بەلگە ئارخىپى: ipad

قول ئىشلەتمەيمۇ بەت ئۆرۈپ كىتاب كۆرەلەيسىز

سالام كۆپچىلك!

مەن بۈگۈن كەڭ iPad ئابونتلىرى ئۈچۈن قولنى ئىشلەتمەيمۇ كىتابنىڭ بېتىنى ئۆرۈيدىغان بىر ئېسىل ئەپنى تونۇشتۇراي.

بۇ ئەپ نىڭ نامى MagicReader بولۇپ 2-، 3- ئەۋلاد iPad تە ئىشلەيدۇ. دېتالنى قوزغىتىپلا كىتاب كۆرگەچ باشنى ئوڭ- سولغا تولغىساق ماس يۆنىلىشكە بەت ئۆرۈلىدۇ.

iPad نى بەك يىقىن تۇتۇۋالسىڭىز ياكى مەندەك كۆزەينەك تاقىۋالسىڭىز سىنئالغۇنىڭ ئىنىقلىقىغا تەسىر يېتىپ ئېنكاسى سەل ئاستا بولۇپ قالىدىكەن.

تۆۋەندە ئۈنۈمىنى كۆرۈپ باقايلى. ئىكراننىڭ ئەڭ ئۈستىدە ئىككى كىچىك يۇلتۇز بار. ئاشۇر يۇلتۇز يانغاندا ئاندىن نورمال توغىرلانغان بولىدۇ.

Close[SWF] - MagicReader

چۈشۈرۈش ئادېرسى http://itunes.apple.com/us/app/magicreader/id505117386?mt=8

يىڭى iPad نىڭ باھاسى 3164 يۈەن

گەرچە خالاستان بىلوگىدا ئالاھىدە تېما يوللانمىغان بولسىمۇ قىرىنداشلىرىمىز باشقا مەنبەلەردىن the new iPad نىڭ ئېلان قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىدى. تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.

Retina كۆرسىتىش تېخنىكىسى ئ‍شلىتىلگەن بۇ iPad نىڭ باشقا سەپلىمىلىرى iPad 2 بىلەن كۆپ پەرىقلەنمەيدۇ، ئەمما ئ‍چىكى ساقلىغۇچى، كامېراسى 2- ئەۋلادتىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى. ئىكران ئىنىقلىقى iPad 2دىن تۆت ھەسسە يۇقىرى. شۇنداقلا ھازىرقى سىمسىز ئالاقە تېخنىكىسىنىڭ ئەڭ ئالدى بولغان 4G تېخنىكىسى قوشۇلغان بولۇپ، ئابونتلار تېىلىگىراف شىركەتلىرى تەمىنلىگەن LTE تورى ئارقىلىق 3G  دىن نەچچە يۈز ھەسسە تېز بولغان تور سۈرىتىگە ئىرىشەلەيدۇ. تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.

the new iPad مۇشۇ ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ جوڭگو شىياڭگاڭ قاتارلىق رايونلاردا رەسمىي سېتىلىدۇ. شىياڭگاڭدا سېتىلىش باھاسى 3888 شىياڭگاڭ پۇلى. خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 3164 يۈەنگە توغرا كىلىدۇ. تۆۋەندە بىر قىسىم رايۇنلاردىكى the new iPad نىڭ سېتىلىش باھاسىنى قالدۇراي.

تۇنجى تۈركۈمدە 3- ئەۋلاد iPad ھىسابلانغان the new iPad سېتىلىدىغان رايۇنلار: ئامېركا، كانادا، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، گىرمانىيە، شىۋىتسارىيە، ياپونىيە، شىياڭگاڭ، سىنگاپور ۋە ئاۋېستىرالىيە.

