بەلگە ئارخىپى: apple

ئالما داھىيسى Steve Jobs نىڭ ھاياتى

ئالدىنقى قىتىم Steve Jobsنىڭ ئالما CEO ئورنىدىن سالامەتلىك سەۋەبىدىن چىكىنگەنلىكىنى خەۋەر قىلغانتۇق. ئالاھەزەل ئۇزۇن ئۆتمەي زامان تەرىپىدىن ئۆزگىرىپ كەتمەي زاماننى ئۆزگەرتىشكە بەل باغلىغان بۇ قەھرىمان بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى.

شۇ سەۋەبتىن ئالما پېيى AAPL ۋاقىتلىق سېتىلىشتىن توختىدى. سەۋەبى: بۇرۇنقى CEO شۇنداقلا appleنىڭ تۈۋرۈكى ھىسابلانغان Steve Jobs نىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتى  شىركەت پېيىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشىشىنى كەلتۈرۈپ چېقىرىشى مۇمكىن.قاچان قايتا ئەسلىگە كىلىشى ئىنىق ئەمەس. ئەلۋەتتە، iPhone4 تىن كىيىن كىشىلەرنىڭ يىڭىچە تەسەۋۇردىكى iPhone5 غا تەشانلىقىمۇ بۇ قىتىم تازا ياخشى قاندۇرۇلمىدى، پەقەت iPhone4 نىڭ بىر كۈچەيتىلگەن نۇسخىسى بولمىش iPhone4s ئېلان قىلىندى.

 بىز پەقەت يىراقتىن تۇرۇپ بۇ بىر دەۋر ياراتقان پىرسۇناژغا ھۆرمەت بىلدۈرەلەيمىز. كەتكەنلەر كىتىۋەردى، بىزمۇ ئۈزلۈكسىز ئالغا قارىمىساق بولمايدۇ.

Steven Paul ”Steve“ Jobs ھازىرقى زامان ئەركىسى Bill Gates بىلەن بىر يىل تۇغۇلغان(1955 – يىلى)، ئىككەيلەن نۇرغۇن قېتىم رىقابەتلەشكەن، كىيىن نۇرغۇن قىتىم دوستلىشىپ، نۇرغۇن قىتىم بىرلىكتە بىزگە مەنىلىك ياشاشنىڭ پەزىلەتلىرىنى بىلدۈرگەن. تۈنۈگۈنكى كۈندە مانا Bill Gates نىڭ Steve Jobs ئۈچۈن يازغان تەزىيە نوتۇقىنى كۆرۈپ ئاز قايغۇرمىدىم. كىشىلىك ئىززەت پىرىنسىپى بويىچە ھەممە ئادەمنى ئۆز خىلى بىلەن سىلىشتۇرىدىكەنمىز. مەنمۇ ئاتاماننى ئاتامان بىلەن سىلىشتۇرۇپ ئاندىن Steve Jobs نىڭ ياشىمىقىنىڭ نەقەدەر تەسلىكىنى، ئۇ ياراتقان ئىستىمال قارىشىنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن بىر ئابىدە بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئىتىراپ قىلدىم. نۆۋەتتە پەقەت مۇشۇ «apple» دەرىخىگە يامىشىپ جان بىقىۋاتقانلار دۇنيا نوپوسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگەللەيدىغان دۆلىتىمىزدىمۇ قەدەمدە بىر…

مەن بىلىكتە Steve Jobs توغۇرلۇق مۇنداق بىر ئىنكاسنى يازغىنىم ئىسىمدە:

 مەن كىچىكىمدە ئۆيلەنمىگەن نىيوتۇننى، خوتۇن ئالالمىغان نوبىلنى، سوتسىيالىزىم تەرىپىدىن بۈيۈكلەشتۈرۈلگەن ئېينىشتىيىننى بەكراق تونۇيتتۇم.2005-يىللىرى سېتېفىن خاۋكىڭ نى ھەتتا ھايات ئېينىشتىيىن دەپ تونۇپ 6-7 سائەت قاتار تۇرۇپ خەلق سارىيىدا ئۆزۈممۇ چۈشەنمەيدىغان لىكىسيەسىنى ئاڭلىغىنىممۇ مۇشۇ ئالىملارغا بولغان ھۆرمەتتىن دېيىشكە تامامەن بولاتتى. ھەم شۇلارنى مەلۇم ساھەنىڭ داھىيسى دەپ بىلگەن.
ھالبۇكى، مەن ئالما بىلەن تونۇشقان قىسقىغىنە 2 يىل ئېچىدە مۇشۇ شەخىسكە ھەقىقەتەن ھۆرمىتىم قوزغالدى. تەرجىماھالىنىمۇ ئوقۇپ كۆپ ئىلھام ئالدىم.بىر نىكاھسىز تۇغۇلغان،دادىسى تۈگۈل ئانىسىنىڭمۇ چىرايىنى بىلمەيدىغان، كۆپ ئالقىشقا ئىرىشەلمىگەن، دوستلىرى ئارسىدا دائىملا كەمسىتىلگەن، ماشىنا ساقلاش ئۆيلىرىنى تەجىربىخانا قىلىپ يۈرۈپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان، كىيىن دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئاتالغان ئونىۋىرىستىتنىمۇ تاشلاپ ئىنقىلاپ خاراكتېرلىك ئىستمال بازىرنى ئاچقان، كىيىن يەنە ئۆزىنىڭ شىركىتىدىن قوغلىنىپ باشقا يول تۇتقان، يەنە كىيىن ئۆزىنىڭ تالانتى بىلەن قۇرۇق قاسقانغا ئايلىنىپ قالغان ئالماغا قايتىپ كەلگەن، بېل گەيتىسقا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ 150مىليون ياردەم ھەل قىلىپ شىركەتنى قايتا رەتكە سالغان…. مانا بۈگۈن «دۇنيا بويىچە بازار قىممىتى ئەڭ يۇقىرى»،«ئامىركا فېدىراتسىيە ھۆكۈمىتىدىنمۇ پۇلى كۆپ»… دەپ ماختاپ ئۇچۇرلىۋاتقان «ئالما ئىمپىرىيىسى» نىڭ سەركىسى_____ سېتۋېن جوبسز.بەزىلەر ئۇنى دىننىي خاراكتىر كۈچلۈك، بۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر شۇنىڭ بىلەن بىر تائىپىدىن دەپمۇ قويىدۇ. ھەممە نەرسىنىڭ مىغىزىنى ئېغزىمىزغا سىلىۋىتىپ شاكىلىنى تاشلىۋەتسەك تامام. مەن ھەم ئۇنى ئالما داھىيسى دەپ تونۇدۇم. 
شۇ نەتىجىدە دۇنيا ئىقتىسادى ئۈچۈن ياراتقان قىممىتى بەزى كىچىك دۆلەتلەرنىڭ GDP سىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى. ئالما مەھسۇلاتلىرىمۇ ئوخشاش ئىقتىدارلىق مەھسۇلاتتىن ئەرزانكى قىممەت ئەمەس! ئىشەنمىگەنلەر خالىغان بىر مەھسۇلاتنى چېقىرىپ باشقا ئوخشاش ئىقتىدارلىق مەھسۇلات بىلەن سىلىشتۇرۇپ باققاي.
ئەڭ مۇھىمى بوۋاينىڭ بىزگە ئىلىپ كەلگىنى بىر خىل گۈزەللىك قارىشى، ئىستىمال قارىشى____ جان بېقىشنىڭ يەنە بىر يولى! 
داھىي دەپ ئاتاشقا ئەرزىمدىكەن؟

ھازىر ئۇنىڭغا قايغۇرساقمۇ بەرىبىر، بىز ئۈچۈن كەشىپ قىلىپ بەرگەن ئېسىل سەنئەت ئىجادىيەتلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇپ ، ئىلھام ئېلىپ غەمسىز ھاياتنىڭ قەدرىگە يېتىپ ياشىماغلىقىمىز مۇقەررەر.

