چوغلۇق بالىسى

مۇڭ باسقان كائىنات، چاك كەتكەن زىمىن،
خارابە سىياقتا چۇۋۇلغان دۇنيا.
بۇزۇلغان بىنالار، ئۆيلەر ھىساپسىز،
ھاياتلىق شەپىسى تېپىلماس ھەتتا.
ھاۋانى قاپلىغان مۇدھىش بىر پۇراق ،
بۇرۇختۇم بولغان چاڭ – توزان ئەۋجىدە.
توساتتىن ‹‹ئانا›› دەپ نالە ئەيلىدى،
بىر بالا ۋەيرانە غېرىپ كەپىدە.
ھەممە ياق ئوخشاشلا بۇزۇپ چېقىلغان،
ئۆيلەرنىڭ ئورنىدا كىسەك دۆۋىسى.
ئۆي-جاھاز، ئاش–ئۇزۇق، كىگىز-گىلەملەر،
توپىغا مىلىنىپ ياتار ھەممىسى.
خېلى ۋاخ ئۆتكەندە تەرەپ-تەرەپتىن،
يىغلىغان، ۋايسىغان ئاۋازلار كەلدى.
ئادەملەر بىر-بىرلەپ پەيدا بولۇشۇپ،
زىمىنغا ھاياتلىق شەپىسى بەردسى.
ساق قالغان كىشىلەر كۆزلىرىدە ياش،
ئىزدەيتتى قېرىنداش، تۇغقانلىرىنى.
يارلانغان كىشىلەر جان بىلەن ھەلەك،
بىلمەيتتى قەيەردە تۇرغانلىرىنى.
بىرىنى چىقاردى ياغاچ ئاستىدىن،
بىرلىرى كىسەكلەر تېگىدە قالغان.
ئاۋۇنىڭ يېرىلغان بېشى، ماۋۇنىڭ،
يۈزلىرى قىپقىزىل قانغا بويالغان.
‹‹ئانا ›› دەپ يىغلايتتى بىرى ئۇ يەردە،
‹‹بالام ›› دەپ باغرىنى مۇجۇيتتى بىرى.
مۇشۇنچە بالاغا گىرىپتار قىلغان،
رەھىمسىز تەقدىر ھەم تەبىئەت سىرى.
كىشىنڭ باغرىنى ئېزەتتى بۇ ھال،
نالە-زار ساداسى يەتكەن پەلەككە.
ئەمماكى ھېچكىشى دىققەت قىلمىدى،
‹‹ئانا›› دەپ يىغلىغان سەبى گۆدەككە.
بىر چاغدا قۇتقۇزۇش ئەترىتى كەلدى،
ئەسكەرلەر، دوختۇرلار، سىستىرالار ھەم.
ئاتلاندى ھاياتلىق كۈرىشى ئۈچۈن،
قوللارنى قوللارغا تۇتۇشۇپ مەھكەم.
جاپالىق تىرىشىش، تىركىشىشلەردىن،
مىڭلىغان ھاياتلىق ساقلاپ قېلىندى.
ياردارلار ھىساپسىز، ئۆلگەنلەرمۇ جېق،
ھەسرەتتە ھەممىنىڭ باغرى تىلىندى.
قۇتقۇزۇپ چىقىلدى يىقىلغان ئۆيدىن،
‹‹ئانا›› دەپ يىغلىغان سەبى بالىمۇ.
كىسەكلەر ئاستىدا قانغا مىلىنىپ،
مەڭگۈلۈك كۆز يۇمغان ئىدى ئانىمۇ.
-ھەي ئىسىت رەھمەتلىك،-دېدى ياش تۆكۈپ،
بىر قولى تېڭىقلىق ياشانغان ئايال.
-يالغۇزلا بىر بالا، بىر ئانا ئىدى،
ھاياتلىق شامىغا تېگىپتۇ شامال.
ئەمدىلا بەش ياشقا كىرگەن بالىدى،
دادىسى كۆز يۇمغان بىر ياش چېغىدا.