3-ئاينىڭ 23-كۈنى يەنە كىيىنكى تۈركۈمدىكى the new ipad  يەنە 25 دۆلەت، رايۇندا سېتىلىدۇ. بۇلارنىڭ تەركىبىدە ئاۋمېن بار. ئەمما تەيۋەن ۋە چپوڭ قۇرۇقلۇققا ھازىرچە ئۇچۇر يوق. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە 4-ئايلاردا كىرىشى مۇمكىنكەن. باھاسى ئەلۋەتتە 3888يۈن خەلق پۇلى بولىدۇ.

قارلۇق iPad ئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ھەقسىز تارقاتتى

يىقىندىن بىرى دىيارىمىزدا قارلۇق شىركىتى ھەققىدە خەۋەرلەر ئۈزۈلمىدى. مۇشۇ ھەقتە خالاستان بىلوگىمۇ خەۋەر بەرگەن.

بۈگۈنكى ئەڭ يىڭى خەۋەرنى ”شىنجاڭ ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى“دىن كۆرۈپ ھەقىقەتەن خوش بولدۇم. قارلۇق شىركىتى تۇنجى ئاشكارلانغان ئەمگەك مىۋىسى— iPad ئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ئېلان قىلدى.

 6-دېكابىر app store  (ئالما قوللىنىشچان ئەپ ماگزىنى) غا ئالما شىركىتىنىڭ سەرخىل كوزۇرى بولغان ipad ئۈچۈن باشقا مەلۇم سۇپىلارغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى ئاساس قىلغان تۇنجى ئەپ —-« خاتىرەم» نى ھەقسز چىقىرىپتۇ ، بۇ  app store   تاكى ھازىرغىچە دىيارىمىزدا مۇشۇ ساھەدىكى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ  app store   غا چىقارغان تۇنجى مىۋىسى بولۇپ ، ipad گە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپتۇ ، يەنى كىلىپ ھەقسىز ئەپ ئىكەن . ipad گە ئۇيغۇرچە كىرگۈزىدىغان ئەپ مەيدانغا كەلەەندىن كېيىن ، iphone ئۈچۈن مۇشۇ شەكلىدىكى ئەپنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە ئانچە ئۇزۇن قالمىدى دېگەن گەپ ، كەڭ ئالما ھەۋەسكارلىرى قارلۇق شىركىتىنىڭ ئالما مەھسۇلاتلىرى ھەققىدىكى تەتقىقات ۋە نەتىجىلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ، ئاخىرىدا ئالما مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا يادروسىدىنلا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قوشۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىشنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز .

يۇقارقىسى مايور يازمىسى بۇ دېتالنى apple نىڭ appstore دىن ھەقسىز چۈشۈرۈش بىۋاستە ئادېرسى

قارلۇق تەرەپ ئېنكاسى : ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
خاتىرەم بىرلا مەقسەت يەنى – ئايپەدتە ئۇيغۇرچە خاتىرە يېزىپ ئۇنى مەلۇم سۇپىلارغا يوللاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن. خاتىرەم ئارقىلىق گۈدۈك، ئىلخەت، ئايمەسىجلەرگە ئۇچۇر يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ. كونۇپكا تاختىسىنى بىز ئەسلىدىكى ”كىلاسسىك ئۆلچەم“ بويىچە ئورۇنلاشتۇردۇق. ئەلۋەتتە، سىز بۇ خىل كونۇپكا لايىھىسىغا بۇرۇنلا ئادەتلىنىپ بولغان.
ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى:
☜ ئۇيغۇرچە ئۆلچەملىك كونۇپكا تاختىسى بىرىكتۈرۈلدى.
☜ يازمىنى گۈدۈك، ئايمەسىج ۋە ئىلخەتكە يوللىيالايسىز
☜ ئېكران يورۇقلۇقىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ
☜ پۈتۈن ئېكراننى تازلاش ئىقتىدارى بار
قارلۇق مېدىيا پەن-تېخنىكا شىركىتى

iPadكە Windowsشارائىتىدا توك قاچىلاش

كومپيۇتېردا ipod,iphone,ipadكە توك قاچىلاش ئۈچۈن iTunes نىڭ قوزغىتىش پروگراممىسى كىرەك بولىدۇ.

