باش بەت / ساقلايمەن

ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(7)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2012-3-30 10:36 | ئاپتور: ساجىدە سۇلايمان | مەنبە: خۇشدىل مۇنبىرى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم
ئەتە ماڭىمەن دېگەن كۈنى كومپيۇتېرىم بىلەن ئاخىرقى قېتىم خوشلاشتىم، ئەپسۇس فىرقەتنىڭ ئانىسى دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۇ توردا ئەمەس ئىدى. مەن ئۇنىڭغا:

«قەدىرلىك فىرقەت، مەن تەۋەككۈل دەرياسىغا كېمەمنى سالدىم، ئاقامدۇ يا چۆكەمدۇ؟ بۇ تەقدىرىمگە باغلىق، بۇ ئىشتا ئاتا – ئانام ھەم سىزنىڭ مەسلىھەتىڭىزنى ئالمىغانلىقىمنى كەچۈرۈڭ! ئۆتكەندە ماڭا قالدۇرغان سۇئالىڭىزغا مۇشۇ ئىككى كۈندە جاۋاب بېرىمەن، جاۋابىمنى كۈتۈڭ» دەپ خەت يازدىم.

ئاندىن كومپيۇتېرىمنى ئۆچۈرۈپ ئۇخلاي دەپ ياتقان بولساممۇ، ئازراقمۇ ئۇخلىيالمىدىم، پۈتۈن خىيالىمدا مۇشۇ قىلىۋاتقان ئىشىمنىڭ، ئالغان قەدەملىرىمنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلالماي قېلىۋاتاتتىم، بىر تەرەپتىن توغرا دەپ روھلانسام، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىنكى مېنى كۈتۈپ تۇرغان ئىشلارنى ئويلىسام كېيىن پۇشايمان قىلىپمۇ قالارمەنمۇ؟ دەپ ئويلايتتىم، ئاخىردا، مەيلى قەدىمىم خاتا بولسۇن، توغرا بولسۇن، كەلگۈسى ئەۋلاتلار ئۈچۈن ئاتا قىلغان روھىمنىڭ توغرا ئىكەنلىكى مېنى ئەركىن تىنىشقا مۇيەسسەر قىلدى. «ئۇ ئۇچۇرۇمنى كۆرگەنمىدۇ؟ مېنىڭ ئۇنى دەپ ئاشۇ سەھراغا كېتىپ بارغانلىقىمنى بىلگەنمىدۇ؟» دېگەنلەرنى ئويلاپ ئاپتوبۇسنىڭ يەڭگىل چايقىلىشى بىلەن ئۇيقۇغا كېتىپتىمەن، بىر كەمدە شوپۇرنىڭ «تاماق يەڭلار» دېگەن ئاۋازى بىلەن ئويغىنىپ كەتتىم. تاڭ ئاتقان ئىدى، ئەتىگەنلىك ناشتىنى بىر ئۆتەڭدىكى تاماقخانىدىن يەپلا يەنە يولغا چىقتۇق، شۇ تەرىقىدە مېڭىپ كەچ كىرگەندە  ئاپتوبۇس قەشقەر تەۋەسىگە كىردى، ھاياجانلىق يۈرىكىم تېپچەكلەپ ئاغزىمغا قاپلىشىپ قالدى، كۆزلىرىمنى  يوغان ئېچىپ ئەتراپنى كۆزىتىشكە باشلىدىم، ئانچە ئۇزۇنغا قالماي ئاپتوبۇس شەھەر ئىچىگە كىردى. بىر قاراشتىلا بۇ يەرنىڭ مەيلى كوچىلىرى بولسۇن، ياكى قۇرۇلۇشى، مەزىرىلىرى بولسۇن، ئۈرۈمچىدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىغانلىقىنى سەزدىم، پەقەت ئادەملىرىنىڭ كىيىنىش ئەھۋالىدا ئالاھىدە چوڭ پەرق بار ئىكەن، شۇندىلا تۆنۈگۈن ئاپتوبۇسقا چىقىپلا يېنىمدىكى موماينىڭ سوغۇق نەىرىنىڭ مېنىڭ كىيىمىمگە قارالغانلىقىنى ھېس قىلدىم. بېكەتكە كىرىپ يۈك-تاقلارنى چۈشۈرۈپ، تاماقمۇ يېمەستىن  ۋىلايەتلىك كادىرلار ئىدارىسىگە باردىم، ھېلىمۇ ياخشى ئۇلار ئىشتن چۈشمىگەن ئىكەن، بىر ياخشى نىيەتلىك كىشى ئەھۋالىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مېھمانخانىدا ياتماي، مۇشۇ ئىدارىنىڭ كادىرلار ياتىقىدا يېتىپ تۇرۇڭ دەپ، ياتاقتىن بىرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى، نەرسىلىرىمنى ياتاققا