باش بەت / ساقلايمەن

ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(2)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2012-3-30 10:31 | ئاپتور: ساجىدە سۇلايمان | مەنبە: خۇشدىل مۇنبىرى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم
ئالىي مەكتەپنىڭ 4- يىللىقىنىڭ كېيىنكى مەۋسۇمىغا چىققان مەزگىللىرىم ئىدى،  دوستۇم ئايشەمگۈل بىلەن مەكتەپ ئېلېكترونلۇق كۈتۈپخانىغا كىردۇق، كۈتۈپخانا ئىچى لىققىدە ئوقۇغۇچىلار بىلەن تولغان، لىكىن شۇنداق جىمجىت، ھەممىسى بىردىن كومپيۇتېرنى ئىگەللەپ قۇلىقىغا ئاڭلىغۇچ  تاقاپ، كۆزلىرىنى كومپيۇتېر ئېكرانىغا تىكىشىپ ئولتۇرىشاتتى، بىز قەدەملىرىمىزنى ئاۋايلاپ ئېلىپ،  تىۋىش چىقارماي مېڭىپ،  ئەڭ ئىچكىرىسىدىن ئورۇن تېپىپ ئورۇنلىشىۋالدۇق. مەن ئۆزۈمگە لازىملىق ماتېرىيالنى تېپىپ بارماق دېسكامغا قاچىلىۋالغاندىن كېيىن دوستۇمغا قارىدىم،  ئۇ كومپيۇتېر ئىچىگە كىرىپ كەتكىلى تاسلا قاپتۇ.

ـــ ھەي مەن ئىشىمنى تۈگەتتىم، سەنچۇ؟ قىلىپ بولغان بولساڭ، تۇرە تاماق ۋاقتى بولۇپ كەتتى، ھېلى كېچىكسەك قۇرۇق چۆپكە قالىمىز. ــ دېدىم پىچىرلاپ.

ـــ توختا، دوستلىرىم بىلەن پاراڭلىشىۋاتىمەن، سەنمۇ پاراڭلاشقاچ تۇرغىنە، چەتئەلدىكى بىر دوستۇم چىقىپتۇ، ئۇزۇن بولغان ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالغىلى، ــ دېدى ئۇ ماڭا قاراپمۇ قويماي بارماقلىرىنى كۇنۇپكا تاختىسى ئۈستىدە ئوينىتىپ.

مەن بىردەم ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرۇپ باقتىم، گېپى ھېچ تۈگەيدىغاندەك ئەمەس، توردىن ئۇنى - بۇنى كۆرۈپ باقتىم. ساپلا كىشىنى ۋەھىمىگە سالىدىغان، بىزگە تونۇش بولۇپ كەتكەن خەۋەرلەر، مەن يەنە ئۇنى ئاستا نوقۇپ قويدۇم.

ـــ ئاداش كوت-كوت ئوينا دېسەم ئوينىمايسەن،  قارا چەتئەلدىكى دوستۇم ماڭا مۇھىم ماتېرىيال ئەۋەتىپ بەردى. ئەمدى ماقالەمنى ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكىدەك يازالايدىغان بولدۇم،  يەنە ئازراق پاراڭلىشىۋالاي، قورسىقىڭ ئاچقان بولسا ، سومكامدا پىرەنىك بار  شۇنى يەپ تۇرغىنە جېنىم ، ــ دېگىنىچە سومكىسىنى قۇچىقىمغا پاققىدە قويۇپ يەنە خەت ئۇرۇش بىلەن بولۇپ كەتتى.
مەن ئۇنىڭغا بىردەم قاراپ ئولتۇرۇپ ئېكران ئۈستەل يۈزىدىكى كوت-كوت بەلگىسىنى چېكىپ تۇنجى قېتىم كوت-كوت نومۇرىدىن بىرنى ئالدىم. بىراق ئۇنى قانداق ئويناشنى بىلمەيتتىم، ئەسلىمۇ بۇ نەرسىگە قىزىقمىغان ئىدىم، چۈنكى دوستلىرىمنىڭ يا يۈزىنى كۆرۈپ باقمىغان، يا ئىسمىنى بىلمەيدىغان ئوغۇل دوستلىرىنىڭ پىراقىدا قىينىلىپ يۈرۈشلىرى مېنىڭ كوت-كوتقا بولغان قارىشىمنى ئۆزگەرتىپ قويغان ئىدى. شۇڭا مەن ئۇنى زادىلا ئوينىماسلىققا قارار قىلغان ئىدىم. بىراق بۈگۈن ئايشەمگۈلگە قاراپ «ئوقۇشۇممۇ پۈتەي دەپ قاپتۇ، كوت-كوت دېگەننىڭ نېمىلىكىنىمۇ بىلمەي چىقىپ كەتمەي» دەپ ئويلاپ كوت-كوت نومۇر ئېلىپ باقتىم. ئۆيىمىزدە كومپيۇتېر بولسىمۇ، دادام -ئاپاملار تەتىلدىن باشقا ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ئالدىغا كەلگىلى قويمايتتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە كومپيۇتېر دېگەن ياخشى نەرسە بولغان بىلەن تور ئادەمنى بۇزارمىش. مەن ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن باشلاپ دادام ماشىنا بىلەن مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكەلگەچكە، ماڭا تورخانىلارغا كىرىش پۇرسىتىمۇ يوق ئىدى.

ـــ ئاداش مەن كوت-كوت نومۇر ئالدىم، قانداق ئوينايمەن؟ -دەپ سورىدىم ئايشەمگۈلدىن.

ـــ ۋوي! يېڭىلىققۇ؟! ــ دېدى ئۇ خۇش بولغان ئىپادە بىلەن، ئاندىن ئورۇندۇقىنى مەن تەرەپكە سۈرۈپ، كوت-كوت نىڭ تەرتىپلىرىنى ئۆگىتىپ قويدى ھەم دوستنى قانداق قوشۇش، دوستنى قانداق ئىزدەش، يەنە ياقتۇرمايدىغانلارنى قانداق چىقىرىۋېتىش... دېگەندەكلەرنى نەچچە مىنۇتقا قالماي ئۆگىتىپ بولۇپ، ئۆزىنىمۇ ماڭا قوشۇپ قويدى. مەن ئېكرانغا قاراپلا ئولتۇردۇم، تېخى بىرمۇ توردىشىم يوق ئىدى. بىر كەمدە كوت-كوتۇمدىكى ئائىشە (بۇ ئايشەمگۈل ئىدى)نىڭ باش سۈرىتى لىپىلدىغىلى تۇرى، چېكىۋىدىم:

ـــ پاراڭلىشالىدىڭمۇ دوستەك؟ ــ دەپ خەت يېزىپتۇ ئۇ.

ـــ ياق، تېخى مېنىڭ دوستۇم يوق، ــ دېگەن خەتنى مىڭ تەستە يازدىم.

ـــ ھازىر بولىدۇ، مەن بەزى دوستلىرىمغا نومۇرىڭنى ئەۋەتىپ بەردىم، قوشۇۋېلىپ پاراڭلاش، ھەرگىز راست گەپ قىلما، ئىسمىڭنىمۇ يالغان دەپ قويغىن، ئىشەنچىلىك دوستقا ئېرىشكەندىن كېيىن راست گەپ قىل، ــ دېدى ئۇ. دېگەندەك، مېنى دوستلۇققا تەلەپ قىلىدىغانلار كۆپىيىشكە باشلىدى، بىردەمدىلا كوت-كوتىمدىكى دوستلىرىم 10 نەچچىگە يەتتى،  ئۇلارغا يېتىشەلمەيلا قالدىم. دەسلەپكى قەدەمدىلا «بۇمۇ بولىدىغان نەرسىكەن» دەپ ئويلاپ قالدىم، بىردەمدە ھەر يەر - ھەريەرلەردىن دوستلىرىم بولۇپ كەتتى.

شۇنداق قىلىپ بىكار بولساقلا ئېلكترونلۇق كۈتۈپخانىغا يۈگۈرەيدىغان بولدۇق. جۈمە كۈنلىرى ئۆيۈمگە قايتساممۇ، شەنبە، يەكشەنبىنى تەستە ئۆتكۈزۈپ مەكتەپكە چىقىپلا كومپيۇتېرنى تاپاتتىم. بىراق ئوقۇشۇمغا زادىلا تەسىر يەتكۈزمىدىم.

كوت-كوت ئويناپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە، كوت-كوتۇمدىكى بىرسى ماڭا بىر تور بەتنىڭ ئادرېسىنى يوللاپ قويۇپتۇ، ئۇ ئادرېسنى ئېچىۋىدىم، ئۇيەردە نۇرغۇنلىغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كۆردۈم. «ئەسلى مۇنداق يەرلەرمۇ باركەندە؟! مەن ساپلا خەنزۇچە توربەتلەرنى ئارىلاپ يۈرۈپ ئۆز تىلىمىزدا مۇنداق ياخشى تور بەتنىڭ بارلىقىغا دىققەت قىلماپتىمەن ئەمەسمۇ؟»دەپ ھاياجانلىنىپ،  مۇنبەرگە باشچىلاپ كىرىپ كەتتىم. كىرىپلا نەزىرىم بىر پوۋېستقا چۈشتى، ھاياجان بىلەن ئوقۇۋاتسام داۋامى بار دەپلا تۈگەپ قالدى. كۈندە شۇ پوۋېستنىڭ داۋامىنى ئىزلەپ مۇنبەردە يۈردۈم، كوت-كوتقىمۇ چول تەگمىدى. ئاستا - ئاستا ئەسەرلەرگە بولغان قارىشىمنى ئەستايىدىللىق بىلەن يېزىپ، مۇنبەرداشلارنىڭ  نەزىرىگە ئىلىنىشقا باشلىدىم، بارغانچە ئۇلارنىڭ خېلى چوڭ بىلىدىغان ئىنكاسچىسىغا ئايلىنىپ قالدىم. مۇنبەرگە ھەر قېتىم كىرسەم مۇنبەر ئۇچۇر كۆزنىكىدە بىرمۇنچە ئۇچۇرلار مېنى ساقلاپ تۇراتتى، ھەممىسى دېگۈدەك، يوللىغان ئەسەرلىرىگە مېنىڭ ئىنكاس يېزىشىمنى، قارىشىمنى دەپ بېقىشىمنى تەلەپ قىلىپ ئەۋەتكەن ئۇچۇرلار ئىدى. بۇ ئۇچۇرلاردىن مەنمۇ خۇش ئىدىم، شۇنداق قىلىپ مۇنبەرنىڭ غوللۇق ئەزاسى بولۇپ قالدىم.  ھەممىسى ماڭا بەكلا ئامراق ئىدى. ئاستا - ئاستا  ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقلىرىدىن ئىلھاملىنىپ شېئىر - ھېكايىلەرنى يېزىشنى باشلىۋەتتىم، ئەدەبىياتقا بولغان مۇھەببىتىم بۇ يەردە ئىپادىسىنى تاپقان ئىدى،  تورداشلارنىڭ ئەسىرىمگە بەرگەن پىكىرلىرى، بەرگەن ئىلھاملىرى مېنى راستىنلا قەلەمكەش قىلىپ قويدى، نەتىجىدە نەخ مەيداندىلا نەچچە ئادەم بىلەن تەمتىرىمەي مۇشائىرە قىلالايدىغان سەۋىيەگە يەتتىم.  شۇ جەرياندا مېنىڭ ئەسەرلىرىمگە قوغلاپ يۈرۈپ ئىنكاس يازىدىغان، ئىنكاسلىرىمۇ ئەستايىدىل ھەم تېمىلىرىمغا باشقىچە كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر شائىرغا دىققەت قىلىپ قالدىم. ئۇنىڭ قەلىمى خېلى ئۆتكۈر بولۇپ، يازغان شېئىرلىرىمنىڭ بولمىغان يەرلىرىنى كۆرسىتىپ، قانداق يازغاندا قائىدىگە چۈشۈرۈپ يازغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلىي ئىنكاس يازاتتى، مەن ئۇنى مەۋھۇم دۇنيادا ئۆزۈمگە ئۇستاز تىكلىۋالدىم. ئۇنىڭ يازغان شېئىرلىرىنى ۋە نەسىرلىرىنى ئوقۇساملا دەرھال ئىلھامىم كېلىپ مەنمۇ شېئىرلارنى يېزىپ كېتەتتىم. تۇرۇپلا ئۇنىڭ ھەممە تېمىلىرىنى بىر كۆرۈپ بېقىش ئىستىكى پەيدا بولۇپ قالدى، تېمىلىرى ئىچىدىكى مەن مۇنبەرگە كىرمەستە يوللىغان بىر نەسىرى ئالاھىدە دىققىتىمنى تارتىپ قالدى،  نەچچە رەت ئوقۇغان بولساممۇ، مۇنبەرگە كىرسەملا  ئاشۇ نەسىرنى يەنە بىر ئوقۇغۇم كېلىپ تۇراتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا بولغان قايىللىقىم تېخىمۇ ئېشىپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە تېخىمۇ ياخشى ئىنكاسلارنى يازدىم.