ئەڭ يىڭى iTunes نى بۇ تېمىدىكى ئورۇندىن چۈشۈرگەيسىز.../897.html

 

مانا Apple نىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئاساسەن دېگۈدەك ئىشلىتىپ بولۇپتىمەن. ئۆزۈمگە تەۋە2 iPad مۇ قولۇمدا. ئىشلەتكەندىكى بىرىنچى تۇيغۇ شۇ بولدىكى، پۇلىغا يۈز كىلەلەيدىكەن.! بۇ توغۇرلۇق گەپنى ئايرىم يازمىدا تەپسىلىي دەي.

بىر ئاخشام باتارىيە بىلەن تورنى سىنايمەن دەپ كىنو كۆرۈپ مەن ئۆزۈم توكنى تۈگىتەلمەي ئۇخلاپ قالدىم. ئەتىگەن قارىسام 33% توك قاپتۇ. ئاپىرىپلا كومپيۇتېرغا چېتىپ قارىسام توك قاچىلانمىدى دىگەن ئەسكەرتىش تۇرىدۇ. بېشىمدىن تۈتۈن چىقتى، يەنە چىقتىمۇ بۇمەسىلە؟؟؟

دەررۇ ساتقۇچى قىزغا تېلفون قىلسام، «سەھەردە شىرىن ئۇيقۇمنى بۇزدىڭىز يىگىت، مىنىڭكىدە نورمالتى سىز قايتا سىستىما قاچىلاڭ» دەيدۇ. ipad نى قانداق ئۆچۈرۈشنىمۇ بىلمەيدىغان بايقۇشتىن باشقا جاۋاب چىقمايدىغانلىقىغا كۆزۈم يېتىپ تورغا ئىلتىجا قىلدىم.

ئەسلى apple دىكىلەر تۆۋەن بىسىمدا باتارىيەگە توك قاچىلاپ ۋاقىت ئىسراپ بولۇشتىن قورقتىمۇ قانداق windows شارائىتىدا ئەسكەرتىش چىقىرىۋالىدىكەن. لىكىن ئىچكى قىسىمدا توك قاچىلاۋىرىدىكەن. پەقەت سۈرەت ئاستا بولۇپ، تولۇق تولدۇرۇشقا 7-8 سائەت كىتىپ قالىدىغان ئوخشايدۇ. imac ئارقىلىق توك قاچىلىسا 3-4 سائەتتىلا توشارمىش. ئۆزىنىڭ توك مەنبەسىدىمۇ شۇنداق تېز قاچىلىنىدىكەن.

بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەن بىر قوزغىتىش پروگراممىسى چۈشۈرۈپلا ئىشنىڭ تېگىنى بىلدىم. ئەسلى windows شارائىتتىمۇ توك قاچىلىنىدىكەن، لىكىن سۈرەت ئاستىكەن. بۇ قوزغىتىش پىروگراممىسى ئىكراندا چىقىدىغان «توك قاچىلانمىدى» دىگەن ئەسكەرتىشنى يوقىتىشقىلا كارغا كىلىدىكەن.

ئىھتىياجلىق دوستلار تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن بۇ قوزغىتىش پىروگراممىسىنى چۈشۈرگەي. كونا تېما قايتا يىڭىلاندى.

iPhoneنى تۈرمىدىن قاچۇرۇشتىن ساۋات

بىزگە ھازىر apple مەھسۇلاتلىرى بۇرۇنقىدەك ناتونۇش ئەمەس. لىكىن 越狱  دىگەن ئاتالغۇ نۇرغۇنلىرىمىزغا يەنىلا سىرلىق ئاڭلىنىدۇ. تۆۋەندە ئەلئوغلىنىڭ شۇ ناملىق يازمىسى ئاساسىدا تەييارلانغان مەزمۇن. تۆۋەندىكى iPhone دىگەن ئاتالغۇ ئەمىليەتتە ipod,ipad  قاتارلىقلارغىمۇ ماس كىلىدۇ.

