خان جەمەتى : كىرىشكە پىتىنالامسىز ؟ ياق ئەڭ ياخشىسى كىرمەڭ ! بىكا . مىنى تىللاپ كەتمەڭ ، بىكا ئاۋارە قىلدى دەپ !! {ئېلان}. |
-
2010/04/16
دىنىي ئىلىملەرنى بەرپا قىلىش (1) - [سەر خىل ئىسلامى تىمىلار]
دىنىي ئىلىملەرنى بەرپا قىلىش (1)
ئىھيائى ئۇلۇمىددىن (دىنىي ئىلىملەرنى بەرپا قىلىش)
ھۇججەتۇل ئىسلام، زەينۇددىن مۇجەددىدى كەبىر، ئالىمى رەببانى، مۇرشىدى كامىل، خادىمى شەرىئاتى مۇتاھھارا، ئەھلى سۈننەتنىڭ كۆز قارىچۇقى ئىمام ئەبۇ ھەمىد مۇھەممەد ئەل غەززالى
رەببۇل ئىبادەت
زىكىر ۋە دۇئالار قىسمى)
ھەمدۇ سانا ناھايىتى مېھرىبان ۋە شەپقەتلىك ئاللاھقا خاستۇر، (ئۇنى مەدھىيىلەيمەن)
ئاللاھ تائالا: "مېنى (تائەت-ئىبادەت بىلەن) ياد ئېتىڭلار، (مېنى ياد ئەتسەڭلار) مەنمۇ سىلەرنى(ساۋاب بېرىش بىلەن،مەغپىرەت قىلىش بىلەن) ياد ئېتىمەن. ماڭا شۈكۈر قىلىڭلار، ناشۈكۈرلۈك قىلماڭلار" (2:51) دەپ بەندىلىرىنى ئەگەر كىمكى ئاللاھنى ياد ئەتسە، زىكرى قىلسا ئاللاھنىڭمۇ ئۇ بەندىسىنى ياد ئېتىپ تۇرىدىغانلىقىنى(مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى) بىلدۈرىدۇ.
ئاللاھ تائالا:"ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن (دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)، شۈبھىسىزكى مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتقانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ"(40:60) دەپ، بەندىلىرىنى دۇئاغا ئۈندەيدۇ ھەمدە "مەن بەندىلىرىمگە ھەقىقەتەن يېقىنمەن (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى، سۆزلىرىنى)بىلىپ تۇرىمەن)، ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن" دەپ، مەيلى تەقۋا، مەيلى پاسىق ھەر قانداق بەندىگە دۇئا ئىشىكىنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
بۇنىڭدىن شۇنى بىلگىنكى، ئاللاھ كالامىنى (قۇرئاننى) ئوقۇشتىن قالسا تىل (ۋە قەلب) بىلەن قىلىنىدىغان ئىبادەتلەردە ئاللاھنى زىكرى قىلىشتىن باشقا ئەۋزەل ئىش، ئاللاھقا بولغان مۇھتاجلىقىنى ئىپادىلەپ دۇئا قىلىشتىنمۇ يۈكسەك ئەمەل يوقتۇر. شۇڭا بىز ئىلاھىي زىكىرنىڭ پەزىلىتىنى، دۇئانىڭ پەزىلىتى، دۇئانىڭ ئەدەب-قائىدىسى ۋە شەرتلىرىنى، دۇنيا ۋە ئاخىرەت مەنپەئەتلىرىنى مۇجەسسەملىگەن ۋە پەيغەمبىرىمىزدىن ئۆرنەك قالغان دۇئالارنى، ئاندىن ئاللاھقا قىلىدىغان ئىلتىجا ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش دۇئالارنى ئاۋۋال ئىخچام، ئاندىن تەپسىلىي بايان قىلىمىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى بەش بابتا خۇلاسىلىنىدۇ:
بىرىنچى باپ: زىكرىنىڭ پەزىلىتى ۋە پايدىسى
ئىككىنچى باپ: دۇئانىڭ پەزىلىتى ، دۇئانىڭ ئەدەپ-قائىدىسى بىلەن تۆۋە-ئىستىغپار ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت يوللاشنىڭ پەزىلىتى.
ئۈچىنچى باپ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مەلۇم بولغان دۇئالار بىلەن ساھابىلىرىدىن رىۋايەت قىلىنغان(يەتكۈزۈلگەن) دۇئالار ۋە ئۇلارنىڭ سەۋەبلىرى
تۆتىنچى باپ: كىمنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن نەقىل قىلىنغىنى(سەنەدى) ئېنىق بولمىغان باشقا دۇئالار
بەشىنچى باپ: يېڭى پەيدا بولغان ھادىسىلەر ئۈچۈن قىلىنىدىغان دۇئالار
(ئەرەبچە ئەسلى تېكىستىنى كىرگۈزگىلى بولمىدى)
"مېنى زىكرى قىلساڭلار، مەنمۇ سىلەرنى زىكرى قىلىمەن(ياد ئېتىمەن)" (2:152) دېگەن نۇرلۇق ئايەتتۇر.
سابىتى بەنامى: "رەببىمنىڭ مېنى قاچان زىكرى قىلىدىغانلىقىنى مەن بىلىمەن" دېدى. بۇنى ئاڭلىغان كىشىلەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ:" قانداق بىلىسەن؟" دېيىشكىنىدە ئۇ: " ئۇ ناھايىتى ئاسان، مەن قاچان رەببىمنى زىكرى قىلسام، رەببىممۇ مېنى زىكرى قىلىدۇ" دەپ جاۋاب بەردى.
"ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلىڭلار" (33:41)
"پەرۋەردىگارىڭلاردىن (ھەج مەۋسۈمىدە تىجارەت ۋە باشقا ئوقەت ئارقىلىق) رىزىق تەلەپ قىلساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەرەفاتتىن قايتقان چېغىڭلاردا مەشئەرى ھەرامدا (يەنى مۇزدەلىفەدە) ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار،.." (2:198)
"سىلەر ھەجگە ئائىت ئىبادەتلەرنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئاللاھنى بولسا ئاتا-بوۋاڭلارنى(پەخىرلىنىپ) ياد ئەتكەندەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە ياد ئېتىڭلار..." ( 2:200)
"ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدۇ..." (3:191)
"ناماز ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆرە تۇرغان، ئولتۇرغان ۋە ياتقان ھالەتلىرىڭلاردا ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار..." (4:103)
"ئۇلار ئاللاھنى پەقەت ئازغىنە ياد ئېتىدۇ..." (4:142)
"پەرۋەردىگارىڭنى يېلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن قورققان ھالدا ئىچىڭدە ياد ئەتكىن، ئەتىگەندە ۋە ئاخشامدا ئۇنى پەس ئاۋازدا زىكرى قىلغىن، غاپىللاردىن بولمىغىن" (7:205)
"ئاللاھنى ياد ئېتىش ھەممىدىن (يەنى ئۇنىڭدىن باشقا ھەممە ئىبادەتتىن) ئۇلۇغدۇر..." (29:45)
ئىبنى ئابباس بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە ئىككى خىل مەنە بار دېگەن، بىرسى: ئاللاھ تائالانىڭ سىلەرنى زىكرى قىلىشى(ياد ئېتىشى) سىلەرنىڭ ئۇنى زىكرى قىلغىنىڭلاردىن ئۇلۇغدۇر. يەنە بىرى: ئاللاھنى زىكرى قىلىش(ياد ئېتىش) زىكرىسىز بولغان ھەر قانداق ئىبادەتتىن ئۈستۈندۇر.
يۇقىرىقىدەك ئايەتلەر ناھايىتى كۆپ.
بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەر:
" غاپىللار ئارىسىدا ئاللاھنى زىكرى قىلىدىغانلار قۇرۇق ئوت-چۆپلەر ئارىسىدىكى يېشىل دەرەخكە ئوخشايدۇ"
(ئەبۇ نۇئەيم <ھىليە>دە، بەيھەقى<شۇئابۇل ئىمان>دا ئاجىز سەنەدى بىلەن ئبنى ئۆمەر ھەدىسىدىن توپلىغان)
" غاپىللار ئارىسىدىكى زىكرى قىلغۇچىلار قېچىۋاتقانلار ئارىسىدا باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىۋاتقانلارغا ئوخشايدۇ" (ھەدىس قۇدسى)
"بەندەم مېنى زىكرى قىلىپ(ياد ئېتىپ) كالپۇكلىرىنى مەن ئۈچۈن مىدىرلاتقان مۇددەتتە مەن بەندەم بىلەن بىللە"
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: " ئادەملەر ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلاش ئۈچۈن زىكرۇللاھ (ئاللاھنى زىكرى قىلىش)تىنمۇ ياخشىراق بىر ئەمەل قىلالمايدۇ" دېگەندە، ساھابىلەر "ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشمۇ زىكرۇللاھنىڭ ئورنىنى ئالالمامدۇ؟ " دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ: "ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشمۇ بۇ دەرىجىگە بارالمايدۇ. پەقەت قىلىچىڭ سۇنغىچە ئۇرۇشۇپ، ئۈچ قىلىچنى كاردىن چىقارساڭ، يەنى جىددىي ۋە داۋاملىق كۈرەش قىلساڭ بۇ دەرىجىگە يېتەلەيسەن" دېگەن.