ئوكيان تورى بۇ ھەقتە تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى بەردى:

نۆۋەتتە ئالما شىركىتى ئورگان تورىنىڭ باش بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئورنىنى جوبىسنىڭ يوغان رەڭسىز رەسىمى ۋە ‹1955-2011› دېگەن يىلنامە ئىگەللىدى. تور بېكەتتە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرنىڭ بىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ‹ئالما شىركىتى ئالدىن كۆرەر، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي تالانت ئىگىسىدىن ئايرىلىپ قالدى، پۈتكۈل ئىنسانىيەت كەم ئۇچرايدىغان ئىقتىساسلىق كىشىدىن ئايرىلىپ قالدى.›

مۇدىرىيەت بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ‹ جوبىسنىڭ تالانتى، ئۇرغۇپ تۇرىدىغان قايناق ھېسياتى شۇنداقلا ئۇنىڭ كەسىپكە بولغان زېھىن-ئىشتىياقى يېڭىلىقنىڭ مەنبەسى ئىدى. شۇ يېڭىلىقلار بەدىلىگە ئىنسانىيەت مىسلىسىز گۈزەللىككە، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى بولسا يېڭى بىر قەدەم ياخشىلىنىشقا ئىگە بولغانىدى.›

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ ھازىرقى باش ئىجرائىيە ھەيئىتى كوك ئۆزىنىڭ ‹ئالدىن كۆرەر›،‹يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي› ئۇستازىنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى.

سىتوۋ جوبىس 1955-يىلى 24-فېۋرال تۇغۇلغان بولۇپ، دۇنيادىكى نۇرغۇن داڭلىق شەخسلەرگە ئوخشاش تۇغۇلىشىدىنلا يىتىم ئىدى. ئەرەب قان سېستىمىسىدىن بولغان ئۆز ئاتا-ئانىسى ستېۋ جوبېسنى نىكاھسىز تۇغۇلغان بالا ھىسابلاپ باشقىلارغا بېرىۋەتكەن، تەربىيە ئاتىسى جوبېس ستېۋېننى 18 ياشقا كىرگۈزۈپ مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن. ستېۋ جوبېس لاما دىنىدىكىلەرنىڭ بۇتخانىسىدا تاماق يەپ يىللارنى ئۆتكۈزگەن.
ستېۋېن جوبېس 1972-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئورىگن شىتاتىنىڭ پورتلاند شەھىرىدىكى رىد ئىنىستىتۇتىدا بىر مەۋسۇملا ئوقۇغانىدى. 1974-يىلى ئۇ بىر شىركەتتە كومپىيۇتېر ئويۇنىنى لاھىيلەيدىغان خىزمەتكە ئىگە بولدى. ئىككى يىلدىن كېيىن، ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن جوبىس 26 ياشلىق ۋودنىئاك بىلەن بىللە بىر ماشىنا ئىسكىلاتىدا ئۆزلىرىنىڭ ئالما شىركىتىنى قۇرۇشتەك ناھايىتى مۈشكۈل لېكىن ئۇلۇغۋار قەدىمىنى باستى. 1985-يىلىغا كەلگەندە ئۇ زۇڭتۇڭ رىگان تەرىپىدىن بېرىلگەن دۆلەت دەرىجىلىك تېخنىكا ئوردېنىغا ئېرىشتى. 1996-يىلى، ئالما شىركىتى ئۇنى قوشۇمچە مەسلىھەتچىلىككە تەكلىپ قىلدى. 1997-يىلى 9-ئايغا كەلگەندە جوبىس يەنە قايتىدىن ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە مۇدىرى بولدى. 1997-يىلى ‹دەۋر ژۇرنىلى› نىڭ مۇقاۋىسىغا جوبىسنىڭ كېلىشكەن قامىتى بېسىلدى. 2009-يىلى بايلىق ژۇرنىلىنىڭ ئامېرىكىدىكى يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان ئىزچىل نوپوزىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئەڭ تالانتلىق CEOبولۇپ باھالاندى، شۇ يىلى يەنە دەۋر ژۇرنىلىنىڭ يىللىق داڭدار ئەربابى بولۇپ سايلاندى. 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى جوبىس باش ئىجرائىيە ھەيئەتلىك خىزمىتىدىن ئىستىپا سورىدى. جوبېس لاما دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى. 4 پەرزەنتى بولسىمۇ ئىدىيەدە كېلىشەلمىگەنلىكتىن ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتى قۇيۇق ئەمەس ئىدى. ستېۋ جوبېسنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن ئۇنىڭ مال مۈلكى ئالما شىركىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا مۇكاپات تەسىس قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە جوبىس كومپىيۇتېر ۋە كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئاتاقلىق زات شۇنداقلا ئالما كومپىيۇتېرى، ipad 、iPod、iTunes Store、iPhoneقاتارلىق سېفىرلىق مەھسۇلاتلارنىڭ مەيدانغا كەلتۈرگۈچىىسى!

تۆۋەندە مەن Steve Jobs ھاياتى ھەققىدە ئازراق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي:

史蒂芬·保罗·乔布ئېنگىلىزچە:(Steve Jobs ) ئەپەندى 1995-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى تۇغۇلغان. 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى راك كىسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى.

Apple Inc.نىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى، Pixar Animation Studiosنىڭ قۇرغۇچىسى.The Walt Disney Company نىڭ ئەڭ چوڭ پايچىكى.iPodiTunes StoreiPhoneiPad قاتارلىق جاھانغا تونۇلغان مەھسۇلاتلارنىڭ باش لاھىيەلىگۈچىسى. شۇنداقلا ھازىرقى ئەڭ ئىلغان كومپىيۇتېر Macintosh نىڭ ئىجادكارى!

قىسقىغنا 56 يىللىق ھاياتىدا ئۇچۇرغان قىيىنچىلىقلىرى سانسىز، يولۇققان زەربىلەرمۇ ئاز ئەمەس. ھەتتا ئۆز ئاتا-ئانىسىدىنمۇ ۋاپا كۆرمىگەن بىر شەخىس، بىرەر يىقىن دوستىمۇ بولمىغان، مۇھەببەت تەمىنى تولۇق تېتىمىغان، ھايات لەززىتىنىمۇ كۆپ كۆرمىگەن، ئۆزى قۇرغان شىركەتتىن ئۆزى ھەيدەلگەن، يەنە كونا قاسقانغا ئايلىنىپ قالغان شىركەتكە 15 يىلىدىن كىيىن قايتىپ كېلىپ ئۇنى بىر ئېمپىرىيەگە ئايلاندۇرغان…. بۈگۈنكى كۈندە بىزگە يۇقىرى تېخنىكا ئىستىمالىنىڭ بىر ئابىدىسىنى قالدۇرۇپ كەتتى.

خوش، ئالدىمىزغا قارايلى! Steve Jobs دەيدۇلەركى: «ھاياتىمىز دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن!»

apple داھىيىسى Steve Jobs بۈگۈن ئستىپا بەردى

بۇ پىرسۇناژنىڭ تەرجىمىھالىنى بۇ يەردىن كۆرۈش مۇمكىن.

بۇ توغۇرلۇق ھازىرچە يۇقارقى ئاددى خەۋەرنىلا بىلىپ قالساق كۇپايە.

گەپ يۇقارقىدەك.
خالاستان بىلوگى بوۋاينىڭ ئۆتمۈشىگە ھۆرمەت،بۈگۈنى ۋە كەلگۈسىگە ئىھتىرام بىلدۈرىدۇ.

كومپيۇتېرداWiFiنوقتىسى قۇرۇپ iPhoneدا ھەقسىز تورغا چېقىش

ھازىر ئەتراپىمىزدا wifi ئارقىلىق تورغا چىقىدىغان ئۈسكىنىلەر ناھايتى كۆپ. بولۇپمۇ دۆلىتىمىزدە 2009-يىلى 6- ئايدىن تارتىپ يانفون قاتارلىق سىڭدۈرمە سىستىمىلىق ئۈسكىنىلەرگە بولغان wifi چەكلىمىسىنى بىكار قىلىۋەتتى. شۇڭا سىملىق تور تارتىش قولايسىز ياكى كونا، ئاسارە-ئەتىقە خاراكتىرلىك ئىمارەتلەردە سىمسىز تورغا چىقىش ئەڭ ئىقتىسادىي ئۇسۇل ھىسابلىنىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە wifi تارقاتقۇچنىڭ قاپلاش دائىرسى ئادەتتە 50 مىتىر ئەتراپىدا بولغاچ (ئىمارەت قۇرۇلۇشى زىچ بولسا تەسىرگە ئۇچرايدۇ)، ئائىلە، ئىشخانىلاردا بۇ خىل ۋاستە ئارقىلىق تورغا چىقىش ناھايتى ياخشى تاللاش.

تۆۋەندىكى تېما سىمسىز تور سىگىنالى تارقىتىش شارائىتى ھازىرلىغان Windows7 مەشغۇلات سېستىمىسى قاچىلىغان بارلىق ئۈسكىنىلەرگە(笔记本电脑,平板电脑,台式机,服务器,工作站) ماس كىلىدۇ.

