خان جەمەتى : كىرىشكە پىتىنالامسىز ؟ ياق ئەڭ ياخشىسى كىرمەڭ ! بىكا . مىنى تىللاپ كەتمەڭ ، بىكا ئاۋارە قىلدى دەپ !! {ئېلان}. |
-
2010/02/20
ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرى ھەبىبۇللا دولەتلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا ئىرىشتى - [ئۇيغۇر كەشپىياتچىلار ]
ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرى ھەبىبۇللا دولەتلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا ئىرىشتى
ئابستىراكىت مەزمۇنى: ئۇيغۇرلارنىڭ پەخرى ھەبىبىۇللا ئابلىمىت دۆلەت ئىچى سىرتى نېفىت ساھەسىدىكى كاچالكا ئۇقۇمىنى يېڭىلاپ، ئۆزىنىڭ «قوش يۆلىنىشلىك كاچالكا»سى بىلەن دۇنيادا قوش يۆلىنىشلىك كاچالكىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بىردىنبىر لاھىيەلىگۈچى بولۇپ قالدى، ھەمدە «قوش يۆلىنىش»، «يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى. ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتى بىلەن دۆلەتنىڭ قوللىنىشچان يېڭى تۈر پاتېنتى ۋە ئىجادىيەت پاتېنتىغا ئېرىشتى. ئالتىنچى نۆۋەتلىك جۇڭگو ياش-ئۆسمۈرلەر پەن-تېخنىكا يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپىتىنى باھالاشتا جۇڭگو نېفىت ئۇنۋېرسىتىتى مېخانىكا-ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى ئىنىستۇتى ئوقۇغۇچىسى ھەبىبۇللا ئابلىمىت تاللىنىلغان بولۇپ ئۇ شەندوڭ ئۆلكىسىدىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بىردىنبىر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، دۆلەت ئىچىدىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئازسانلىق مىللەت ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ بىرى. بۇ خەۋەر ناھايىتى تېزلا كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىنغان. چىڭداۋ كۈندىلىك گېزىتى، خەلق تورى قاتارلىق مۇھىم ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ ھازىر بىر كەشپىياتچى بولۇپ قالغانلىقى توغرۇلۇق خەۋەر ئېلان قىلغان. تەپسىلى مەزمۇنى: «ھەبىبۇللا دۆلەتلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى!» دېگەن بۇ خەۋەر يېقىندا جۇڭگو نېفىت ئۇنۋېرسىتىتى (شەرقى جۇڭگو مەكتەپ رايونى)دا پۇر كەتتى. ئۇيغۇر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ھەبىبۇللا ئابلىمىت دەرسخانىدىكى بىر سوئالدىن باشلاپ، ئەڭ ئاخىرىدا «يۇقىرى ئۈنۈملۈك قوش يۆلىنىشلىك كاچالكا» تۈرى بىلەن ئالتىنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ياش-ئۆسمۈرلەر پەن-تېخنىكا ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. كاچالكا توغرۇلۇق بۇ ئىجادىيەت دەرسخانىدىكى بىر سوئالدىن باشلانغان. 2007 .يىلى «مېتالچىلىق پىراكتىكىسى» دېگەن دەرستە ئوقۇتقۇچى «كاچالكىدا ئاستى، ئۈستى ئىككى تاكت بار، ئۇنىڭ نېفىت تارتىش جەريانى ئۈزلۈكسىز ئەمەس…..» دەپ سۆزلەيدۇ. بۇ چاغدا ھەبىبۇللانىڭ كاللىسىدىن بىر سوئال ئەگىپ ئۆتىدۇ: «نېمىشقا ئۈزلۈكسىز ئەمەس؟ ئەگەر شۇنداق بولسا ئۈنۈمى نەزەرىيە بويىچە ئېيتقاندا بىر ھەسسە كۆتۈرگىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ؟» ھەبىبۇللا دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ماتىىرىياللارنى ئاختۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ «قوش يۆلىنىشلىك كاچالكا» ئۇقۇمىنىڭ تېخى يېڭى بىر نۇقتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ھەبىبىۇللا تەسۋىرلىگۈسىز ھاياجان بىلەن مېخانىكا-ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى ئىنىستۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ يوڭخوڭ پىرافىسسورنى ئىزدەپ بېرىپ ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ يېڭى بايقىشىنى ئېيتىدۇ. ليۇ يوڭخوڭ پىرافىسسورنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى بىلەن، قايتا-قايتا تەجرىبە ئىشلەش ئارقىلىق ھەبىبۇللانىڭ كاللىسىدا يېڭى تىپتىكى قوش يۆلىنىشلىك كاچالكا مودىلى توغرۇلۇق بىر قەدەر مۇكەممەل قۇرۇلما ھاسىل بولىدۇ. دۆلەتلىك قوللىنىشچان يېڭى تۈر پاتېنتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، 2008-يىلى باھاردا يۇقىرى ئۈنۈملۈك كاچالكا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەتلىك ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىجادىيەت تەجرىبە پىلان تۈرىگە كىرگۈزۈلۈپ، جۇڭگو نېفىت ئۇنۋېرسىتىتى ھەبىبۇللا ئۈچۈن بىر گۇرۇپپا قۇرىدۇ ھەمدە ئون مىڭ سوم ئىجادىيەت فوندى بىلەن تەمىنلىنىدۇ. ھەبىبۇللا تەجرىبە گۇرۇپپىسى يېرىم يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، كاچالكىنىڭ چېرتيوژىنى لاھىيەلەپ چىقىدۇ. 5-ئايدا ئۇلار بارلىق دېتاللارنى پىششىقلاپ ئىشلەپ چىقىدۇ ھەمدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يۇقىرى ئۈنۈملۈك قوش يۆلىنىشلىك كاچالكىنى قۇراشتۇرۇپ سىناق قىلىدۇ. «يۇقىرى ئۈنۈملۈك قوش يۆلىنىشلىك كاچالكا تەتقىقاتى ۋە لاھىيەسى» توغرۇلۇق ئىلمى ماقالىسى ئىككىنچى قارار دۆلەتلىك ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىجادىيەت مۇنبىرى تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن، ئەسەر ئىككىنچى نۆۋەتلىك دۆلەتلىك ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىجادىيەت مۇنبىرىدە «مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئون ئەسەر» بولۇپ باھالانغان؛ 9-ئايدىكى خەلقئارا نېفىت ئەسلىھەلىرى كۆرگەزمىسىدە، «يۇقىرى ئۈنۈملۈك قوش يۆلىنىشلىك كاچالكا» ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بىلەنلا مۇتەخەسىسلەر ۋە كەسپى ئەربابلارنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن؛ ئۇندىن كېيىن، ھەبىبۇللا تۇنجى نۆۋەتلىك شەندوڭ ئۆلكىلىك ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پاتېنت مەھسۇلاتى لاھىيەلەش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، دۆلەتلىك «رىقابەت لوڭقىسى» پۈتۈن مەملىكەت ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئەسەر مۇسابىقىسى دۇنيا كۆرگەزمىسى مەخسۇس تۈر مۇسابىقىسىدە بىرىنجى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، بۇ يىل 11-ئايدا ، ئۇ يەنە جۇڭگو ياش-ئۆسمۈرلەر پەن-تېخنىكا ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. پەن-تېخنىكا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىكى ئالاھىدە ئىپادىسى بىلەن، ھەبىبۇللا ھازىر جۇڭگو نېفىت ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئئاسپىرانتلىقىغا ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنغان. بېسىپ ئۆتكەن قەدەملىرىنى ئەسلىگەندە ھەبىبۇللا مۇنداق دەيدۇ: «مەكتەپ، مۇئەللىم ۋە ساۋاقداشلىرىمنىڭ قوللىشى بولمىسا مەنمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايتتىم. مۇۋەپپەقىيەت كەلگۈسىدە بارلىلققا كەلمەستىن، بەلكى قارار قىلغان ئاشۇ مىنۇتتىن باشلاپ ئۈزلۈكسىز توپلىنىپ ماڭىدۇ. مۇۋەپپەقىيەتنى قوغلىشىش يولىدا مەغلۇپ بولۇشقا بولىدۇ، ئەمما بەل قويۇۋېتىشكە بولمايدۇ!» ھەبىبۇللا ئابلىمىت 2004-يىلى 6-ئايدا جۇڭگو نېفىت ئۇنۋېرسىتىتى (شەرقى جۇڭگو تارماق مەكتىپى)گە قوبۇل قىلىنغان، جېڭجۇدا ئىككى يىل تەييارلىق ئوقۇغاندىن كېيىن 2006-يىلى 9-ئايدا جۇڭگو نېفىت ئۇنۋېرسىتىتىغا كەلگەن. ئوقۇشقا كەلگەندىن بۇيان، ھەبىبۇللا ئابلىمىت ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دەرستىن سىرت پەن- تېخنىكا پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ ئەلا نەتىجىگە ئېرىشكەن، 2009-يىلى 9-ئايدا جۇڭگو نېفىت ئۇنۋېرسىتىتىغا ئىمتىھانسىز ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنغان. ھەبىبۇللا ئابلىمىت ئۆز ئالدىغا لاھىيەلىگەن «يۇقىرى ئۈنۈملۈك قوش يۆلىنىشلىك كاچالكا» بىر تۈرلۈك كەشپىيات پاتېنتى، ئىككى تۈرلۈك قوللىنىشچان يېڭى تۈر پاتېنتىغا ئېرىشكەن، ئون بىرىنجى نۆۋەتلىك «رىقابەت لوڭقىسىپى دۆلەتلىك ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىلمى تەتقىقات ئەسەر مۇسابىقىسى شاڭخەي دۇنيا كۆرگەزمە يىغىنى مەخسۇس تۈر مۇسابىقىسىدە بىرىنجى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، شەندوڭ ئۆلكىسى تۇنجى نۆۋەتلىك ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پاتېنت مەھسۇلات لاھىيە مۇسابىقىسى مۇكاپاتى، شەندوڭ ئۆلكىلىك «مېخانىكا-ئېلېكتىر لوڭقىسى» ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مېخانىكا ئېلېكتىر مەھسۇلاتى ئىجادىيات لاھىيە مۇسابىقىسى بىرىنجى دەرىجىلىك مۇكاپاتى ۋە مېخانىكا ئېلېكتىر مائارىپ ئوقۇش مۇكاپاتى ئالاھىدە مۇكاپاتى قاتارلىق بىر قاتار مۇكاپاتلارغا سازاۋەر بولغان. ئىككىنجى قېتىملىق خەلقئارا نېفىت ئۈسكۈنىلىرى ۋە تېخنىكا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ مۇتەخەسىسلەر ۋە كەسپى ئەربابلارنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ «يۇقىرى ئۈنۈملۈك قوش يۆلىنىشلىك كاچالكا تەتقىقاتى ۋە لاھىيەسى» ناملىق ئىلمى ماقالىسى ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىجادىيەت مۇنبىرى تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن ھەمدە يىغىندا پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تونۇشتۇرۇلغان، ھەبىبۇللا ئۈستىگە ئالغان دۆلەتلىك ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىجادىيەت تەجرىبىسى پىلان تۈرى ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىجادىيەت مۇنبىرىدە «مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئون ئەسەر» دېگەن پەخرى نامغا ئېرىشكەن. 2007-يىلى ھەبىبۇللا ئابلىمىت ئاسىيا تىنچ ئوكيان ماشىنا ئادەم مۇسابىقىسى «دۆلەت ئىچى تاللاش مۇسابىقىسى»دە 32 كۈچلۈك قاتارىغا كىرگەن؛ 2009-يىلى مەملىكەتلىك ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قۇرۇلۇش مەشقى ئۇنىۋېرسال ئىقتىدار مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ھەبىبۇللا ئابلىمىت كۆپ قېتىم مەكتەپ پەن تېخنىكا پائالىيىتى ئاكتىپى، پەن-تېخنىكا پائالىيىتى ئىلغار ئۇيۇشتۇرغۇچى، پەن تېخنىكا يۇلتۇزى قاتارلىق پەخرى ناملارغا ئېرىشكەن. ئۇدا ئۈچ يىل مەكتەپ پەن-تېخنىكا ئىجادىيەت ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ماتىرىيال تەييارلىغۇچى: E.A.Haky ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرجىمىسى تەرجىمە قىلغۇچى: ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىن نۇرمەمەت تەكشۇرۇپ بىكىتكۈچى: پەنگىيار
http://ilqut.com/blog/article.asp?id=116
摘要
维吾尔族的骄傲—–艾白布.阿不力米提,刷新了国内外石油领域的抽油机(磕头机)概念,以自己的“双向抽油机”成为了世界上提出双向高能抽油机的唯一设计人,并且实现“双向”、“高能”。凭借自己的发明获得国家实用新型专利和发明专利。
在第六届中国青少年科技创新奖评选中中国石油大学(华东)机电工程学院学生艾白布•阿不力米提名列其中,成为山东省唯一获奖的大学生。此条新闻很快在众多媒体上大力宣传。青岛日报、人民网等重量级媒体纷纷报道关于一名维吾尔族青年现已成为一个发明家的报道。详细内容
“艾白布获得了国内创新大奖!”这一消息日前在中国石油大学 (华东)传开了。维族大学生艾白布•阿不力米提从一个在课堂上的疑问开始,最终凭借”高效双向抽油机”项目获得了第六届中国青少年科技创新奖。
关于抽油机的创新,来源于一个课堂上的疑问。2007年在上一门叫”金工实习”的课时,老师讲到:”抽油机有上、下两个冲程,其抽油过程不是连续的……”听到这里,一个疑问从艾白布脑中滑过:”为什么不是连续的?那样效率在理论上不是提高一倍吗?”
