باش بەت / ساقلايمەن

ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(3)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2012-3-30 10:32 | ئاپتور: ساجىدە سۇلايمان | مەنبە: خۇشدىل مۇنبىرى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم
ــ گۈلنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى قانداق بىلدىڭىز؟ ــ دەپ خەت يازدىم.
ــ گۈلنى ياخشى كۆرمىسىڭىز ئىسمىڭىزنى گۈل دەپ قويماس ئىدىڭىز، ــ دەپ يازدى ئۇ. مەن كۈلۈمسىرىگەن كوت-كوت ئىپادىسىنى ئەۋەتتىم.
ــ بۇ ئىپادىنى سىز ئەۋەتكەنلىكىڭىز ئۈچۈن ياقتۇرۇپ قالدىم، ــ دەپ يازدى ئۇ. مەن ئۇ ئىپادىدىن يەنە بىرنى ئەۋەتتىم،  ـــ داۋاملىق كۈلۈمسىرەپلا يۈرەمسىز؟  مۇشۇ تاپتا كۈلۈمسىرەپلا تۇرىدىغان گۈل چىرايىڭىزنى كۆرگەندەك بولدۇم، ــ دەپلا كەينىدىن: ـــ يېرىم كېچىدىن ئاشتى ئارام ئېلىڭ، سەھەر تۇرالمايسىز، سەھەر تۇرالمىغان قىزلار بەختلىك بولالمايدۇ، ــ دېگەن خەتنى يازدى ئۇ. مەن «ماقۇل» دەپ يازدىم.
ــ ئەمىسە ياخشى چۈش كۆرۈڭ، ــ دېگەن خەت بىلەن خوشلاشقان كوت-كوت ئىپادىسىنى يوللاپلا چۈشۈپ كەتتى ئۇ. مەن مائۇس بىلەن خەتلەرنى ئارقىغا ياندۇرۇپ، قىسقا ئەمما نۇرغۇن سىرلارغا تولغان بۇ مەنىلىك سۆھبەتنى قايتا بىر قېتىم ئوقۇپ ئاندىن چېكىندىم. تۇرۇپلا ئۇنى خىيال قىلىپ قالدىم، ئۇ باشقا تورداشلاردەك «ئىسمىڭىز نېمە؟»، »نېمىش قىلىسىز؟»، «نەچچە ياشقا كىردىڭىز؟»، «دوست بولۇپ قالساق بولامدۇ؟ ......» دېگەندەك قېلىپلىشىپ قالغان گەپلەرنىڭ بىرىنىمۇ قىلماي ئەسلىدىنلا تونۇشتەك پاراڭلىشىپ كېتىپتىمىز. مېيىقىمدا تەبەسسۇم قېتىپ قالدى. سەھەردە ئويغىنىپ، ئۇنىڭ ئاخشامقى پاراڭلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئويلاپ كومپيۇتېرغا قارىۋىدىم، ئېكراندا خۇددىي ئۇ ماڭا قاراپ تۇرغاندەك، بېشىمنى يوتقاننىڭ ئىچىگە پۈركىۋېلىپ، ئاندىن ئاستا مارىلاپ چىقىرىپ كومپيۇتېرغا تىلىمنى چىقىرىپ ئەركىلەپ قويدۇم.

ئورنۇمدىن تۇرۇپ ھۇجرامدىن چىقسام ئۆي ئىچى جىمجىت، ئىشىك تۈۋىگە قارىسام دادامنىڭ ئايىقى يوق، سىڭلىم تەتىللىك ئوقۇشقا كېتىپتۇ، ئاپامنىڭ ئايىقىنىڭ رەتلىك تۇرغىنىدىن ئاپامنىڭ  كۈتۈپخانىدا دەرس تەييارلاۋاتقانلىقى ئېنىق. يۈز -كۆزلىرىمنى يۇيۇپ، چاچلىرىمنى تاراپ بولغاندىن كېيىن:
ـــ ئاپو....ي! ــ دەپ ئاستا كۈتۈپخانىنىڭ ئىشىكىنى چەكتىم.
ـــ كىرىڭ! ــ دېدى ئاپام. ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ كىرىۋىدىم:
ـــ تۇردىڭىزمۇ قىزىم؟ بۈگۈن سەھەر تۇرالمىدىڭىزغۇ؟ قىز بالا دېگەن سەھەر تۇرۇپ ئادەتلەنمىسە بولمايدۇ، ــ دەپ بولغىچە، ـــ سەھەر تۇرمىسا قىزبالىنىڭ بەختى قېچىپ كېتىدۇ، ــ دېدىم ئۇلاپلا.
