بەلگە ئارخىپى: ipad2

Pod 2g يىقىندا iPad 1/2/3 ۋە iPhone 4/4S لەرنىڭ 5.1.1 دىكى مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىشىنى ئېلان قىلىدۇ

بۈگۈنكى خەۋەرگە قارىغاندا ئالدىنقى قېتىم ipad1/2 لەرنىڭ iOS نىڭ 5.0.1 دىكى مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىشىنى تارقاتقان پارتىزان تېخنىك Pod 2g يىقىنقى بىر نەچچە كۈن ئېچىدە iPad 1/2/3 ۋە iPhone 4/4S لەرنىڭ 5.1.1 دىكى مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىشىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە بارلىق ئۈسكىنىلەر 5.0.1 دە مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچىدۇ. iPad 2 ۋە The New iPad شۇنداقلا 5- ئەۋلاد iPhone ئاتالغان iPhone 4s لەر 5.1 دا تۈرمىدىن قاچمايدۇ، باشقا ئۈسكىنىلەر ئالما يۆتكەلمە ئۈسكىنىلىرى مەشغۇلات سىستمىسى iOS نىڭ 5.1 ۋە 5.1.1 دا نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچىدۇ.

5.1.1 نىڭ نامۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىش ئۇسۇلىنى سىناپ باققۇچىلار مەرھەمەت 

شۇنداقلا 5.1 نەشىردىكى ئۈسكىنىلەرنى shsh بار شارائىتتا RedSn0w0.9.11b4 ئارقىلىق 5.0.1 غا چۈشۈرۈپ تۈرمىدىن مۇكەممەل قاچۇرغىلى بولىدۇ. نەشىر تۆۋەنلىتىش دەرىسلىكى

5.0.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرىسلىكى 

يۇقارقى ئۈسكىنىلەرنىڭ 5.1 دىكى مۇكەممەل تۈرمىدىن چىقماي تۇرۇپلا تېخنىكلىرىمىز 5.1.1 غا ئۆتۈپ كەتتى. شۇڭا بىز ئۈچۈن 5.1 نىڭ كۆپ ئەھمىيىتى قالمىدى. نەشىر كۆتۈرۈش ئويىدىكىلەر ئويلىنىپ ئىش كۆرگەي. iPhone 3Gs  نىڭمۇ 5.1 دىكى مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىشى يوق. 5.1.1 دە يەنە قالدۇرلۇپتۇ. بۇنىڭغا يەنە بىر ئاز كۈتۈش كىرەك بولدى. مۇناسىۋەتلىك تورداشلار خەۋەردار بولغاي.

I0n1c دىكىلەر iOS 5.1 iPad 2 A5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بولدى

تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ نىمىدىن دىرەك بىرىدىغانلىقىنى كۆپىنچىمىز چۈشىنىمىز. ئاددى تىل بىلەن ئېيىتقاندا مەشغۇلات سىستىمىسىنىڭ باشقۇرغۇچىلىق ھوقۇقىنى مەجبۇرى قولغا كەلتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. يىپىق مەشغۇلات سىستىمىلارغا نىسبەتەن ئېلىپ بىرىلغان بۇنداق بۇزغۇنچىلىق شۇ مەشغۇلات سىستىمىسى ياراتقان ئىكولوگىيەنى بۇزۇش بەدىلىگە بىر قىسىم كىشىلەرنى ئۆزىگە تەئەللۇق بولمىغان يۇمشاق دېتاللاردىن بەھرىمان بولۇش پۇرسىتى يارىتىدۇ.

ئالدىنقى قېتىم A5 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتلگەن iPad2 ۋە iPhone 4s تىن باشقا ھەممە ئۈسكىنىلەرنىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىش ئۇسۇلى چېقىپ، ئارقىدىنلار تارىختىكى ئەڭ ئوبرازلىق تۈرمىدىن قېچىش دېتالى ئېلان قىلىنغان. يەنى ئەڭ مۇكەممەل ھىسابلانغان A5 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ(SamSung ئىشلەپ چىقارغان) نى تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان.

ئالدىنقى كۈنى بۇرۇنقى تۈرمىدىن قاچۇرۇش مۇتەخىسسلەر گۇرۇپپىسى iPhone Dev team ھازىرقى ئەڭ يىڭى نەشىر 5.1 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرغانلىق خەۋىرىنى بەردى. لىكىن بۇ تۈرمىدىن قاچۇرۇش يەنىلا A5 دىن باشقا CPU ئىشلىتلگەن ئۈسكىنىلەرگىلا كارغا كىلەتتى.