ھۆرمەتلىك خالاستان بىلوگىنىڭ ئوقۇرمەنى، ئەگەر سىزنىڭ سىمسىز روتور (无线路由器) شارائىتىڭىز بولسا كەپتەرخانىدىكى ماۋۇ تېمىدىن پايدىلىنىپ سىمسىز تور قۇرۇش مەقسىتىگە يىتەلەيسىز. مەنزىل : http://www.kokkaptar.com/blog/180.html كەپتەرۋازلار مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلىق تەمىنلەش قىلىدۇ.

ئەگەر سىزدە سىمسىز روتور يوق، ئۆزىڭىز سىمسىز تور كارتىسى سەپلىگەن(USB باشلىق،ئانا تاختىغا سانجىيدىغان ياكى لەپتوپنىڭ IEDEئېغزىغا سانجىلغان ۋە ياكى كومپيۇتېرلارنىڭ ئىچىگە ئورنىتىلغان) لا بولسىڭىز تۆۋەندىكى  تېما ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ سىمسىز تور نوقتىڭىزنى قۇرۇپ مۇستەقىل تورغا چىقالايسىز. دىققەت تۆۋەندە بولغاي(مىنىڭ سىستىمام ئېنگىلىزچە، شۇڭا مەن  ئۆزۈمنىڭ مەشغۇلات تەرتىپىم بويىچە مۇناسىۋەتلىك خەتلەرنى خەنچە يېزىپ بىرىمەن):

1.ئالدى بىلەن سىىمسىز تور كارتىسىنىڭ قۇلۇبىنى ئېچىڭ

رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئورۇندىن 网络与共享中心 دىگەننى تاللايسىز.

2.无线网络管理 دىگەننى بىسىڭ

3.كۆرنگەن رەسىمدىن 添加 دىگەنى بېسىڭ

4. رەسىمدىكى يەرنى تاللاڭ

5.مۇناسىۋەتلىك يەرلەرنى رەسىمدىكىدەك تولدۇرۇڭ.

6. تولدۇرغاندىن كىيىن تۆۋەندە رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ، كىيىنكى قەدەم

7. بىر ئاز ساقلايمىز

8.يۇقارقى باسقۇچ ئاخىرلاشقاندىن كىيىن بىز ھازىرلا قۇرۇلغان تورنى سىمسىز تور كارتىسى بىلەن ئۇلايمىز. تۆۋەندىكى رەسىمدىن قۇرۇلغان تورنى بايقاپ ئاندىن 链接 دىگەنى تاللايمىز.

9. مۇۋاپقىيەتلىك بولغان بولسا تۆۋەندىكى رەسىم كۆرۈنىدۇ. بىز مۇناسىۋەتلىك ئۈسكىنە ئارقىلىق تورنى ئىزدەپ تېپىپ كىرسەكلا بولىدۇ.

**************************************************************************************

يۇقارقى باسقۇچلار ئارقىلىق تورغا چېقىش مەسىلىسى ھەل بولدى. لىكىن قىسمەن كومپيۇتېرلار بەلكىم چىقالماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا تۆۋەندىكى باسقۇچلارنى تولۇقلاش ئارقىلىق تورغا بىمالال چىقالايسىز.

1. ئۈستىدىكى 1- باسقۇچ ئارقىلىق 网络与共享中心 دىگەن كۆزنەكنى ئاچىمىز. بۇ يەردە رەسىمدىكىگە ئوخشىمايدىغان  ھەرخىل ئۇلىنىشلا بولىشى تەبىئي.

سىز پەقەت 本地连接 ياكى 宽带连接 ۋە 无线连接دىگەن ئىككى تۈرنىلا نەزەرىڭىزگە ئالسىڭىز بولىدۇ. باشقىلىرى بىزنىڭ تەتقىقات ئوبىيكتىمىز ئەمەس، ھەم سىمسىز تور بىلەن دەخلىسىز.

2. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك . 本地连接 ياكى 宽带连接 نىڭ ئۈستىدە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىپ ئەڭ ئاستىدىكى تاللاش تۈرى (属性) تەڭشەيمىز.

يۇقارقى رەسىمدىكى 6 رەقىمى قويۇلغان ئورۇندىكى بارلىق تاللاشلارنىڭ ھەممىنى تاللاش كىرەك، يەنى 6،7 رەقىمى كۆرسىتىلگەن باسقۇچلارنى تەكرارلاپ ھەممىنى تاللىۋىتىش كىرەك. بۇ باسقۇچتا بىز ھازىر تور ئۇلىنىشى تەمىنلەۋاتقان نوقتىنىڭ ئۇلىنىشىنى سىرتقا يەنى رەسىمدىكى 无线网络连接 گە ئورتاق قىلىپ بەردۇق.

3.ئەمدى بىز 无线网络链接 دىگەننىڭ  خاراكتېرى

3.  سىمسىز تورنىڭ IP لىرىنى بىكىتىپ بىرىمىز. بارلىق تەڭشەيدىغان باسقۇچلار تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.

4. يۇقارقى باسقۇچلارنى تاماملىغاندىن كىيىن تۆۋەندىكى تور تاللاش ئورنىدىن تورنى ئۈزۈپ-ئۇلاپ(بىر تاللىساق ئۇلىنىدۇ، يەنە بىر تاللىساق ئۈزۈلىدۇ)لا باشقا ئۈسكىنىلەرنى تونىتىپ تورغا چىقىۋەرسەك بولىدۇ.

iPhone ھۆججەت باشقۇرۇش دېتاللىرىدىن ساۋات

iPhone ئىشلىتىپ باققانلارغامەلۇملۇقكى، iPhone نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشتىن بۇرۇن سىستىما ھۆججىتى تۈگۈل ئابونتلار قاچىلىغان قولىنىلىشچان دېتاللارنىڭ بىرەر ھۆججەتلىرىگىمۇ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ. Android قاتارلىق سىستىمىلارغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ھىچقانداق ئادەم apple نىڭ روخسىتىسىز يۇمشاق دېتال ئىجرا قىلالمايدۇ، يەنى apple ئۈسكىنىلىردە ئىجرا بولغان ھەر بىر قۇر كود apple نىڭ تەكشۈرىشىدىن ئۆتكەن بولىدۇ، ھىچقانداق تەرەپنىڭ (ھەتتا يۇمشاق دېتالنى ئاچقۇچىنىڭ) تارقىتىلغان يۇمشاق دېتالنى ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتىشگە روخسەت قىلىنمايدۇ.

 شۇڭا apple ئۈسكىنلىرى ئۈچۈن ئېچىلىپ appstore غا قويۇلغان 600مىڭغا يىقىن يۇمشاق دېتالدا قېتىپ قىلىش ياكى مەغلۇب بولۇش نىسبىتى 1% گە يەتمەيدۇ. مانا بۇنىڭ ئۆزى appleنى apple قىلغان، ئىستىمالچىلارنى مەھسۇلاتقا شۇنچىۋالا تەشنا قىلغان سىر! ئىنىقكى، apple مەھسۇلاتلىرىغا ئىشلىتىلگەن قاتتىق دېتالنى نۇرغۇن شىركەتلەر ئىشلىتەلەيدۇ، ئەمما غايەت كۆپ يۇمشاق دېتالنى ھازىرچە پەقەت apple لا شۇنداق سۈپەتلىك باشقۇرالايدۇ.

خوش، ئەمسە بىز تۈرمىدىن قاچقان ئۈسكىنە ئۈچۈن ھۆججەت باشقۇرۇش (يېزىش، ئوقۇش، ئۆچۈرۈش) مەشغۇلاتى قىلىدىغان بىر نەچچە دېتالنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەيلى. ئىھتياجغا ئاساسەن تاللاپ ئىشلەتسەك كۇپايە.