ـــ ھۇي شەيتان! سىزنى ساقلاپ ناشتا قىلمىدىم، ــ دەپ ئىللىق ئالىيىپ قويدى.
ـــ كەچۈرۈڭە ئاپو...ي! بۇندىن كېيىن سەھەر تۇرىمەن، ــ دېگىنىمچە ئاپامنى قۇچاقلىۋالدىم.
ـــ شەيتان قىز، تەتىل بولغاندىكىن سىزنى كۆپرەك ئۇخلىۋالسۇن دەپ ئويغاتمىدىم، ــ دېدى ئاپام مەن بىلەن تاماقخانىمىزغا چىققاچ، تاماقخانا ئۆيگە كىرىپلا :
ـــ ئىھى! ئا....پۇ....! ــ دەپ ئاپامنى سۆيۈپ كەتتىم، چۈنكى تاماق ئۈستىلىدە مەن ئامراق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى تۇراتتى. گەرچە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولساممۇ، ئاپام داۋاملىق ئەركىلىتىپ مۇشۇنداق ئەركە ئۆگىتىپ قويغانلىقى ئۈچۈن، بەزىدە ياتاقتىكى قىزلارغىمۇ ئەركىلەپ سېلىپ ئۆزۈم خىجىل بولۇپ قالاتتىم.
ـــ چوڭ بولۇپ قالغاندىمۇ ئەركىلەپ يۈرگەن، يەنە نەچچە ئايدا ئالىي مەكتەپتنى پۈتتۈرىسىز،  قاچانغىچە ئەركىلەپ يۈرىسىز؟ ـــ دېدى ئاپام، مەن ئاپامغا تېخىمۇ بەك ئەركىلىدىم.
ـــ دادام يوققۇ؟
ـــ دادىڭىز نەزىرگە كەتتى، قايتىپ كەلسە سەل تۇرۇپ تويغا بارىمىز، توڭلاتقۇدا تۈگۈر بار، چۈشتە شۇنى سېلىپ يەرسىز، كەچكىچە بىزمۇ كېلىپ بولىمىز.
ـــ ماقۇل ئاپا. مەن دېگەن ئالىي مەكتەپنى نەچچە ئايدىن كېيىن پۈتتۈرىمەن، ئەنسىرەپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ـــ دېدىم ئاپامنىڭ گېپىنى تەكرارلاپ. ئاندىن ئىككىمىز تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتۇق.
سىڭلىمنىڭ مەكتىپى يىراق بولغاچقا چۈشتە كېلەلمەيتتى، دادام ئاپامنى ئېلىپ تويغا كەتتى، مەن ئۇلارنى ئۇزىتىپلا كومپيۇتېر ئالدىغا كەلدىم. بىلمىدىم يۈرىكىم ھاياجان بىلەن سوقۇپ كەتتى. كوت-كوتنى ئېچىشىم:
ـــ گۈلگە گۈل بىلەن سالام، ــ دەپلا پالۋاننىڭ سالامى كەلدى، خوشلۇقۇم ئىچىمگە پاتمايۋاتاتتى.
ـــ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،ـــ دەپ يازدىم. ئۇ ماڭا بىر يۈرەكنىڭ شەكلىنى ئەۋەتتى.
ـــ بۇ نېمە؟ -دەپ يازدىم مەن، گەرچە ئۇنىڭ يۈرەك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرساممۇ.
ـــ بۇ سىزنىڭ بەختىڭىز، يولدا كېلىۋاتسام قېچىپ كېتىۋېتىپتىكەن، مەن تۇتۇۋېلىپ ئالغاچ كەلدىم، ــ دەپ يازدى ئۇ، ئۇ مېنى سەھەر تۇرمىغانلىقىڭىز ئۈچۈن بەختىڭىز قېچىپ كەتتى دېمەكچى ئىدى.
ـــ شۇنداقمۇ، ئۇنداقتا رەھمەت سىزگە، ئاخشام سەل ۋاقچىرەك ئۇخلىغانلىقىم ئۈچۈن سەھەر تۇرالماي قالدىم، ــ دەپ يازدىم. ئۇنىڭغا زادىلا يالغان گەپ قىلغۇم كەلمەيتتى، ــ سىزچۇ؟ قاچان چىققان ئىدىڭىز؟
ـــ خېلى بولدى، مەن ئەتىگەن سەھەر تۇرۇپ، دادامغا دېھقانچىلىك ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىپ ئاندىن تورغا چىقتىم،- دېدى ئۇ.  ئۇنىڭ سەمىمىيلىكىدىن سۆيۈندۈم. مەن كۈلۈمسىرىگىنىمچە خەت يازماي بىردەم تۇرۇپ قاپتىمەن.
