۇپ يۈرگەن ماشىنىلارنى كۆردۈم، خياللىرىممۇ ئاشۇ ماشىنىلاردەك ھەر يان ئۇچۇپ يۈرەتتى، مەن پەقەت مۇشۇ يەردىلا ئۆزۈمگىلا تەۋە ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تولىمۇ ھوزۇرلاندىم، تۇرۇپلا ئۆزۈمنى تاشلاپ پۇتلىرىمنى ئۇزۇن سۇنۇپ، قوللىرىمنى ئىككى تەرەپكە يېيىپ ئوڭدىسىغا ياتتىم، ئاسماندا بۇلۇتلار ھەر خىل شەكىللەرنى ھاسىل قىلىشىپ ئۈزۈشۈپ يۈرەتتى، ئۇلارنىڭ خالىغان يېرىگە بارالايدىغان، ھېچكىمنىڭ ئىلكىدە بولمىغان ئەركىنلىكىگە ھەۋىسىم كەلدى. مەن ئۇلارغا قاراپ يېتىۋەردىم، بىر كەمدە بۇلۇتلار سۇسلىشىپ ئاسمان كۈلرەڭ ھالەتكە كېلىشكە باشلىدى، ئاسماننىڭ سۈزۈك تەرەپىگە بىر سېرىقلىق تاراپ، ئاستا ئاستا پۈتۈن يېرىنى سېرىقلىق ئىگەللەشكە باشلىدى، دېمەك كۈن قايرىلغان ئىدى،  قۇياش شەرقتىن چىقىپ، كائىناتقا نۇرلىرىنى سېخىيلىق بىلەن چېچىپ، تەبىئەتنى ئىللىتىپ كەچ بولغاندا يەنە غەربتىكى ئۆيىگە قايتىدىكەن، مەن قۇياشنىڭ قانداق پاتىدىغانلىقىنىمۇ تاماشا قىلىپ ئولتۇردۇم. شۇ جەرياندا  قەلبىم بىلەن ئۆزۈمنى، مەۋسۇملۇق بىلەن رېئاللىقنى ئۆز ئارا مۇنازىرىگە قويۇپ بېرىپ ئاخىرىدا ئۆزۈم ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى ئاقىلانە جاۋابنى تېپىپ ئاندىن ئاسماندا ئاندا ساندا  كۆرۈنگەن يۇلتۇزلارنى كۆرۈپلا ئۆزۈمنى ئۆزۈمنىڭ تەۋەلىكىدىن ئېلىپ ئۆيگە قايتىپ چۈشتۈم.

ـــ نەگە كەتتىڭىز قىزىم؟ ئادەمنى مۇشۇنداقمۇ ئەنسىرەتكەن بارمۇ؟ قارىڭە، دوستلىرىڭىزمۇ تولا تېلېفون قىلىپ تېلېفوننى يېرىۋەتكۈدەك بولۇپ كەتتى، يە تېلېفونىڭىزنى ئاچمايسىز، دادىڭىز ئىككىمىز نېمە قىلارىمىزنى بىلەلمەي تىت-تىت بولۇپ كەتتۇق. ـــ دېدى ئاپام ئىشىكتىن كىرىشىمگىلا ئاچچىقلاپ، داداممۇ كۈتۈپخانىدىن چىقىپ «نەگە باردىڭىز؟» دېگەندەك مەنىدە ماڭا قاراپلا تۇراتتى. مەنمۇ ئۇلارغا قاراپ تۇرۇپلا قالدىم.
ــــ ھېچيەرگە بارمىدىم ئاپا، مۇشۇ بىنانىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ يالغۇز ئولتۇرۇپ چۈشتۈم. ـــ دېدىم راستىنى ئېيتىپ.