بۈگۈن يەنە تۈرمىدىن قاچۇرۇش پارتىزانى I0n1c نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا A5 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلتىلگەن iPhone 4s ۋە iPad 2 لەرنىڭمۇ تۈرمىدىن قاچقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. iPad 2 گە نىسبەتەن تولا قوزغىتىش ئارتۇقچە بولغاچ بۇ خىل ئۇسۇلدا تۈرمىدىن قاچۇرۇشمۇ ھەقىقەتەن خوشاللىنىلارلىق ئىش.

تۆۋەندە مۇناسىۋەتلىك رەسىلەرنى كۆرەيلى.

دېمەك، ھازىر Apple نىڭ بازاردىكى بارلىق مەھسۇلاتلىرىنى تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى چىقتى. تېخىمۇ مۇكەممەل نۇسخىسى ئېلان قىلىنسىلا خالاستان بىلوگى ۋاقتىدا ئاۋامغا ياڭرىتىدۇ.

iPad نى كومپيۇتېرىڭىزدىمۇ ئىشلىتىپ بېقىڭ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداشلار!

ئەگەر سىزدە Apple نىڭ كوزۇرى بولغان iPadنى ئىشلىتىپ بېقىش  ئويى بولسا مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا يەنى ھازىرلا سىناپ  كۆرۈڭ.

قېنى مەرھەمەت

3GفورماتلىقiPad جوڭگوغا كىرگىلى بىر ھەپتە بولدى

3GفورماتلىقiPad جوڭگوغا كىرگىلى بىر ھەپتە بولدى. ئەمما ئىستىمالچىلارنىڭ قىزغىنلىقى يۇقىرى ئەمەس.

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «ئۇچۇر-سانائەتلەشتۈرۈش مىنىستېرلىكى» نىڭ تور بېكىتىدە 3G فورماتتىكى iPad 2 نىڭ ئۇچۇرى كۆرۈلگەن. رەسىمدىكىدەك:

بۇ ئۈسكىنە ئىرىشكەن تورغا كىرىش ئىجازەت نومۇرى 17-8573-114507 بولۇپ  2011-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى تارقىتىلغان. كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى 3GفورماتلىقiPadنىڭ جوڭگو بازىرىغا كىرىشىگە يول ئېچىلغان (ئەسكەرتىش:بۇنىڭدىن ئ‍ىلگىرى جوڭگو بازىردا سېتىلغان3GفورماتلىقiPad پۈتۈنلەي چېگىردىن ئوغۇرلۇقچە كىرگەن بولۇپ جوڭگودىكى 4 چوڭ appstore دۇكىنىدىن باشقا يەردە سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەت تەمىنلەنمىگەن. )

2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ3GفورماتلىقiPad جوڭگوغا كىردى. ئەمما ئىستىمالچىلارنىڭ قىزغىنلىقى يۇقىرى ئەمەس. بۇنىڭ سەۋەبى ئاساسلىقى جوڭگونىڭ 3G تور سۈرىتىنىڭ ئاستىلىقى ۋە ئۈسكىنە باھاسىنىڭ بىر قەدەر قىممەتلىكى. سېتىۋلىش ئويى بارلار ئىشەنچلىك يوللاردىن نىمكەشنى سېتىۋالسا ئىقتىدار باھا قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ. تۆۋەندە AppStoreدېىكى باھاسىنى قالدۇراي:

WLAN

ipad2 جوڭگودا ئامىركىدىن بىر ھەسسە قىممەت

تۈنۈگۈندىن تارتىپ بېيجىڭ 中关村 گە ئامىركىدىن سۇ يولى ئارقىلىق كىرگەن بىر تۈركۈم ipad2 سېتىلدى.

پۈتۈنلەي wifi نۇسخىدىكىسى بولۇپ، ئۇيغۇر قىرىنداشلار بەك تەلمۈرگەن 3G نۇسخىسى تېخى يوق. ئۇنداق بولىشىغا قارىماي جوڭگودا تۇنجى سېتىلغان مەھسۇلات بولغاچ باھاسى ئەسلى باھادىن بىر ھەسسە ئەتراپىدا قىممەتكەن.