ئەكىرىپ قويۇپ سىرتقا تاماققا چىقتىم، ئاڭغىچە فىرقەتتىن كەلگەن ئۇچۇرلارغا قاراپ ئۇنىڭ تېخى قالدۇرغان ئۇچۇرۇمنى كۆرمىگەنلىكىنى سەزدىم، لېكىن مەنمۇ چاندۇرماي ئۇدۇللا ئۇچۇر قايتۇرۇپ تۇردۇم. كوچىلاردا كېتىۋاتقان ئادەملەر بىر سوغۇق نەزەرى بىلەن ماڭا قاراپ قاراپ قوياتتى، يولدا كېتىپ بارغان فىرقەت دېمەتلىك ياشلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئوخشايتتى، بەزىلىرىنىڭ يۈزى ئوخشىسا، بەزىلىرىنىڭ بۇرۇتى ئوخشايتتى، مەن يولدا كېتىپ بېرىپمۇ، تاماقخانىغا كىرىپمۇ، ئۇنىڭغا ئوخشاش ئاۋازدا گەپ قىلىۋاتقان ئادەملەرنى مىنۇتتا بىر ئۇچرىتىپ، ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىشىم تېخىمۇ ئېشىپ كەتتى، ياتاققا قايتىپ كىرىپ يۇيۇنۇپ ئۇخلاپ قالدىم. ئەتىسى سەھەردە يەڭسىز مايكامنى چامادانىمغا سېلىپ قويۇپ، كالتا يەڭلىق مايكامنى كىيىۋالدىم – دە، ئۇدۇل باشلىقنىڭ ئىشخانىسىغا يەنە چىقتىم، ئۇلار ماڭا ئۆزۈمنىڭ تەلەپ قىلغان يېرىمگە بارالمايدىغانلىقىمنى، قەيەردە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئاجىز ھەم كەم بولسا شۇ يەرگە بېرىشىم كېرەكلىكىنى ئۇقتۇردى، بۇنىڭدىن بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم. ئاخىر تەقسىماتقا بويسۇنۇپ قەشقەرگە يىراقراق بىر ناھىيىسىگە كەتتىم، ئۇ يەردىكى مۇھىت شەھەردىكىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇراتتى، ناھىيىدىن مېنى تېخىمۇ يىراق بىر يېزىغا تەقسىم قىلدى، ئەڭ ئاخىردا بۇ يېزىغا كېلىپ توختىدىم. مەكتەپكە تۇنجى كېلىپلا ئۆزۈم ياشىغان مۇھىتتىن ئاسمان-زىمىن پەرقى بولغان، باشقىچە بىر دۇنياغا كېلىپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم، ھەممىسى ماڭا يېڭىلىق تۇيۇلۇپ گاڭگىراش ئىچىدە يۈرەتتىم، يېڭى مەۋسۇم تېخى باشلانمىغان، بىراق مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار يىغىلىپ بولغان ئىدى، مەكتەپ مۇدىرى چوڭ يىغىندا مېنى ئۇلارغا تونۇشتۇردى، ئۇلاردىن يا «قارشى ئالىمىز»، يا «خۇش كەپسىز» دېگەن سادا چىقمىدى، خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك، مەن ئەزەلدىن ئاشۇ مەكتەپتە باردەكلا ئىپادىدە ئولتۇردى، بۇ مەنزىرىدىن كېيىنكى قەدەملىرىمنىڭ تولىمۇ مۈشكۈللۈكىنى ھېس قىلىپ قالدىم. ئۇلار ماڭا تۇرالغۇ ئۈچۈن بىر ياتاقنى كۆرسىتىپ بەردى، بۇ مۇشۇ ياتىقىم ئىدى. بۇ ياتاق تولىمۇ ۋەيرانە، ئىچى پۈتۈنلەي كېرەكسىز قەغەز، يەنە قۇرۇق يېشىكلەر بىلەن تولۇپ كەتكەن بولۇپ، كىرلىكىدىن رەڭگىنىمۇ پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان بىر يۈرۈش يوتقان-كۆرپە، سىملىرى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىر پۇتى مايماق سىم كارۋات ئۈستىدە تۇراتتى، دەسلەپكى قەدەمدە مېنى يىغا تۇتتى، شۇندىلا ئاپام-دادامنىڭ ئەنسىرەشلىرىنىڭ بىكار ئەمەسلىكىنى چۈشەندىم، ئىشنى قەيەردىن باشلاشنى بىلەلمەي تۇراتتىم، ئايىقىدىن  پالاچلىتىپ ئاۋاز چىقىرىپ بىر ئايال كىرىپ كەلدى.

