خان جەمەتى : كىرىشكە پىتىنالامسىز ؟ ياق ئەڭ ياخشىسى كىرمەڭ ! بىكا . مىنى تىللاپ كەتمەڭ ، بىكا ئاۋارە قىلدى دەپ !! {ئېلان}. |
-
2010/02/20
بىركۇنى { مەن ياخشى كۇرىمەن بۇ شېئىرنى } - [شېئىريەت گۇلزارى ]
بىركۇنى . مەن ياخشى كۇرىمەن بۇ شېئىرنى
بىر كۈنى.
مۇھەممەتجان راشىدىن
بالاڭ ئازسا،ئاھ ئۇرما ،يول تاپىدۇ بىر كۈنى ،
ئامان بولسا ، ئۇلارمۇ پۇل تاپىدۇ بىر كۈنى .
خاتا باسقان قەدەملەر قالدۇرغاندا قاتاردىن ،
ئۆزى ماڭغان چاتقالغا ئوت ياقىدۇ بىر كۈنى.
گەدەنكەشلىك ھېچكىمدىن ئۇدۇم ئەمەس ئۇلارغا ،
ئۆزى كېلىپ ئالدىڭغا گەپ ئاچىدۇ بىر كۈنى .
ئات بولغۇچە ئاساۋتاي ھەر يان چاپسا چاپمامدۇ ،
ئۇلارغىمۇ بۇ دۇنيا يۇك ئارتىدۇ بىر كۈنى .
‹‹ئاق ›› نى چەككەن ئاغزىدا ئوقۇپ ئەپسۇس- پۇشايمان ،
قاراپ ئۇلار كەينىگە ئۇھ تارتىدۇ بىر كۈنى .
كوچىلارغا تۈن بويى بۈگۈن پاتماي يۈرگەنلەر ،
چىللىسىمۇ كوچىلار جىم ياتىدۇ بىر كۈنى .
تەييار توقاچ قولۇڭدىن يەۋەرمەيدۇ ئۇلارمۇ،
ئۆزلىرىمۇ ئۇن تارتىپ، نان ياقىدۇ بىر كۈنى .
بۇ ئالەمدە ھەر ئىشنىڭ سائېتى بار ،ۋاقتى بار ،
خۇددى سەندەك ئۆي تۇتۇپ ،ئۆي قاقىدۇ بىر كۈنى .
كۆندىرىدۇ بۇ جاھان تالاي ئىشقا ئۇلارنى ،
شۇلار چاپقان ئۆستەڭدە سۇ ئاقىدۇ بىر كۈنى .
بىز ئوينىغان نۇرۇزنى بىزدەك ئويناپ شۇلارمۇ ،
ئىزىمىزدا ئىگەرلەپ ئات چاپىدۇ بىر كۈنى ،
پىشانەڭگە ئاسماندىن ئىللىق قۇياش نۇر چاچسا ،
يۈرىكىڭگە بالاڭمۇ نۇر چاچىدۇ بىر كۈنى.
سەنمۇ ئاتا -ئاناڭنى ئۆتكەن بولساڭ ئەزىزلەپ ،
ئوغۇل- قىزىڭ ساڭىمۇ تون ياپىدۇ بىر كۈنى .
شۇ ئىشلارنى كۆرەلمەي ئۆلۈپ كەتسەڭ ئامال يوق،
ھايات بولساڭ مەيدەڭگە گۈل تاقايدۇ بىر كۈنى .
يامان دېسەڭ بالاڭنى ،كىم بىرىدۇ ياخشىنى ،
ھازىر يامان بولسىمۇ ئەسقاتىدۇ بىر كۈنى .
دۇنياغا كۆ ز ئاچقۇزدى سېنى تاڭ پەسلى،
سەن ئىدىڭسەن ئوت يۈرەك ئۇيغۇرنىڭ نەسلى،
تومۇردىكى شۇ قانلار ئۇيغۇرنىڭ ئەسلى،
ئەي ، ئۇيغۇرۇم ، ئۇنتۇما ئۇيغۇرلىقىڭنى!
<ئەسسالام>نى تامامەن ئۇنتۇپلا كەتتۇق،
ئەنئەنىدىن ئوبدانلا چەتنىدۇق،كەچتۇق،
ئازاد بولۇپ <كونا>دىن مۇرادقا يەتتۇق،
ئەي ، ئۇيغۇرۇم ، ئۇنتۇما ئۇيغۇرلىقىڭنى!
ئۇزۇن چاچلار خەيرى-خوش! كېسىۋەتتۇققۇ،
مودا ئەمەس قارا چاچ بويىۋەتتۇققۇ،
دوپپىلارنى يىراققا چۆرىۋەتتۇققۇ،
ئەي ، ئۇيغۇرۇم ، ئۇنتۇما ئۇيغۇرلىقىڭنى!
خوشياقمايدۇ مۇقاملار كونا نەرسە دەپ،
باشقىلارنىڭ يېقىملىق تۇيۇلىدۇ زەپ،
<چولپان> كەلسەيىراقتىن يۈگۈرىمىز بەك،
ئەي ، ئۇيغۇرۇم ، ئۇنتۇما ئۇيغۇرلىقىڭنى!
ئانا تىلغا تىل تەگدى ،دەيمەن ئېھتىمال،
ئەبجەشلەشكەن سۆزىمىز بولغۇسى مىسال،
باشقا تىلغا ئاشىق بوپ تاپساقمۇ ۋىسال،
ئەي ، ئۇيغۇرۇم ، ئۇنتۇما ئۇيغۇرلىقىڭنى!
قانات ياساپ يىراققا ئۇچۇپ كەتسەڭمۇ،
سەن بىزلەردىن ئەبەدىي تېنىپ كەتسەڭمۇ،
ماكان تۇتۇپ چەتلەردە ئۆلۈپ كەتسەڭمۇ،
ئەي ، ئۇيغۇرۇم ، ئۇنتۇما ئۇيغۇرلىقىڭنى!历史上的今天:
كۆكلەي دېسەڭ ئۇيغۇرۇم،سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟ 2010/02/20لايدىن ياسالغان قەلئەنىڭ سىرى 2010/02/20ئىسلام بىلىملىرى باغچىسى 2010/02/20قانداق قىلغاندا ئېسىل ئىنسان بولالايسىز؟ 2010/02/20كىلەچەك ئىسلامغا مەنسۇپ 2010/02/20
收藏到:Del.icio.us