1. i-funbox. بۇ يۇمشاق دېتالنى مەن ياقتۇرۇپ ئىشلىتىمەن. دۇنيادا مۇشۇ تۈردىكى دېتاللار ئېچىدە ئىشلىتىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى، باھامۇ ئەڭ ياخشى.ھۆججەت باشقۇرۇشرىن سېرىت يەنە ئۈسكىنىنى بارماق دېسكا قىلىپ ئىشلىتىش،IPA فورماتىدىكى دېتاللارنى قاچىلاشئۆچۈرۈش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ھازىرلىغان. چۈشۈرۈش ئادىرسى http://i-funbox.com/

2. iTools . جوڭگولۇقلار ياسىغان يۇمشاق دېتال. ئىشلىتىش يۈزى ئاددى، ئىقتىدارى كۆپ، ئەمما تولا نەشىر يىڭىلاپ باش ئاغرىتىدىغان دېتال. ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە چۈشۈرۈش ئادىرسى

3. «91 چوماقچىسى» 91手机助手نى كۆپىنچى يىڭىلار ئىشلىتپ باققان.بۇ دېتالنىڭ «لۈكچەك» خاراكتىرى بولغاچ ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. لىكىن يىڭى ئۇچراشقانلار ئۈچۈن يەنىلا يامان ئەمەس تاللاش.

4.MobileFinder. يۇقاردا تونۇشتۇرۇلغان دېتاللارغا يانداش بولۇپ، ئىقتىدارى مۇكەممەل ئەمەس، ئەمما ئاددى. http://www.onegreen.org/iPhone/HTML/5114.html

5. Mobile Squid بۇ دېتالنىڭ ئىقتىدارى ھۆججەتلەرنىڭ خاراكتىرىھوقۇقىنى تەڭشەش.

6. iFile . بۇ دېتال iPhone غا قاچىلىنىدىغان بولۇپ تۆۋەندىكى تېمىدا ئىشلىتىلىشى ھەققىدە بىر قەدەر تەپسىلىي مەلۇمات بار. ../2150.html

7. iDos بولسا iPhone غا قاچىلىنىدىغان Disk Operating System بولۇپ خۇددى كومپيۇتېردا ئىشلەتكەندەك، ئۈسكىنىنىڭ ئىچكى ھۆججەتلىرىنى زىيارەت قىلىشقا بولىدۇ.يىڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە ماس كەلمەيدۇ.2000-يىللاردىن بۇرۇن كومپيۇتېر ئۆگەنگەنلەرگە بۇ خىل قارا ئىكرانلىق دىسكا مەشغۇلات سىستىمىسىنىڭ بۇيرۇقلىرى يادا. بۇ دېتالنى Cydia دىن قاچىلاشقا بولىدۇ.

iPhone 5 ھەققىدە پەرەزلەر

ئالما(Apple Inc.) شىركىتىنىڭ ھەر بىر مەھسۇلاتى ھازىر تەھلىلچىلەرنىڭ «جۆيلۈپ ئويناش»ىغا ئەڭ خوش ياقىدىغان ئەرمەك بولۇپ قالدى. دېمىسىمۇ ھەممە ئادەم Apple دەپلا يۈرگەن ئىكەن، ئادەتتىكى بىر تېلفونمۇ مۇشۇنداق ھەممە دىققەت قىلىدىغان نوقتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

نۆۋەتتە تور دۇنياسىدا Appleنىڭ كىيىنكى ئەۋلاد iPhone ھەققىدىكى قاراشلار ساماندەك. ئەلۋەتتە خالاستان بىلوگىمۇ ئۆز يولىدا تورداشلارغا پەرەزى ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلەپ تۇرغان. تۆۋەندە بۇ ھەقتە بىر قەدەر پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان قاراشلارنى رەتلەپ ۋە مەن نەزەرىنىڭ پەرەزلىرىنى قوشۇپ يازما تەييارلاپ چىقتىم. Apple مەھسۇلاتلرىغا كۆز تىكىۋاتقانلارغا ئاز تولا پايدىسى بولار. ئەمىليەتتە بۇ پەرەزلەرنى ۋاقتى كەلگەندە Stave Jobs ئېلان قىلسىلا راست-يالغىنى ئايرىلىدۇ.

1. كىيىنكى ئەۋلاد iPhone نىڭ نامى iPhone 4Sبولىدۇ. خۇددى 2-ۋە3- ئەۋلادقا ئوخشاش پەقەت نەشىر كۆتۈرشكە ئوخشايدۇ. ئىقتىدارى ئاشىدۇ، ئەمما چوڭ ئۆزگىرىش كۆرۈلمەيدۇ. بۇ يەردىكى S دېيىلگىنى speed يەنى سۈرەتنى كۆرسىتىدۇ.

2. iPhone نىڭ ئىكرانىدا ئارتۇقچە ئىقتىدار كۇنۇپكىلىرى قوشۇلمايدۇ، ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ ئاۋاز كونتىرول ۋىكلىيۇچاتىلىغا ئىغىرلىق سەزگۈچ ۋىكلىيۇچاتىلىنى بىرلەشتۈرىدۇ.

3. قاتتىق دېتالى ياخىشلىنىدۇ. A5 تىپلىق CPU سەپلىنىدۇ، 8مىليۇن پېكسوللىق ئىنىقلىتىكى سۈرەت سەزگۈچ كۆزى ئىشلىتىلىدۇ.

4. ئىكراننىڭ پۈتۈن قىسمىغا سەزگۈچ نوقتا ئورنىتىلىدۇ. ئىكران چوڭىيىدۇ.

5. يىقىن ئارىلىق سىمسىز ئالاقە تېخنىكىسى  (NFC) ئورنىتلىدۇ. بۇ ھەقتە خالاستان بىلوگىدىن بايان.

6. apple شىركىرى بەلكىم ئىككى خىل iPhone ئېلان قىلىشى مۇمكىن. سەپلىمىسى ئوخشاش ئەمما  چوڭ-كىچىكلىكى ئازراق پەرقلىق.

7. مۇشۇ يىل 9-ئايدا ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن. 10-ئايلاردا جوڭگوغا كىرىشى مۇمكىن.

8. CDMA2000 نۇسخىدىكى iPhone5 كىيىنرەك ئېلان قىلىنىدۇ، ھەمدە جوڭگوغا مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا كىرىدۇ. تېلېگىراف خەۋەرلىشىش ئابونتلىرىغا خوش خەۋەر كىيىنرەك…

9. جوڭگونىڭ ئۆزى ئاچقان،TD-SCDMA ئۆلچىمىدىكى 3G تورىغا ماس iPhone بۇ يىل بازارغا كىرمەيدۇ. كۆچمە خەۋەرلىشىشمۇ TD-SCDMA نىڭ دەرىجىسىنى بىراقلا TD-LTE غا كۆتۈرۈپ iPhone4G دېگەن نامدا كىلەر يىلنىڭ ئوتتۇردا ئېلان قىلىشى مۇمكىن.

10. كىلەر يىلى Apple تۆۋەن سەپلىمىلىك iPhone ئېلان قىلىپ ئوتتۇرا قاتلام ئىستىمالچىلارغا يۈزلىنىشى مۇمكىن (مۇمكىنچىلىكى كىچىكرەك).

iPhone نىڭ كۆكچىش(BlueTooth)نى يېشىش ئۇسۇلى

كۆكچىش(BlueTooth)نى(خەنچە 蓝牙) نۇرغۇنلىرىمىز ئاڭلاپ باققان. شۇنداقلا بازاردىكى 20 سوملۇقتىن 20000 سوملۇققىچە بولغان تېلفونلاردا ئاساسەن ئوموملاشتى، باشقا ھەركەتچان ياكى بىقىندى ئۈسكىنىلەرمۇ بۇ خىل مۇھىت
نى ئىشلىتىۋاتىدۇ. لىكىن ئالما مەھسۇلاتلىرىدىكى كۆكچىش(BlueTooth) بىر قەدەر ئالاھىدە بولغانلىقتىن يىڭى ئۆگەنگۈچىلەر تۈگۈل پىشقان ئالمىچىلارمۇ تولۇق پايدىلىنىپ بولالمىدى.

Appleنىڭ قايسى خىل مەھسۇلاتى بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئاساسەن دېگۈدەك كۆكچىش(BlueTooth)نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. بۇنىڭ بىرىنجى سەۋەبى، دەل كۆكچىش تېخنىكىسىنىڭ نۆۋەتتىكى بىر قەدەر پىشقان يىقىن ئارىلىق ئۇچۇر يەتكۈزۈش كىلىىشمى بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئىككىنچدىن، كۆكچىش(BlueTooth) ئۈسكىنىلىرىنىڭ تەننەرخى تۆۋەن. ئۈچىنچىدىن، بۇنداق ئۈسكىنىلەرنىڭ ئۆزئارا قوللاشچانلىقى ياخشى، قوللىنىلىش دائىرسى كەڭ.تۆتىنچدىن، كۆكچىش(BlueTooth) ئىشلىتىدىغان سىگىنالنىڭ قاپلاش دائىرسى يىتەرلىك، شۇنداقلا بۇ سىگىنالنىڭ چاستوتىسى ھەقسىز، ھىچقانداق ئورۇنغا ھەق تۆلىمەيلا بۇ چاستوتىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىرىشكىلى بولىدۇ.

appleمەھسۇلاتلىرى ئامىركانىڭ «ئۈن-سىن بۇيۇملىرى نەشىر ھوقۇقىنى قوغداش نىزامى» دىكى بەلگىلىمە ۋە شىركەت ئۆزىنىڭ نەشىر ھوقۇقى تۈزۈمى بويىچە ھۆججەت كۆچۈرۈش مەشغۇلاتى چەكلەنگەن. لىكىن تىڭشىغۇچقا ئۇلاپ ئاۋاز ئۇزۇتۇشقا ياكى تور سېگىنالىنى ئورتاق تارقىتىشقا بولىدۇ.

