مۇختار قادىر ھونزادە
ئىنسانىيەتنىڭ مۇقەددەس ئۆتمۈشى شەكىللەنگەن ۋاقىتتىن باشلاپ، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان تارىخ پەنلىرى بىر مىللەت، بىر رايۇن ياكى بىرەر ئائىلىگە نىسبەتەن كەم بولسا بولمايدىغان نۇرلۇق ئەڭگۈشتەر ھېساپلىنىدۇ. كىمنىڭ ياكى قەيەردىن بولىشىدىن، كىمگە ياكى نىمىگە مۇناسىۋەتلىك بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ تارىخلا بولىدىكەن،ئۆزىگە چۇشلۇق ئارزۇ-ئارمانلارنى مۇجەسسەملىگەن ئەپسانە-رىۋايەتلىرى، قان-ياشلىق ھايات ئۇلانمىلىرىنىڭ پولاتتەك پاكىتلىرى ھەم مۇشۇ پاكىتلار ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئىدىيە-مۇلاھىزىلىرى بىلەن مەدەنىيەت غەزىنىسىنى ئۇلغايتىپ، بەلكى نۇرلاندۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ يۈزىنى يورۇق، كۆزىنى ئوچۇق، يولىنى دۇرۇس قىلىدۇ. بىر مىللەت، بىر دۆلەتكە نىسبەتەن، تارىخنى ئۇنتۇش ھالاكەتكە يۈزلىنىش ھېساپلانسا، بىر ئائىلە، بىر ئادەمگە نىسبەتەن، تارىخنى ئۇنتۇش ئاسىيلىق-كۇپۇرلۇقتىن دېرەك بېرىدۇ. تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ كۆرگېنىمىزدە، يۇقۇرىقى يەكۈننى تىخىمۇ ئېنىق ھېس قىلىپلا قالماستىن،بەلكى كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، جاھاندا بولغان ۋە بولىۋاتقان ئىشلارنىڭ شۇنچە كۆپ، شۇنچە ئەھمىيەتلىك، شۇنچە جەلىپكار ئىكەنلىكىدىن ھەيران قالىمىز. بەلكىم، نۇرغۇن زامانلاردىن بۇيان ئۆز تارىخىنى ئۆزى يوقۇتۇپ كېلىۋاتقان نادان خەلىقلەر ئۈچۈن كۆزىنى ئېچىش تىخىمۇ مۇھىم بولسا كىرەك.
دۇنيا تارىخى چوڭ-كىچىك مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي تارىخى بولسىمۇ، ئەزەلدىن تارتىپ ھۆكۈمران مىللەتلەرنىڭ يازما-قېزىلمىلىرى ئارقىلىق نامايەن بولۇپ كەلدى ھەم شۇ خىل مىللەتلەرنىڭ ساقلاش، رەتلەش، كۈزىتىش، ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئەنئەنىسى ئاساسىدا دۆلەت بىرلىكى، مىللەت ئىپتىخارلىقى سۈپىتىدە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىپ تۇردى. تارىخنىڭ يىڭى بەتلىرىدىن ئورۇن ئالالمىغان بەزى مىللەتلەرنىڭ ئاسمىلاتسىيە قىلىنىشى بىر تەرەپتىن سىياسىي، جۇغراپىيەلىك ئامىللارنىڭ سەۋەبىدىن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆز ۋۇجۇدۇدىكى پىسخېك ئامىللار سەۋەبىدىن، جۈملىدىن تارىخنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئاڭ ۋە مەدەنىيەتنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن بولدى. تارىخنىڭ ئۆزى شەپقەتسىز، ئۇنىڭ شاللاش ئوبېكتىلىرى ئوخشاشمىغان ماكان ۋە زاماندا ئوخشاشمىغان ھالەت ۋە قىياپەتتە شەكىللىنىپ تۇرىدۇ. ئىلگىرى پارلاق تارىخقا ئىگە بولغان بەزى ماكان ۋە ئاۋاملار كىيىنچە ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىشى مۈمكىن. ئەكسىچە، ئانچە كۆزگە چېلىقمىغان بەزى رايۇن ياكى خەلىقلەر بىردىنلا ئۇتۇق قازىنىپ، دۇنياۋى مىللەتلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ قېلىشى مۈمكىن. بۇ خىل رىئاللىقتىن قارىغاندا، تارىخ ئارقىلىق نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىش، تارىخ ئارقىلىق ئەۋلاد تەربىيىەلەش، تارىخ ئارقىلىق رىئاللىقنىڭ ئەڭ يىڭى تەپەككۇر يولىنى ئىزدەش، ياشاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى خالايدىغان زامانىۋى مىللەتلەر ئۈچۈن ئىنتايىن زۈرىر.