ـــ ھە سىز ئۈرۈمچىدىن كەلگەن يېڭى خانىم بولامسىز؟ ــ دېدى ئۇ ئايال.
ئۈرۈمچىدە پەقەت توي قىلغان ئاياللارنىلا (خانىم) دەپ ئاتايدىغانلىقى ئۈچۈن سەل تۇرۇپ قېلىپ:
ـــ ياق مەن ئەمدى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەن مۇئەللىم، ـــ دېدىم.
ـــ ھە، بىز بۇ يەردە ئەر ئوقۇتقۇچىلارنى مۇئەللىم، ئايال ئوقۇتقۇچىلارنى خانىم دەيمىز. ــ دېدى چۈشەندۈپ.
ــ ھە... -دېدىم ئاستا.
ـــ ماۋۇ ئۇدۇلدىكى بىزنىڭ ئۆي، جۈرۈڭ، بۈگۈن بىزنىڭكىدە قونۇڭ، ئاڭغىچە بۇ ئۆينى سەل ئوڭشايلى، بۇ ھالىتى بىلەن سىزنى «قارا بېسىپ قالىدۇ»، دېدى ئۇ ئايال. ئۇنىڭ قارا بېسىپ قالىدۇ دېگىنىدىن سەل سۈر باستىدە، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە چىقتىم، ئۇنىڭ يولدىشى ئايالى ئارقىلىق مېنىڭ دەسلەپكى ئەھۋالىمنى بىلدى. ئۇ كۈنى شۇ ئۆيدە قونۇپ قالدىم، بۇ جەرياندا بۇ ئايالنىڭ ئىسمىنىڭ مەريەمخان ئىكەنلىكىنى، يولدىشىنىڭ ئىسمىنىڭ روزاخۇن ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ مۇشۇ مەكتەپكە قارايدىغان دەرۋازىۋەنلەر ئىكەنلىكىنى بىلدىم، ئەتىسى بىز ناشتا قىلىپ ئولتۇرساق، روزاخۇن ئاكا كىرىپ، مېنىڭ ياتىقىمنى سۈپۈرۈپ چىرايلىق قىلىپ قويغانلىقىنى، نەرسىلىرىمنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ، خالىغان ۋاقىتتا چىقىپ ئورۇنلاشسام بولىدىغانلىقىنى دېدى، كۆڭلۈم يورۇپ، بۇ كىشىگە ھۆرمىتىم كېلىپ قالدى، ناشتا قىلىپ بولۇپ، مەريەن ھەدە بىلەن بازارغا چىقىپ ياتاققا كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋالدۇق، يوتقان- كۆرپىلەرنى مەريەم ھەدە بېرىدىغان بولدى، شۇنداق قىلىپ ئىككى كۈن ئىچىدە ياتىقىمنى مېھرى ئىللىق چىرايلىق بىر ماكانغا ئايلاندۇرۇۋالدىم، ئەتىسىدىن باشلاپ ياتىقىمدا ياتماقچى بولۇپ قايتىپ چىقتىم، بۇ جەرياندا فىرقەت بىلەن تېلفوندا ئۇچۇر يوللىشىپ تۇردۇق، ئاتا – ئانامغا تېلېفون قىلىپ ئۇلارنىمۇ خاتىرجەم قىلىپ قويدۇم. ھەممە ئىشىمنى ئورۇنلاشتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ياتاقتا ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ فىرقەتكە تېلېفون قىلدىم.

ـــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بىر ئايدىن كېيىنكى بۈگۈن ئاۋازىڭىزنى ئاڭلاش شەرىپىگە ئىگە بولغان كۈننى يىلدا بىر خاتىرىلەيدىغان كۈن قىلىپ بېكىتىمەن، ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ ــ دېدى ئۇ.
ـــ ياخشى، ئۆزىڭىزمۇ ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ ئانىڭىز ياخشى بولۇپ قالدىمۇ؟
ــ شۇنداق بۈگۈن دوختۇردىن ئېلىپ چىقتۇق، مەن ياتاقتىكى نەرسە – كېرەكلەرنى ئالغىلى دوختۇرخانىغا كەلگەن ئىدىم، ئۆزىڭىزچۇ، نېمىشلار بىلەن بولدىڭىز؟ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئۇچۇردىمۇ مەقسەتنى ئىپادىلىگىلى بولماي، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانام كېسەل، كۆڭلۈمنىڭ ئارامى يوق سىزگە شېىرىن گەپلەرنىمۇ قىلالمىدىم.
ـــ ھېچقىسى يوق، مەن توغرا چۈشىنىمەن.
ـــ رەھمەت سىزگە، ئوقۇشىڭىزمۇ پۈتتى، ئەمدى خىزمەت كۈتۈپ ئولتۇرۇۋاتامسىز؟
ـــ ياق، خىزمەتكە چۈشۈپ بولدۇم.
ـــ ۋۇي! مۇبارەك بولسۇن! ئوقۇتقۇچى بولىمەن دەۋاتاتتىڭىز، قايسى مەكتەپكە چىقتىڭىز؟ ئۆز مەكتىپىڭىزدا قالدىڭىزمۇ يە؟
ـــ بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە خىزمەتكە چۈشتۈم.
ـــ شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىدا ئوقۇغان ئادەم ھېچ بولمىسا بىرەر تېخنىكا مەكتەپلىرىدە بولسىمۇ خىزمەت قىلسىڭىز بولاتتى؟
ــ شۇنداق، لېكىن مەن ئۆزۈم تەلەپ قىلىپ مۇشۇ مەكتەپكە كەلدىم.
ـــ نەدىكەن ئۇ مەكتىپىڭىز؟ ئۆيىڭىزگە يېقىنمۇ؟
ـــ ياق ئۆيۈمگە بەكمۇ يىراق، بىراق سىزگە يېقىن.
ـــ نېمە دەيسىز؟
ـــ مەن قەشقەرگە كەلدىم. ئەپسۇس سىزنىڭ ناھىيىڭىزنى تەلەپ قىلسام ، ئۇلار مېنى باشقا ناھىيىگە تەقسىم قىلىپ قويدى.
ـــ ئاھ زۈبەيدە، ئالدىرىماي سۆزلەڭ، چاخچاق قىلماڭ، بۇنداق چوڭ چاخچاقنى ئاجىز يۈرىكىم كۆتۈرەلمەيدۇ.
ـــ راست فىرقەت، مەن قەشقەرگە كەلدىم، ــ دېگىنىمچە ئادرېسىمنى دەپ بەردىم.
ـــ جېنىم زۈبەيدە، ماڭا بەك كاتتا خەۋەر يەتكۈزدىڭىز، مەن بۈگۈن كەچلىك ئاپتوبۇس بىلەن ماڭىمەن، ئاللاھ خالىسا ئەتە سەھەردە يېنىڭىزغا ئۈنىمەن. ئاپلا... زۈبەيدە، مۇشۇ تاپتا سىزگە نېمىلەرنى دېيىشىمنى پەقەتلا بىلەلمەيۋاتىمەن، مېڭىشتىن بۇرۇن نېمىشقا ماڭا خەۋەر قىلمىدىڭىز؟ ئالدىڭىزغا ئۆزۈم چىقىپ، ئۆزۈم بىر قوللۇق ئورۇنلاشتۇراتتىم ئەمەسمۇ؟
ـــ سىزنى تۇيۇقسىز خۇش قىلىۋېتەي دېدىم.
ـــ رەھمەت زۈبەيدە. مۇشۇ تاپتا تېلېفوننى زادىلا قويغۇم يوق، لېكىن قويمايمۇ ئامال يوق، مەن ئىشلىرىمنى پۈتتۈرۈپ كەچتىلا ماڭمىسام بولمايدۇ. خوش جېنىم.

فىرقەت ھاياجاندىن نېمە قىلارىنى بىلمەي قالدى. مەنمۇ ئۇنىڭ تېلېفونىنى قويۇپلا خۇشلۇقتىن بۇ كىچىك ياتىقىمدا پىرقىراپ ئۇسۇل ئويناپ كەتتىم. كېچىچە ئازراقمۇ كۆزۈم يۇمۇلمىدى، ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ، ياتىقىمنى چىرايلىق تازلاپ، ئۇنى ساقلاپ ئولتۇردۇم، سائەت 7 لەر بولغان مەزگىلدە  ئىشىك تۈۋىگە بىر ماشىنا كېلىپ توختىدى، مەن يۈگۈرۈپ چىقىپ ماشىنىدىن كۈلۈپ چۈشىۋاتقان فىرقەتنى كۆردۈم، مەن ئۇنىڭ يۈزىنىلا كۆرۈپ بويلىرىنى كۆرمىگەنىدىم، مانا ھازىر ئالدىمدا تولىمۇ كېلىشكەن، قامەتلىك بىر يىگىت تۇرۇپتۇ، ئۇمۇ، مەنمۇ كۈلىۋەردۇق.