تۈرمىدىن قاچۇرۇش قانۇنلۇق دەپ ئېلان قىلىغاندىن كىيىن نۇرغۇن 3-تەرەپ يۇمشاق دېتاللىرى بارلىققا كەلدى. ئاساسلىقى BlueTooth IM ,BlueTooth Image ,BlueTooth logo theme,  BlueTooth Mode, BlueToothToy…. دېگەندەك. ئىقتىدارلىرى ھەرخىل، بۇ يەردە ھەممىنى تەھلىل قىلىپ ئولتۇرمايمىز، زۆرۈر بولغاندا ئۇدۇللۇق تەھلىل قىلساق كۇپايە . ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ قاتتىق دېتال سەپلىمىسى يۇقىرى، شۇڭا ئۈسكىنىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن ئېچىۋىتىلگەن يۇمشاق دېتاللاردىن كۆپرەك پايدىلىنىپ ھاجىتىمىزدىن چىقىشقا تىرىشىمىز.

مەن تۆۋەندە كۆكچىش(BlueTooth) دىن پايدىلىنىپ iPhone, iPodTouch, iPad دا ئادەتتىكى تېلفونلارغا ئوخشاش ھۆججەت كۆچۈرۈش مەشغۇلاتى قىلىشنى تونۇشتۇرىمەن. تەپسىلىي بولسۇن ئۈچۈن باسقۇچقا كۆپ بۆلىۋەتتىم، ئەمما ئوڭاي.

1. ئۈسكىنە چوقۇم تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان بولسۇن. دەرسلىكنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.

2. Cydia غا apt.178.com ئادىرىسلىق مەنبەنى قوشۇڭ. دەرسلىكنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ ، شۇنداقلا تۆۋەندىكى دېتاللارنى ئىمكان بار مۇشۇ مەنبەدىن قاچىلاڭ.

3. Cydia دىن نۆۋەتتىكى ئەڭ ياخشى مەشغۇلات باشقۇرۇش دېتالى sbsettings نى قاچىلاڭ. دەرسلىك . بۇ دېتالنىڭ ئىقتىدارى ناھايتى كۆپ، خالاستان بىلوگىمىز بۇرۇنمۇ تەشەببۇس قىلغان يەنە ئىزچىل تەشەببۇس قىلىدۇ. تۆۋەندىكى باسقۇچلارنى تاماملىمىغاندا بۇ دېتال ئارقىلىق iPhone, iPodTouch, iPad نىڭ ھەر خىل ئىقتىدارلىرىنى بىۋاستىلا كونتىرول قىلغىلى بولىدۇ.

4. Cydia دىن ھۆججەت مەشغۇلاتى دېتالى iFileنى قاچىلاڭ. بۇ دېتالمۇ ھۆججەت مەشغۇلاتى ساھەسىدە ئەڭ ياخشى ھىسابلىنىدۇ. iPhone ئىچىدىكى ھەرقانداق ھۆججەتنى خالىغانچە تەھرىرلىگىلى، ئۆچۈرۈش-كۆچۈرۈش مەشغۇلاتى قىلغىلى بولىدۇ. بۇ ھۆججەتنىڭ چوڭ كىچىكلىكى 2.9MB

ئەگەر تۆۋەندىكى باسقۇچلارنى تاماملىمىغاندا بۇ دېتال ئارقىلىق iPhone, iPodTouch, iPad قاتارلىقلارغىلا ھۆججەت يوللاشقا بولىدۇ.

5. Cydia دىن يۇقارقى دېتاللارنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئىشلەيدىغان ، كۆكچىش(BlueTooth) باشقۇرۇش جەھەتتە ئەڭ قولاي دېتال Celeste نى قاچىلاڭ.

6. ئۈسكىنىنى قايتا قوزغىتىڭ.

7. iPhone نىڭ 设置-通用-蓝牙 دېگەن بەلگىلەش تاللانمىسىدىن كۆكچىش نى تاقىۋىتىڭ. ئىكراندىكى باتارىيەنىڭ يىنىغا كۆكچىش بەلگىسى چىقىۋالمىسىلا بولىدۇ.

8. ئىكراندا سائەتنىڭ بەلگىسىنى قوش چەكسىڭىز رەسىمدىكىدەك ئىقتىدار تاللانما كۆزنىكى چىقىدۇ. بۇ يەردىن Celeste نى ئاچىسىز(يىشىل رەڭ ئوچۇق). ئەسكەرتىش: ئالدى بىلەن Cydia نىڭ ئىچىدىن Sbsettings نىڭ قاچىلانغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىڭ. ئاندىن ئىكرانىدىكى سائەت تەگلىكى رايونىدا قوش چېكىڭ، ئوڭ-سولغا سۈرۈڭ،ياكى بېسىپ تۇرۇپ… چوقۇم بىر خىل ھالەتتە قوزغىلىدۇ.

9. iFileنى ئېچىپ يوللىماقچى بولغان ھۆججەت (ھۆججەت قىسقۇچ بولسا پىرىسلاڭ!) نى تاللاپ ئۈستىدە بارماقنى توختاتسىڭىز بىر ئىقتىدار تېزىملىكى چىقىدۇ.

بۇ تاللاشتىن 选择 نى تاللاپ چىققان بەتنىڭ ئاستىدىن رەسىمدىكىنى تاللايسىز.

كىيىنكى قەدەم

ئەمدى ئۈسكىنە ئەتراپىدىكى 蓝牙 ئېچىلغان ئۈسكىنىلەرنى ئىزدەيدۇ. ۋە سىز بىرنى تاللىغاندىن كىيىن تۆۋەندىكى رەسىمدەك

جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن يۇقاردا كۆرۈنگەن نومۇرنى ھۆججەت يۆتكىمەكچى بولغان ئۈسكىنىگە تولدۇرسىڭىزلا ئىش تامام.

قوشۇمچە:

بۇ دېتالدا تۇرۇپ يەنە باشقا ئۈسكىنىلەردىن ھۆججەت قوبۇللاشقىمۇ بولىدۇ. تەرتىپى يۇقارقى تەرتىپتىكى 9- قەدەمگىچە(iFileنى ئاچقان ھالەت) بولىدۇ.باشقا ئۈسكىنىدىن يوللايمىز. قوبۇل قىلغان ھۆججەتلەر /var/mobile/received دە بولۇپ، ئىھتىياجىمىزغا ئاساسەن يۆتكەپ ئىشلىتىمىز.

قوشۇمچە2:

8-باسقۇچتا تاللاش ئىناۋەتسىز بولىۋالغانلار

http://dl.dbank.com/c0xe0n1mi1

ئۇلىنىشتىن

mobilesubstrate_0.9.3367-1_iphoneos-arm.deb دېتالنى چۈشۈرۈپ


دە كۆرسىتىلگەن ئورۇنغا قويۇپ ئۈسكىنىنى قايتا قوزغاتقاي.

«iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» پۈتتى

ئارىمىزدا ئالما مەھسۇلاتلىرىنى يىڭىدىن تونۇغانلار كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. شۇڭا خالاستان بىلوگىدىن نەزەرى ۋە مۇركەبىر بىرلىكتە يىڭى ئۈگەنگۈچىلەرنىڭ بۇ «قىممەت» ئۈسكىنىدىن ئەتراپلىق پايدىلىنىشى ئۈچۈن «iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» تۈزۈپ تارقاتتۇق.

كىرىش سۆزى:

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!

قەدىرلىك ئاكا-ئىنى، ھەدە سىڭىل! مەن خالاستان بىلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى نەزەرى. خالاستان بىلوگى بولسا «شىنجاڭ ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى»(XJMac.com) نىڭ تارمىقىدىكى كىچىك بېكەت. مەن «شىنجاڭ ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى» تە ئۇستازلاردىن ئۆگەنگەن بىلىملەرنى تېخىمۇ چۈشىنىشلىك، ئاددى يوسۇندا بىلوگ ئارقىلىق تارقىتىۋاتىمەن خالاس.

ئىلمنىڭ زاكىتىنى بېرىش تەشۋىقى بىلەن بىلوگ قۇرۇلغاندىن بىرى نۇرغۇن ئىلىمسۆيەر قىرىنداشلارنىڭ مەدىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە بىلوگلار ئارسىدا مەلۇم تەسىرگە ئىگە بولدى. بولۇپمۇ زامانىمىزنىڭ ئەڭ ئەركە مەھسۇلاتى بولغان iPhone,iPod,iPad قاتارلىق ئۈسكىنىلەرگە كەسپىي تېخنىكىلىق مەسلىھەت تەمىنلەش شۇئارى بويىچە يول تۇتۇپ كەڭ ئالما ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ.

ئىنىمىز مۇركەبىر يىقىندا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئالما ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن تەييارلىغان iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسنىڭ ئورگىنالىنى ماڭا تاپشۇرغان.مەن بىخلان ئەپەندىنىڭ كۆرۈپ بەرگەن پىكىرى ۋە ئۆزۈمنىڭ ئەمەلىيىتى ئارقىلىق مەزمۇنلارغا يىڭىلاش ئېلىپ باردىم. ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىشلىرى بىلەن كود ئالماشتۇرۇش(ئەسلى مەزمۇن پۈتۈنلەي كىڭەيتىلگەن رايۇندا يېزىلغان)، تەھرىرلەش، بەت ياساش ئىشلىرىنى سەل كىچىكتۈرۋەتتىم.

ئاددىي چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي :بۇ كىتابتا سۆزلەنگەندە مەزمۇنلار گەرچە iPhoneھەققىدە بولسىمۇ بارلىق مەزمۇنلار دېگۈدەك ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن بولغان iPhone,iPod,iPadغا ماس كىلىدۇ. شۇنداقلا بۇ 3 مەھسۇلاتنىڭ مەشغۇلات سىيستېمىسى پۈتۈنلەي ئوخشاش. iPhoneئەسلى ipod touch ئاساسىدا ئىشلەنگەن. ipod touchقا تېلفون ئۇرۇش، يول باشلاش ئىقتىدارى قوشۇلسا  iPhoneغا تەڭداش كىلىدۇ. iPad بولسا ئىكرانى چوڭايتىلغان ipod touchقا باراۋەر دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.

ئاددىيلا كىتابچە، ئاددىيلا لايىھە، ئاددىيلا مەزمۇن… خالاستان بىلوگىنىڭ كەڭ ئالما ھەۋەسكارلىرى، يىڭىدىن ئالما مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۇچراشقانلار ۋە ئۇچراشماقچى بولغانلارغا بەرگەن ئاددىي سوۋغىسى.

كىتابچىنىڭ بارلىق مەزمۇنلىرىنى يېزىپ، رەسىملىرىنى بىر-بىرلەپ سىزىپ چىققان مۇركەبىرگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. بىلىك كۇلۇبىدىكى ئالىمجاننىڭ قىممەتلىك پىكىر بەرگىنىگىمۇ كۆپ رەھمەت. خوش، ئوقۇرمەننىڭ دىققىتى تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا بولغاي…

كىتابچىنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسى : ../load/iPhone.pdf

ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق،wikipedia بولسا دەۋرىمىزدىكى تەسىر دائىرسى ئەڭ چوڭ، ئىچىۋىتىلگەن بىلىم ئامبىرى بولۇپ 200 دىن ئارتۇق تىلدا يىزىلغان چوڭ بىلىم قامۇسى. ئۇيغۇرچە مەزمۇنلارمۇ مەلۇم نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. مەن كومپيۇتېر ۋە باشقا يۆتكىلىشچان ئۈسكۈنىلەرگە چوقۇم قاچىلايدىغان ئۇستاز سۈپەت قۇرالنىڭ بىرى دەل Wikipedia.ۋىكىپېدىيە ھەققىدە كۆپ سۆزلىمىسەممۇ ھەر بىر بىلىم خۇمارىغا مەلۇملۇق___ ۋىكىپېدىيە بولسا زامانىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى،ھەقسىز بىلىم ئامبىرى.

پۈتۈنلەي دېگۈدەك پىدائىيلار تەرىپىدىن مەزمۇن قوشۇلۇپ تەھرىرلىنىدۇ. ھازىر ئۇيغۇرلاردىنمۇ بىر ئىككى ئادەم ئۈزلۈكسىز يىڭىلاۋاتىمىز.ئىشىنچا ۋاقتى بار قىرىنداشلارنى http://ug.wikipedia.org/wiki/Bash_Bet غا چىقىپ كۆرۈپ ئۈگىنىشكە يەنە خالىغانچە مەزمۇن يىڭىلاشقا تەكلىپ قىلىمىز.

خالاستان بىلوگى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنلا مەن بىلىك كۇلۇبىدا ئۇيغۇرچە ۋىكىپېدىيە نىڭ ئامبىرىنى ياساپ تارقاتقان. كىيىن ئازراق مەسىلە بايقىلىپ بۈگۈن يەنە ئىملا، مەزمۇن بىر قاتار تەكشۈرۈلۈپ ئەڭ يىڭى نەشرى تارقىتىلدى.

بۇ ئامبار سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ئاپتورلۇق ھوقوقى، خاتا چۈشەنچە شۇنداقلا جوڭگونىڭ قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق جاۋابكارلىققا خالاستان بلوگى مەسئۇل بولمايدۇ. بۇنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكۈچى چوقۇم دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنلىرىغا ئاڭلىق بويسۇنغان ئاساستا پايدىلىنىشى شەرت.

بۇ ھەقتە پۈتۈنلەي قوللاش ۋە تېخنىكىلىق ياردەم، مەسلىھەتلەر خالاستان بىلوگىدىكى ئايرىم بەتتە ئېلىپ بىرىلىدۇ. قىنى نەزەرىڭىزنى نەزەرىنىڭ بۇرۇنقى يازمىسىغا يۆتكىگەيسىز.

iPhoneمۇ ipv6 غا ئېھتىياجلىق (ipدىن ساۋات)

ip دىگەنلىك Internet protocol نىڭ قىسقارتمىسى بولۇپ خەلقئارا تور كىلىشىمى دېيىلىدۇ. بۇ كىلىشىم ئىشلىتىلگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە پەقەت كومپيۇتېر ۋە مۇلازىمتېرلار ئۈچۈن تەمىنلەنگەن، كىيىنچە مەخسۇس ئورگان(ICANN) تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇپ سودا، پەن تەتقىقات ئىشلىرى ئۈچۈن ھەقلىق سېتىپ بېرىلگەن. نۆۋەتتە يۆتكەلمە ئۈسكىنىلەرنىڭ تورغا بىقىنىشچانلىقى بەك يۇقىرى، شۇڭا ھەركەتچان ip ئارقىلىقمۇ مەلۇم مىقداردىكى ئۈسكىنىنىڭ تورغا چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

بۈگۈن ئوقۇش پۈتتۈرۈش ھارپىسىدا كەسپىي كىتابلارنى رەتلەۋىتىپ دەرسىلىكتىن ipv6نىڭ كىيىنكى ئىستىقبالىنى iPhoneنىڭ ئومۇملىشىشىغا باغلاپ تۇرۇپ پەننىي ماقالىدىن بىرنى تەييارلاشنى ئويلاپ قالدىم.چۈنكى يۆتكەلمە ئۈسكىنىلەرنىڭ سانى ئاشسا تورغا بولغان تەلەپ تىز ئاشىدۇ. بولۇپمۇ apple ئۈسكىنىلىرىنى تورغا بىقىنىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى دېيىشكە بولىدۇ، تورسىز مۇھىتتا 2 سائەت ئىشلىتىشنىڭ ئۆزى بىر جاپا.