"جەننەت باغچىلىرىدا شادلانماقچى بولغانلار ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلسۇن"
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن "قايسى ئەمەل پەزىلەتلىكرەك؟" دەپ سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: " ئاللاھ، ئاللاھ دەپ زىكرى قىلىپ ئۆلۈپ كېتىشىڭ" دېگەن.
"سەھەر ۋە ئاخشامدا ئاللاھنى ياد ئېتىپ تۇرساڭ، سەھەر ۋە ئاخشامغا گۇناھسىز ھالدا كىرىپ كېلىسەن"
"كېچە ۋە سەھەردە ئاللاھ تائالانى زىكرى قىلىش ئاللاھ يولىدا قىلىچ سۇنغىچە جەڭ قىلىش ۋە ئاللاھ يولىدا كۆپلەپ مال سەرپ قىلىشتىن ئەۋزەلدۇر"
"بەندەم يالغۇز قالغاندا مېنى زىكرى قىلسا مەنمۇ ئۇنى ئۆز زاتىمدا ياد ئېتىمەن. بەندەم مېنى جامائەت بىلەن بىللە ياد ئەتسە مەنمۇ ئۇنى ئۇنىڭ جامائىتىدىن ياخشىراق بىر جامائەت بىلەن ياد ئېتىمەن. بەندەم ماڭا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا مەن ئۇنىڭغا بىر گەز يېقىنلىشىمەن. بەندەم ماڭا بىر گەز يېقىنلاشسا مەن ئۇنىڭغا بىر غۇلاچ يېقىنلىشىمەن. بەندەم ماڭا مېڭىپ كەلسە، مەن ئۇنىڭغا يۈگۈرۈپ بارىمەن، يەنى ئۇنىڭ تىلەكلىرىنى تېزلىك بىلەن ئىجابەت قىلىمەن".
"قىلچە سايە بولمايدىغان قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ تائالا يەتتە تۈرلۈك ئىنساننى ئۆز رەھمىتى ئاستىدا سايىدىتىدۇ. (بۇلارنىڭ بىرى) ھېچكىم يوق يەردە ئاللاھنى ياد ئېتىپ، ئاللاھتىن قورقۇپ ياش تۆككەن كىشىدۇر".
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:"مەن سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارنىڭ ياخشىراقى بولغان ۋە رەببىڭلارنىڭ نەزەرىدە پاكراقى، دەرىجەڭلار ئىچىدىكى يۇقىرىراقى بولغان ۋە سىلەر ئۈچۈن ئالتۇن-كۈمۈش سەدىقە قىلغاندىنمۇ، دۈشمەنلىرىڭلارغا ئۇچرىشىپ سىلەر ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا، ئۇلار سىلەرنىڭ بويۇنلىرىڭلارغا ئۇرغاندىنمۇ ياخشىراق بولغان ئەمەلدىن خەۋەر بېرەيمۇ؟"دېۋىدى، ساھابىلەر: "شۇنداق قىلغىن ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!"دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "ئۇ بولسىمۇ ئاللاھنى زىكرى قىلىش" دېدى. (تىرمىزى توپلىغان)
"مېنى زىكرى قىلىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ، مەندىن بىر نەرسە سورىيالمىغانلارغا ئۇلارنىڭ سورىغىنىدىنمۇ ياخشىسىنى بېرىمەن" (ھەدىس قۇدسى).بىرىنچى باپ
زىكرىنىڭ پەزىلىتىنىڭ ئىخچام ھەم تەپسىلىي بايانى
زىكرىنىڭ پەزىلىتىنى بىلدۈرىدىغان ئايەتلەردىن بەزىلىرى:زىكرى ھەققىدە نوپۇزلۇق ئىسلام ئۇلىمالىرىنىڭ سۆزلىرى
فۇدايى شۇنداق دەيدۇ: "بىزگە شۇنداق بىر خەۋەر كەلدىكى، ئاللاھ تائالا:" ئەي بەندەم، بامدات نامىزى ۋە ئەسىر نامىزىدىن كېيىن مېنى بىر دەم زىكرى قىل، بۇ ئىككى زىكرى ئارىسىدا ئۆتكەن ۋاقتىڭ سېنىڭ ئۈچۈن كۇپايىدۇر" دەيدۇ.