ـــ نېمە؟ دېھقان دېسەم، ئاپئاق ساقىلى بار بىر دېھقان بوۋايمىكىن دېدىڭىزمۇ؟ بىلسىڭىز، بېلىكىمىزگە بۈركۈت قوندۇرۇپ، ئات ئۈستىدە ئوۋ ئوۋلايدىغان پالۋان يىگىت  جۇما بىز! ــ دېدى ئۇ. كۆز ئالدىمغا مەردانە، غورۇرلۇق ئۇيغۇر يىگىتى كەلدى.
ـــ بوۋاي بولسىڭىزمۇ نېمە بولاتتى؟ كوت-كوتقۇ بۇ ئاخىر.
ـــ شۇنداق، بۇ كوت-كوت.- ئۇ بىرنەچچە مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇپ قالدى.
ـــ قانداق دېھقانچىلىقلارنى قىلدىڭىز؟
ـــ چاخچاق قىلدىم، دېھقاننىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىم راست، لېكىن ھازىرقى ئايدا ھېچقانداق دېھقانچىلىق قىلغىلى بولمايدۇ، ئەتىيازدا، سوغۇق يانغاندا ئاندىن قىلىمىز.
ـــ ھە، شۇنداقمۇ؟
ـــ بۈگۈننى قانداق ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدىڭىز؟
ـــ دوستلىرىم قار تېيىلىش مەيدانىغا كەتتى، مەن سوغۇقتىن قورقۇپ بارمىدىم.
ـــ سوغۇقتىن قورقتىڭىزمۇ؟ -يە، ........... -دەپ تۇرۇپ قالدى ئۇ.
ـــ دېھقان دېگىنىڭىزگە قارىغاندا سىز ئۈرۈمچىدە ئەمەس ئوخشايسىز؟ ئۈرۈمچىدە قاتتىق قار ياغدى،  ھازىر بەك سوغۇق.
ـــ سىز ئۈرۈمچىدىنكەنسىزدە؟! مەن قەشقەردە.
ـــ ھە، قەشقەرلىك ساۋاقداشلىرىم بار،
ـــ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوخشىمامسىز؟ پۈتتۈردىڭىزمۇ يە؟
ـــ بۇ يىل پۈتتۈرىمەن.
ـــ قايسى مەكتەپ، نېمە كەسىپ؟
ـــ شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىدا، خەنزۇ تىلى.
ـــ ياخشىكەنغۇ؟ مەنمۇ بۇلتۇر شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرستېتىنى پۈتتۈرۈپ، يۇرتۇمغا قايتىپ كەلگەن  ئىدىم.
ـــ شۇنداقمۇ؟ ئەمىسە ئاتا- ئانىڭىزغا ياردىمىڭىز تەگكىدەك؟
بىزنىڭ ئارىلىقىمىز بارغانچە يېقىنلىشىۋاتاتتى.
ـــ ئىسمىم فىرقەت. بەلكىم. پايدىسى تېگەر. بولدى باشقا گەپلەرنى دېيىشەيلى. ــ دېدى ئۇ توساتتىنلا. ـــ ھە راست، سىزنى گۈل دەپ چاقىرامدىم؟
ـــ ياق ئىسمىم زۈبەيدە، دادام مەمۇر، ئاپام ئوقۇتقۇچى، ئاكام خىزمەتچى، سىڭلىم ئىككىمىز ئوقۇغۇچى، ـــ دېدىم بىراقلا چاقچاق تەرىقىسىدە ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇپ،
ـــ ۋوي تازا مەدەنىيەتنىڭ بۆشۈكى بىلەن تونۇشتۇممۇ نېمە؟ ئانچە مۇنچە تەلىم بېرىپ تۇراسىز. ھا ھا ھا
ـــ ھى ھى ھى ئايلانسۇن!