تارىخقا ھۆرمەت قىلىش– بىر خىل ئىلمىي پەزىلەت. تارىخقا باھا بېرىش– بىر خىل تەپەككۇر پائالىيىتى بولۇپلا قالماستىن، ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنى ياقلاش پائالىيىتى. ئېلىمىز جوڭگو قەدىمكى دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ تۆت چوڭ بۆشۈكلىرىدىن بىرى. ئۇيغۇر مىللىتى جوڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تەركىۋى قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن شەرەپلىك مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە مىللەتلەرنىڭ بىرسى. ئۇيغۇر تارىخى تارىم ئويمانلىقىنى مەركەز قىلغان تارىخ. جوڭگو ۋە چەتئەل ئالىملىرىنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولغان بۇ خىل تارىخىي تىندۇرما ئېچىلىش ئالدىدىكى مۇزېيغا ئوخشايدۇ.
نىھايەت،تارىخقا ئەھمىيەت بېرىش بىزدە تىخى تولۇق يېتىلمىگەن ھامىلە. ئاز ساندىكى نەشىر بويۇملىرى ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، زىيالىلىرىمىز ئارىسىدا تارىخ ئوقۇيدىغانلار ياكى تارىخ ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىدىغانلار نەچچە يۈز نەپەردىن ئاشمايدۇ. نەچچە يۈز نەپەر كادىر-خىزمەتچىلەر توپى ئارىسىدىن تارىخ تەتقىقاتىغا ئائىت ئائىت ژورنال ياكى كىتاپ تېپىلمايدۇ. دەرسلىكلەردىكى مىللەت تارىخىغا ئائىت ئاز-تۇلا بايانلاردىن ھالقىپ، بايقاپ ۋە كۈزىتىپ، بەلگىلىك خۇلاسە چىقىرالايدىغان ئىجدىمائىي پەن ئوقۇتقۇچىلىرى ساناقلىقلا. يېقىندا بىر نەپەر باشقارما دەرىجىلىك كادىرنىڭ ئۆزىدىن يىگىرمە نەچچە ياش كىچىك بىر نەپەر خەنزۇ سىتودىنېتقا سۆزلەۋاتقان پارىڭىنى ئاڭلاپ قالدىم. ئۇنىڭ “چۈشەندىرىشى“ چە، ئۇيغۇرلارنىڭ پەننىي مائارىپى يېقىنقى 50 يىل مابەينىدە بارلىققا كەلگەن مائارىپكەن. ئۇيغۇر دېھقانلار ئوچاق سېلىشنى بىلمىگەنلىكتىن، ھازىرغىچە كۆمەچ نان پىشۇرۇپ يەيدىكەن…بۇنى ئۇ يېزىلارغا مۇقىملىق خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ بارغاندا ھېس قىلىپتۇ. ياندا تۇرۇپ ئاڭلاۋېتىپ، بۇ خىل تېتىقسىز تونۇشتۇرشنى دەۋەتقان ئادەمنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدىن گۇمانلاندىم. ئۆز مىللىتىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشلۇقى بولمىغان بۇ بايقۇشنىڭ تىلىنى كېسىۋەتكىم كەلدى. ئېھتىمال، باشقا كىشىلەر ئۇنداق ئەمەستۇ، تارىخىي مەدەنىيەت بىلەن زامانىۋى مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ۋە مۇناسىۋەتنى توغرا چۈشىنىدىغاندۇر ھەم توغرا چۈشەندۈرەلەيدىغاندۇر. ئالىي مائارىپ تەربىيەسى تۇرماق، ئادەتتىكى مائارىپ تەربىيەسى، ھېچ بولمىسا ئائىلە تەربىيەسىنى ئالغان ھەرقانداق بىر ئادەم بىلىدىغان بۇ ھەقىقەت ئۇنىڭغا نېمىشقا تەسىر كۆرسەتمىدىكىنە؟