Jailbreak ئەسلى ئېنگىلىزچە گەپ. خەنچىدە 越狱 دەيدۇ، ئۇيغۇرچىدا بىز «تۈرمىدىن قاچۇرۇش» دەپ ئالدۇق.

iPhone نىڭ iOS باشقا يانفون سىستېمسى (مەسىلەن : Nokia نىڭ Symbian ۋە Google نىڭ Android قاتارلىقلار)بىلەن ئوخشىمايدىغان يىرى  شۇكى، كېيىنكى ئىككىسىدە ئىشلەتكۈچى ھوقۇق چىكى ئىچىۋىتىلگەن بولىدۇ . iOS دە بولسا ئىشلەتكۈچى چەكلىمىسى تۆۋەن . ئاددىيلا قىلىپ ئىيتقاندا كېيىنكى ئىككىسىدە ئىشلەتكۈچىنىڭ RW (يېېزىش،ئوقۇش) قوقۇقى بولىدۇ ،لېكىن iOS ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ R (پەقەت ئوقۇشلا)ھوقۇقىلا بولىدۇ .شۇڭلاشقا iOS ئىشلەتكۈچىلىرى پەقەت ئالما تەستىقىدىن ئۆتكەن (Apple Store دىن سىتىۋالغان) قوللىنىشچان پىروگراممىلارنىلا ئىشلىتەلەيدۇ ،باشقىلىرى سىستېمىغا قارىتا ئۆزگەرتىش ئىلىپ بارالمايدۇ . مانا بۇ apple مەھسۇلاتلرىغا سىلىنغان بىر قۇلۇب ۋە مەھسۇلات سۈپىتىگە قىلىغان بىر كاپالەت.

شۇنىسى ئىنىق بولسۇنكى تۈرمىدىن قاچۇرۇشتىن بۇرۇن ۋە قاچۇرۇشتىن كىيىن يۇمتاللارنىڭ ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولۇش ھوقۇقى ئۆزگەرمەيدۇ ، پەقەت قاچۇرۇلغاندىن كىيىن IPA دىن باشقا دىتاللارنى قاچىلاپ ئىچكى ساقلىغۇچتا ساقلىندىغان قىلىشقا (ھەقىقى مەنىدىكى ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولۇش ئەمەس) بولىدۇ.

يەنى تۈرمىدىن قاچۇرۇلغاندىن كىيىن ھەرقانداق يۇمتالنى خالىغانچە قاچىلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ دىگەن گەپ.