بىز شۇنداق قىلىپ فىرقەت بىلەن تونۇشۇپ قالدۇق. ئۇنىڭ قىزلار بىلەن تونۇشۇش ئۇسۇلى باشقىلار بىلەن ئوخشىمايتتى، ئۇنىڭ كومپيۇتېر سەۋىيىسى خېلىلا يۇقىرى ئىدى، ئۇ ماڭا كوت-كوتنىڭ ھەممە ئىقتىدارلىرىنى بىرمۇ-بىر ئۆگىتىپ قويدى. ئۇنىڭ كومپيۇتېر بىلىمىنىڭ بۇنچە چوڭقۇرلۇقىدىن،  ئۆزۈمنىڭ مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدە چوڭ بولۇپ ھەم بىر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ستۇدېنت تۇرۇپمۇ كومپيۇتېردا ئۇنىڭچىلىك سەۋىيەمنىڭ يوقلۇقىدىن بەزىدە خىجىل بولۇپ قالاتتىم، بۇ يىلقى قىشلىق تەتىل پۈتۈنلەي فىرقەت بىلەن كوت-كوتتا پاراڭلىشىپ دېگۈدەكلا ئۆتتى، ھەر كۈنى كەچتە ئۇخلاش ئالدىدىلا شۇنداق چارچاپ كەتكەنلىكىمنى سېزەتتىم. ئەتىگىنى بولسا ئۇنىڭ پاراڭلىرىنى ئەسلەپ كۈلۈمسىرىگىنىمچە ئورنۇمدىن تۇراتتىم. تەتىلىم توشۇشقا 10 كۈن قالغان بىر كۈنى دوستۇم گۈلمىرەدىن تېلفون كەلدى، ئۇنىڭ نومۇرىنى كۆرۈپلا ئۇلار بىلەن ئالاقىلاشمىغىلى خېلى كۈنلەر بولۇپ قالغانلىقى ئېسىمگە كەلدى.
ـــ ھەي! بارمۇ يا سەن بۇ دۇنيادا؟ ــ دەپ سۆزلەپلا كەتتى ئۇ.
ـــ بار ئاداش ئۆزەڭچۇ؟
ـــ مەنغۇ خېلى كەڭرى، توردىن بىرەرسىنى تېپىۋالمىغانسەن؟ قاچانلا قارىسا كوت-كوتتىن چۈشمەيدۇ دەيدىغۇ قىزلار سېنى؟
ـــ ياقەي، كوت-كوتنى ئېچىپ قويۇپ شۇ باشقا ئىشلارنى قىلىپ دېگەندەك، سىلەرچۇ؟ قىزلار بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرۇۋېتىپسەندە؟!
ـــ بىز سەندىن ئەنسىرەپ بۈگۈن قۇتۇلدۇرۇۋالايلى دەپ يىغىلدۇق، مەلەڭگە بېرىشقا ئاز قالدۇق. كىيىمىڭنى قېلىن كىيىپ چىق، قار تېيىلغىلى بارىمىز، ياق دېيىشكە، ھەرقانداق باھانە كۆرسىتىشىڭگە رۇخسەت يوق. ــ دەپلا تېلفوننى ئۈزدى ئۇ. مەن قولۇمدىكى تېلېفونغا بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، دەرھال كومپيۇتېرىمنى ئېچىپ، ئۇنىڭغا دەپ قويماقچى بولۇپ قارىسام ئۇ يوق، ئىچىم تىت - تىت بولۇپ، تۆۋەندىكى خەتنى قالدۇرۇپ چىقىپ كەتتىم:
«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم فىرقەت، ئاخشام ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ؟ مەن بۈگۈن بىر كۈن توردا بولمايمەن، قار تېيىلىش مەيدانىغا كەتتىم، ئاخشاملىققا كۆرۈشەيلى».   ئاددىيغىنا مۇشۇ بىر قۇر خەتنى نەچچە رەت ئۆزگەرتىپ، ئاران يازدىم، چۈنكى مەن ئۇنىڭغا باشقىچە تەسىر بېرىپ قويۇشنى، خالىمايتتىم.