ــ تېنچ ئامان كەلدىڭىزمۇ؟ مەن مۇشۇ تاپتا قايسى گەپنى بالدۇر قىلىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن ــ دېدى ئۇ، مەن ئۇلارنى ياتاققا باشلىدىم، ئۇلار ياتاققا كىرىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن: ـــ بۇ دوستۇم پەرھات، مۇشۇ يەردە بىر باشلىقنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەيدۇ، -دەپ دوستىنى تونۇشتۇردى، مەن پەرھات بىلەن يەڭگىل سالاملىشىپ قويدۇم. بىز ئۇزاق ئولتۇرغاندىن كېيىن سىرتقا تاماق يېگىلى چىقتۇق، پەرھات ماڭا بۇ يۇرتنىڭ ئەھۋالىدىن ئازراق چۈشەنچە بەردى ھەم قايسى يەرلەرگە بېرىپ تاماق يېسەم بولىدىغانلىقىنىمۇ دەپ بەردى، يەنە قانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىسام ئۆزىنى ئىزدىشىم كېرەكلىكىنى دەپ ئۆتتى، بىز ئۇ كۈنى بەك ئۇزۇن پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق، خېلى كەچ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇلار ئىككىسى پەرھاتنىڭ ئۆيىگە كەتتى، بالىلار تېخى يىغىلمىغانلىقى ھەم مەن تېخى يېڭى بولغانلىقىم ئۈچۈن مېنى ئانچە سۈرۈشتە قىلىپ كېتىشمىدى. شۇنداق قىلىپ ئەتىسىدىن باشلاپ 4 كۈن فىرقەت بىلەن كۈندۈزى ئايرىلماي يۈرۈپ، بىر-بىرىمىزگە تېخىمۇ ئامراق بولۇپ كەتتۇق، بۇ يەرگە ئۇنى دەپ كېلىپ خاتا قىلمىغانلىقىمنى سەزدىم. 4 كۈندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار يىغىلدى، فىرقەتمۇ مۇشۇ يېزىغا خىزمەتكە ئورۇنلىشىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كۆزلىرى كەينىدە يۇرتىغا كېتىپ قالدى، مەن دەسلەپتىلا سىنىپ تۇتاي دەپ تۇرۇۋالدىم، مۇدىرمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي تەلىپىمگە ماقۇل بولدى، ئاندىن:

ـــ سىنىپقا ماۋۇ تۇرقىڭىز بىلەن كىرسىڭىز بولمايدۇ ، بولسا كەڭرەك ئىشتان كىيىپ، مۇنداق گاچا ئىشتانلارنى كىيمەي، ئۇزۇنراق يېڭى بار نەرسىلەرنى كىيىۋېلىڭ، بۇ تۇرقىڭىز بۇ يەرگە تازا ماس كەلمەيدۇ، بۇ گەپلىرىمدىن رەنجىمەڭ، مەنمۇ سىزگە ياخشى بولسۇن دەپ شۇنداق دەۋاتىمەن، ـــ دېدى.
ـــ ماقۇل مۇدىر، بۇندىن كېيىن مۇشۇ جەھەتكە بەكرەك دىققەت قىلاي ــ دەپ ئۇنىڭ ئىشخانىسىدىن قايتىپ چىقتىم، شۇنىڭدىن باشلاپ، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىم باشلىنىپ كەتتى، كىچىك ئوماقلار  يەر تېگىدىن قاراپ مەندىن ئۈركۈپلا تۇراتتى، تاتلىق گەپلەرنى قىلىپ، ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىپ، ئاخىرى ئۇلارنىمۇ ئۆزۈمگە قارىتىۋالدىم، كۆپ سانلىق ئوقۇغۇچۇم دېھقانلارنىڭ بالىلىرى ئىدى، مەيلى كىيىم – كېچىكى بولسۇن، مەيلى روھىي-كەيپىياتى بولسۇن يۈرىكىمنى ئازاپلاپ كېتىۋاتاتتى. ئۇلارغا قاراپ، قانداق ياردەم قىلسام بولىدىغانلىقى توغرىلىق كۆپ پىلانلارنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ قويدۇم. كۈنلەر جىددىيچىلىك ئىچىدە ئۆتمەكتە ئىدى.