经过查阅国内外相关资料,艾白布证实了自己的”双向抽油机”还是一个全新的概念。带着难以言状的兴奋,艾白布找到了机电工程学院副院长刘永红教授,向他阐释自己的创意。在刘老师的支持与帮助下,经过无数次实验,新型双向抽油机的模型在艾白布的脑海中有了比较完整的构架。在获得国家实用新型专利和发明专利后,2008年春天,高效双向抽油机成功立项为国家大学生创新性实验计划项目,中国石油大学立即为艾白布组建了团队,并提供了1万元创新基金。经过半年的努力,抽油机的图纸终于设计出来了。5月,他们加工制作出所有零件并成功装配调试好高效双向抽油机。学术论文《高效双向抽油机研究与设计》被第二届全国大学生创新论坛录用,作品获得第二届全国大学生创新论坛”我最喜爱的十件作品”;在9月份的国际石油装备展上,”高效双向抽油机”一亮相,就获得专家和业内人士的一致好评;之后,艾白布参加山东省首届大学生专利产品设计竞赛并获得金奖,在全国”挑战杯”全国大学生作品竞赛世博专项竞赛中获得一等奖,今年11月,他又获得了中国青少年科技创新奖。
因为在科技创新上的突出表现,艾白布如今已经被保送为中国石油大学(华东)的硕士研究生。回忆起一路走过的点点滴滴,艾白布说:”没有学校、老师和同学们的支持,我不可能获得成功。成功不是将来才有的,而是从决定去做的那一刻起持续累积而成的。追求成功的路上可以失败,但不可以放弃! ”
艾白布•阿不力米提2004年6月考入中国石油大学(华东),在郑州读完2年预科之后于2006年9月来石大学习。入学以来,艾白布•阿不力米提积极参加大学生课外科技活动,取得优异成绩,2009年9月被破格保送石大研究生。艾白布•阿不力米提自主设计的“高效双向抽油机”获得1项发明专利、2项实用新型专利,获得第十一届“挑战杯”全国大学生课外学术科技作品竞赛上海世博专项竞赛一等奖、山东省首届大学生专利产品设计竞赛金奖、山东省“机电杯”大学生机电产品创新设计大赛一等奖和机工教育奖学金特等奖,参加第二届国际石油装备与技术展览会,获得专家和业内人士一致好评。其学术论文《高效双向抽油机研究与设计》被第二届全国大学生创新论坛录用,并推荐作大会交流发言,所承担的国家大学生创新性试验计划项目获得第二届全国大学生创新论坛“我最喜爱的十件作品”荣誉称号。2007年,艾白布•阿不力米提参加亚太机器人大赛“国内选拔大赛”,挺进32强;2009年,在全国大学生工程训练综合能力竞赛中获得二等奖。艾白布•阿不力米提多次荣获学校科技活动积极分子、科技活动优秀组织者、科技之星荣誉称号,连续三年获得学校科技创新奖学金。
E.A.Haky撰http://ilqut.com/bbs/viewthread.php?tid=2174&highlight=
历史上的今天:
كۆكلەي دېسەڭ ئۇيغۇرۇم،سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟ 2010/02/20لايدىن ياسالغان قەلئەنىڭ سىرى 2010/02/20ئىسلام بىلىملىرى باغچىسى 2010/02/20قانداق قىلغاندا ئېسىل ئىنسان بولالايسىز؟ 2010/02/20كىلەچەك ئىسلامغا مەنسۇپ 2010/02/20
收藏到:Del.icio.us