ئالىملاردىن بىرى شۇنداق خەۋەر بېرىدۇ: " ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇكى، مەن بەندەمنىڭ قەلبىگە قارايمەن، قەلبىدە مېنى زىكرى قىلىشى غالىپ كەلسە ئۇنى رەھمىتىم دائىرىسىگە ئالىمەن، ئۇنىڭ سەپدىشى، دوستى بولىمەن".
ھەسەن بەسرى(ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) شۇنداق دەيدۇ: "زىكرى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
1- قەلب ۋە روھىڭدىن ئاللاھنى يوشۇرۇن ياد ئېتىپ زىكرى قىلىشىڭ، بۇ زىكرىنىڭ ئەجر-ساۋابى چوڭدۇر.
2- بۇنىڭدىنمۇ ياخشىسى، ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئىشلارنى قىلىش-قىلماسلىق پەيتىدە (ئىككىلىنىپ تۇرغاندا) ئاللاھنى ياد ئېتىپ ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىش.
رىۋايەت قىلىندىكى، ھەر ئىنسان سەكراتقا چۈشكەندە قاتتىق ئۇسساپ، ئاتەش نەپەسلىرىدىن (چاڭقاپ) ئۆلۈپ كېتىدۇ. پەقەت ئۆمرىدە ئاللاھنى زىكرى قىلىپ ئاغزىنى نەمدىگەنلەر ئاخىرقى نەپەسلىرىدە چاڭقاپ كەتمەيدۇ.
مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: " جەننەت ئەھلى پەقەت ئۆمرىدە ئاللاھنى زىكرى قىلماي ئۆتكۈزگەن ۋاقىتلىرىدىن پۇشايمان يەيدۇ".زىكرى مەجلىسلىرىنىڭ پەزىلىتى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: "قەيەردە بىر جامائەت يىغىلىپ ئاللاھنى زىكرى قىلسا پەرىشتىلەر ئۇلارنى ئورىۋېلىپ، ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ؛ ئۇلارنى ئىلاھىي رەھمەت قاپلايدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئۆز دەرگاھىدىكىلەرگە تەرىپلەپ بېرىدۇ".
"پەقەت ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن توپلىنىپ ئاللاھنى زىكرى قىلغۇچىلارغا كۆكتىن بىر مۇنادى (نىدا قىلغۇچى) شۇنداق دەيدۇ: <ئولتۇرغان جايىڭلاردىن مەغپىرەت قىلىنغان ھالدا قوپۇڭلار. گۇناھلىرىڭلارنى ھەقىقەتەن ساۋابلارغا ئۆزگەرتتىم> ". (ھەدىس)
"ئەگەر بىر مەجلىستە (يىغىلىشتا) ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى ئۇنتۇلسا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللانمىسا قىيامەت كۈنى شۇ مەجلىس ئەھلى بۇنىڭ ھەسرەت-نادامىتىنى چېكىدۇ"(ھەدىس)
ھەزرىتى داۋۇد ئەلەيھىسسالام مۇناجاتىدا مۇنداق دېگەن: "ئەي ئىلاھىم، سېنى ياد ئېتىپ زىكرى قىلغۇچىلارنىڭ مەجلىسىدىن ۋاز كېچىپ غاپىللارنىڭ مەجلىسىگە كېتىۋاتقىنىمنى كۆرسەڭ، ئۇ يەرگە بېرىشىمدىن ئاۋۋال پۇتۇمنى چاق، بۇ سېنىڭ ماڭا قىلغان لۇتفى-مەرھەمىتىڭدۇر".
"سالىھلار (ياخشىلار) مەجلىسىگە بىر قېتىم قاتنىشىش بولمىغۇر مەجلىسلەرگە بىر مىليون قېتىم قېتىلغاننىڭ خاتالىرىنى مەغپىرەت قىلغۇزىدۇ".
