• 2009/04/05

    ئويغۇر مۇسۇلمان قىزنىڭ يۈرەك سۆزى - [ئۇيغۇر يىگىت_قىزلىرىغا خىتاب]

    بۈگۈن شەنبە. دەم ئېلى كۈنى بولغاچقا مەن كىتاب سېتىۋىلىش مەقسىتىدە كىتابخانىغا كەلگەنىدىم. بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقىمىكىن كىتابخانىڭ ئىچى ئادەملەر بىلەن لىق تۇلغان ئىدى. مەن تەستە مېڭىپ دىگەندەك ئۆزۈمنىڭ كەسپىگە دائىر كومپيۇتېر دەرىسلىكىگە ئائىت كىتاب تىزىلغان كىتاب جازىسىنىڭ ئالدىغا كەلدىم. ئۆزەمگە كېرەكلىك بولغان« كومپيۇتېر شىپاخانىسى» دىگەن كىتابنى قولۇمغا ئېلىپ كۆرىۋاتاتتىم. تۇيۇقسىز يېنىمدىكى ئىككى قىزنىڭ پىچىرلاشلىرى دېققىتىمنى چاچتى. «قاراڭ ئاۋۇ قىزغا كىيىنىشىگە قارىسا شۇنداق غەلىتە تۇرىدۇ. خۇددى چەت دۆلەتتىكى قىزلاردەك يۆگىنىۋاپتۇ. تېخى قولىدا كومپيۇتېرغا ئائىت كىتاب تۇرىدۇ. كىيمىگە بېقىپ ئىش قىلسىچۇ، كىيمىگە قارىسا بىر خىللا كۈرىنىدىكەن . كىچىكلا قىزكەن. لىكىن قىزلىق سالاپىتىدىن ئەسەرمۇ يوق. كىيۋالغان كىيمى ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىدۇ. تېخى شۇ ھالىغا كومپيۇتېرغا ئائىت كىتابنى قۇلىغا ئېلىۋاپتۇ كومپيۇتېرنى چۈشىنەمدىغاندۇ ، توۋا ئادەمنىڭ كۈلگىسىنى كەلتۈرۈپ ،ھالىغا بېقىپ ئىش قىلسىچۇ،» دىگەن سۆزلىرى مىنىڭ غۇرۇرۇمغا تەگدى. غەزىپىمنى قوزغىدى. ئۆرۈلۈپ ئۇقىزلارغا قارىدىم. ئۇلار جىممىدە بولۇپ قېلىشىتى. مەن كىتابنىڭ پۇلىنى تۆلىۋەتكەندىن كىيىن كىتابخانىدىن قايتىپ چىقتىم. ئۇلارنىڭ مېنى كەمسىتكىنىگە، مېنى كۆزگە ئىلمىغىنىغا قاتتىق ئازاپلاندىم. مەن ئالدى كەينىمگە قارىماي ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. ئۆيگە كىرىپلا ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتىم. ھاياتىمدا ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز كەمسىتىلىشكە ئۇچرىغان ئىدىم. قاتتىق خورلۇق ھېس قىلۋاتاتتىم. ھەدەم كېلىپ «نىمە بولدۇڭ ،نىمىگە بۇنچە يىغلايسەن،» دەپ ياشلىرىمنى سۈرتكەش ماڭا تەسەللى بەرگىلى تۇردى. مەن بولغان ئىشلارنى ھەدەمگە سۆزلەپ بەردىم. ھەدەم ماڭا بىر مۇنچە تەسەللى بەردى. مەن ھەدەمدىن بىردەم يالغۇز قۇيۇشنى ئۆتۈندۈم. ھەدەم چىقىپ كەتتى.
    ئويلۇنۇپ قالدىم. شۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ «مەن مۇسۇلمان قىز. شۇنداق بولغاچقا مۇشۇنداق يۆگۈنۈپ يۈرىيمەن. مىنىڭ كىيىنىشىم بىلەن كەسپىمنىڭ ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. مىنىڭ كەسىپتىكى نەتىجەم كىيمىم ئارقىلىق ئىپادىلەنمەيدۇ. قىزلىق سالاپىتىممۇ كىيمىم ئارقىلىق ئىپادىلەنمەيدۇ. مەن قىز بولغانلىقىم ئۈچۈن ھايانى ۋە ئىپپەتنى ئۆزۈمگە ھەمراھ قىلىپ ياشاۋاتىمەن. مەن سىلەردەك يۈرۈشنى ياقتۇرمايمەن ھەم قىزىقمايمەن. بۇ مىنىڭ مۇسۇلمان قىزلىق سالاپىتىمگە ماس كەلمەيدۇ. سىلەردەك چاچلىرىمنى ياسىتىپ ، بەدىنىمگە بىر كەلگۈدەك كىيىملەرنى كىيىپ ، يۇشۇرۇشقا تىگىشلىك بولغان كۈرۈندۈرۈپ كىيىم كىيسەم ئاندىن مىنىڭ قىزلىق سالاپىتىم نامايەن بولامتى. خاتالاشتىڭلار. مەن قىز بولغانلىقىم ئۈچۈن مۇشۇنداق يۆگۈنىشىم شەرىت. مەن كىچىكىمدىن مۇشۇنداق ئائىلىدە تەربىيلەنگەن. مەن سىلەردەك يۈرەلمەيمەن. ھەممىمىزنىڭ ئۆز ئالدىغا كىيىم -كىچەك ئادىتىمىز بولىدۇ. ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ بىلگىنىچە ، ئۆرۈپ ئادەت بويىچە كىيىنسەك بۇنىڭ نەرى خاتا . مەن سىلەرنىڭ كىيىنىشىڭلار توغۇرلۇق پىكىر بەرمەيمەن. سىلەرنىڭمۇ مىنىڭ كىيىنىشىم توغرىسىدا پىكىر قىلماسلىقىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. چۈنكى ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزئالدىغا كىشلىك تۇرمۇش قارشى، كىشىلىك كۆزقارشى بولىدۇ ئەمەسمۇ. » دىيەلمىگىنىمگە بىر ئۆمۈر ئەپسۇسلىنىمەن

     

    مەنبە دىيارىم مۇنبىرى


    收藏到:Del.icio.us




خان جەمەتى ئۇيغۇر تور خاتىرسى { يىگانە قاتىل } نىڭ قىسقىغىنە ئىجادىيتى