مەن مەكتەپتىمۇ ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ ئوقۇغانلىقىم ھەم سىرتلارغىمۇ كۆپ چىقىدىغان، ئارتۇق ئىشىم بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان يىلىم دادام - ئاپاملار مېنى كومپيۇتېر ئىشلىتىشتىن چەكلىمىدى.

ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان يىلىمدىكى قىشلىق تەتىل ئىدى، تەتىلىم باشلىنىپلا كومپيۇتېردىن چۈشمەي مۇنبەر كۆرۈپ كۈن ئۆتكۈزىۋاتاتتىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاكام توي قىلىپ كېتىپ كومپيۇتېر ماڭا ئوڭچە قالغان ئىدى، سىڭلىمنىڭ ئۆگىنىشىگە دەخلى قىلمىغان ئاساستا ئوينىسام ھېچكىمنىڭ پىكرى چىقمايتتى. بۇ تەتىل ئۈرۈمچىنىڭ قاتتىق سوغۇقلۇقى ھەم مۇنبەر قىزىقچىلىقىدا دوستلىرىم بىلەنمۇ كوت-كوتتىلا پاراڭلىشىپ سىرتلارغىمۇ چىقمىدىم.

بىر كۈنى مۇنبەردىكى مۇنازىرىگە قاتنىشىپ، سائەتنىڭ 12دىن ئېشىپ كەتكىنىنىمۇ تۇيماي قاپتىمەن. توساتتىنلا مۇنبەر ئۇچۇر كۆزنىكىدىن  بىر ئۇچۇر كەلگەنلىكى مەلۇم بولدى، ئېچىپ قارىسام، مېنىڭ مەۋھۇم دۇنيادىكى مەۋھۇم ئۇستازىم «پالۋان» ئىسىملىك تورداشتىن كەپتۇ. ئۇچۇردا  كۆپ گەپ يوق پەقەت، «سائەت 12 بولدى، مۇنبەردىكى مۇنازىرە تۈگىمەيدۇ،  بالدۇرراق ئارام ئېلىڭ، بولمىسا چىرايلىق كۆزلىرىڭىز ئولتۇرۇشۇپ سەت بولۇپ قالىدۇ.
بۇ مېنىڭ كوت-كوت نومۇرۇم: ****»
دەپ يېزىلغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن ئىللىق بىر سېزىم جىسمىمغا تاراپ كەتتى-دە،  دەرھال ئۇنى قوشۇۋالدىم. ئۇ ماڭا بىرتال گۈل بىلەن سالام قىلدى.

ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە باشقا تېمىلار
ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(1)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(2)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(3)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(4)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(5)
ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(6)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(7)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(8)