16G لىق wifi نۇسخىلىق نىڭ ئەسلى باھاسى 3200 يۈەن،بولۇپ بۇ يەردە سېىتىلىش باھاسى 6000 دىن ئارتۇقراق، باھا تالاشقىلىمۇ بولمايدىكەن.

32G لىق wifi نۇسخىلىق نىڭ ئەسلى باھاسى 3900 يۈەن بولۇپ بۇ كۈنلەردە بېيجىڭدىكى باھاسى 7000 سومدىن ئېشىپ كەتتى.

شۇڭا ئۇيغۇر ئىستىلمالچىلارنىڭ سەمىگە شۇنى سالىمىزكى ، بۇ يىل 5- ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن بۇرۇن ipad2 نى سېتىۋىلىش ئاقىلانىلىك ئەمەس. ھازىر apple  نىڭ تىزىملىكىدە جوڭگودا (ھەتتا شىياڭگاڭ، تەيۋەن) بازارغا سېلىش پىلانى يوقكەن.

بۇنداق بولغاندا ipad2 كە قارىغاندا ipad نىڭ ئىقتىدار باھا نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. ipad نى سېتىۋىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى دەل ھازىر، 2- ئەسلاد جوڭگوغا كىرگەندىن كىيىن بىرىنچى ئەۋلاد يىڭىسى ئاساسەن بىر يەرگە بىرىپ قالىدۇ، ئالغانلارنىڭ كۆپىنچىسى كونا ياكى ئېچىلغان بولۇپ چىقىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك باھا ئۇچۇرى www.../ ئۈزلۈكسىز ئىلان قىلىنىدۇ.

ئىككى مەھسۇلاتنىڭ پەرقىنى كۆرۈڭ.../567.html

ئىككى مەھسۇلاتنىڭ ئامىركا باھاسىنى كۆرۈڭ ../558.html

ipad2 ۋە ipad1نىڭ پەرقى

ipad2 ۋە ipad1نىڭ باھاسىدا 1100 يۈەن پەرق بارلىقىنى بىلدۇق .
خوش، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ باشقا پەرقلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.
تىپى ipad1 ipad2
چوڭلۇقى 9.7 دىيوم
پەرقلەندۈرۈشچانلىقى 1024 × 768 1024 × 768(132ppi
تاختىسى IPS(LGDتاختا)
سەزمە كونتىرولى كوندىنسىتاتورلۇق,كۆپ نوقتا چىكىلىشنى قوللايدۇ
مەشغۇلات سىستىمىسى iOS 4.2.1 iOS 4.3
بىر تەرەپ قىلغۇچ Apple A4、تاق يادرولۇق、چاستوتىسى1GHz Apple A5、قوش يادرولۇق、چاستوتىسى1GHz
سۈرەت مەركىزى PowerVR SGX535 PowerVR SGX543
ئىچكى ساقلىغۇچ 256MB (ئىنىقسىز)
ساقلىغۇچ 16 / 32 / 64GB(كارتا ئوقۇغۇچى يوق) 16 / 32 / 64GB(كارتا ئوقۇغۇچى يوق)
تور 3G(850、1900、2100MHz)
GSM
HSDPA(850、1900、1800、1900MHz)WiFi(IEEE 802.11 a/b/g/n)HSDPA 7.2Mbpsكۆكچىش2.1 + EDR
3G(850、1900、2100MHz)GSMHSDPA(850、1900、1800、1900MHz)CDMAWiFi(IEEE 802.11 a/b/g/n)HSDPA 7.2Mbpsكۆچىش2.1 + EDR
GPS A-GPS(3G + WiFiنەشىر) A-GPS(3G + WiFiنەشىر)
ئالدى كامىرا يوق 300مىڭ پېكسول ئىنىقلىقتا سۈرەت ئاللالايدۇ
كەينى كامىرا يوق 720پ ئىنىقلىقتىكى كىنولارنى سىنغا ئالالايدۇ
باتارىيە 25Whr(6000mAh)10سائەت كىنو قويالايدۇ 25Whr(6000mAh)10سائەت كىنو قويالايدۇ
ئۆلچىمى 242.8 × 189.7 × 13.4mm 241.2 × 185.7 × 8.8mm
ئىغىرلىقى 680g(WiFiنۇسخا)730g(3G + WiFiنۇسخا) 601g(WiFiنۇسخا)613g(3G + WiFiنۇسخا)
باشقا 720pئىنىقلىقتىكى كىنولارنى قويالايدۇ.كۈمۈش رەڭلىك3ئوقG-Sensor
(HDMIچىقرىش)
1080pئىنىقلىقتىكى كىنولارنى قويالايدۇ.كۈمۈش رەڭلىك3ئوقG-Sensor
(HDMIچىقرىش)