ئىشىك ئالدىغا چىقسام دوستلىرىم تېخى كەلمەپتۇ، ئاپتوبۇس بېكىتىدە تۇرۇپ ئۇلارنى ساقلىدىم، بىر ئىككى ئاپتوبۇس ئۆتۈپ كەتتى، ھېچ ئۇلار يوق، تېلېفونۇمنى ئېلىپ پەلەي كىيگەن قولۇم بىلەن گۈلمىرەنىڭ نومۇرىنى تەستە باستىم، ئۈرۈمچىنىڭ بىرىنچى ئايدىكى سوغۇقىدا قولنى سىرتقا يالاڭ چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. تېلېفون تېخى ئۇلانماي تۇرۇپ:
ـــ زۈبەيدە! چىقە! ــ دەپ ۋارقىرىغان زۇلفىنۇرنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدىم ،قىزلارنىڭ ھەممىسى ئاپتوبۇس ئىشىكىگە قاپلىشىپ تۇرۇپ مېنى چاقىرىۋېتىپتۇ، ئاپتوبۇسقا چىقىپلا يۈرىكىم يايراپ كەتتى،  گۈلمىرە، زۇلفىنۇر، ئەلفىرە، قەلبىنۇر قاتارلىق قىزلار چۇرقىرىشىپ ئاپتوبۇس ئىچىنى بېشىغا كىيگەن ئىدى، ئۇلارغا قاراپ، ئۆزۈمنىڭ كومپيۇتېرغا باشچىلاپ كىرىپ كەتكىنىمنى سەزدىم.
ـــ بامۇسەنىي؟ ئوخخو......
ـــ ئاڭلىساق سېنى ئېنتېرنېتنى باشقۇرغىلى مارىسقا چىقىپ كەتتى دەيدىغۇ؟
ـــ كوت- كوت شاھزادىنىڭ سارىيىغا بەنت قىلىنپتۇ دەپ ئاڭلىدىم.
ـــ ۋ...ەت!!!
بىر-بىرىدىن سەت چىرقىراشلاردىن ئاپتوبۇستىكى كىشىلەر يامان كۆزلىرى بىلەن ئالىيىپ غودۇراشقا باشلىدى، ئۇلاردىن سەل قورۇنۇپ قالدىم. «مەن ئۆزگىرىپ كەتكەندىمەنمۇ؟ فىرقەت بىلەن تونۇشقىلى تېخى  بىر ئايمۇ بولمىدى، ئۇ مېنى ئۆزگەرتىپ مۇشۇنداق ئېغىر بېسىق قىلىپ قويغانمىدۇ؟» دېگەنلەرنى ئويلاپ قالدىم. چۈنكى ئۇلارنىڭ كۈلسىمۇ بولىدىغان، كۈلمىسىمۇ بولىدىغان  گەپلەرگە ۋارقىراپ كۈلۈشلىرى، ئەتراپتىكى كىشلەرنى نەزىرىگىمۇ ئىلىپ قويمايۋاتقان چېكىدىن ئاشقان ھالىتىدىن ئاپتوبۇستىكىلەرگە ئوخشاشلا مەنمۇ بىزار بولۇۋاتاتتىم. «توۋا... بۇرۇن مەنمۇ مۇشۇنداق بولغىيمىدىم؟»
ـــ ھەي ئەجەپ جىمغۇرغۇ سەن؟ ساڭا بىرە ئىش بولمىغاندۇ؟
ـــ شۇنداق، ماڭا بىر ئىش بولدى، كۆڭلۈمنىڭ ئارامى يوق، چۈنكى كومپيۇتېرىم ئۆيدە قالدى ئەمەسمۇ؟ ــ دەپ ئاۋازىنى زىل چىقىرىپ، مېنى ئوخشاتتى گۈلمىرە، قىزلار يەنە چىرقىرىشىپ كۈلۈشتى.
ـــ ئازراق مىجەزىم يوق، چىقماي دېسەم سىلەرنى سېغىندىم، ــ دەپلا كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياش قۇيۇلۇپ كەتتى. بىلمىدىم، ئۆزۈممۇ ھەيران قالدىم. ئەسلىدە ساپساق ئىدىم، ئۇلارغا قەستەن شۇنداق دەپ قويماقچى بولغان ئىدىم، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ قالدى. ئۇلارمۇ بىر-بىرىگە قارىشىپ، بارماقلىرىنى چىشلىشىپ، ماڭا كۆيۈنۈپ ئەھۋالىمنى سورىشىپ كەتتى. ئاپتوبۇس ئىچى بىردىنلا قاينىغان قازانغا سوغۇق سۇ قۇيغاندەكلا جىمىپ كەتتى.