تۇل ئۆتتى ئانىسى شۇنىڭدىن بىرى،
كۆز يېشى قۇرىماي ئىچ ئاغرىقىدا.
تىكەندەك قالدىغۇ ئۇرۇق – تۇغقانسىز،
قانداقمۇ ياشاركىن يالغۇز – يىگانە.
كىملەرنىڭ ئالدىدا بوينىنى قىسىپ،
خارلىنىپ يۈرەركىن گۆدەك بىچارە.
شۇ سۆزنى ئېيتىپلا ياشانغان ئايال،
بالىنى قۇچاقلاپ تۆكۈلۈپ كەتتى.
يۈرەكتىن قاينىغان مۇڭلۇق يىغىدىن،
بارچىنىڭ باغرىنى، دىلىنى ئەزدى.
بالىمۇ ھېچ ئىشتىن خەۋەرسىز ھالدا،
مۆلدۈرلەپ قارايتتى ھەممە كىشىگە.
ئىسەدەپ يىغلىشى، ئانا ئۆلۈمى،
ئېچىنىش سالاتتى كىشى قەلبىگە.
شۇ پەيتتە ھەربىيلەر نوسولكا بىلەن،
ئېپ كەلدى سۇۋۇغان قانلىق جەسەتنى.
ئۆرتەندى يۈرەكلەر، تۆكۈلدى ياشلار،
ئاھ قانداق تەرىپلەي بۇ مۇسىبەتنى…
‹‹ئانا›› دەپ قىرقىراپ يۇلقۇندى بالا،
ئوق تەككەن كىيىكتەك كەتتى تىپچەكلەپ.
يىغىدىن تېلىقىپ لىۋى كۆكەردى،
ئايالدىن قۇتۇلماق بۇلاتتى ھە دەپ.
ياشانغان ئايالنىڭ قۇربى يەتمىدى،
قاماللاپ ئارتۇقچە تۇتۇپ تۇرۇشقا.
شۇ تاپتا ھېچكىمنىڭ قۇربى يەتمەيتتى.
ئۇنىڭغا تەسەللىي، ھەمدەم بۇلۇشقا.
قويۋەتتى، ساداقتىن ئېتىلغان ئوقتەك،
بارغانچە تاشلاندى قانلىق جەسەتكە.
ئانىنى تارتقۇشلاپ چاقىراتتى ئۇ،
چىداش تەس شۇ پەيتتە پىغان، ھەسرەتكە.
ئانىنىڭ قان يۇقى يۈزىنى سىلاپ،
تېلىقىپ-تېلىقىپ يىغلىدى بالا.
شۇنچىلىك نالە-زار، ئىلتىجلارغا،
جاۋاپسىز جىممىدە ياتاتتى ئانا.
ھەممەيلەن يىغلاشتى بۇ ھالنى كۆرۈپ،
ئەسكەرلەر قالمىدى ھەتتا سىرتىدا.
ھېچكىمنىڭ تەدبىر ۋە ئىلاجى يوقكەن،
تەقدىرنىڭ قازاسى – قىسمەت ئالدىدا.
بەك ئۇزۇن قۇيۇشقا بولمايتتى، شۇڭا،
جەسەتنى ئەسكەرلەپ ئېلىپ كېتىشنى.
بالىنىڭ يېنىدا ياشانغان ئايال،
يەنە بىر سىستىرا بىللە قېلىشتى.
سىستىرا بالىنى بەزلەيتتى ھارماي،
ۋە لېكىن بالىدىن ئۆتە يىغلايتتى.
تەسەللىي، تەسكىنلەر، كۆڭۈل ياساشلار،
يا بالا، يا قىزغا داۋا بولمايتتى.
بىر چاغدا ئېگىز بوي ياش دوختۇر كېلىپ،
قىزچاقنىڭ يېشىنى سۈرتتى ئاۋايلاپ.
بەرداشلىق بىرەلمەي ئاران تۇرغان قىز،
باغرىغا تاشلاندى بۇقۇلداپ يىغلاپ.
-باغرىمنى ئەزمەڭچۇ جېنىم رازىيە،
سەۋرلىك بولايلى، بەردەم بولايلى!