2011-يىلى 6-ئاينىڭ 8- كۈنى خەلقئارا ipv6 كۈنى قىلىپ بىكىتىلىپ، دۆلەت-رايۇنلار ئارا يىڭى نەشىردىكى ip غا قوللاش، تەشۋىق ئېلىپ بىرىلدى. ئەلۋەتتە، تورغا چېقىدىغان ئۈسكىنە كۆپەيسە ئۇنىڭغا كىرەكلىك سالاھىيەتمۇ كۆپىيىدۇ. قىنى بۇ ھەقتە ئەڭ مۇھىم بولغان ipنىڭ يىڭى نەشرى ipv6 ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەي. ئۇيغۇر تورداشلارمۇ بۇنىڭدىن كىيىن بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى كۆپ ئاڭلايدۇ، ھەم ئاز-تولا چۈشەنگەچ تۇرسا شىنجاڭدا شىنجاڭ ئونىۋىرسىسىتىدىن باشقا جايلاردىمۇ ipv6 ئېچىلسا ھەممەيلەن بۇنىڭ پايدىسىنى كۆرىدۇ.

ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق، ھەر بىر كومپيۇتېر خەلقئارا تورغا چىقىشى ئۈچۈن چوقۇم ip ئادېرىسقا ئىرىشىشى كىرەك. Ip ئادېرسى بولمىغان كومپيۇتېر توردا باشقا كومپيۇتېر تەرىپىدىن بايقالمايدۇ، ھەم ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارالمايدۇ. يۆتكەلمە ئۈسكىنىلەرمۇ شۇنداق. تۆۋەندىكى يازمىدىكى تورغا چېقىدىغان ئۈسكىنى تېپىغا بارلىق تورغا ئۇلىنىش ئىقتىدارى ھازىرلىغان مەھسۇلاتلار كىرىدۇ. مەيلى مۇقىم تور، كەڭ بەلباغ،wifi، ياكى GPRS بولمىسۇن ھەممىسى مۇشۇ كاتىگورىيەگە كىرىدۇ. ئادەتتە قىسقارتىپ ئېيتىلغان ip سۆزى نۆۋەتتە بىز ئىسلىتىۋاتقان ipv4 نى كۆرسىتىدۇ. ئككىسىنىڭ ئادىرىس كەڭلىدىن باشقا ماھىيەتلىك پەرقى يوق.

1.نىمىشقا ipغا ئىھتىاجلىق بولىمىز؟

تۇرمۇشىمىزدا بىز يوللىغان ھەر بىر خەت ئىككى ئادىرىسقا ئىگە بولىدۇ. كەلگەن ئادىرىس ۋە بارىدىغان ئادىرىس. توردىكى ھەر بىر سانلىق-مەلۇمات بولىقىمۇ ئوخشاشلا ئىككى ئادىرىسقا : كەلگەن ئادىرىس ۋە نىشان ئادىرىس قا ئىگە. بۇ ئادىرىسلار ئۇچۇرنىڭ ئوخشىمىغان كومپيۇتېر، مۇلازىمتېر ياكى مەۋھۇم كومپيۇتېرلار ئارسىدا يەتكۈزۈلىشىنى بەلگىلەيدۇ. بەزى كومپىيۇتېرلار سىرىتقا نىسبەتەن بىر نەچچە ئادىرىسقا ئىگە بولىشى مۇمكىن. شۇنداقلا بىر نەچچە ياكى بىر نەچچە يۈز كومپيۇتېرمۇ سىرىتقا نىسبەتەن بىرلا ئادىرىسقا ئىگە بولىشى مۇمكىن. مانا مۇشۇ ئادىرىسلار دەل بىز دىمەكچى بولغان ip ئادىرىسنى كۆرسىتىدۇ. بەزى ئادىرىسلار پەقەت قىسمى توردا ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن 192.168.1.1 دېگەندەك. بەزىلىرى چوقۇم ئاشكارا توردا ئىشلەيدۇ، مەسىلەن 111.123.23.43 دېگەندەك. ئاشكارە توردا ھەر بىر كومپيۇتېر ياكى مۇلازىمتېر پەقەت بىرلا ئادىرىسقا ئىرىشىدۇ، لىكىن قىسمى تورلاردىكى ئادىرىسلار سىرىتقا كۆرۈنمىگەچ ئايرىم قىسمى تورلاردا ئوخشاش ئادىرىس تەكرارلانسا بولىدۇ. خەلقئارالىق ئاشكارە توردىن قىسمى توردىكى مۇلازىمتېر(تورغا ئۇلانغان ھەرقانداق ئۈسكىنە ئۇچۇر تارقاتسىلا مۇلازىمتېر بولالايدۇ)نى قىسمى تورغا بىرىلگەن ئاشكارە ئادىرىس (كوممۇتاتور)ئارقىلىق زىيارەت قىلىمىز، قىسمى تور ئىچىدىكى كومپيۇتېرنى زىيارەت قىلىشتا ئاۋۋال ئاشكارە ئادېرستىن قىسمىي تور مۇلازىمتېرى(بۇ بەلكىم بىر كومپيۇتېر ياكى روتور بولىشى مۇمكىن) ئادىرسىنى تېپىپ ئاندىن قىسمى تور ئىچىدىكى ئۇلىنىش ئىغزىغا ئاساسەن نىشان كومپيۇتېرنى زىيارەت قىلىمىز. مەسىلەن 111.123.23.43 نىڭ ئىچىدىكى بىر كومپىيۇتېرنىڭ قىسمى تور ئادىرسى 192.168.1.1 بولسا، ھەم قىسمىي تور مۇلازىمتېرى بۇ كومپيۇتېرغا سەپلەپ بەرگەن ئۇلىنىش ئىغىزى 2345بولسا بىز 111.123.23.43:2345 ئارقىلىق بۇ كومپيۇتېرنى زىيارەت قىلىمىز. بۇ جەريان كومپيۇتېر تورى تېخنىكىسىدىكى ئەڭ ھالقىلىق نوقتىلارنىڭ بىرى . قىسقارتىلىپ NAT تېخنىكىسى دەپ ئاتىلىدۇ.

2.ip ئادىرسى بىز ئۈچۈن نىمە ئىش قىلىپ بىرىدۇ؟

ھازىر نۇرغۇنلىغان يۇمشاق دېتاللار چوقۇم ip ئىشلىتىدۇ. لىكىن بىز نۇرغۇن ئىشلىتىلىش ئورنىنى كۆرۈپ ئۈلگۈرمەيمىز خالاس، مەسىلەن: كومپيۇتېرنىڭ تۆۋەن قاتلام ئالاقىسى. ئەڭ ئاددى قوللىنىلىشىنى ئېلىپ ئېىيتساق، بىر توربەتنى زىيارەت قىلىش ئىھتىياجىمىز تۇغۇلسا بىز تور كۆرگۈگە قارشى تەرەپنىڭ تور بىكەت ئادىرسىنى يازىمىز. تور كۆرگۈ دەرھاللا بىر پىروگرامما-ئادىرىس چۈشەندۈرگۈچى (DNS) نى قوزغىتىپ تور بىكەت ئادىرسىنى ماس ھالدىكى ip غا ئايلاندۇرىدۇ. تور كۆرگۈ يۇقاردا ئىرىشكەن ip ئارقىلىق بىزگە مەنزىل بىكەتنى كۆرسىتىدۇ.

3.ip ئادىرسى سانى قانچە؟

بۇرۇن ۋە ھازىر كۆپىنچىمىز ئىشلىتىۋاتقان ipv4 نىڭ لاھىيە ئۆلچىمى 32 خانىلىق 2لىك سىستىمىدىكى رەقەم ئىدى. بۇنداق بولغاندا ئەڭ كۆپ بولغاندا 2نىڭ 32 دەرىجىسى دانە ip ئادىرىس بولۇپ  2نىڭ 32 دانە(4 294 967 296) ئۈسكىنە خەلقئارا تورغا بىۋاستىلا ئۇلىنالايتتى. ئەپسۇس، بۇلارنىڭ ئېچىدىن ھەقىقى خەلقئارالىق تورغا بېرىلگەن ئادىرىس سالمىقى ئاز، دۆلىىتمىزگە بىرىلگەن سانى تېخىمۇ ئاز بولۇپ سان جەھەتتىن ماسساچۇستىس سانائەت ئونىۋىرىسىتىتى ئىگە بولغان ip سانى بىلەن تەڭ دېگۈدەك. نۆۋەتتە ئىشلىتىش تەكىتلىنىۋاتقان ipv6 لاھىيەسىدە 128 خانىلىق 2 لىك سىستىمادىكى ئادىرىس تەمىنلەنگەن بولۇپ 2نىڭ 128 دەرىجىسى دانە ئادىرىس بار بولۇپ قىممەت جەھەتتىن 34نىڭ كەينىگە35 نۆل قويۇلغان سانغا تەڭ. بۇ ئادىرىسلاردا يەر شارىدىكى ھەر بىر قۇم دانچىسىغا ئادىرىس بېرىلسىمۇ يەنە ئىشىپ قالىدۇ. مەڭگۈ تۈگىمەس ئادىرىس دېيىشكە بولىدۇ. دۆلىتىمىز ئىگە بولغان ئادىرىس بۇنىڭ 1% گە يەتمەيدۇ، لىكىن نورمال ئىھتىياجدىن چىقىدۇ.