زۇلفىنۇر بىلەن مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا، گۈلمىرە مالىيە ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىدا، ئەلفىرە بىلەن قەلبىنۇر تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدىغان بولۇپ، ھەممىمىز ئوتتۇرا مەكتەپتە بىر سىنىپتا بىرگە ئوقۇغان ساۋاقداشلار ئىدۇق، بىز ئوتتۇرا مەكتەپتىمۇ ئايرىلماي بىرگە يۈرەتتۇق، شۇڭا ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەندىمۇ بىر-بىرىمىزدىن ئايرىلىشقا كۆزىمىز قىيماي، ئارزۇغا ھەممىمىز ئۆز قىزىقىشىمىز بويىچە، لېكىن ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپلەرنى تاللىغان ئىدۇق. ئۇلارمۇ ئاپتوبۇستىكى كىشىلەرنى ئەمدى كۆرۈۋاتقاندەك پىچىرلىشىپ گەپ قىلىشىپ ماڭدى، ئاپتوبۇس نەچچە ئايلانمىلاردىن، بىر ئىككى ئۈزۈكچىلىكتىن ئۆتۈپ، قار تېيىلىش مەيدانىغا يېتىپ كەلدى.  ئاپتوبۇستىن چۈشۈپلا بايىقى جىمجىتلىققا خاتىمە بېرىپ، مەنمۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپ چۇرقىرىشىپ كەتتۇق، چېكى كۆرۈنمەيدىغان ئاپئاق كەتكەن كەڭ دالا يۈرىكىمىزنى لەرزىگە سالغان ئىدى، بىز ئۆز ئارا مەسلىھەتلىشىپ، بىر كۈنلۈك بىلەت ئالدۇق ئاندىن ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ قىزىقىشى بويىچە تېيىلىش تاختىسى ۋە چاڭغىلارنى  ئېلىپ قار تېيىلىش مەيدانىغا قاراپ ماڭدۇق.
ـــ ئاداش، مىجەزىم يوق دەۋاتقان ئىدىڭ، چىدىيالارسەنمۇ؟ ــ دېدى گۈلمىرە.
ـــ را...س! ياكى بولمىسا قىردا تۇرۇپ بىزنىڭ تېيىلغىنىمىزنى كۆرەمسەنيا....؟ ــ دېيىشتى قالغانلارمۇ بىردەك.
ـــ ياق بولدى، سىلەرنى كۆرۈپ ياخشى بولۇپ قالدىم. چاتاق يوق، ــ دېدىم مۇشتۇمۇمنى تۈگۈپ «غەيرەت قىل» دېگەندەك ھاۋاغا سىلكىپ.
ـــ ئەمىسە ياخشى،- دېيىشتى ئۇلارمۇ مېنىڭ ياخشى بولۇپ قالغانلىقىمغا خۇش بولۇشۇپ.
ـــ قىزلار ھەممىمىز تەڭلا تېيىلايلى، ئەمىسە مەن ساناق سانايمەن، ئۈچ بىلەن تەڭلا ھەممىمىز تەڭلا شۇڭغۇيمىز.ــ دېدى گۈلمىرە، ــ بىر، ئىككى، ئۈچ!
بىر-بىرىمىزگە قارارغا كۆزىمىز يوق، ئۈچ بىلەن تەڭلا قويۇندەك تۆۋەنگە قاراپ ئۇچتۇق، يېرىم يولغا بارماي مەن ئوڭدىسىغا يىقىلدىم، قارىسام گۈلمىرە پۇتىدىكى چاڭغىنى بوشىتالماي يېتىپتۇ، بىر – بىرىمىزگە قاراپ كۈلۈشۈپ كەتتۇق، قالغان قىزلار بىزدىن خېلىلا يىراقلىشىپ كېتىشكەنىدى. قار تېيىلغاندا يىقىلمىسا ياخشى، بىر يىقىلدىمۇ ئۆزىنى ئاسان ئوڭشىۋالغىلى بولمايدۇ، گۈلمىرە ئىككىمىز نەچچە قېتىم يىقىلىپ قوپۇپ تېيىلىپ، مەن كېتىپ يەنە ئۇ قېپقالدى، ئاران تەستە ئاخىرقى نۇقتىغا بېرىپ، سىيرىلما ئاسما تۆمۈرگە ئولتۇرۇپ، يەنە باش نۇقتىغا قايتىپ چىقتۇق. ئاۋل كەتكەن قىزلار بىزنى ساقلاپ تۇرغانىكەن، ھەممىمىز قاتارلىشىپ يەنە چۈشمەكچى بولۇپ تۇراتتۇق، بىر ئوغۇل بالا كېلىپ:
ـــ ياخشىمۇ سىلەر قىزلار؟ يامان ئەمەس تېيىلىپ قويىدىكەنسىلەر جۇمۇ؟! ــ دېدى ئۇدۇللا بىزنى ماختاپ.
ـــ شۇنداق بولمايچۇ؟! ــ دېدى قەلبىنۇر جاۋاب بېرىپ.