بۇ ئادەم ھەققىدە ھەسرەت چېكىۋېتىپ، ئىختىيارسىز ھالدا تارىخىمىزدىكى سەلبىي تەكرارلىنىشلارنى ئەسلەپ قالدىم. گەرچە تارىخ تەكرارلانمايدىغان ھەقىقەت بولسىمۇ، تارىخىي ھادىسىلەر ياخشى تەتقىق قىلىنمىسا ياكى ئۇنىڭدىن تېگىشلىك خۇلاسە چىقىرىلمىسا، سەلبىي ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشى مۆمكىن. دۇنيا مىقياسىدىن ئالغاندا، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئىنسانىيەتكە كەلتۈرگەن زېيىنى ئاز ئەمەس. تارىختىكى مۇسۇلمانلار بىلەن خىرىستىيانلارنىڭ سوغۇق مۇناسىۋىتى ئۆتكەن ئەسىردە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى مەركەز قىلغان پۇرۇلتارلار بىلەن غەرپ بۇرژۇئازىيىسىنىڭ مۇناسىۋىتىدە تەكرارلاندى. ئەينى ۋاقىتتا، سوۋېت سوتسىيالىزىمىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى گۈزەل، يېتىش نۇقتىسى پارلاق بولسىمۇ، چېكىدىن ئاشقان سولچىل سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكتىن، سائادەت مەنزىلىگە يېتەلمەي، جاھالەت پاتقىقىغا پېتىپ قالدى. بۇ سەھنىدە ئوينالغان قاباھەتلىك ئويۇننىڭ كۆلەڭگۈسى كىشىلەرنىڭ كۆزىنى ئېتىپ، ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى دۈشمەنلىكنى كۈچەيتتى. ئۇنىڭ قىلىقلىرى مەملىكىتىمىز جوڭگودا ”مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى“ ئاتالمىسى بىلەن تەكرارلىنىپ، نۇرغۇن بىگۇنا كىشىلەرنىڭ بېشىغا چىقتى.
ئېلىمىز تارىخىدا ”سېرىق ياغلىقلار قوزغىلىڭى“ دەيدىغان بىر خىل دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ بولغانلىقى دەرسلىكلەردىن ئايان. ئەنە شۇ ئىنقىلاپنى باستۇرۇشقا ئالدىراپ كەتكەن فىودال بەگ-سىپاھلار چاپارمەنلىرىگە “ ياغلىقىنى ئېلىپ كېلىش“ دەيدىغان مۇھىم ۋەزىپىنى تاپشۇرغاندا، قېنى قىززىپ كەتكەن چاپارمەنلەر قوزغىلاڭچىلارنىڭ بېشىنى ئېلىپ كېلىپ، ئاللىقاچان تەييارلاپ قويۇلغان ئىنئام-تارتۇقلارغا ئېرىشكەن. ئىگىسىدىن ئىنئام ئالىدىغان بۇ ئادەت ئىككى مىڭ يىل مابەينىدە “ ياغلىقىنى ئېلىپ كەل دېسە، بېشىنى كېسىپ كەپتۇ“ دېگەن داڭلىق تەمسىلگە ئايلانغان. ئاتالمىش ”مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى“دىكى خاتالىقلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تۈزىتىلدى، ئەلۋەتتە. لېكىن، شۇ مەزگەىلدە ئۆگەنگەن سولچىل نەزىرىيە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەچكە، يەنىلا تارىخىي ھادىسىلەرنىڭ تەكرارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. ئىقتىساد تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بەزى ئىشلارنىڭ تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرىۋاتقانلىقى كىشىنى خاتىرجەمسىزلەندۈرىدۇ. “ دوپپىسىنى ئېلىۋەت دېسە، بېشىنى كېسىش“ كە ئۆزگەرگەن تارىخىي تەمسىل ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يەنىلا كۈچ كۆرسىتىۋاتىدۇ. شەھەر ھاياتىنى قويۇپ تۇرۇپ، يىراق يېزا-قىشلاقلىرىمىزنى كۈزىتىپ باقساق، يىمەك-ئىچمەك،كىيىم-كىچەككە رامكا بەلگىلەپ، ھويلا تېمىنى مەجبۇرىي كېسەكلەشتۈرۈش، ئاپپاق تامغا ”تۇغۇسەن، تۇغمايسەن!“ دەپ شۇئار يېزىپ قويۇش….قاتارلىق ياشاش ئادىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرىنىۋاتقان بىمەنە ھادىسىلەرنى كۆرىمىز. ئومۇمىيلىققا ياتمايدىغان بۇنداق ھادىسىلەرنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى كىچىك بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە بېرىۋاتقان دېشۋارچىلىقى ئاز بولمىدى.مەنىۋى جەھەتتە ئانچە تەرققىي قىلمىغان، ئۆز مەنپەئەتىنى قانۇن-نىزاملار ئارقىلىق قوغداشنى تىخى ئۆگۈنىپ بولالمىغان بىر مىللەتنىڭ دېھقانلىرى ئۈچۈن، ئۇنىڭ كادىر ۋە زىيالىلىرى مۇھىم رول ئوينىشى كېرەك ئىدى. ھالبۇكى، قىسمەن كادىر ۋە زىيالىلىرىمىزدا ساقلىنىۋاتقان ”قىززىپ كېتىش“ كېسىلى بۇ خىل ھالەتكە پايدىلىق بولالمىدى. بەزى كادىرلار ھەتتا ئۆز مەيلىچە “ يىڭىچە باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى“ نى ئىجات قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۆز قەۋمىنى ئازاپلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن باشقا مىللەتلەرنىڭ كۈلكىسىگە قالدى. مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلىق مەدەنىيەتنى چۈشەنمەسلىك سەۋەپلەرنىڭ يىلتىزى بولۇشى مۆمكىن. مۇشۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تارىخ ئۆگۈنىش، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئۇزاق مۇساپىسىنى كۈزىتىش ھەم تەھلىل قىلىش قانۇنىيەتلىك ئىلگىرلەشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل.
