دۇنيا مىنى ئەمەس ، مەن دۇنيانى ئۆزگەرتىمەن !!!

خان جەمەتى : كىرىشكە پىتىنالامسىز ؟ ياق ئەڭ ياخشىسى كىرمەڭ ! بىكا . مىنى تىللاپ كەتمەڭ ، بىكا ئاۋارە قىلدى دەپ !! {ئېلان}.

  • 2010/01/27

    داۋۇتئوغلۇ ياڭ جېيچىغا «ئۇيغۇرلار» ھەققىدە سېگنال بەردى - [خان جەمەتى خەۋەرلىرى]

    خان جەمەتى خەۋەرلىرى :  يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئاز ئۇچرىغان، ھەتتا كرىزىستىن تەرەققىي قىلغان ھالدا ئۆتۈپ كەتكەن تۈركىيە بىلەن جۇڭگو، ئۆز ئارا ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىققا قاراپ يۈزلەنمەكتە.

    ئارىدىن توققۇز يىل ئۆتكەندىن كېيىن جۇڭگودىن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى دەرىجىسىدە تۇنجى قېتىم دۆلىتىمىزگە زىيارەت ئۈچۈن كەلگەن ياڭ جېيىچى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز ئارا بىر - بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ «تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىنى قەتئىي قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز» دېدى.

    ياڭ جېيىچى يەنە، ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، جۇڭگونىڭ ئىراننىڭ يادرو پروگراممىسى مەسىلىسى ھەققىدىكى مەيدانىنى بىلدۈرۈپ «بۇ مەسىلىنىڭ دىپلوماتىيە يولى بىلەن ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

    دۆلىتىمىز تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى داۋۇتئوغلۇ، جۇڭگونىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەر بويىچە ئېلىپ بارىدىغان ھەر تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە تۈركىيىنىڭ ھەسسە قوشالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

    داۋۇتئوغلۇ سۆزىدە «ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا ‹دوستلۇق كۆۋرۈكى› شەكىللەندۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتۇق ۋە تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا جۇڭگو تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەرگە ھەسسە قوشالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز. مىنىستىر ياڭ جېيىچى ئۆزىمۇ، بارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىشىش كۆز قارىشى ئىچىدە ئىكەنلىكىمىزنى ۋە ھەر قايسى ساھەلەر بويىچە بىرلىكتە خىزمەت قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىمىزنى تونۇپ يەتتى» دېدى.


    收藏到:Del.icio.us




ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق