-
2009/04/05
ئەڭ يىڭى ئىسىل دىننى كىتابلار - [لازىملىق دېتاللار]
ئەڭ يىڭى ئىسىل دىننى كىتابلار
زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر بالىلارنىڭ دىنىمىز ئىسلامنى ئۆگىنىش ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسى ۋە چۈشىنىش ئىقتىدارىغا ماس ھالدا تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان بىر قانچە رەڭلىك رەسىملىك دىنىي كىتاپلارنى تۆۋەندىكىچە تونۇشتۇرىمىز:
دىنىمنى ئۆگىنىمەن 1-قىسىم
بۇ كىتاپتا ئىمان ئاساسلىرى سۆزلەنگەن بولۇپ، بالىلار ۋە چوڭلار ئاسان چۈشىنەلەيدىغان تىلدا، رەڭلىك رەسىملەر ۋە شېئىر ھېكايىلەر ۋاستىسى بىلەن دىنىمىز ئىسلامنىڭ ئىمان ئاساسلىرى چۈشىنىشلىك بايان قىلىنغان.
دىنىمنى ئۆگىنىمەن 2-قىسىم
يۇقارىقى كىتاپنىڭ 2-قىسمى بولغان بۇ كىتاپتا ئىسلامنىڭ شەرتلىرى چۈشىنىشلىك، ئوبرازلىق بايان قىلىنغان بولۇپ، ئوقۇرمەن زىرىكىپ قالمايدۇ، ئوقۇغانسىرى ئوقۇغۇسى كېلىدۇ.
دىنىمنى ئۆگىنىمەن 3-قىسىم
يۇقارىقى كىتاپنىڭ 3-قىسمى بولغان بۇ كىتاپتا مۇسۇلمانلار ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئوقۇيدىغان دۇئالار، بۇ دۇئالارنىڭ ئەھمىيىتى، ئەسمائۇل-ھۈسنا (ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى) ئەرەپچە يېزىلىشى، ئوقۇلۇشى ۋە ئۇيغۇرچە مەنىسى بىلەن بىرلىكتە بېرىلگەن بولۇپ، ئوقۇش جەريانىدا سىزنى زىرىكتۈرمەيدىغان ھېكايە ۋە چىرايلىق رەسىملەر بىلەن زىننەتلەنگەن. (دىققەت: ئىككى يىل ئىلگىرى چىققان 1-2-قىسىم كىتاپتا بەزى ئىملا خاتالىقلىرى بار، ھازىرچە تۈزەتكىلى بولمىدى، ئوقۇرمەنلەر ئۆزلىرى تۈزىتىپ ئوقۇغاي.)
مېنىڭ گۈزەل دىنىم 1-قىسىم
بالىلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىغا ئۆزگىچە تەم، ئۆزگىچە لەززەت بېغىشلاش ئۈچۈن تەييارلانغان بۇ كىتابتا ئىبادەت، پاكىزلىق، تاھارەت، غۇسۇل، تەيەممۇم ۋە ناماز قاتارلىق تېمىلار بالىلارغا خاس تىلدىكى ھېكايىلەر، رەسىملەر، پەيغەمبىرىمىزنىڭ دۇئالىرى ۋە تەكرارلاش سۇئاللىرى بىلەن بىرلىكتە ئېنىق چۈشەندۈرۈلگەن.
چۈشۈرۈش ئادرىسى:
http://www.worldpublishings.com/images/book/uygurca/Benim_Guzel_Dinim1_ug.pdf
مېنىڭ گۈزەل دىنىم 2-قىسىم
يۇقىرىدىكى 1-قىسىم كىتابنىڭ داۋامى بولغان بۇ كىتابتا ئاساسلىق ئىبادەتلىرىمىزدىن روزا، زاكات، ھەج ۋە قۇربانلىق قاتارلىق تېمىلار بالىلارغا خاس تىلدىكى ھېكايىلەر، رەسىملەر، پەيغەمبىرىمىزنىڭ دۇئالىرى ۋە تەكرارلاش سۇئاللىرى بىلەن بىرلىكتە چۈشىنىشلىك بايان قىلىنغان.