ئوقۇغۇچىلىرىم ئۈچۈن ياخشى پىلانلارنى تۈزدۈم، ئالدى بىلەن ئۇلاردا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ تۇرغۇزۇش، ئاندىن باشقىلار بىلەن ئەركىن مۇنازىرە قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش، شۇ ئارقىلىق تەپەككۇرىنى يېتىلدۈرۈش... دېگەندەك دەسلەپكى تەرتىپنى يولغا قويدۇم، ئۇزۇنغا قالماي بۇ ئىشىم بالىلاردا نەتىجىسى كۆرۈلۈشكە باشلىدى، بۇ مېنىڭ دەسلەپكى نەتىجەم ئىدى، بۇ نەتىجىدىن سۆيۈنۈپ بارغانچە ئاز- ئازدىن قوشۇپ، بالىلارنىڭ ساۋادىنىمۇ تېزلا چىقىرىپ بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە ياخشى ئۈنۈم ياراتتىم، بۇ جەرياندا فىرقەت نەچچە قېتىم كېلىپ مېنى يوقلاپ تۇردى، مەريەم ھەدە بىلەنمۇ يېقىن تۇغقانلاردەك بولۇپ قالدۇق. ئۇ ماڭا ئوغۇل بالىلار سىزنى ئىزدىسە سىز گە بولغان تەسىرى ياخشى بولمايدۇ، كېيىنكى تۇرمۇش ئىشىڭىزدا توسالغۇ پەيدا بولۇپ قالىدۇ دەپ نەسىھەت قىلدى، مەن ئۇنىڭغا فىرقەت توغۇرلۇق گەپ قىلىپ بەردىم، شۇندىن بېرى ئۇنىڭ ماڭا بولغان ئىخلاسى ھەسسىلەپ ئاشتى.

بۇ يەردە تۆت پەسىل ھەقىقىي مەنىسى بىلەن بولىدىكەن، كېلىپلا كۈز مەزگىلىنىمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم، مەن كۆرۈپ باقمىغان يېڭى مېۋىلەرنى شېخىدىن ئۈزۈپ يېيىشنىڭ قانچىلىك راھەتلىكىنى دەپ بېرەلمەيمەن. لېكىن يېڭىچە مۇھىتتا تارتىۋاتقان جاپالىرىممۇ كۆزۈمگە كۆرۈنمىدى. شۇنداق يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە، بىر ئايال مېنى ئىزدەپ كەلدى، مەن قانچە ئويلاپمۇ ئۇ ئايالنى قەيەردە كۆرگەنلىكىمنى زادىلا ئەسلىيەلمىدىم. مەن ئۇنى ياتىقىمغا باشلىدىم.

ـــ ئىسمىڭىز زۈبەيدە بولامدۇ؟ ـــ دېدى ئايال.
ـــ شۇنداق، ئىسمىم زۈبەيدە، ئۆزىڭىزنى تازا تونىيالماي قالدىم.
ـــ شۇنداق بىز يۈز كۆرۈشمىگەن، مەن فىرقەتنىڭ ھامما ئاچىسى.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ يۈرىكىم قاتتىق سوقۇپ كەتتى، ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتكەنلىكىمنى تۇيماي قاپتىمەن.