تۈرمىدىن قاچۇرماي ئىشلەتسىڭىز ئارتۇقچىلىقى :
1. توك تىجەيدۇ.
2.سىستېما مۇقىم ئىشلەيدۇ.
3.apple store دىن چۈشۈرۈپ قاچىلىغان دېتالنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ياخشى بولىدۇ .
4.apple store دىن چۈشۈرۈپ قاچىلىغان دېتاللارنى (ipa شەكلىدىكى)ئۆچۈرگەندە قالدۇق ھۆججەتلەر قالمايدۇ ،يەنى سىستېمىدا ئەخلەت ھۆججەتلەر بولمايدۇ .
كەمچىللىكى :
1.تۈرمىدىن قاچۇرۇشتىن بۇرۇن زۆرۈر بولغان سىستىما ئىقتىدارلىرى(قويغۇچ،ئىغىرلىق سەزگۈچ) قاتارلىقلاردىن سىرىت سىسىتمىلارغا ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولۇش ھوقۇقى بىرىلمەيدۇ. شۇڭا بەزى ئەۋزەل قوللانىچلارنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.
2.كەلگەن نومۇر،ئۇچۇرلارنىڭ تەۋەلكىنى كۆرسىتىش ،flash قاتارلىقلار دېتاللارنى تۈرمىدىن قاچۇرماي تۇرۇپ مەڭگۈ ئىشلىتەلمەيسىز .91 يانفون ياردەمچىسىنى ئىشلىتىشمۇ شۇنىڭ ئىچىدە .
3.سىستېما چەكلىمە بەك تۆۋەن .مەسلەن : سىستېما ھۆججەتلىرىگە قارىتا ئۆچۈرۈش،تەڭشەش ،ئۆزگەرتىش مەغۇلاتى ئىلىپ بارالمايمىز ،مەلۇم پىروگراممىغا قارىتا مەخپىيلەشتۈرۈش، ھەتتا كۆكچىش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىش،باشقىلار ئاچقان كىرگۈزگۈچ (بەيدۇ،سوگو قاتارلىق) قاتارلىقلارنىمۇ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ .نېمىشقا ؟ ئەسلى ئاچقۇچىلار apple store غا چىقىرىشنى ئويلايدۇ،لېكىن ئۇلار جون نىڭ گىپنى ئاڭلىمىسا بولمايدۇ دە .
4.يىشىۋىتىلگەن پىروگراممىلارنى قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ .
5.يانفون تور كۆرگۈچىدە ماتىرىيال چۈشۈرۈش ۋە چۈشۈرگەن ماتىرىياللارغا قارىتا ئۆزگەرتىش مەشغۇلاتى ئىلىپ بارالمايسىز .
تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كېيىن ئارتۇقچىلىقى :
1.ئارقا سپۇدا ئىجرا بولدىغان سىسىتمىلارنىڭ سانىنى خالىغانچە كۆپەيتىشكە بولىدۇ.
2.سىستېما چەكلىمىسى يۇقىرىلايدۇ .سىستېمىغا قارىتا ئەلالاشتۇرۇش ئىلىپ بارالايسىز ،تېخىمۇ كۆپ دېتال ۋە پىروگراممىلارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ .مەسىلەن : كەلگەن نومۇر،ئۇچۇرلارنىڭ تەۋەلكىنى كۆرسىتىش ،flash قاتارلىقلار دېتاللارنى قاچىلاپلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.كۆك چىش ئارقىلىق ھۆججەت ئۇزۇتۇش تېلېفۇن ئۇرغاندا قارشى تەرەپكە تېلىفۇن ئۇلانغان ھامان يانفون تىتىرەش قاتارلىق دېتاللارنى قاچىلاپ يانفوننى تېخىمۇ قولاي قىلغىلى بولىدۇ .
3.يىشىۋىتىلگەن دېتال،پىروگراممىلارنى قاچىلاپ ئىشلىتەلەيسىز .
4.يانفون ئۇسلۇبى ، سىن بەلگىسى ،قىسقا ئۇچۇر ۋە يانفون قوڭغىرىنى خالىغانچە ئۆزگەرتەلەيسىز .
5.ئۈچىنچى تەرەپ يانفون ھۆججەت باشقۇرۇش دېتاللىرىنى ئىشلىتىپ يانفوننى بارماق دىسكا قىلىپ ئۆزگەرتەلەيسز . بۇ يەردە ifunbox دېتالىنى تەۋسىيە قىلىمىز .

6. خالاستان بلوگى تارقاتماقچى بولغان ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى بىمالال قاچىلىيالايسىز. 

كەمچىللىكى :
1. توكنى بەك سەرپ قىلىدۇ ،تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كېيىن سىستېمىدا بەزى ھۆججەتلەر ئىجرا بولۇپ تۇرىدىغان بولغاچقا توك سەرپ قىلىشىمۇ جىقراق بولىدۇ .
2.سىستېما مۇقىم ئىشلىمەسلىكى مۇمكېن . دىتاللار ھەممىسى يىشىۋىتىلگەن بولغاچ 3-تەرەپنىڭ يۇمتاللىردا ھەرخىل خەتەر يوق دىگىلى بولمايدۇ.
3. يانفون سىستېمىسى يېڭىلانغاندا ۋاقتىدا يېڭىلىيالمايسىز . تۈرمىدىن قاچۇرۇش خىلى تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغان ئىش بولغاچ ئادەتتە يىڭى سىستىما چىقىپ بىرەر ئايدا ئاندىن تۈرمىدىن قاچۇرۇش تېخنىكىسى چىقىدۇ.
ئەمدى ئىككىسىنىڭ ئورتاقلىقى :
1.apple store دا تەمىنلىگەن ھەقسىز دېتال ياكى سىتىۋالغان دېتاللارنى قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ ،تەسىرگە ئۇچىرىمايدۇ .
2.يانفون قاتتىق دىتالىغا نىسبەتەن ھىچقانداق خىيىم خەتىرى ياكى بۇزۇلۇش بولمايدۇ ، تۈرمىدىن قاچۇرۇش يانفوننىڭ ھىچقانداق قاتىق دېتالىغا زىيانلىق ئەمەس .

تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا2)

ئالمىنى تۈرمىدىن قاچۇرۇشتىن مەقسەت ئۇنىڭ ئىقتىداردىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن، ئەلۋەتتە. بىز يۇقىرى سەپلىمىلىك بۇ قاتتىق دىتال بىرلەشمىسىدىن تېخىمۇ ئەتراپلىق پايدىلىنىشى ئۈگىنىۋىلىشىمىز كىرەك.

تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ پايدىسىنى بۇ تېمىدىن كۆرگەيسىز.../445.html

تۆۋەندە مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى ئالما مەھسۇلات ئشىلىتىش تەجىربىسىگە ئاساسەن بىر نەچچە قولايلىق يۇمشاق دىتاللارنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ يۇمشاق دېتاللارنى ئالمىغا تۈرمىدىن قاچۇرۇلغاندىن كىين قاچىلانغان دېتال cydia ئارقىلىق قاچىلاشقا بولىدۇ.

cydia ئشىلىتىش دەرسىلىكى ../928.html

بىز ئالدىنقى تېمىمىزدا قوللىنىشچان يۇمشاق دېتالدىن 5نى تونۇشتۇرغان. ../1214.html تۆۋەندە يەنە قوللىنىشچانلىقى ئەڭ يۇقىرى بولغان يۇمشاق دېتالدىن 5نى تونۇشتۇرىمىز.

1.Wi-Fi Sync


بۇ يۇمشاق دېتال ئارقىلىق ئالما نى wifi ئارقىلىق كومپيۇتېرغا ئۇلاپ iTunes بىلەن ماسقەدەملەشتۈرۈش ۋە ناخشا-فىلىم كۆچۈرۈش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلىشقا بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇچۇر سىمى كۆتۈرۈپ يۈرۈش، كومپيۇتېرغا باغلىنىپ قىلىغ ئاۋارچىلىقى تۈگەيدۇ. مەنمۇ ئادەتتە مۇشۇ دېتالدا مەشغۇلات قىلىمەن. مۇقىملىقىمۇ يۇقىرى. سىناپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.

2.BiteSMS

BiteSMS دىگەن ئۆزى كىچىككىنە دېتال، ئەمما تەمىنلەيدىغان قولايلىقى ھەقىقەتەن كۆپ. تېز سۈرەتتە قىسقا ئۇچۇر، ئېلخەت يېزىش، ئىمزا قوشۇپ يوللاش،ئىكرانغا قۇلۇب سېلىش، ئۇچۇر قىلىپى قاتارلىق قوللىنىشچان ئىقتىدارلىرى بار.

3.LockInfo

LockInfo نامىدىكى بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ رولى كەلگەن بارلىق قىسقا ئۇچۇرلارنى ئىكرانغا بىۋاستە چىقىرىپ كۆرسىتىش. مەشغۇلات باسقۇچىنى تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرىدۇ.