ــــ توۋا... كاللىڭىز جايىدىمۇ؟ ـــ دېگىنىچە دادامغا بىر قاراپ قويۇپ، ئاستا كېلىپ پېشانەمنى تۇتۇپ باقتى، ـــ مەن ھايات دەپ قويسىڭىز بولمامدۇ؟ ئەمىسە تېلېفوننى نېمىشقا ئېتىۋالىسىز؟
ئاپامنىڭ ئاچچىقى راستىنلا بەك تۇتقانىدى. ئاپامنىڭ بۇ ئەلپازىغا قاراپ ھېچقانداق چۈشەنچە بېرەلمىدىم، ھەم ئەركىلەشكىمۇ پېتىنالمىدىم.
ـــ كەچۈرۈڭ ئاپا، مەن خاتا قىپتىمەن، سىلەرنى ئەنسىرىتىپ قويۇپتىمەن، ـــ دېيەلىدىم ئارانلا. ئاپام بارغانچە ئەزۋەيلەشكە باشلىدى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ «مېنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىڭ» دېگەندەك نەزەردە دادامغا قارىدىم.
ــــ نېمانداق سۆزلەۋېرىسىز؟ بالا ساق-سالامەت كەلدىغۇ؟ خاتالىقىنىمۇ تونىدى ئەنە، بولدى قىلىڭە ئەمدى. ـــ دېدى دادام ئاپامغا سەل ئاچچىق ئارىلاش، ئاندىن:
ــــ زۇلفىنۇرغا تېلېفون قىلىڭ قىزىم، ئۇلار سىزنى بەكلا ئىزدەپ كەتتى، ـــ دېدى ماڭا قاراپ. ئاپام ئۆرۈلۈپلا ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى، «ھېچقىسى يوق» دېگەندەك ماڭا كۆزىنى قىسىپ قويدى دادام. ئاندىن بېشى بىلەن «تېلېفونىڭىزنى ئېلىڭ» دېگەندەك ئىما قىلدى، تېلېفوننى ئېلىۋىدىم:
ـــ ئاداش بىرەر ئىش بولدىمۇ ساڭا؟ ـــ دېدى زۇلفىنۇر تۆۋەن ئاۋازدا، ئۇنىڭ بۇ ئاۋازىدىن ئۇلارنىڭمۇ مەندىن ئەنسىرەپ كەتكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى. ـــ قانداق ؟ كېلەلەمسەن؟
ـــ كەچۈرۈڭلار، ئاپاملارنىمۇ ئەنسىرىتىپ قويۇپتىمەن، ئۆيگە ئەمدى كېلىشىم، يەنە چىقىپ كەتسەم بولماسمىكىن، ـــ دەپ تۇرۇشۇمغا:
ــــ ئۇلار بىر كۈن ئىزدىدى سىزنى، بارمىسىڭىز قانداق بولىدۇ؟  بېرىشقا تېگىشلىك يەرگە بارمامسىز ئەمدى؟ بولدى بېرىپ كېلىڭ. ـــ دېدى ئاپام ھۇجرىسىدىن چىقىپ.
ـــ بولىدۇ ئاداش، يېرىم سائەتكىچە بارىمەن، بارغاندا كۆرۈشەيلى. -مەن تېلېفوننى قويۇپلا كىيىمىمنى ئالماشتۇرۇپ، دادام -ئاپاملار بىلەن خوشلىشىپ، مېڭىش ئۈچۈن ئىشىك تۈۋىگە كېلىۋىدىم:
ـــ كەچتە قايتىدىغاندا تېلېفون قىلىڭ، دوستلىرىڭىزنى ئاپىرىپ قويغاچ، سىزنى ئەكىلىۋالىمەن، ـــ دېدى دادام. ئاستا يەر تېگىدىن ئاپامغا قارىدىم. ئاپام بىر خىل كۆيۈنۈش ئىپادىسى بىلەن ئالىيىپ قويدى. يۈگۈرۈپ بېرىپ ئاپامنى قۇچاقلىۋالدىم.

ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە باشقا تېمىلار
ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(1)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(2)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(3)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(4)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(5)
ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(6)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(7)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(8)