خالاستان بىلوگىنىڭ تېخنىكىلىق يازمىلىرى ئۈزلۈكسىز ….
بۇ تېما جەمئىي 4 باسقۇچ: 1. ساۋات، تەييارلىق 2. تۈرمىدىن قاچۇرۇش 3. كومپيۇتېردا يىتەكلەش 4. ياماق قاچىلاش
مەسىلىگە يولۇققانلار ماس قەدەمنى ئەسكەرتىپ مەسلىھەت سورىغاي.
1. ساۋات، تەييارلىق
iOS5 نىڭ گېىپىنى قىلىۋاتقىلىمۇ خىلى بولدى.بەزى تورداشلار ۋە رەشىدكامدەك كونا ئالمىچىلارمۇ نەچچە چېقىپ نەچچە چۈشۈپ بولدى. مەنمۇ تولا iPhone ئالماشتۇرۇپ يۈرۈپ رەسمىي ھوزۇرىنى سۈرۈشكە ئۈلگۈرمىگەن. ئالدىنىقى ھەپتە قايتا iOS5 كە كۆتۈرۈپ بىرىنچى ھىس قىلغىنىم___ سۈرەت تىزلىشىپتۇ. يەنە بىر يارقىن نوقتا دەل iCloud. iCloudھەققىدە بۇرۇنمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش بەرگەن. ھازىر ئادەتتىكى ئەزالارغا 5Gلىق بوشلۇق ئېچىپ بىرىلگەن بولۇپ، بارلىق دېتاللار، سېتىۋالغان ناخشا- مۇزىكىلار، ئالاقە، ئۇچۇر، پېلان …خاتىرسى ئاپتوماتىك ھالدا ئابونتنىڭ بارلىق iCloudقوللايدىغان ئۈسكىنىلىرى ئارسىدا ماسقەدەملىشىپ ماڭىدىكەن. يەنى مەن ئۆزۈمنىڭ MacBookPro دا ئىشلەتكەن ھۆججەت، سېتىۋالغان ناخشا- مۇزىكىلار، ئالاقە، ئۇچۇر، پېلان …خاتىرسى قاتارلىقلار مەن iCloud ھىساب نومۇرۇمنى كىرگۈزگەن ئۈسكىنىلەرگە ئاپتوماتىك يىڭىلىنىدىكەن.
يەنە بىر يېرى شۇكى Safariنىڭ سۈرىتى ۋە ئىقتىدارى بۇرۇنقىدىن كۆپ ئېشىپتۇ. نۇرغۇن ئادەم Safariنى دەپلا نەشىر كۆتۈرىۋاتىدۇ.Androidقا تەقلىد قىلىغان يېڭى ئەسكەرتىش ئىقتىدارمۇ بەك يىقىشلىق بولۇپتۇ. پىقىرمۇ شۇنداق…
تۆۋەندە مەن تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسىلىكىنى باشلايمەن. بۇ دەرىسلىك ئارقىلىق قاچۇرۇلغان ئۈسكىنە ”غەيرى رەسمىي تۈرمىدىن قېچىش“ دەپ ئاتىلىدۇ. ”غەيرى رەسمىي تۈرمىدىن قېچىش“— نامۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىشتىن يەنە بىر دەرىجە ئاشۇرۇلغان، ئەمما مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىشقا يەتمىگەن ھالەت. ئالاھىدىكى: ئۈسكىنە ئەگەر كومپيۇتېر بىلەن يىتەكلەش شارائىتى يوق شارائىتتا قايتا قوزغالسا تېلىفون ۋە ئۇچۇر قاتارلىق ئاساسلىق ئىقتىدارلارنىلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، باشقا ئىقتىدارلار كومپيۇتېردا يىتەكلىگەندىن كىيىن ئاندىن ئەسلىگە كىلىدۇ.
كىيىنچە مۇكەممەل قېچىش ئۇسۇلى چىققاندا ئۈستىدىن يەنە بىر مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۋەتسەكلا ھىچقانداق ئۇچۇر، دېتال يوقىمايدۇ. خاتىرجەم مەشغۇلات قىلىشقا بولىدۇ.
بۇتېمادىكى دەرىسلىك ماس كىلىدىغان ئۈسكىنىلەر:بارلىق iOS5 كە كۆتۈرگىلى بولىدىغان ئۈسكىنىلەر. ئامېركا نەشىردىكى قۇلۇپلۇق iPhone لار بۇ نەشىرگە كۆتۈرمەڭ. قۇلۇپ يېشىشكە بولمايدۇ.
1. ئاۋۋال ئىشلەتكۈچىنىڭ مۇھىم نەرسىلىرىنى زاپاسلىۋىلىشىنى ئەسكەرتىمەن (باسقۇچى: ئۈسكىنە iTunesغا چېتىلغان ھالەتتە ئۈسكىنە نامى ئۈستىدە ئوڭ كۇنۇپكا تېزىملىكىدىن 备份نى تاللىساق بولىدۇ).
2.ئاندىن ئورگان بېكەتتىن iTunes نىڭ ئەڭ يىڭى نەشرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ.http://www.apple.com.cn/itunes/
3. iOS5 نىڭ ئەڭ يىڭى نەشرى 5.0 نىڭ نەشىر كۆتۈرۈش بولىقىنى چۈشۈرۈڭ.http://www.app111.com/iOS.html#touch4
4. نەشىرنى 5.0 غا كۆتۈرۈڭ. باسقۇچى: ئۈسكىنىنى كومپيۇتېرغا ئۇلاپ DFU ھالەتكە كېرىڭ(دەرىسلىك)، iTunesدا ئۈسكىنە تونۇغانلىق ئەسكەرتىشى چىقىدۇ، جەزىملەشتۈرۈڭ. ئۈسكىنە نامىلا كۆرۈنگەن ھالەتتە Shiftكونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ iTunesدېكى 恢复 نى تاللاپ كۆرۈنگەن كۆزنەكتىن ماس نەشىر كۆتۈرۈش بولىقىنى تاللاپ بەرسەكلا تامام. 10مىنۇتلۇق جەرياندا تۆۋەندىكى قۇرلارنى كۆرۈڭ.
ئەگەر نەشىر كۆتۈرۈش جەريانىدا 3200、3002 قاتارلىق خاتالىقلارغا يولۇقسىڭىز 4-باسقۇچىنى قايتا سىنىغايسىز. ئەگەر يەنە ئوڭشالمىسا Windows XP دىكىلەر C:Documents and SettingsApplication DataApple ComputeriTunesiPhone Software Updates نىڭ ئىچىدىكى ، Win7 دىكىلەر C:Users%username%AppDataRoamingApple ComputerMobileSyncBackup ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى باشقا جايغا يۆتكىۋەتكەي. ئۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئاندىن 4-باسقۇچنى سىنىغاي.
3194 خاتالىققا يولۇققان بولسىڭىز بۇ تېمادىن كۆرگەيسىز.../1954.html
5. تۈرمىدىن قاچۇرۇش دېتالى redsn0w 0.9.9b7 نى چۈشۈرۈڭ.http://dl.dbank.com/c0dxsb5wb9 ياكى ئورگان بېتىدىن چۈشۈرۈڭ http://www.redsn0w.us/2010/03/download-direct-links-jailbreak-guides.html
2. تۈرمىدىن قاچۇرۇش
1. RedSn0w نى قوزغىتىپ Jailbreakنى تاللايمىز ۋە كۆرۈنگەن كۆزنەكتىن next نى باسىمىز.
2. كىيىنكى كۆزنەكتە توختاپ ئۈسكىنىنى ئۆچۈرىمىز. رەسىم:
3.بۇ باسقۇچ دەل رىۋايەتلەردىكى DFU غا كىرىش بولۇپ ماس تېمىنى كۆرۈڭ ياكى تۆۋەنگە قاراڭ.
ئاۋۋال ئۈسكىنە توك مەنبە(ئۈستىدە) كۇنۇپكىسىنى 3 سېكونت بېسىپ تۇرىمىز.
ئۇلاپلا ئىكران ئاستىدىكى ”قايتىش،Home“ كۇنۇپكىسىنى 10سېكونت بېسىپ تۇرىمىز.بۇ جەرياندا توك مەنبە(ئۈستىدە) كۇنۇپكىسىنى قويىۋەتمەيمىز.
ئۈستىدىكى مەنبە كۇنۇپكىسىنى قويىۋىتىپ ”قايتىش“ كۇنۇپكىسىنى ئۈزلۈكسىز بېسىپ تۇرىمىز.
بۇ جەرياندا ئۈسكىنە ئۆچكەن ھالەتتە بولىدۇ، لىكىن كومپيۇتېر بىر ئۈسكىنە چېتىلغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
يۇقارقى باسقۇچتىن كىيىن ئەگەر تۆۋەندىكىدەك
ئۇچۇر چىقسا 3-باسقۇچنى قايتا تەكرارلاڭ.
4. ئۈسكىنە ئىكرانىدا خەت كۆرۈنمەي، Redsn0w بىر تالاي مەشغۇلاتلارنى تاماملىغاندىن كىيىن تۆۋەندىكى باسقۇچ كۆرۈنىدۇ.
بۇباسقۇچتىن install cydia نى تاللاپ nextنى باسىمىز.