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:" يەر يۈزىدىكىلەر ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى چاقناپ تۇرغان ھالەتتە كۆرگىنىدەك، ئەرشتىكىلەرمۇ يەر يۈزىدە ئاللاھنى زىكرى قىلغۇچىلارنى ئەنە شۇنداق پارلاق ھالەتتە كۆرىدۇ".
سۇفيان بىن ئۇيەينە (رەھىمەھۇللاھ) مۇنداق دەيدۇ: " ئىنسانلار بىر يەرگە توپلىنىپ ئاللاھنى زىكرى قىلغاندا شەيتان ۋە دۇنيا ئۇلاردىن يىراقلىشىدۇ. شەيتان دۇنياغا:<بۇلارنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىنى كۆرۈۋاتامسەن؟> دەيدۇ. دۇنيا: <سەن جىم تۇر، ئۇلار ئولتۇرغان يېرىدىن ئايرىلغان ھامان مەن ئۇلارنى بويۇنلىرىدىن بىر-بىرلەپ قاماللاپ ساڭا تاپشۇرۇپ بېرىمەن" دەيدۇ.
بىر كۈنى ئەبۇ ھۈرەيرە كوچىدا بىر توپ ئادەمنى كۆرۈپ: "بۇ يەردە بىكاردىن نېمىگە قاراپ تۇرىسىلەر، مەسچىتكە چاققان بېرىڭلار، ئۇ يەردە رەسۇلۇللاھنىڭ مىراسى تەقسىم قىلىنىۋاتىدۇ، سىلەرمۇ ھەققىڭلارنى ئېلىڭلار" دەيدۇ. كىشىلەر مەسچىتكە ئالدىراپ بېرىپ ئۇ يەردە ھېچ نەرسە يوقلۇقىنى كۆرۈپ قايتىشىدۇ. ئاندىن بۇ ئەھۋالنى ئەبۇ ھۈرەيرىگە ئېيتىپ "بىز ئۇنداق تەقسىماتنى كۆرمىدۇق" دېيىشىدۇ. ئەبۇ ھۈرەيرە:" ئۇنداقتا نېمىنى كۆردۈڭلار؟" دەپ سورىغاندا، ئۇلار: " بەزىلەر قۇرئان ئوقۇۋاتىدۇ، بەزىلىرى زىكرى-تەسبىھ ئېيتىۋاتىدۇ" دېيىشىدۇ. ئەبۇ ھۈرەيرە:" پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مىراسى ئەنە شۇ" دەيدۇ.
ئەبۇ سالىھتىن، ئۇ ئەبۇ ھۈرەيرە ۋە ئەبۇ سەئىد ئەل خۇدرىدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئىنسانلارنىڭ ئەمەل دەپتەرلىرى (ھېساب-كىتاب خاتىرىسى)نى يازىدىغان پەرىشتىلەردىن باشقا، ئاللاھ تائالانىڭ يەر يۈزىدە ئايلىنىپ يۈرىدىغان بىر تۈركۈم پەرىشتىلىرى بار. ئۇلار زىكرى مەجلىسلىرىگە بېرىپ قالغاندا "كېلىڭلار، ئىزدەۋاتقىنىڭلار بۇ يەردە!" دەپ بىر-بىرىنى چاقىرىدۇ. ئۇلار قاناتلىرى بىلەن ئۇلارنى(جامائەتنى) ئاسمانغىچە ئورىۋالىدۇ. ئۇلارنىڭ رەببى بىلىپ تۇرۇپ:" بەندىلىرىم نېمە دەيدۇ؟" دەپ سورايدۇ. پەرىشتىلەر:" سېنى پاكلىق بىلەن ئۇلۇغلاپ مەدھىيىلەۋاتىدۇ (سۇبھەناللاھ، ۋەلھەمدۇلىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر دەۋاتىدۇ) دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: "ئۇلار مېنى كۆرۈپتىمۇ؟" دەيدۇ. پەرىشتىلەر:"ياق، سېنىڭ نامىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار سېنى كۆرمىگەن" دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: "كۆرسە قانداق بولۇپ كېتەر؟"دەيدۇ. پەرىشتىلەر:" ئۇلار سېنى كۆرگەن بولسا، ساڭا تېخىمۇ بەك ئىبادەت قىلغان، سېنى مەدھىيىلىگەن ۋە ساڭا تېخىمۇ كۆپ تەسبىھ ئېيتقان بولاتتى" دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: "ئۇلار نېمىدىن پاناھ تىلەۋاتىدۇ؟" دەيدۇ. پەرىشتىلەر: "ئۇلار دوزاختىن پاناھ تىلەۋاتىدۇ" دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: "ئۇلار دوزاخنى كۆرۈپتىمۇ؟"