ئۇ بالا بىزلەرگە ئىھتىياجلىقتۇر،
تەسەللىي بىرەيلى، ھالىن سورايلى!
رازىيە يىغىدىن توختىدى ئاران،
ئارقىدىن بالىنى بەزلەپ توختاتتى.
ياشانغان ئايالدىن ئاڭلاپ ئەھۋالنى،
قايتىدىن مۇڭلاندى، ئېغىر ئۇھ تارتتى.
ئەكبەركەن بەش ياشلىق بالىنىڭ ئېتى،
ئاددى بىر تىككۈچى ئىكەن ئانىسى.
كىسەللىك سەۋەپلىك تۆت يىل بۇرۇنلا،
دۇنيادىن كەتكەنكەن مەرھۇم دادىسى.
بۇ يۇرتتا ھېچقانداق تۇغقىنى يوقكەن،
قالغۇدەك ئېنىقلا ئىگە-چاقىسىز.
-بىزلەرغۇ قول-قولچە باقارمىز، لىكىن،
كۆردۈڭلار بىزنىڭمۇ مۇشۇ ھالىمىز…
كەچ كىرىپ قاراڭغۇ چۈشەر مەھەلدە،
قۇتقۇزۇش ئەترىتى ماڭماقچى بولدى.
چوڭ-كىچىك، ئەر-ئايال، بارچە ئەل-ئاۋام،
ئامانلىق تىلىشىپ ئۇزۇتۇپ قويدى.
ئەترەتنىڭ ئىچىدە رازىيەمۇ بار،
قارايتتى ئەكبەرگە تويماي دەممۇ-دەم.
ئىچىدە ئوتلۇق بىر تىلەك تىلەيتتى،
‹‹ياخشى قال ئەي غېرىپ ناتىۋان ئەركەم!››
2
تۈن كېچە، رازىيە خىيال بىلەن بەنت،
ئەكبەرنى ئىسىدىن چىقىرالمىدى.
ھەر قىسما زىددىيەت ئويلىنىش بىلەن،
تولغاچقا كاللىسى، ئۇخلىيالمىدى.
بالىنىڭ مۇڭلانغان، غېرىبان تۇرقى،
كەتمىدى زادىلا كۆزى ئالدىدىن.
بالىلىق چاغلىرى پەرقلەنمەيتتى،
ئەكبەرنىڭ ھازىرقى مىسكىن ھالىدىن…
تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسى،
ئاتا ۋە ئانىنىڭ جېنىنى ئالدى.
ئەمدىلا ئون ياشقا كىرگەن رازىيە،
دۇنيادا تىكەندەك يىگانە قالدى.
ھەركىمگە تەلمۈردى قۇرسىقى ئاچسا،
كۆزىدىن ياش قۇرۇپ باققان يىرى يوق.
شادلىقى كەتكەنتى شۇلار بىلەن تەڭ،
كۈنبويى يۈرەتتى چىرايى تۇتۇق.
دارلىتام قوينىدا چوڭ بولدى سەبى،
قانمىدى مېھىرگە، ئاتا-ئانىغا.
غېمى يوق بولسىمۇ گەرچە تۇرمۇشتىن،
بىر نەرسە كەمدەكلا ئىدى بالىغا.
شۇنداققۇ، ئۆزگىلەر قانچە قىلسىمۇ،
يەتمەيدۇ ئۆز ئاتا-ئانا مېھرىگە.
-نېمىشقا مۇنچىلىك كۈلپەت سالىدۇ؟
ھەيرانتى رازىيە تەقدىر سىھرىگە.
ئون بەش يىل مابەينى يىغلىدى شۇڭا،
ئىسىدىن چىقمىدى پاسىبانلىرى.
مەۋھۇم بىر قەبرىگە كۆمۈلۈپ كەتتى،
بالىلىق دەۋرىنىڭ پاك ئارمانلىرى.
ئاھ… بۈگۈن ئۆتمۈشى بىراۋ بېشىدا،
پىقىراپ يۈرۈپتۇ قۇيۇن چىقىرىپ.
