باش بەت / ساقلايمەن

ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(5)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2012-3-30 10:34 | ئاپتور: ساجىدە سۇلايمان | مەنبە: خۇشدىل مۇنبىرى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم
ـــ خۇشال ئويناپ كېلىڭ، بەك كەچ قالماڭ، ـــ دەپ چىرايلىق ئۇزىتىپ قويدى. خۇشال-خۇرام ئىشىكتىن چىقتىم. كېتىۋېتىپ تېلفوننى ئېچىۋىدىم، دوستلىرىمدىن ھەم فىرقەتتىن كەلگەن ئۇچۇرلار بىلەن توشۇپ كېتىپتۇ. ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئۇچۇرىنى ئوقۇدۇم. ئۇچۇردا سېغىنىشتىن باشقا ئالاھىدە گەپ يوق، قالدۇرغان خېتىمنى ئوقۇغاندەكمۇ قىلمايدۇ.

دوستلىرىم بىلەن خۇشال ئويناپ، كەچتە قايتىپ كېلىپلا ئۇخلاپ قالدىم، ئۇنىڭغا دوكلاتمۇ قىلمىدىم. شۇنداق قىلىپ ئوقۇشۇممۇ پۈتتى، دۆلەتنىڭ «مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈپ ئەۋلادلارنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى يارىتايلى» دېگەن چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، بىرىنچى بولۇپ مەن قەشقەرگە بېرىپ خىزمەت قىلىشنى تاللىدىم، بۇ مېنىڭ ھېلىقى كۈنى ئالتە قەۋەتلىك بىنانىڭ ئۆگزىسىدە ئۆزۈمگە تەۋە بولغاندىكى بىر كۈن ئىچىدە چىقارغان قارارىم ئىدى. ئەلۋەتتە بۇ قارارىمدىن دادام، ئاپام ھەم فىرقەت خەۋەرسىز ئىدى. ھەپتە ئاخىرىدا ئۆيگە كىرگەندە بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئاپام بەكلا ئاچچىقلاپ كەتتى:
ـــ نېمانداق بەڭۋاش قىز بالا سىز؟ ئەۋلادلارغا بولغان ياخشى كۆڭلىڭىزنى مۇشۇ يەردىمۇ بىلدۈرگىلى بولاتتى ئەمەسمۇ؟ قەشقەر دېگەن نە ئۇ؟ شۇنچە يىراق يەرگە بىر قىز بالىنى قانداقمۇ يالغۇز يولغا سېلىپ قويغىلى بولىدۇ؟  بولدى، مەن مائارىپ نازارىتىگە  بارىمەن، ھازىرلا بىكار قىلدۇرىمەن بۇ تەقسىماتنى. ـــ دېدى ئاپام يىغلاپ تۇرۇپ.
ــــ قانداقلا ئويىڭىز بولسا ئالدى بىلەن  ئاتا – ئانا بولغان بىزگە مەسلىھەت سېلىپ بېقىشىڭىز كېرەك ئىدى قىزىم، مۇشۇنداق چوڭ ئىشنىمۇ ئۆز مەيلىڭىزچە بېكىتسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە قەشقەردە بىرەرمۇ ئۇرۇق تۇغقانلار يوق،  نېمىنى ئويلاپ شۇنداق قارار چىقارغانلىقىڭىزنى بىلمىسەممۇ، بۇ قارارىڭىز بىزگە خۇشاللىق ئېلىپ كەلمىدى. ـــ دېدى داداممۇ.
ـــ مەن چوڭ بولدۇم ئاپا، سىز داۋاملىق «ئادەم مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك»، دەيتتىڭىز، مەنمۇ مۇشۇ يېشىمغا كەلگىچە سىلەرنىڭ باغرىڭلاردىن بىر قەدەممۇ ئاجراپ باقماي، باھارنىلا كۆرۈپ قالغان پەسىللەرنى زادىلا كۆرۈپ باقمىدىم، مۇشۇ پۇرسەتتە تۇرمۇشقا پىشىپ ئۆزۈمنىڭ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارىمنىڭ بار-يوقلۇقىنى بىر سىناپ باقماقچى. شۇڭا ئارزۇيۇمغا ھۆرمەت قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، يەنە بىرى مەن تېلېۋىزورلاردىن، تورلاردىن، ئاشۇ تۆۋەنلەردە بىلىمگە تەشنا مىڭلىغان سەبىيلەرنىڭ مۆلدۈرلەپ قاراپ تۇرغان ئۈمىدلىك كۆزلىرىنى كۆردۈم، پەقەت ياخشى شارائىت ئاستىدا بەرگەن بىلىمگە مەن قانائەت قىلمايمەن. مەقسىتىم، ئاشۇ  بىچارە بالىلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇلارغا مەدەنىيەتنى تونۇتۇپ، ئۇلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىلىرىنى تېز سۈرئەتتە يېڭىلىشىغا شۇنداقلا كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن مەزمۇت بىر يول تېپىشىغا ياردەم بېرىش بىلەن بىرگە، تۆۋەندىن تۇرمۇش ئۆگىنىپ، ئۆزۈمنىڭمۇ تۇرمۇشقا بولغان قارىشىمنى ئۆزگەرتىپ، باشقا بىر مۇھىتتىكى زۇبەيدەنى كۆرگۈم بار. مەن سىلەرنىڭ مېھرى-مۇھەببىتىڭلارغا تويۇنۇپ، جاپانىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەي چوڭ بولدۇم، دادام داۋاملىق «سىلەر جاپا چەكمەي راھەتتە ياشاپ تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق ساۋاقلىرىنى تېتىماي خام چوڭ بولۇپ قالدىڭلار» دەيتتى، مەن ئاشۇ خام يەرلىرىمنى پىشۇرۇپ، ئالدىڭلارغا يېڭىچە بىر زۇبەيدە بولۇپ كەلگۈم بار، مەن كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق بۇ قارارنى چىقاردىم، مېنى قوللىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن ھەم بەكمۇ مۇھتاجمەن، سىلەرنىڭ رازىلىقىڭلار بولغاندىلا ئاندىن مېنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىم بولىدۇ. ـــ دېدىم كۆڭلۈمدىكى ئويلىرىمنى ئۇلارغا بىراقلا تۆكۈپ. ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ مېنىڭ ھەقىقىي ئارزۇلىرىم ئىدى. ئاپام بىلەن دادام ماڭا قاراپ قېتىپ قالدى، ئۇلار مەيلى قانداق باھانىلەرنى، كۆز ئالدىمدا كۆرۈنۈپ تۇرغان قانداق يامان كۈنلەرنى ئەسكەرتمىسۇن، مەن قارارىمدىن زادىلا يانمىدىم، ئاپامنىڭ يىغلاشلىرى، دادامنىڭ دەبدىلىك گەپلىرىمۇ مېنىڭ قارارىمنى ئۆزگەرتەلمىدى. ئاخىرى ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ گېپىدە چىڭ تۇرۇپ ئۇخلاپ قالدۇق.


ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە باشقا تېمىلار
ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(1)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(2)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(3)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(4)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(5)
ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(6)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(7)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(8)