• 2009/04/05

    ھالال يەمسز ، ھارام يەمسز ئويلاپ يەڭ ... - [سەر خىل ئىسلامى تىمىلار]

     

    ھالال يەمسز ، ھارام يەمسز   ئويلاپ يەڭ ...

    1. سوئال: ھالال دېگەن نېمه؟
    جاۋاب: ھالال — ئۆزى پاك، تەن ساقلىققا زىیىنى بولمىغانلىقى ئۈچۈن
    ئىسلام دىنى رۇخسەت قىلغان نەرسه دېمەكتۇر . مەسىلەن: پاك ۋە تەن
    ساقلىققا زىیىنى یوق یېمەكلىك ۋە ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلغانغا،
    ھالال كەسىپ بىلەن یوللۇق ھالدا تىرىكچىلىك قىلغانغا ئوخشاش بولۇپ،
    یوللۇق ۋە توغرا ئىشلارنى قىلىش، ھالال ۋە پاك نەرسىلەرنى ئىستېمال
    قىلىش چەكلەنمەیدۇ، شۇنداق قىلغان ئادەم ساۋاب تاپىدۇ.

    2. سوئال: ھارام دېگەن نېمه؟
    جاۋاب: ھارام — پاك ئەمەسلىكى ۋە تەن ساقلىققا زىیانلىقلىقى ۋە باشقا
    سەۋەبلەر تۈپەیلى ئىسلام دىنى چەكلىگه ن نەرسه دېمەكتۇر . مەسىلەن:
    چوشقا گۆشى ۋە ھاراققا ئوخشاش پاسكىنا ۋە زىیانلىق نەرسىلەرنى
    ئىستېمال قىلغانغا، ئۆسۈم بىلەن مۇئامىله قىلغانغا ئوخشاش بولۇپ،
    ھارامنى ئىستېمال قىلىش، چەكلەنگەن ئىشنى قىلىش ئۆزىنى ئاللاھنىڭ
    ئازابىغا تۇتقانلىق ۋە ئېغىر گۇناھتۇر.
    3. سوئال: ھالال بىلەن ھارامنى بىلىشنىڭ قانداق ئەھمىیىتى بار؟
    جاۋاب : ھالال بىلەن ھارامنىڭ پەرقىنى ئایرىش، نېمىلەرنىڭ ھالال ۋە
    نېمىلەرنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلىش ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرز
    ئەیندۇر. بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقىنى بىلمىگەن ئادەمنىڭ مۇسۇلمانلىقى
    تولۇقلانمایدۇ. چۈنكى ھالال – ھارام بەندىنىڭ جەننىتى یاكى دوزىخى بولۇپ
    كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىبادەت ۋە دۇئالارنىڭ قوبۇل بولۇشى
    یاكى رەت قىلىنىشىغا بىۋاسىته تەسىر كۆرسىتىدۇ.
    4. سوئال: ھالال - ھارامنىڭ پەرقىنى ئایرىماسلىقنىڭ جازاسى نېمه؟
    جاۋاب: ئىسلام پەیغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەیھىسسالام ھارامنى ھالال
    ئورنىدا ئىستېمال قىلغۇچىلارنى دوزاخ بىلەن تەھدىت قىلىپ مۇنداق «بەدىنىنى ھارام بىلەن ئوزۇقلاندۇرغان ھەر قانداق ئادەم دوزاخقا ئەڭ ھەقلىقتۇر » : دېگەن
    ئاللاھ تائالا قۇرئان كهرىمدە .« ئى مۆمىنلەر! بىز سىلەرنى رىزىقلاندۇرغان ھالال نەرسىلەردىن یەڭلار »دەپ كۆرسەتكەن . (بەقەرە سۈرىسى 172 - ئایەت).