ـــ بىز سىلەردىن كۆپكەنمىز، شۇنداق بولسىمۇ سىلەر بۇيەردە، بىز ئۇيەردە تېيىلساقمۇ تازا قىزىقى بولمايدىكەن، بۇيەرگە ئويناپ كۆڭلىمىزنى خۇش قىلغىلى چىققان بولغاندىكىن، ئەگەر ماقۇل كۆرسەڭلار بەستلىشىپ تېيىلساق قانداق دەيسىلەر؟ ــ دېدى ئۇ، بىز بىر بىرىمىزگە قارىشىپ تۇرۇپ قالدۇق. زۇلفىنۇر بىزگە كۆزىنى قىسىپ قويغاندىن كېيىن:
ـــ شەرتىچۇ؟ ــ دېدى.
ـــ قايسى گۇرۇپپىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىغا ھەم بالدۇر ھەم يىقىلماي بارالىسا ئۇتقان بولىدۇ، شەرتى  ئۇتتۇرغان تەرەپ ئۇتقان تەرەپكە ئىككى سائەتلىك تېيىلىش ۋاقتى تۆلەيدۇ قانداق؟
ـــ چاتاق يوق!  ــ دېدى زۇلفىنۇر يەنە. ئۇ يىگىت دوستلىرىنىڭ يېنىغا كەتكەندىن كېيىن:
ـــ  قىزلار، بىز تۆتىمىز ئايرىلماي بىرگە مېڭىپ، ئۇلارنى سوقۇپ يىقىتايلى، ئەلفىرە تېيىلىشقا ئۇستا بولغاندىكىن، ئاخىرقى نۇقتىنى قارالاپ بىز بىلەن كارى بولماي ئۇدۇل ئۇچسۇن، ــ دەپ ئۆگەتتى، ھەممىمىز ئۇنىڭ بۇ ئەقلىدىن سۆيۈنۈپ كېتىشتۇق. بىز كېلىشىۋالغاندىن كېيىن يىگىتلەرگە قاراپ تەييارلىق ھالەتتە  تۇردۇق. ئۈچ! دېگەن بىلەن تەڭ ھەممىمىز ئاتلاندۇق، ئالدىن كېلىشىۋالغان بويىچە ئەلفىرە ئاخىرقى نۇقتىنى قارالاپ ئۇچتى، قالغانلىرىمىز يىگىتلەرنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ قەستەن يىقىلىپ، ئۇلارنىمۇ يىقىتتۇق، ئەلفىرە ئاخىرقى نۇقتىغا ئەڭ تېز ھەم يىقىلماي بارغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇتقان بولدۇق.
ـــ سىلەر ھىيلە ئىشلەتتىڭلار، يەنە بىر قېتىم كېلەيلى قانداق؟ ــ دېدى يىگىتلەر.
ـــ ياق بولمايدۇ. ئاۋال ئىككى سائەتلىك تېيىلىش ۋاقتىغا بېلەت ئېلىپ كېلىڭلار،  بۈگۈن بىز بىر كۈنلۈك بېلەت ئالغان، ئۇتۇۋالغان ۋاقىتنى كېلەر قېتىم چىققاندا ئىشلىتىمىز، سىلەر بىلەنمۇ يەنە ئۇچرىشىپ قالساق بەستلىشەرمىز، ــ دېدى گۈلمىرە، ئۇلار ئامال يوق بېلەتنى بىزگە ئەكىلىپ بەردى. دەسلەپكى ئۇتۇقىمىزدىن ھاياجانغا چۆمۈلۈپ كەتتۇق. ئۇلار بىلەن كېيىنكى قېتىم چىققاندا يەنە مۇسابىقىلىشىشنى كېلىشىپ قويۇپ قار تېيىلىش مەيدانىدىن ئايرىلدۇق.  يول بويى ئۇلارنى قانداق باپلىغانلىقىمىز ھەم كېيىنكى قېتىم يەنە باشقا ھىيلىلەرنى ئىشلىتىپ ئۇلارغا ئۇتۇش پۇرسىتى بەرمەسلىك توغرىسىدا  پىلانلارنى تۈزۈشۈپ، چۇرقىرىشىپ ئاپتوبۇسنى بېشىمىزغا كىيدۇق.  بۇ قېتىم مەن ئەتراپىمغا ئانچە – مۇنچە قاراپ قويغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا ،كېلەر ۋاقتىمدىكىدەك قورۇنۇپ كەتمەي، ئۇلارغا قېتىلىپ كەتكەنىدىم.
ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسى سوغۇق بولغىنى بىلەن  قىش بولغاندىمۇ كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان مۇشۇنداق تەرەپلىرىمۇ بار، قىشنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق گۈزەللىكى بولىدۇ. بۈگۈن بەك ياخشى ئوينىدۇق، بىز ھەر قېتىملىق تەتىلىمىزنى مۇشۇنداق بىردە قار تېيىلىش مەيدانلىرىغا بارساق، بىردە سۇ ئۇزۇش كۆلچەكلىرىگە بېرىپ، ياكى بولمىسا غەزەلخانىلارغا بېرىپ قانغىچە ئويناپ مەنىلىك ئۆتكۈزەتتۇق، بىراق بۇ قېتىمقى قىشلىق تەتىلدە، ھەممە ئويۇنلىرىمنى فىرقەت بىلەن تېگىشىۋەتتىم. بىز بىر -بىرىمىزگە قىيالماي يەنە ھامبۇرگ بولكىسى يېيىش ئۈچۈن داشىمىنغا باردۇق. مەن ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ ئۆيگە قايتقىنىمدا ئۆي ئىچىنى مېززىلىك شورپا پۇرىقى بىر ئالغان ئىدى.
ـــ ئاپو! مەنمۇ ئالىي مەكتەپنى ئۈرۈمچىدە ئوقۇيمەن، قاراڭە ھەدەمگە، نېمە دېگەن بەختلىك؟ ــ دېدى سىڭلىم مېنى كۆرۈپلا ھەسەت قىلىپ.
ـــ بولىدۇ، بولىدۇ، قەيەرنى تاللاش ئۆزىڭىزنىڭ ئەركىنلىكى، ــ دېگەچ ئالدىمغا چىقتى ئاپام.
ـــ ۋۇججۇ.....ن! ئاپو سىز نېمانداق ياخشى؟ ــ دېدىم ئاپامغا ئېسىلىپ.
ـــ ئۆيگە كەلسەم ھېچكىم يوق، ئۈستەل ئۈستىدە خېتىڭىز تۇرۇپتۇ، ھاۋامۇ بەك سوغۇق، كەچتە سىڭلىڭىزمۇ كەلسە، تاتلىق قوزلىرىم كەچتە سوغۇقتىن توڭلاپ كىرسە قىززىق شورپا ئىچىپ ئىسسىنىپ راھەتلىنىۋالسۇن دەپ، ئازراق گۆش سېلىپ قاينىتىپ تۇرغانتىم، سىڭلىڭىزمۇ ھېلى كەلدى تېخى. ـــ دېدى ئاپام ئۈستى بېشىمنى چوتكا بىلەن سۈپۈرگەچ. بىز ئوبدان غىزالىنىۋالغاندىن كېيىن، سىڭلىم مەن بىلەن ھۇجرامغا كىرىپ:
ـــ تاتلىق ھەدە، كېلەر قېتىم بارغاندا مېنىمۇ ئاپىرە، بولامدۇ؟ بىر تەتىل دەرس تەييارلاپ ئوقۇشقىمۇ ئۆچ بولدۇم. ــ دېدى ئەركىلەپ تۇمشۇقلىرىنى ئۇچلاپ.
ـــ بولىدۇ، ئاۋال دەرسلىرىڭنى ياخشى تەكرار قىل، ۋاقتى كەلگەندە ئۆزۈپ ئوينىتىپ كېلىمەن. ـــ دېدىم سىڭلىمنى خۇش قىلىپ، ــ ھۇجراڭغا چىقىپ تاپشۇرۇقىڭنى ئىشلە ، مەنمۇ توردىن ماتېرىيال ئىزدەيمەن، ــ دەپ ئۇنى ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي ھۇجرامدىن چىقىرىۋەتتىم. كومپيۇتېر ئالدىغا ئولتۇرۇپلا يۈرىكىم يەنە ھاياجان بىلەن سوقۇپ كەتتى. «ئەجىبا ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىمەنمۇ؟ ئەخمىقانىلىكقۇ بۇ.» رەددىيە بەردىم ئۆزۈمگە. بىراق كوت – كوتنى ئېچىپلا يۈرىكىم ئويناپ كەتتى.  ئۇنىڭ باش سۈرىتى لىپىلداپ يورۇپ تۇراتتى. دەرھال چەكتىم.

 


ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە باشقا تېمىلار
ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(1)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(2)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(3)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(4)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(5)
ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(6)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(7)ئېنتىرنېت باغلىغان رىشتە(8)