دەيدۇ. پەرىشتىلەر: "ياق، سېنىڭ نامىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار دوزاخنى كۆرمىگەن" دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: "ئەگەر ئۇلارنى دوزاخنى كۆرگەن بولسا قانداق بولاتتى؟" دەيدۇ. پەرىشتىلەر: "ئەگەر ئۇلار دوزاخنى كۆرگەن بولسا، ئۇنىڭدىن تېخىمۇ بەك قاچاتتى ۋە تېخىمۇ بەك قورقاتتى" دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: " ئۇلار نېمىنى ئارزۇ قىلىۋاتىدۇ؟" دەيدۇ. پەرىشتىلەر: " ئۇلار سەندىن جەننەتنى ئارزۇ قىلىۋاتىدۇ"دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: "ئۇلار جەننەتنى كۆرگەنمۇ؟" دەيدۇ. پەرىشتىلەر: "ياق، سېنىڭ نامىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار جەننەتنى كۆرمىگەن" دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: "ئۇلار جەننەتنى كۆرگەن بولسا قانداق بولاتتى؟ "دەيدۇ. پەرىشتىلەر: "ئەگەر ئۇلار جەننەتنى كۆرگەن بولسا، ئۇلارنىڭ جەننەتكە بولغان تەلپۈنۈشى ۋە قىزىقىشى تېخىمۇ كۈچىيىپ، جەننەتكە بولغان ئىشتىياقى تېخىمۇ ئاشاتتى" دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: "سىلەرنى گۇۋاھ قىلىمەن، ئۇلارنى مەغپىرەت قىلدىم" دەيدۇ. ئۇلاردىن بىر پەرىشتە:"ئۇلار ئىچىدىكى بىر كىشى ئۇلاردىن ئەمەس، ئۇ ھاجەت ئۈچۈن كەلگەن" دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: "ئۇلار شۇنداق سۆھبەتداشلاركى، ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرغۇچىلارمۇ ئەجىرسىز قالمايدۇ" دەيدۇ. (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس)تەھلىلنىڭ (لا ئىلاھە ئىللەللاھ دېيىشنىڭ) پەزىلىتى
«مەن ۋە مەندىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر سۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى: ‹لا ئىلاھە ئىللەللاھ لا شەرىكە لەھ› (بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، ئۇنىڭ شېرىكى يوق)» . (مۇسلىممۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەدىسلەرنى توپلىغان).
«ھەر كۈنى يۈز قېتىم ‹لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەھدەھۇ لا شەرىكە لەھ، لەھۇل مۇلكۇ ۋە لەھۇل ھەمدۇ ۋە ھۇۋە ئەلا كۇللى شەيئىن قەدىر› (بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، ئۇ بىردۇر، شېرىكى يوقتۇر، بارلىق ئىگىدارچىلىق ۋە ھەمدۇ سانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەممىگە قادىردۇر) دېگەن كىشى ئون قۇلنى ئازاد قىلغاندەك بولىدۇ، ئۇنىڭغا يۈز ساۋاب يېزىلىدۇ، يۈز گۇناھى ئۆچۈرۈلىدۇ. ئۇ شۇ كۈنى كەچكىچە شەيتاننىڭ شەررىدىن(يامانلىقىدىن) ساقلىنىدۇ، ھېچكىم ھېچقانداق ئىبادەت ئارقىلىق بۇ سەۋىيىگە يېتەلمەيدۇ. پەقەت بۇ ئىبادەتنى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ قىلغانلار بولسا (ئۇنىڭدىن ئېشىپ چۈشىدۇ)».(بۇخارى ۋە مۇسلىم توپلىغان)
«تولۇق تاھارەت ئالغاندىن كېيىن ئاسمانغا قاراپ:‹ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەھدەھۇ لا شەرىكە لەھ ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن ئابدۇھۇ ۋەرەسۇلۇھ› (بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقلۇقىغا، ئۇنىڭ شېرىكى يوقلۇقىغا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭ بەندىسى، بەرھەق ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن)دېگەن كىشىگە جەننەت ئىشىكلىرى چوقۇم ئېچىلىدۇ ۋە ئۇ كىشى خالىغان ئىشىكتىن كىرىدۇ». (ئەبۇ داۋۇد توپلىغان).