    5. سوئال: قانداق قىلغاندا ھارامدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟
    جاۋاب : یېمەك – ئىچمەك ۋە باشقا ھەر قانداق بىر نەرسىدە ھارام
    دېیىلگەن نەرسىلەر ۋە ئىشلاردىن چەكلىنىش، شۇنداقلا ھالال یاكى
    ھاراملىقى ئېنىق بىلىنمىگەن - شۈبھىلىك نەرسىلەردىن یىراق تۇرۇش
    ئارقىلىق ھارامدىن ساقلانغىلى بولىدۇ . پەیغەمبەر ئەلەیھىسسالام بىر ھەدىسته
    ھالالمۇ، ھاراممۇ ئېنىق ئایرىلدى . ئەمما بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا شۈبھىلىك (یەنى ھالال یاكى ھاراملىقى ئېنىق بولمىغان )نەرسىلەر بار، كۆپ ئادەملەر بۇنى بىلمەیدۇ. كىمكى شۈبھىلىك نەرسىلەردىن
    « ساقلانسا، ھارامدىن ساقلىنىپ قالالایدۇ » : دەپ كۆرسهتكهن.
    6. سوئال: یېمەك - ئىچمەكلەردە ھالال – ھارامنىڭ ئۆلچىمى نېمه؟
    جاۋاب: ئىسلام دىنىدا یېمەك – ئىچمەكلەر ھالال ۋە ھارام دەپ ئىككى
    تۈرگه بۆلۈنىدۇ . ئۆزى پاكىز، تەبىئىتى پاك، تەمى، پۇرىقى نورمال، ئىنسان
    تەبىئىتىگه یاقىدىغان، ئوزۇقلىنىش ئۈچۈن پایدىلىق، تەركىبىدە ئوزۇقلۇق
    قىممىتى بار، تەن ساقلىقىغا زىیىنى بولمایدىغان، ئىسلامدا چەكلەنمىگەن
    ھەر قانداق یېمەك – ئىچمەكنى ئىستېمال قىلىش ھالال، ئەكسىچه، ئۆزى
    پاسكىنا، تەبىئىتى پاك ئەمەس، ئادەمگه بىئاراملىق ئېلىپ كېلىدىغان، تەن
    ساقلىقىغا زىیان یەتكۈزىدىغان، مەست قىلىدىغان، ئەقىلنى بۇلغایدىغان،
    ئىسلامدا چەكلەنگەن ھەر قانداق یېمەك – ئىچمەكنى ئىستېمال قىلىش ھارامدۇر .
    7. سوئال: ھالال نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشنىڭ قانداق پایدىلىرى
    بار؟
    جاۋاب: ھالال نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشنىڭ دۇنیا ۋە ئاخىرەتلىك
    ئىنتایىن كۆپ پایدىلىرى بار.
    1) ھالال ۋە پاك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغان ۋە پاكىزلىققا )
    ئەھمىیەت بەرگەن ئادەمنىڭ دىلى پاك، كۆڭلى یورۇق، تېنى ساق، ئەقلى
    ئۆتكۈر، خاتىرىسى كۈچلۈك ۋە ھوشیار بولىدۇ.
    2) ھالال ۋە پاك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغان ئادەم تۈرلۈك
    كېسەللىكلەردىن ساقلىنىپ قالىدۇ، كۈچ – قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىپ
    قالمایدۇ.
    3) ھالال ۋە پاك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغان ئادەمنىڭ قىلغان
    ئىبادەتلىرى قوبۇل بولىدۇ ۋە دۇئالىرى ئىجابهت بولىدۇ . چۈنكى
    ئىبادەتلەرنىڭ ۋە دۇئالارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگا ھىدا قوبۇل
    بولماسلىقنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى ھارام یېیىشتۇر.
    4) ھالال ۋە پاك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغان ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ
    ھۆرمىتىگه ۋە ئىنسانلارنىڭ سۆیگۈسىگه ئېرىشىدۇ.

    مەنىبە : دىنى ئەھكاملاردىن سۇئال ۋە جاۋاپلار ناملىق كىتاپتىن.


    收藏到:Del.icio.us




خان جەمەتى ئۇيغۇر تور خاتىرسى { يىگانە قاتىل } نىڭ قىسقىغىنە ئىجادىيتى