شۇڭلاشقا يىغلىدى ئۆكسۈپ، ئۆكۈنۈپ،
يىتىملىك دەردىدىن باغرى ئىزىلىپ.
مەيلى دەپ جىمجىتلا قاراپ تۇرسۇنمۇ،
يىتىملىك يولىدا خارلىنىپ يۈرسە؟
ئۇمۇ بىر ئائىلە مېھرىگە قېنىپ،
بولمامدۇ يۈرەكتىن شاتلىنىپ كۈلسە!
زىددىيەت تۈگۈنى يېشىلدى ئاخىر،
قەلبىدە پارلىدى ئۈمۈد قۇياشى.
مېھىردىن ئۇلغايسا سۆيگۈ دولقۇنى،
ۋايىغا يەتمەمدۇ ھايات مۇرادى!
-ئەكبەرنى قايتۇرۇپ كېلىمەن چۇقۇم،
ئۇ بالا، مەن ئانا بىللە ياشايمىز.
ھەقىيقى ئائىلە-جەننەت يارىتىپ،
ئەتىگە بىرلىكتە قەدەم تاشلايمىز.
ھە، توغرا، قادىرمۇ قوشۇلار تېخى،
ئەكبەرگە كۆيۈمچان دادا بولىدۇ.
ۋاقىتسىز كۆز يۇمغان دادىسى كەبى،
ئۇنىڭغا دىلىدىن سۆيگۈ بېرىدۇ.
ھەرگىزمۇ يىگانە قويمايمەن ئۇنى،
مەن كۆرگەن كۈنلەرنى كۆرمىسە دەيمەن.
بىۋاپا پەلەكنىڭ گەردىشى سالغان،
ئازاپلىق كۆڭلىگە مەلھەم بىرەيمەن.
مانا بۇ ئانىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى،
ئاقلايمەن ئىرادەم جاسارىتىمدە.
سۆيگۈگە تەشنا بىر سەبى يۈرىكى،
ياشارسۇن سەمىيمى مۇھەببىتىمدە.
شۇ قارار خۇلاسە تاپتى ئاخىرى،
شاتلىقتىن يۈرىكى كەتتى تىپچەكلەپ.
ئىزتىراپ بۇلۇتى تارقاپ كۆڭلىدىن،
كېچىگە نۇر چاچتى ھۆسنى چېچەكلەپ.
تاتلىق بىر تۇيغۇدا ئېرىدى جىسمى،
ئانىلىق ئىپتىخار سۆيدى باغاشلاپ.
ئۇھسىندى يىنىكلەپ قالدى شۇ تاپتا،
ئەندىشە غەملەرنى يىراققا تاشلاپ.
سۆيۈنۈش ئىلكىدە سائەتكە قاراپ،
تاڭ ئاتاي دىگىنى يادىغا يەتتى.
قۇندۇزدەك چېچىنى يېيىپ ياستۇققا،
بىر ئوماق پۇشۇلداپ ئۇيقۇغا كەتتى…
3
تاڭ سەھەر قۇياش زەر نۇرلار تارىتىپ،
ئۇپۇققا يۈز ئاچقان نۇرانە بىر كۈن.
رازىيە كىپىنەك كەبى ياسىنىپ.
يارىنىڭ يېنىغا بارماقچى بۈگۈن…
دورا ۋە ئوكۇللار ھىدى تارالغان،
ئاق رەڭلىك كارىدور-پەرىشتەخانا.
ئاغرىقلار دەردىگە داۋا ئىزدىگەن،
خىزىردەك ئىنسانلار يىغىلغان دۇنيا.
ئاق رەڭلىك چاقچۇقلار بېسىلغان يولدا،
كېلەتتى رازىيە كىيىكتەك تاقلاپ.
قەلبىدە خۇشاللىق قىلاتتى جەۋلان،
چىھرىدە نۇرانە كۈلكە چاراقلاپ.
چەتتىكى ئىشىكى ئوچۇق ئىشخانا،
دوختۇرلار ئالدىراش خىزمەت ئۈستىدە.