Apple iPad 2 ۋەMotorola Xoom ۋەHP TouchPadۋەBlackBerry Playbook

نۆۋەتتە بازارغا كىرگەن تاختا كومپيۇتېرلارنىڭ تۈرى كۆپ. لىكىن داڭلىق مەھسۇلاتلاردىن تۆۋەندىكى بىر نەچچىسى بار. تۆۋەندە بۇلارنىڭ قاتتىق دىتال پەرقىنى تىزىپ چىقتىم.

تۆۋەندىكىسى Apple iPad 2 ۋەMotorola Xoom ۋەHP TouchPadۋەBlackBerry Playbook لەرنىڭ پەرقى

ئۈسكىنە ipad2 Motorola Xoom HP TouchPad BlackBerry Playbook
مەشغۇلات سىستىما iOS 4.3 Android 3.0 webOS 3.0 BB Tablet OS (QNX)
ئىكران چوڭلۇقى 9.7 دىيوم
LED 背光 IPS LCD
10.1 دىيوم 9.7 دىيوم 7 دىيوم
ئىكران ئىنىقلىقى 1024 x 768 1280 x 800 1024 x 768 1024 x 600
مەركىرى بىر تەرەپ قىلغۇچ 1GHz قوش نىگىزلىك
Apple A5
1GHz قوش نىگىزلىك
Cortex-A9
NVIDIA Tegra 2
1.2GHz قوش نىگىزلىكQualcomm Snapdragon
APQ8060
1GHz قوش نىگىزلىكCortex-A9
TI OMAP4 4430
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىنىقسىز 1GB RAM 1GB RAM 1GB RAM
سىرىتقى ساقلىغۇچ 16/32/64GB 32GB 16GB / 32GB 16GB / 32GB / 64GB
ئالدى كامىرا VGA سۈرەت ئىلىش 2 مىليون پېكسول 1.3 مىليون پېكسول 3 مىليون پېكسول
كەينى كامىرا 720 / 30pسىن ئالغۇ 5 مىليون پېكسول(ئاپتوماتىك توغىرلىنىدۇ、قوشLEDچىراق、نى قوللايدۇ720p / 30p سىن ئالغۇ يوق 5 مىليون پېكسول
720pنى قوللايدۇ
سىمسىز تور 3G (GSM & CDMA) 3G نى قوللايدۇ( كىيىنچە ھەقسىز  4G LTEگە كۆتۈرگىلى بولىدۇ ) 3G ۋە4Gنى قوللايدۇ 3G ۋە 4Gنى قوللايدۇ
WiFi 802.11a/b/g/n 802.11a/b/g/n 802.11b/g/n 802.11a/b/g/n
كۆكچىش 2.1 + EDR 2.1 + EDR 2.1 + EDR 2.1 + EDR
تەكشىلىك سەزگۈچ بار,ئۈچ ئوقلۇق بار,ئۈچ ئوۇقلۇق بار بار
گىروسكوپ بار بار بار يوق
باتارىيە سىغىمى 25Wh 3,250 mAh 6,300 mAh 5,300 mAh
قىلىنلىقى 8.8mm 12.7 mm 13.7 mm 10 mm
ئىغىرلىقى 601-613g 725g 740g 425g

iPad 2 نىڭ ئىلان قىلىنىش يىغىنى

مىلادىيە 3-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سەھەردە ئالمىچىلار كۆز تىككەن يەنە بىر مەھسۇلات iPad 2 رەسمىي ئىلان قىلىندى.
يىڭى پەد كە A5 تىپلىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىلگەن بولۇپ ئىغىرلىقى 1.3 ياماق كىلىدىكەن. توكى 10سائەت يىتىدىكەن.
مۇشۇ ئاينىڭ 11-كۈنى ئامىركىدا، 25- كۈنىدىن باشلاپ باشقا 25 رايۇندا بازارغا سالىدىكەن.
تۆۋەندىكىسى مەھسۇلات ئىلان قىلىش يىغىنى كۆرۈنىشى.