تارىختا تارىخ ئۆگەنگۈچىلەر ھامان قانۇنىيەت بويىچە ئىش كۆرۈپ، مۇۋاپىقىيەت قازانغان. جوڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشتا گىگانت رول ئوينىغان ماۋزېدوڭ بىر ئۆمۈر تارىخ ئۆگەنگەن ھەم تەتقىق قىلغان. ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا، ئەگەر ئۇ خەلىقئارا ئىنتىرناتسىونالنىڭ گېپى بويىچە ئىش قىلغان بولسا، ئەگەر ئۇ سىتالىن بولشىۋېكلىرى سىزغان ئەگرى-توقاي “ خەرىتە “ بويىچە بويىچە ماڭغان بولسا، يىڭى جوڭگونى قۇرۇپ چىقالمىغان بولاتتى. ئۇنىڭدا داھىلارغا خاس سىياسىي سەزگۈرلىكتىن باشقا، جوڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە ماركىسىزىمنى تەدبىقلىيالايدىغان جاسارەت ۋە تارىخىي دىت بار بولغانلىقى ئۈچۈن، مەسىلىلەرگە جوڭگونىڭ ئەمەلىيىتىدىن جاۋاپ تاپقان. ياپۇن، يەھۇدى مىللەتلىرىنىڭ مىللىي غۇرۇر تەربىيەسى بىلەن خەنزۇلارنىڭ ئائىلە تەزكىرىچىلىك تەربىيەسى بۇ مىللەتلەرنى مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشتۈرگەن ھەم ئېرىشتۈرىۋاتقان زۈرىر شەرت. خەنزۇ مىللىتىدە ھەر يىلدىكى چاغاندا ئائىلە يىغىلىشى ئۆتكۈزىپ، ئاتا-بوۋىلىرى ھەققىدە تەزكىرە ئېيتىشىدىغان ياخشى ئادەت بار. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھېيت-بايراملىرىدا ئادەتتە ئائىلە تەزكىرىسى ئوقۇلمايدۇ. مىللىي قەھرىمانلارغا، ئاتاقلىق شەخسلەرگە سىغىنىش يوق دېيەرلىك. ئۆتمۈشتىكى ۋائىزلىق(داستانچىلىق) ئادىتىمۇ بارغانسىرى يوقاپ كەتتى. تارىخىي مۇزىي، كۆرگەزمەخانىلارغا بارىدىغانلار، قەدىمكى شەھەر-قەلئەلەرنى، مۇھىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورۇنلىرىنى ئارىلايدىغانلار ئىنتايىن، ئىنتايىن ئاز. ئۆزى ئوقۇمىسىمۇ، پەرزەنتلىرىنى يىتىلەپ كىتاپخانانىغا بارىدىغانلار، مۇئەللىپ تەكىتلەۋاتقان تارىخ، پەلسەپە پەنلىرىگە ئائىت كىتاپ سېتىۋالىدىغانلار ئاساسەن يوق. بۇنى ئۆزلىكنى يوقۇتۇشقا تاشلانغان قەدەم دېمەسلىككە بولارمۇ؟!
تارىخ بىر مۇقەددەس قامۇس، كىملىك ۋە ئۆزلىك ئۇنىڭ يادروسى. كىمنى بىلمەي، ئۆزلىكنى كۈچەيتىش مۆمكىن ئەمەس، ئۆزلىكنى بىلمەي، ياشاش ھوقۇقىغا ئېرىشىشمۇ مۆمكىن ئەمەس. بۇنداق ھەقىقەت جەمئىيىتىمىزنىڭ ھەر ساھە، ھەر كەسپلىرى، يۇقۇرى-تۆۋەن قاتلاملىرىغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇر فولۇكلىرى بىلەن ئۇنىڭ يازما، قازما يادىكارلىقلىرى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي ئىپتىخارى بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭ كىملىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرىدىغان ئەڭگۈشتەرى. ئەگەر بۇ ئەڭگۈشتەر يەڭگىلتەكلىك بىلەن چۆرىۋېتىلسە ياكى نادانلارچە ئۇنتۇلدۇرۇلسا، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن غايەت زور يوقۇتۇش بولىدۇ. بىچارىلىق، چۈشكۈنلىك، ھورۇنلۇق دېگەنلەر ھامان ئۆزلىكنى ھېس قىلماسلىقتىن كېلىدۇ. ئىلغارلىق ياخشى ئىش، ئەمما ئۆزلىكنى ساقلىيالمىغان ھەرقانداق بىر ئىلغارلىقنىڭ ئۆمرى كۆتە بولىدۇ. مىسال ئۈچۈن ئوخشاش ئىمتىياز، ئوخشاش