ئاجايىپ سۈلكەت ۋە سالاپەت تاپقان،
قادىرمۇ پاختىدەك خالات ئىچىدە.
رازىيە شەرەتلەپ چاقىرىپ ئۇنى،
گۈللۈككە يول باشلاپ ماڭدى شادىمان.
بىر جۈپ ياش قەلىبتە بارماقتا شۇ تاپ،
ئۆركەشلەپ قىيانلىق، ئوتلۇق ھاياجان.
خىلۋەتكە جايلاشقان تاش ئورۇندۇقتا،
يانمۇ-يان ئولتۇرۇپ ئوتلۇق بېقىشتى.
قەلبىنى ئايانماي ئىزھار قىلىشىپ،
كەلگۈسى توغرىلىق سۆزمۇ ئېچىشتى.
شۇ پەيتتە رازىيە مېھىرلىك بېقىپ،
قادىرنىڭ قولىنى تۇتتى ئاۋايلاپ.
-ئەزىزىم، بىر گىپىم بار ئىدى سىزگە-،
دىدى ھەم سۆز پەيتى كەلگەننى ئويلاپ.
-قۇلىقىم سىزدە،- دەپ رازىلىق بىرىپ،
تىكىلدى قادىرمۇ قىزنىڭ كۆزىگە.
مەقسەتنى ئاشكارا قىلغاندا ئەمما،
ھەيرانلىق تەپچىدى شۇئان يۈزىگە.
قاپىقى تۈرۈلۈپ، بىشارەت بەردى،
بۇ ئىشقا نارازى ئىكەنلىكىدىن.
رەنجىگەن ئىدى ئۇ ‹‹يىتىم بالىغا،
مەن ئانا بولىمەن››دېگەنلىكىدىن.
چاندۇرماي قولىنى تارتىۋالغاندا،
قىزچاقنىڭ باغرىنى مۇجۇدى بىر قول .
مۇز ياغقان چىرايى، ئېغىر تىنىقلار،
كۈتمىگەن يەكۈنگە باشلايتتى ئۇدۇل.
كۈلكىسى ئۆچتى ھەم رازىيەنىڭمۇ،
خۇمارلىق كۆزىدە شەبنەم ئەگىدى.
قادىرمۇ قىزچاقنىڭ خىيالى ئۈچۈن،
قىزىشىپ سۆزلىدى، خېلى تەگىدى؛
-بۇ نەنىڭ تۈزۈمى؟ قانداق قائىدە؟
توي قىلماي تۇرۇپلا بالىلىق بۇلۇش؟؟؟
سىزنىڭچە شۇنچىلىك ئاسان ئىشمىدۇ،
ياتلارنى ئەكىرىپ ئائىلە قۇرۇش؟
سىز تېخى ئەمدىلا يىگىرمە بەشتە،
ماڭىمۇ توي قىلىش پەيتى كەلمىدى.
گەر سىزدىن باشقا بىر قىز زاتى بولسا،
مۇشۇنداق بىمەنە گەپنى دەرمىدى؟
گەپ ئېنىق، مەن ھەرگىز قۇشۇلالمايمەن،
بىزگە يات بالىنى بالا قىلىشقا.
قانداقمۇ كۆنىمىز؟ قانداشلىقى يوق،
بىرسىنى ‹‹بالام›› دەپ بىللە تۇرۇشقا؟
كونىلار دېگەنغۇ ‹‹ھايۋان بالىسى،
باقساڭ گەر ياغ ئېتەر ئاغزى-بۇرنۇڭنى.
قان ئېتەر ۋە لېكىن ئىنسان بالىسى››،
ھەرگىزمۇ چىقارماڭ ئەستىن سىز شۇنى!
تۇمۇردا ئاققىنى بولمىسا بىر قان،
ئۇنداق بىر بالىدىن ۋاپا كېلەرمۇ؟
ھازىرچە كۆيۈنۈپ باقارسىز، مەيلى،
كېيىنچە سىزگىمۇ مېھىر بىرەرمۇ؟
ھېچ ئار يوق تاشلايدۇ كەتكىسى كەلسە،
‹‹ھەققىڭ يوق، سەن مېنىڭ ئانام ئەمەس›› دەپ.