چۈشۈرۈش ئادرىسى:
http://www.worldpublishings.com/images/book/uygurca/Benim_Guzel_Dinim2_ug.pdf
مېنىڭ گۈزەل دىنىم 3-قىسىم
يۇقارىقى كىتاپنىڭ 3-قىسمى بولغان بۇ كىتاپتا ئىسلامنىڭ ئىمان ئاساسلىرى ئوبرازلىق، كىشىنى قايىل قىلارلىق، مەنتىقىلىق شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ھەممە جەھەتتىن سۈپەتلىك بىر ئەسەر بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ھازىر ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلىۋاتىدۇ. ئىنشائاللاھ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشكەي.
بالىلار ئۈچۈن ھېكايىلەر بىلەن 40 ھەدىس
بۇ كىتاپتا بالىلارنى جەلپ قىلىدىغان، ئۇلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىغا خىتاپ قىلىدىغان قىرىق ھەدىس قىرىق ھېكايە بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ ئوبرازلىق بايان قىلىنغان، ھەر بىر ھېكايىگە ماس كېلىدىغان رەسىم كىرىشتۈرۈلگەن. قوش تىلدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ تىل ئۆگۈنۈشىگە پايدىلىق بولۇشى ئۈچۈن بۇ كىتاپنىڭ خەنزۇچىسىمۇ بار. ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچىسىنى ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇپ ئوقۇش ھەم دىنىي سەۋىيە ھەم تىل سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن كۆپ پايدىلىق.
ئۇيغۇرچىسىنى چۈشۈرۈش ئادرىسى:
http://www.worldpublishings.com/images/book/uygurca/Cocuklara_40_Hadis_ug.pdf
خەنزۇچىسى:
http://www.worldpublishings.com/images/book/chinese/cocuklara40hadis.pdf
رەھمەت پەيغەمبىرىدىن رەھمەت شاماللىرى ۋە قۇرئان مۆجىزىلىرى
بۇ كىتاپتا ئاساسلىق ئىككى مەزمۇن بار: بىرى پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىز ئۈچۈن ئۆرنەك ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇرۇش؛ يەنە بىرى قۇرئانى-كەرىمنىڭ مۆجىزىۋى تەرەپلىرىنى بايان قىلىش.
پەيغەمبىرىمىزنى تونۇشتۇرغان بايانلارنىڭ مەركىزى ئىدىيسىنىڭ ئەڭ يارقىن ئىپادىلىرىدىن بىرى كۈندىلىك ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلىرىمىزدە ئۆزئارا كۆيۈنۈش ، مەرھەمەت، مىھرى-شەپقەت قاتارلىق ئامىللارنىڭ ھەقىقىي ئىسلامى ھاياتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتە كۆرۈلىدۇ.
ئۇشبۇ كىتاب پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت ھىسسىياتى ئىچىدە يېزىلغان بولۇپ، مۇئەللىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ئەخلاقى-پەزىلىتىدىكى مۇھىم ئالاھىدىلىكلەرنى بايان قىلغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ مىھرى شەپقەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆزگە كۆرۈنەرلىك ھالدا ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.
بۇ كىتاب ئىنسانلارنى قەلبىنى پاكىزلاپ، ئاقكۆڭۈل ۋە ئەخلاقى-پەزىلەتلىك بولۇشقا چاقىرىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختلىك، سائادەتمەن ئىنسانلاردىن بولۇشقا ئۈندەيدۇ.
قۇرئاندىكى مۆجىزىلەرنى بايان قىلغان مەزمۇنلار قۇرئانى-كەرىمنى تېخىمۇ ئەتراپلىق چۈشىنىش، ئىمانىمىزنى كۈچەيتىشتە ھەقىقەتەن كۆپ پايدىلىق. (ئوقۇپ باقساڭلار بىلىسىلەر قانداقلىقىنى.)
بۇ كىتاپنى چۈشۈرۈش ئادرىسى:
http://www.worldpublishings.com/images/book/uygurca/Rahmet_Esintileri_ve_Kuran_Mucizeleri_ug.pdf
بۇ بەتتە قىستۇرمىسى بار.
http://bbs.yulghun.com/viewthread.php?tid=5223历史上的今天:
ئابدۇكېرەم ئابلىز ئىتوت كىچىلىكى 2010/04/05ئويغۇر مۇسۇلمان قىزنىڭ يۈرەك سۆزى 2009/04/05ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﮕﻪﻥ، ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ 2009/04/05ھالال يەمسز ، ھارام يەمسز ئويلاپ يەڭ ... 2009/04/05
收藏到:Del.icio.us