5. بۇ باسقۇچتا ئۈسكىنە خۇشال-خورام ھالدا تۈرمىدىن قېچىۋاتقان بولىدۇ. دەسلەپتە ئىكران بىر نەچچە رەڭ تۈزەپ (ئاقىرىپ، قارىداپ … دېگەندەك) ئاندىن بىر ئېكران قۇر كود كۆرۈنىدۇ. بۇ پۇرسەتتە بىز پەقەت كۈتسەكلا بولدى. ئۈسكىنگە چېقىلماڭ.
يۇقارقىغا ئۇلاپلا تۆۋەندىكى باسقۇچنى تاماملاڭ!
3. كومپيۇتېردا يىتەكلەش
يىتەكلەش جەريانى بۇرۇنقى 4.3.4 ۋە 4.3.5 لار ئۈچۈن تەييارلانغان يازمىدىكى باسقۇچلار بىلەن ئوخشاش بولۇپ بۇ يەردىن كۆرۈشكە بولىدۇ.../2559.html
باسقۇچى تۆۋەندىكدەك:
1.ئۈسكىنە قايتا قوزغالغاندىن كىيىن redsn0w نى يەنە قايتا قوزغىتىپ extrasنى تاللاپ next نى باسىمىز.
2. كىيىنكى كۆزنەكتىن Just boot نى تاللاپ next نى باسىمىز. ئاندىن ئۈسكىنە مەنبە كۇنۇپكىسىنى (ئىنكاس بولمىسا قايتىش كۇنۇپكىسى بىلەن مەنبە كۇنۇپكىسىنى تەڭ بېسشىقىمۇ بولىدۇ) بېسىپ ئۆچۈرىمىز دە كىيىنكى باسقۇچقا كىرىمىز. جىددى بولسۇن!
3. بۇ باسقۇچ دەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش جەريانىدا سۆزلەنگەن 2-، 3- باسقۇچلار بولۇپ قايتا تەكرارلىمىدىم. شۇ جەرياننى ئۆز ئەينى تەكرارلىسىڭىزلا تامام. DFU غا كىرىش باسقۇچى.
4. DFU دىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن يەنە ئىزچىل Homeنى بېسىپ تۇرىمىز. بۇ ۋاقىتتا كومپيۇتېرغا بىر نەچچە قىتىم ئۇلىنىپ يەنە ئۈزۈلىدۇ. ئىكراندا يىرىمىنى چاشقان يەۋالغان مىۋە كۆرۈنگەندىن كىيىن قويىۋىتىمىز.
5.ئۈسكىنە قوزغىلىپ نورمال ئىكرانغا كىرىدۇ. ئەگەر كىرمىسە 3-باسقۇچنى يەنە تەكرارلاڭ. ئىكراندا Cydia نورمال بولسا ھەم safari تورغا چىقسا مەشغۇلاتنىڭ مۇۋەپقىيەتلىك بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
4. ياماق قاچىلاش
يۇقارقى باسقۇچلاردىن كىيىن ئۈسىكىنە تۈرمىدىن قېچىش مەشغۇلاتىنى تاماملىغان بولدى. لېكىن خاككېرلارنىڭ تېخنىكىلىق ساپاسى تۈپەيلىدىن بۇ قىتىملىق تۈرمىدىن قېچىش مۇكەممەل ئەمەس. شۇڭا بىر قىسىم مەسىلىلەر كىلىپ چىقىشى مۇمكىن.
1. ئەگەر Cydia غا مەنبە قوشقىلى بولمىسا تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە سىستىما تىلىنى english قا ئۆزگەرتىپ ھەل قىلىمىز. 设置-通用-多国语言-英语
2. ئەگەر يۇقارقىدىمۇ ئوڭشالمىسا كىرگۈزگۈچنى ئۆچۈرۋىتىمىز. settings-general-internationalkeborad- تىن english تىن باشقا كىرگۈزگۈچلەرنى ئۆچۈرۈپ باقساق بولىدۇ.
3.ياماق قوشۇش. بۇ ياماق دەل كوميىيۇتېر يوق چاغدا ئۈسكىنىنى قايتا قوزغىتىپ تېلىفون قىلىش ۋە ئۇچۇر يوللاشقا كارغا كىلىدۇ. باسقۇچى:
ئاۋۋال Cydia غا كىرىپ يىڭىلايمىز (تورغا ئۇلانسىلا ئاپتوماتېك). ئاندىن http://thebigboss.org/semitether نى قوشىمىز. ھەم ئۇنىڭ ئىچىدىكى دېتالنى قاچىلايمىز.
Cydia نىڭ نىمىلكىنى بۇ تېمىدىن كۆرۈڭ.