قورقمامسىز ئورۇنسىز بەدەل تۆلەشتىن؟
ئەخمەقتىن پەرقىڭىز قالماپتۇ ھەجەپ.
رازىيە ئۇھ تارتتى بېشىنى سېلىپ،
سۆزلىدى يەنىلا كۈلۈپ مۇلايىم.
-بۇ ئىشتا بەكمۇ تەس قارار چىقارغان،
سىز دېگەن ئىشلارنى مەنمۇ ئويلىدىم.
لېكىن ئۇ بىچارە يىتىم بالىكەن،
كۆردىڭىز، ئانىسى كۆز يۇمغان كۈنى.
تۆت كۈنلۈك دۇنيادا مۇھەببەت بېرىپ،
ماقۇل دەڭ! ئىككىمىز باقايلى ئۇنى!
كېتىمەن دېسە گەر توسمايمەن، مەيلى،
بەختىنى تاپسا شۇ كۇپايە ماڭا.
‹‹مەن باقتىم، ئەجرىمنى تۆلە›› دېمەيمەن،
ھەم مۇنداق تامانى قىلمايدۇ ئانا.
پەقەتلا كوچىدا يۈرمىسە خار-زار،
ئۇنىڭمۇ ئىللىق بىر ئۆيى بولسىكەن!
مەن قانماي ئۆتكەن شۇ ئانا مېھرىگە،
شۇ گۆدەك بولسىمۇ قانسىكەن دەيمەن!
كۆڭۈللەر كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر دەيدۇ،
ئۇنىڭغا سەمىيمىي مېھىر بېرىمىز.
بۇ يولدا كۈرەشكە ئاتلىنايلى تەڭ،
چۇقۇمكى قان-گۆشتەك بولۇپ كېتىمىز…
قادىرمۇ سۆزلىدى كەسكىنلىك بىلەن؛
-بۇ ئىشتا مەسلىھەت ئورنى بارمىدى؟
ئەمدى گەپ تالاشماڭ بولدى، رازىيە،
ئاڭلاشقا ئارتۇقچە تاقەت قالمىدى!
توي قىلساق قۇرىمىز يىڭى ئائىلە،
بىزنىڭمۇ بالىمىز، پۇشتىمىز بۇلار.
شۇلارغا تۆلەيمىز بەدەل تۆلىسەك،
مەن ئۈچۈن بىكىرەك ئۇندىن باشقىلار.
ياتلارنىڭ پۇشتىنى باقمايمەن ھەرگىز،
قولۇمدىن كەلمەس بۇ ‹‹ئالىيجاناپلىق››.
خەق ئۈچۈن غەم يېگەن ئەخمەقنىڭ ئىشى،
ھەركىمگە كېرەكتۇر شەخسىي ھاياتلىق…
قىزچاقنىڭ كۆزلىرى چەكچەيدى شۇئان،
غەزەپلىك ئۇچقۇنلار چاچرىتىپ دەھشەت.
ئىشەنچى غولىدى تاغ يىقىلغاندەك،
تىكىلدى قادىرغا ياغدۇرۇپ نەپرەت.
تاقەتنىڭ قاچىسى توشتى شۇ پەيتتە،
-بۇ مېنىڭ قارارىم،-دېدى ئالدىراپ.
-بىر يىتىم سەرگەردان يۈرسە كوچىدا،
كارىم يوق يۈرەيمۇ بىپەرۋا قاراپ؟
بىلىسىز، مەن ئاتا-ئانىسىز يىتىم،
يىتىملىك دەردىدىن يۈرۈكۈم لەختە.
مەن كۆرگەن كۈنلەرنى كۆرىۋاتسا ئۇ،
تۇرمايمەن قۇلاقنى يوپۇرۇپ چەتتە.
خالاڭ يا خالىماڭ ئىختىيار سىزدە،
ئەمما، مەن يانمايمەن مۇشۇ قاراردىن.
ۋىجدانى، ئەقلى بار يىگىت سانايتتىم،
ئۈمۈدۈم ئۈزۈلدى سىزدەك نىگاردىن.