ـــ ئولتۇرۇڭ،- دېگەندىلا ئۆزۈمنىڭ ئۆرە تۇرغانلىقىمنى سېزىپ ئاستا ئولتۇرۇۋالدىم. ــ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىمنى فىرقەت بىلمەيدۇ، مېنى ئاچام يەنى فىرقەتنىڭ ئانىسى ئەۋەتتى، فىرقەت پەقەت بىرلا ئوغۇل، يەنە بىر سىڭلىسى بار. ئۇ ئۆتكەندە سىزنىڭ گېپىڭىزنى ماڭا قىلىپ بەرگەن ئىدى، مېنىڭ ئىشلىرىڭلاردىن ئاساسىي جەھەتتىن خەۋىرىم بار. ـــ ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، ئالدىرىماي تىنىپ – تىنىپ سۆزلەيتتى، مەن جىممىدە ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇراتتىم، كاللامدا بولسا ھەر خىل خىياللار ئەگىپ يۈرەتتى.
ـــ ئاچام ھازىر ئېغىر كېسەل ئۇ راك كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالدى، بۈگۈنمۇ ئەتىلىكى قالدى، ھەممىمىز ئۇنىڭ بېشىدا پەرۋانە، مېنىڭ يولدىشىم  يول مېڭىپ يۈرۈپ مىڭ بىر جاپادا فىرقەتكە ئۆز ناھىيەمىز ئىچىدىن خىزمەت تاپقان ئىدى، بىراق ئۇ ھازىر ئۇ خىزمەتنى قىلمايمەن، مۇشۇ يېزىغا بېرىپ خىزمەت قىلىمەن، بولمىسا باشقا ئىش قىلىمەن لېكىن تۇرىدىغان يېرىم ناھىيە ئەمەس دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى، ھازىر خىزمەت تاپماقنىڭ تەسلىكىدە، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭكىدەك بىر ئائىلە ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. فىرقەت ئاچامنىڭ ئۈمىد چىرىقى. سىزنى بۇ يەرگە ئۇنى دەپ كەپتۇ دەپلا ئۇنى بۇ يەرگە ئېۋەتىپ قويساق، ئائىلە ئەھۋالىمىز، ئاچامنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى يەنە سىزگە دېگىلى بولمايدىغان نۇرغۇن شارائىتلار يار بەرمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىپ توي قىلىپ كەلگىدەك ئەھۋالىمىز يوق، ئاتا – ئانىڭىزنى بۇ يەرگە كېلىپ قىزىنى بىزگە بېرىپ كەتسۇن دېسەك بەلكىم ئۇلارغىمۇ ئېغىر كېلىدۇ. سىلەر ھېسسىياتقا بېرىلمەڭلار، توردا تونۇشۇپ توي قىلدى، دېگەنمۇ ئاڭلىماققىمۇ غەلىتە تۇيۇلىدىغان بىر ئىش، مەيلى قانداق بولمىسۇن، فىرقەت ئانىسىنىڭ يېنىدىن كەتسە بولمايدۇ، بايا دېدىم ئۇ بىر تاللا ئوغۇل، ئاچام سىزنى ھەرگىز ئېلىپ بەرمەيدۇ، شۇڭا ئەگەر ئۇنى ھەقىقىي ياخشى كۆرسىڭىز، ئۇنى ئانىسىدىن ئايرىۋەتمەڭ، ئانىسىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ئۇ ئانىسىنىڭ يېنىدا بولمىسا بولمايدۇ. سىز ئەقىللىق قىزكەنسىز، گېپىمنى بەلكىم چۈشەندىڭىز، ئۇ ئانىسىنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئاياللا كېسەللىكى بولغاچقا ئۇنىڭغا دېمىگەن ئىدۇق. سىلەرنىڭ ئىشىڭلار مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار، شۇڭا ئامال بار سىز ئۇنى ئۆزىڭىزدىن سوۋۇتسىڭىز. بىزگە بىر ياردەم قىلغان بولسىڭىز، سىزدىن مۇشۇ ياردەمنى سوراپ كەلدىم. ئاچام ئۆلۈمنى كۈتۈپ ياتىدۇ، ئۇ ئوغلىغا بەكلا ئامراق، ئۇنىڭدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاكامنىڭ قىزى بىلەن كىچىكىدىلا پۈتۈشۈپ قويغان، ئۇ ئۇنىڭدىن باشقا ئادەمنى ئالالمايدۇ. بۇ ئىشلارنى سىزگە ئاشكارلىغىلى بولمايدۇ.