4.بىز ipv4 نى تولۇق ئىشلىتىپ بولساق قانداق مەسىلە كىلىپ چىقىدۇ؟

ئاسىيا رايۇنىدا يۆتكەلمە ئۈسكىنىلەر ئەڭ تىز سۈرەتت ئىشىۋاتىدۇ، نۆۋەتتە تىلگىراف تەمىنلىگۈچى شىركەتلەر پەقەت قىسمى تور شەكلىدە مەۋجۇت بولغاچ بۇ مەسىلە بەك ئوتتۇرغا چىقمىدى. ھەممە ئۈسكىنىلەر بىۋاستە ip غا ئىرىشىشىنى تەلەپ قىلسا پەقەتipv6 غا تايىنىپلا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىمىز.

5.ipv4نىلا قوللايدىغان تور بىكەتنى ipv6 توردا زىيارەت قىلىشقا بولامدۇ؟

بولمايدۇ. چۈنكى ipv4 بىلەن ipv6 نىڭ ماس ئالماشتۇرۇش پىرىنسىپى يوق. بەزى بىكەتلەر (google) ئۆزلىرى ipv4,ipv6 قوش ئادىرىس ئىشلىتىدۇ. بەزىلىرى بولسا پەقەت بىرنىلا. مەسىلەن: خالاستان بىلوگى پەقەت ipv4 ئادىرىس قوللايدۇ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىچكى تورلىرى دىگۈدەك ipv6 نىلا قوللايدۇ.

6. IPv6دا ipv4 بىكەتنى قانداق زىيارەت قىلىمىز؟

پىرىنسىپ جەھەتتىن بۇنداق ماس ئالماشتۇرۇش يوق، لىكىن نۇرغۇن مۇلازىمەت تورلىرى ۋاستىلىك ھالدا ئۆزلىرى ipv4 بىكەتلەردىن ئىرىشكەن ئۇچۇرلارنى ipv6 لاھىيەسىدە فورماتلاپ(ipv4نى ipv6دا غىلاپلاش بولۇپ كەسپىي ئاتالغۇسى تونىل تېخنىكىسى) باشقىلارغا ھەقلى-ھەقسىز مۇلازىمەت شەكلىدە تەمىنلەيدۇ. بۇنىڭ ئۇسۇلى vpn بىلەن ئوخشاش بولۇپ NAT64 دەپ ئاتىلىدۇ.  Ipv4 دا ipv6نى زىيارەت قىلىشمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىن. يۇقارقى تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ ئىچكىردە پەن-تەتقىقات ياكى ئىھتىياج ئۈچۈن دۆلىتىمىزدە ئېچىلمايدىغان youtube,tWritter,FaceBook… دېگەندەك تورلارغا چىقىدۇ.

7.ipv4 يەنە قانچىلىك مەۋجۇت بولىدۇ؟

ئەگەر ئۈسكىنە خەلقئارالىق تورغا بىۋاستە ئۇلىنىپ خەلقئارالىق ئادىرىسقا ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلمىسا ipv6 نى ئىشلىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. پەقەت سىرىتقا ئېچىلغان مۇلازىمتېرلا ipv6 قوللىسا، بۇ ئادىرىسنى ئىچكى قىسىمداNAT ئارقىلىق ipv4 غا ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتىش مۇمكىن. شۇڭلاشقا كەلگۈسى 10 نەچچە يىل ئىچىدە قىسمىي توردىكى ipv4 مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

8.بىكەت ipv6 دا قۇرۇلغان بولسا ipv4 دىكىلەر قانداق زىيارەت قىلىدۇ؟

6ipvنىلا قوللايدىغان تور بىكەتنى ipv4 توردا زىيارەت قىلىشقا بولمايدۇ. ھازىرقى تورلار ئاساسەن ھەر ئىككى خىل مۇھىتنى قوللايدۇ، بارلىق كومپيۇتېرلارغا ipv6 ئادىرىس تەقسىملىنىپ بولۇنغاندا ئاندىن ipv4 ئشىتىن توختايدۇ. شۇڭا بۇنداق شارائىتتا يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان NAT تېخنىكىسى ئارقىلىق بىكەتنى زىيارەت قىلىش مەقسىتىگە يىتەلەيمىز.

9. نىمىشقا NAT نىلا ئىشلىتىپ (يەنى قىسمى توردىكى مۇلازىمتېرنى سىرىتتىن ئادىرىس+ئىغىز شەكلىدە زىيارەت قىلىپ) ipv6 غا كۆچۈشتىن ساقلانمايمىز؟

بۇ خىل ئۇسۇل بۇرۇن كارغا كەلگەن، ھازىر قىسمى توردىمۇ كومپيۇتېرلارنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئىشىۋاتىدۇ. NAT مۇلازىمتېردىمۇ چەكلىك ئادىرىس بار، شۇنداقلا NAT مۇلازىمتېرىنىڭ ئىجرا سۈرىتى تورنىڭ بىۋاستە سۈرىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ قويىدۇ. Ipv6 غا تولۇق كۆچۈپ بولغاندا NAT تېخنكىسى ئىشلىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.

10.شىنجاڭدىكى ipv6 سانى قانچىلىك بولار؟

رايۇنلار ئۆزلىرى ئىگە بولغان مۇلازىمەت سانىغا ئاساسەن نىسبەتلەشتۈرۈپ ئۈلىشىدۇ. شۇڭا ئادەتتىكى ئىستىمالچىلارنىڭ بۇنىڭغا باش قاتۇرىشى ئارتۇقچە. پەقەت پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن باشقا يەرلەرمۇ ipv6 ئادىرسى ئىشلەتسە ھازىرقىدەك مۇقىم ip قىممەت بولۇش مەسىلىسگە خاتىمە بەرگىلى بولۇش بىلەن بىرگە يەنە چەكسىز كۆپ ئۈسكىنىگە خەلقئارالىق تور ئادىرىسى (سالاھىيەت ئىسپاتى) بەرگىلى بولىدۇ. ئۇ چاغدا يەنە بىر مەسىلە DNS مۇلازىمتېر تەلىپى يۇقىرى مەسىلىسى چېقىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنىمۇ تور تېخنىكلىرى ۋاقتىدا ھەل قىلىشى مۇمكىن.

تەييارلىغۇچى : خالاستان بىلوگىدىن نەزەرى.

iOS5 ئىلان قىلىنمايلا تۈرمىدىن قېچىپ بولدى

de>>ئالدىنقى تېمىمىزدا iOS5 نى ماختاپ ئۇچۇرۇپ، تونۇشتۇرۇپ بولدۇق. تېخى WWDC 2011 دا ئەمدى ئېلان قىلىغان iOS5 نىڭ سىناق نەشرى بۈگۈنكى كۈندە چەتئەلدىكى خاككىرلار تەرىپىدىن تۈرمىدىن قاچۇرلۇپ بولۇندى.

ios5 كە يىڭىلاش تەمىنلەيدىغان ئۈسكىنىلەر ipodtouch3,ipodtouch4,iPhone3Gs,iphone4,ipad1,ipad2,iTV1,iTV2 قاتارلىقلار بولۇپ، 9- ئايدا ئېلان قىلىنىدىغان iPhone نىڭ 5-ئەۋلاد نەشرى iPhone4s كىمۇ قاچىلىنىدۇ. يىل ئاخىردىكى ipad3 مۇ مۇشۇ نەشىرنى قوللايدۇ. ھازىر تورلاردا تارقالغىنى apple دىكىلەر دېتال ئاچقۇچىلارغا تەمىنلىگەن سىناق نەشرى بولۇپ ھەقىقى نەشرى يىقىندا چىقىدۇ.

iTunes10.5Beta نەشرىدە تۇرۇپ نەشىر كۆتۈرۈشكە بولىدۇ. http://developer.apple.com/devcenter/ios/index.action

مۇناسىۋەتلىك نەشىر كۆتۈرۈش سىناق بولىقىنى تۆۋەندىكى ئادىرىستىن چۈشۈرگەي. داۋاملىق ئوقۇش