شۇ سۆزنى ئېيتىپلا تاراقشىپ دەسسەپ،
يىراقلاپ كەتتى قىز مەغرۇر قەدەمدە.
قادىر ئۆز گۆشىنى يىگۈدەك بۇلۇپ،
تىترىدى غۇچۇرلاپ چىشى غەزەپتە…
ھەركىمنىڭ ئوي پىكرى ئۆزىگە توغرا،
شۇ سەۋەپ قادىرمۇ ئەيىپلەر قىزنى.
ئىنسانلار ئارىسى سىرلىق تىلسىمات،
ھەر تۈرلۈك سىناققا باشلايدۇ بىزنى.
ياشاش-ئۇ نېمىدۇر؟ مۇھەببەت نېمە؟
بۇرچىمىز نېمىدۇر تونۇپ ياشايلى!
ئەجرىمىز، مېھرىمىز، ئىرادىمىزدىن،
ھاياتتا ئەڭ گۈزەل جەننەت ياسايلى!
يۈرەكتىن يۈرەككە تۇتاشسا يوللار،
ئالتۇندەك مۇھەببەت پەيدا بولىدۇ.
ئىتىقاد، ئۇلۇغلۇق، ئىماندۇر سۆيگۈ،
ھاياتلىق شۇنىڭدىن ئەھيا بولىدۇ!!!
دەل ئوتتۇز باھارنى قوغلاپ ئوتتۇز قىش،
دەل ئوتتۇز ئۆرىدى يىللار بېتىنى.
يۈزلەردە يىللارغا ئىزنا قورۇقلار،
ئۇلغايتتى كەچۈرمىش، ئەقىل، يېشىنى.
بەللەرنى مۈكچەيتتى، ئولتۇرۇشتى كۆز،
چاچلارنى ئاقارتتى جاپا ئاپتىۋى.
ئاھ، ئۆمۈر تەلقىنى جاراڭلىتىپ كۈي،
تاۋلىدى ھەممىنى تۇرمۇش قاينىمى.
-تىز بولۇڭ، ئانامنى قۇتقۇزۇڭ دوختۇر،
ھالى بەك خاراپتۇر، بولالماي قالدى…
يىگىتنىڭ نىداسى، ئۆتۈنۈشلىرى،
كارىدور ئىچىنى لەرزىگە سالدى.
غالتەكلىك كارۋاتنى ئىتتىرگەن پېتى،
كېلەتتى ئەر-ئايال ئون نەچچە كىشى.
ھامىلدار ئىككەيلەن، ياشانغان بىر ئەر،
ئۈچ نەپەر گۆدەكمۇ بار ئىدى تېخى.
ئالدىدا بەستىلىك قىران بىر يىگىت،
گاھ ‹‹دوختۇر، ئانامنى قۇتقۇزۇڭ!››دەيتتى.
گاھ ‹‹ئانا، ئۆتۈنەي، كۆزۈڭنى ئاچ!››دەپ،
ئاق چاچلىق ئايالغا نالە قىلاتتى.
چىھرىدە غەم-قايغۇ، كەيپىيات جىددى،
ھەممىنىڭ كۆزى ياش، تۇرقىدا تەشۋىش.
بۇ ھالەت سۈر قوشتى دوختۇرخانىغا،
بارچىغا ھۆكۈمران قورقۇنچ، ئەندىش.
بىرسى دەر ‹‹جان ئانا، كۆزۈڭنى ئاچقىن!››،
بىرى دە ر‹‹موما، مەن ساڭا بەك ئامراق››.
بىرى دەر ‹‹ئانىسى، قانداق تۇرىسەن؟
ئۆتۈنەي، كۆزۈڭنى ئاچساڭچۇ تىزراق!››.
شۇ ھالدا دوختۇرلار يېتىپ كېلىشىپ،
ئالدىراش تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى.
بىر قاتار تەكشۈرۈپ، ئەھۋال ئىگىلەپ،
ھەممىسى بېشىنى تۆۋەن سېلىشتى.