مەن ئۇ ئايالنىڭ گەپلىرىنىڭ ئاخىرىنى زادىلا ئاڭلىيالمىدىم، ئۇنىڭ قاچانلاردا ياتىقىمدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنىمۇ سەزمەپتىمەن، بىركەمدە ئۆزۈمنى مەريەم ھەدىنىڭ ئۆيىدە كۆردۈم.
ـــ ئاللا... ھەر نېمە بولسا ياخشى بولۇپ قالدىڭىز، نېمىش بولغان ئىدى؟
ـــ مەن قانداق بولۇپ سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە چىقىپ يېتىپ قالدىم؟
ـــ مەن كىرسەم تىزىڭىزنى قۇچالاپ يىغلاپ ئولتۇرۇپتىكەنسىز، نېمە بولدى، دېيىشىمگىلا ئۆزىڭىزنى ئېتىپ يىغلاپ كەتتىڭىز، ئاندىن جىمىپ كەتتىڭىز، بەك قورقۇپ كەتتىم، روزىباي سىزنى كۆتۈرۈپ بىزنىڭكىگە ئېلىپ چىقتى، چېكىلىرىڭىزنى مايلاپ، ئىسرىق سېلىپ، ئوت كۆچۈرۈپ ئولتۇرۇپتىم، ساق بىر كېچە بىر كۈندۈزدە كۆزىڭىزنى ئاچتىڭىز.
ـــ ھە شۇنداقمۇ، ـــ دېگىنىمچە فىرقەتنىڭ ھامما ئاچىسى بىلەن بولغان سۆھبەتنى دەپ بەردىم، كۆزلىرىم يەنە ياشقا تولغان ئىدى.
ـــ تازىمۇ ئادەم ئەمەس بىر نېمىلەرمۇ نېمە ئۇ؟ ئاللادىن كېلىپ قالسا ئۆلۈمنى تۇتۇۋالغىلى بولاتتىمۇ؟ سىز ئۇنى دەپ بەختىيار ئائىلىڭىزدىن كېچىپ، مۇشۇنداق يەرگە كەلگەن تۇرسىڭىز، شۇنىمۇ بىلگىچىلىكى يوقكىنا ئۇلارنىڭ؟ مېنى چاقىرغان بولسىڭىز ئۆزۈم تېتىيتىم ئۇ خوتۇنغا ، بوپتۇ كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، ھاكىمنىڭ بالىسىغا ئېلىپ بېرىمىز سىزنى، شۇ ۋاقىتتا تازىم قىلىپمۇ ئۈلگۈرەلمەيدۇ.

گەرچە مەريەم ھەدە كۆڭلۈمنى ياساپ شۇنداق دەۋاتقان بولسىمۇ ئۇنىڭمۇ مەن ئۈچۈن ئېچىنىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى. بۇ ئىشنىڭ چۈشۈم ياكى ئوڭۇم ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالمايلا قالدىم.

لېكىن فىرقەت بىلەن ئۇچۇرلىشىپ، تېلېفونلىشىپ يۈرىۋەردۇق، ئۇ مېنى بۇ جەرياندا ئىككى قېىم يوقلاپ كېلىپ بىر ھەپتىدىن تۇرۇپمۇ كەتتى، ھامما ئاچىسى توغرىسىدا ئۇنىڭغا ھېچنەرسە دېمىدىم، پەقەتلا ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىلا سوراپ قويدۇم.

ـــ ئانامنىڭ قورسىقى ئاغرىيدىكەن، ئۇزۇن بولدى ساقسىز بولۇپ قالغىلى، بىر يىلدا نەچچە قېتىم بالنىستتا يېتىپ چىقىدۇ، ئاپام بەك ئىشچان، تىرىشچان ئايال ئىدى، بۇ كېسەل قەيەردىن چاپلاشتى مۇشۇنداق نىمجان بولۇپ قالدى، ـــ دېدى ئۇ بىر قېتىم مېنىڭ ئۇنىڭ ئانىسى توغرىلىق سورىغان سۇئالىمغا. بۇ قېتىم ئۇ سەل ئۇزۇن تۇرۇپ قالدى، يېڭى خىزمەت ئورنىغىمۇ چىقمىغان ئىدى، ئۇ مەن تۇرغان يېزىدىن خىزمەت ئىزدەۋاتاتتى، مەن ۋاقتىنچە ئۆزىنىڭ ناھىيەسىدە خىزمەت قىلىپ تۇرۇپ كېيىن ئالمىشىۋېلىشنى دېگەن بولساممۇ ئۇ ئۇنىمىدى. 11- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى بولغاچقا ئۇ ياتىقىمغا مەش قويۇپ بېرىپ، قانداق ئوت قالاشنى ئۆگىتىپ قويدى، ئاندىن ئىشىك تۈۋىگە جىق ئوتۇن ۋە كۆمۈرلەرنى دۆۋىلەپ بەردى، ئاندىن كېچىسى سېلىپ قويىدىغان پوم دېگەن نەرسىنىمۇ تەييارلاپ بەردى،  ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئۇنىڭغا بېسىم ئىشلەتكەنمۇ ئىشقىلىپ بۇ قېتىم سەل باشقىچە بولۇپ قاپتۇ، مەنمۇ ئارتۇق گەپ سورىمىدىم. ئۇ يەنە كەتتى.

ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە باشقا تېمىلار
ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(1)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(2)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(3)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(4)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(5)
ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(6)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(7)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(8)