« ‹لا ئىلاھە ئىللەللاھ› دېگەنلەرگە مازارلىرىدا ۋەھشەت (يەنى قەبرە ئازابى)، مەھشەر مەيدانىدا دەھشەت يوقتۇر. سۇر (قىيامەت كۈنى چېلىنىدىغان بۇرغا) چېلىنغان چاغدا ئۇلارنىڭ باشلىرىدىكى توپىلىرىنى سۈرتكەن ھالدا قوپقانلىرىنى كۆرگەندەك بولۇۋاتىمەن. بىزنى غەم-قايغۇدىن قۇتۇلدۇرغان ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىمىز. رەببىمىز ھەقىقەتەن ئەڭ رەھىمدىل، ئەڭ مېھرىبان، ئەڭ شەپقەتلىك، ئەڭ مەرھەمەتلىك زاتتۇر». (ئەبۇ يەئلا ۋە تەبەرانى توپلىغان).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە ئەبۇ ھۇرەيرەگە خىتابەن مۇنداق دېگەن:«ئەي ئەبۇ ھۇرەيرە! قىلغان ھەر بىر ئىشىڭ قىيامەت كۈنى مىزانغا ( تارازا-ئۆلچەمگە) سېلىنىدۇ. پەقەت شاھادەت كەلىمىسى ئۆلچەنمەيدۇ. چۈنكى سەمىمىيلىك ۋە ئىخلاس بىلەن شاھادەت ئېيتقانلارنىڭ تارازىسىنىڭ بىر تەرىپىگە شاھادەت كەلىمىسى، يەنە بىر تەرىپىگە ئاسمان-زېمىندىكى جىمى نەرسىلەر قويۇلسا، شاھادەت كەلىمىسى ئۇلارنى بېسىپ كېتىدۇ».
«سەمىمىيلىك ۋە ئىخلاس بىلەن ‹لا ئىلاھە ئىللەللاھ› دېگەن كىشى يەر يۈزى توشقىچە گۇناھلار بىلەن كەلسىمۇ ئاللاھ تائالا ئۇنى مەغپىرەت قىلىدۇ»
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇ ھۈرەيرەگە خىتابەن مۇنداق دېگەن: «ئەي ئەبۇ ھۇرەيرە! سەكراتتا ياتقانلارغا شاھادەت كەلىمىسى ئېيتىشنى تەلقىن ئەيلە (زېھىنلىرىگە قۇي)، چۈنكى شاھادەت كەلىمىسى بارلىق گۇناھلارنى يوق قىلىدۇ». (ئەبۇ مەنسۇر دەيلەمى «مۇسنەدۇل فىردەۋس»)
ئەبۇ ھۇرەيرە: «ئەي رەسۇلۇللاھ، ئۆلۈكلەر ھەققىدە ئەھۋال بۇنداق بولسا، تىرىكلەر ھەققىدە قانداق بولىدۇ؟» دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ (يەنى كەلىمە شاھادەت ئېيتىش) تېخىمۇ كۆپ گۇناھلارنى يوق قىلىدۇ» دېگەن.