ئوقۇش ۋە ئۆرلەش تارىخىغا ئىگە خەنزۇ، ئۇيغۇر كادىردىن ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئىسىم-پەمىلىسىنى نەچچە ئەۋلادقىچە دەپ بىرەلەيدىغانلىقىنى سۇراپ كۆرسەك بولىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئالدىنقىسى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ تەزكىرىسىنى نەچچە مىڭ يىللار ئالدىغا سۈرۈپ، ھەتتا خۇئاڭدى، يەندىلارغا باغلاپ سۆزلىيەلەيدۇ. كىيىنكىسى تۆتىنچى، بەشىنچى ئەجدادىغا بېرىپ، نائىلاج دۇدۇقلايدۇ. مەكتەپتە ئۆگەنگەن دەرسلىكلەر ئوخشاش بولسىمۇ، ئالدىنقىسى ئۆزىنى ئۆزلىكسىز تولۇقلاپ ماڭغان، كىيىنكىسى ئۇنداق قىلالمىغان بولۇپ چىقىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا چىقىۋاتقان ئىجدىمائىي پەنلەرگە، بولۇپمۇ تارىخ، پەلسەپە، جۇغراپىيە پەنلىرىگە ئائىت گېزىت-ژورناللارنىڭ ئوقۇلۇش ۋە ساقلىنىش ھالىتى مۇئەللىپنىڭ سېلىشتۇرمىسىدىكى ئەڭ ئاددىي ئەينەك. كۆمەچ ناننى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش، سۈپەتلىك ھەم كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشتىكى ئەنئەنىۋى ساغلاملىق ئوزۇقلۇقى سۈپىتىدە ئەمەس، ئىپتىدائىي-قالاق تۇرمۇش ئادىتى سۈپىتىدە چۈشىنىۋالغان ھېلىقى باشقارما باشلىقىمۇ بىر خىل ئەينەك.
كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ، ئەقلىمىزنى ئىلمىي تەپەككۇر! بۇ بىر تەرەققىيات زۈرىرىيىتى. ئۇچۇرلىشىۋاتقان دۇنيا تارىخنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى بارغانسىرى يۇقۇرى كۆتەرمەكتە. تارىخنى يوشۇرۇش مۆمكىن ئەمەس، ئۇنى دەستەك قىلىۋېلىشقا بولمىغاندەك، ئۇنىڭدىن نومۇس قىلىشقىمۇ بولمايدۇ. ئۆتمۈش– يېزىلىپ بولغان تارىخ، رىئاللىق يېزىلىۋاتقان تارىخ. تارىخ بەتلىرىنىڭ ھەر بىر بېتىدە ئىنسانىيەت ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جۇغلانمىسى ياكى ساۋاقلىرى خاتىرلەنگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆنا تارىخ ئۈستىدىكى يىڭى تەتقىقاتلار يىڭىچە بايقاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. يىڭىدىن قېزىپ چىقىرىلغان ئارخىولوگىيەلىك تېپىلمىلار تۆمۈر تامغا بېسىلىپ كەتكەن بەزىبىر يەكۈنلەرنى ئاغدۇرۇشقا قادىر. ئۇ خۇددىي قاتتىق مىڭىنىڭ پارتلىشىغا ئوخشايدۇ. ئاللىقاچان قېلىپلىشىپ قالغان بەزى يېزىلمىلار مۇشۇ سەۋەپتىن ئۆزگۈرىش ھاسىل قىلىشقا مەجبۇر. تارىخنىڭ ئىدىيە، نەزىرىيە ۋە ھەركەتنى يىڭىلايدىغان بۇ قۇدرىتى چەكسىز ھەم يىمىرىلمەستۇر. تارىخ ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر ئەسلىدىنلا قاراڭغۇ بولغان ياكى كىيىن خىرەلىشىپ كېتىۋاتقان دىللارنى يورۇتۇپ، ئىلگىرلەش يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. كىشىلەرنى يەڭگىللىك، گۇمراھلىقتىن ساقلايدۇ. ئۆزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، رىئاللىققا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. ئۇ ئاددىي بىلىم ئېلىش جەريانى ئەمەس، بەلكى ئىدىيە-ئەخلاق، پېسخىكا جەھەتتىكى ئەڭ چوڭ تەربىيەلىنىش جەريانىدۇر.