-مۇدىرنى چاقىرىڭ،- دېدى بىر دوختۇر،
ئىگىز بوي، ئاق پىشماق سىستىرا قىزغا.
قىز چىقىپ ئانچە بەك ھايال بولماستا،
ياشانغان بىر دوختۇر كىردى ياتاققا.
كىسەلگە يېقىنلاپ كەلگەن دوختۇرنىڭ،
چىرايى تاتىرىپ ھاڭۋېقىپ قالدى.
ئاق چاچلىق ئايالنىڭ تونۇش چىرايى،
نەۋقىران ياشلىقنى ئېسىگە سالدى.
بىر ھازا مەڭدىدى ھەيرانلىق بىلەن،
كۈۋەجەپ دىلىدا ئوتلۇق ھاياجان.
ياتاتتى كارۋاتتا بىھۇش پىتىچە،
ئوتتۇز يىل بۇرۇنقى رازىيە جانان.
يۈزلىرى سولاشقان چېچى ئاقارغان،
تولغان بىر ئايالغا ئايلىنىپتۇ ئۇ.
لالىدەك جەزبىدار ھۆسنى توزۇماي،
چىرايلىق تۇرۇپتۇ ئەمما شۇندىمۇ.
يۈرىكى مۇجۇلدى ئىزتىراپ بىلەن،
كۆرۈڭكى، پەلەكنىڭ چارقى چۆرگۈلدى.
ئۆرتىدى نومۇس ۋە ۋىجدان ئازابى،
بېشىغا خىجالەت تېغى ئۆرۈلدى.
ئېسىگە كەلدى ئۇ ئەندىككىنىچە،
بىرىنىڭ جەينەكلەپ نوقۇشى بىلەن.
تەكشۈرۈش ئىشىدىن خۇلاسە چىقتى،
نەتىجە- مەسىلە يۈرەكتە ئىكەن.
داۋالاش ئىشلىرى شۇنچىلىك جىددى،
سىستىرا-دوختۇرلار پايپىتەك ئىدى.
يەكۈننى ھېچكىشى مۇنداق كۈتمىگەن،
بىر دوختۇر ‹‹ئامال يوق، جان ئۈزدى››دېدى.
شۇ ھامان ياش يىگىت نەرە تارتقانچە،
‹‹ئانا ›› دەپ تاشلاندى ئايال ئۈستىگە .
ئوتتۇز يىل بۇرۇنقى بەش ياشلىق بالا،
كۆرۈندى شۇ تاپتا مۇدىر كۆزىگە.
ياش يىگىت بۇقۇلداپ ئۆكسۈپ يىغلايتتى،
-كۆزۈڭنى ئاچساڭچۇ مىھرىبان ئانا!
مانا مەن، ئەڭ ئامراق ئەكبەر بالاڭمەن،
كۆزۈڭنى ئاچقىنا، گەپ قىلە ماڭا! …
ئەر-ئايال، چوڭ-كىچىك ھازا ئېچىشتى،
ياتاقنى يىغا-زار كەلكۈنى باستى.
مۇدىرنىڭ يۈرىكى ئاغرىدى شۇ تاپ،
ھەسرەتكە چىدىماي پىغانى تاشتى.
قوقاسقا چۈشكەندك پۇچىلاندى ئۇ،
تىترەيتتى ھۇجۇدى تەنھا قۇمۇشتەك.
بىلمەيتتى قانداقچە چىقتى گۈللۈككە،
ئولتۇدى ئۈن-تىنسىز ئۇزاق گومۇشتەك…
بىر چاغدا بېشىنى كۆتۈرگىنىدە،
رازىيە ئالدىدا بولدى نامايەن.
كۆزلىرى ياشلانغان، مۇڭلانغان ھالدا،
مۇدىرغا تىكىلىپ تۇراتتى ھامان…

زىمىننىتىترىتەر يىتىم نالىسى،
ئارماندا كۆز يۇمار شۇڭا ئانىسى.
ساقايماي بىر ئۆمۈر كۆڭۈل يارىسى،
داستاندا دەرد تۆكەر چوغلۇق بالىسى.