«ھەممىڭلار جەننەتكە كىرىسىلەر، ئەمما ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن گويا ئىگىسىدىن قاچقان تۆگىدەك قاچقانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر (يەنى جەننەتكە كىرەلمەيدۇ)».(بۇخارى توپلىغان) ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قاچىدىغانلار كىملەر؟ دېگەن سوئالغا جاۋابەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«‹لا ئىلاھە ئىللەللاھ› دېمىگەنلەردۇر. تىلىڭلار تۇتۇلۇپ قالمىغىچە ‹لا ئىلاھە ئىلەللاھ› دېيىشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇ ئىخلاس سۆزىدۇر، تەۋھىد سۆزىدۇر، تەقۋالىق سۆزىدۇر، كەلىمە تەييىبەدۇر، ھەققە دەۋەت قىلغۇچى سۆزدۇر. ئۇ ئېسىلىشقا تېگىشلىك مۇستەھكەم ھالقىدۇر، جەننەتنىڭ بەدىلى شۇدۇر» دېگەن.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ياخشى ئىش قىلغۇچى پەقەت ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ» (55:60)
دۇنيادىكى «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» دېگەن كەلىمە تەۋھىدكە تەڭداش ئېھسان(ياخشىلىق) ئاخىرەتتىكى جەننەتتىن ئىبارەتتۇر، دەپ قارىلىدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«ياخشى ئىش قىلغانلار جەننەتكە ۋە ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە نائىل بولىدۇ...» (10:26)
بەرا بىن ئازىب پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:
«يۇقىرىدىكى دۇئانى ئون قېتىم ئوقۇغان كىشى بىر قۇل ياكى بىر جاننى ئازاد قىلغاننىڭ ساۋابىنى ئالىدۇ». (ھەكىم توپلىغان)
ئەمر ئىبنى شۇئەيب ئاتىسىدىن، ئاتىسىمۇ ئاتىسىدىن شۇنداق رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«كۈندە ئىككى يۈز قېتىم ‹لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەھدەھۇ لا شەرىكەلەھ، لەھۇل مۇلكۇ ۋەلەھۇل ھەمدۇ ۋە ھۇۋە ئەلا كۇللى شەيئىن قەدىر›دېگەن كىشىگە ئالدىدا كەلگەنلەردىن ھېچكىم يېتىشەلمىگەندەك، ئارقىدا كەلگەنلەردىنمۇ ھېچكىم ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيدۇ. پەقەت بۇ ئىبادەتنى بۇنىڭدىن كۆپ قىلغانلار مۇستەسنادۇر». (ئىمام ئەھمەد بىن ھەنبەل).
«كوچىدا كېتىۋېتىپ يۇقىرىقى دۇئانى ئوقۇغان كىشىنىڭ بىر مىليون گۇناھى كەچۈرۈلىدۇ، نامۇ ئەمالىغا(ئىش-ئەمەل دەپتىرىگە) بىر مىليون ساۋاب يېزىلىدۇ ۋە جەننەتتە ئۇنىڭغا بىر كىشىلىك ئورۇن ھازىرلىنىدۇ».
رىۋايەت قىلىندىكى، بەندە «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» دېگەن چاغدا بۇ كەلىمە تەۋھىد ئۇنىڭ ئەمەل دەپتىرىدە (بەتمۇ بەت) ھەرىكەتلىنىپ، قەيەردە بىر گۇناھ(خاتىرىسى) بولسا ئۇنى ئۆچۈرىدۇ، ئاندىن ئۆزىگە ئوخشاش بىر ساۋاب (كەلىمە تەۋھىد ئېيتىش ساۋابى) نىڭ يېنىغا بېرىپ شۇ يەردە قالىدۇ.
سەھىھ سەنەدى (توغرا مەنبەسى) بىلەن ئەبۇ ئەييۇب پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ(نەقىل كەلتۈرىدۇ):
«ئون قېتىم ‹لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەھدەھۇ لا شەرىكەلەھ، لەھۇل مۇلكۇ ۋەلەھۇل ھەمدۇ ۋە ھۇۋە ئەلا كۇللى شەيئىن قەدىر› دېگەن كىشى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن تۆت ئەسىرنى ئازاد قىلغاننىڭ ساۋابىنى ئالىدۇ». (بۇخارى، مۇسلىم توپلىغان)
يەنە سەھىھ ئىسناد بىلەن ئەبۇ ئەييۇب پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:
«كىمكى كېچە ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ ‹لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەھدەھۇ لا شەرىكەلەھ، لەھۇل مۇلكۇ ۋەلەھۇل ھەمدۇ ۋە ھۇۋە ئەلا كۇللى شەيئىن قەدىر. سۇبھانەللاھى ۋەلھەمدۇلىللاھى ۋە لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر ۋە لا ھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھى ئەلىييىل ئەزىم› دەپ ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىسە، ئاللاھ ئۇنى مەغپىرەت قىلىدۇ. دۇئا قىلسا دۇئاسىنى، تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇسا نامىزىنى قوبۇل قىلىدۇ». (بۇخارى توپلىغان).
收藏到:Del.icio.us
دىنىي ئىلىملەرنى بەرپا قىلىش (1)
Blog:شىكاربىلوگى2010-05-19 22:23:28