4.Frash


iphone,ipod touch,ipad قاتارلىقلار adobe نىڭ جىنى بولغان flash نى قوللىمايدۇ. Frash نى قاچىلاش ئارقىلىق safari ئارقىلىق تور بەتلەردىكى flash ھەركەتلەرنى كۆرۈشكە بولىدۇ. لىكىن يەنىلا flash فورماتىدىكى فىلىملەرنى بىۋاستە قويالمايدۇ. بۇنى كۆرۈش ئۈچۈن مەخسۇس قويغۇچ دېتاللارنى ئېھتىياجلىق بولىمىز. بۇ ھەقتە مەزمۇن خالاستان بىلوگىدىكى تۆۋەندىكى تېمىدا بار. ../1134.html

5.MultiIconMover

ئالما مەھسۇلاتلىرىدا ئىكراندىكى سىنبەلگە ئۈستىدە قولنى قويۇپ تۇرغاندا سىنبەلگىلەر تاللانغان ھالەتكە ئۆتۈپ يۆتكەپ باشقا بەتلەرگە قويۇشقا بولىدۇ. ئالما ئۆزىنىڭ نېگىزلىك بۆلىكىدە پەقەت بىرلا سىنەلگىنى يۆتكەش ئىقتىدارى تەمىنلىگەن بولۇپ  سىنەلگىلەرنى رەتلەش ئىھتىياجىي تۇغۇلغاندا پەقەت بىر-بىرلەپ يۆتكەشكە توغرا كىلىدۇ.MultiIconMover نامىدىكى دېتال ئارقىلىق سىنبەلگىلەرنى توپلاپ يۆتكەشكە بولىدۇ.

تۈرمىدىن قاچقانiPhoneغا چوقۇم قاچىلايدىغان دېتاللار(كونا1)

ئالمىنى تۈرمىدىن قاچۇرۇشتىن مەقسەت ئۇنىڭ ئىقتىداردىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن، ئەلۋەتتە. بىز يۇقىرى سەپلىمىلىك بۇ قاتتىق دىتال بىرلەشمىسىدىن تېخىمۇ ئەتراپلىق پايدىلىنىشى ئۈگىنىۋىلىشىمىز كىرەك.

تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ پايدىسىنى بۇ تېمىدىن كۆرگەيسىز.../445.html

تۆۋەندە مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى ئالما مەھسۇلات ئشىلىتىش تەجىربىسىگە ئاساسەن بىر نەچچە قولايلىق يۇمشاق دىتاللارنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ يۇمشاق دېتاللارنى ئالمىغا تۈرمىدىن قاچۇرۇلغاندىن كىين قاچىلانغان دېتال cydia ئارقىلىق قاچىلاشقا بولىدۇ.

cydia ئشىلىتىش دەرسىلىكى ../928.html

تۆۋەندە ئىسمى ئاتالغان دېتاللارنى cydia نىڭ ئىزدەش كۆرنىكىگە كىرگۈزۈپلا ئىزدەپ قاچىلىسىڭىز تامامەن بولىدۇ.

1. SBSettings


بۇ دېتال بولسا مەن ئەڭ رازى بولغان ئالما باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالى. ئالما نىڭ ئىكىران ۋە يىنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىقتىدار كۇنۇپكىلىرى ناھايتى چەكلىك. شۇڭا نۇرغۇن ئىشلارنى بىر باشتىن ئىزدەپ تېپىپ قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. SBSettings دىگەن دېتال ئارقىلىق نۇرغۇن مەشغۇلاتنى بىرەر ئىنكاس ياكى ھالەتكە توغۇرلىغىلى بولىدۇ. مەسىلەن مەن ئالمانىڭ ئىكرانىدىن سائەتنى تۇتۇپ تۇرسام ناخشا قويغۇچ قوزغىلىدۇ، ئىكراننىڭ ئەڭ ئۈستىدە قولۇمنى ئوڭغا سۈرسەم كىيىنكى ناخشا، سولغا سۈرسەم ئالدىنقى ناخشا. ئىكرانغا قولۇمنى ئككى ئۇرسام wifi ئېچىلىدۇ، يەنە ئۇرسام ئېتىلىدۇ. يۇقىردىن تۆۋەنگە ئاستا سۈرسەم كىتاب ئوقۇغۇچ، تۆۋەندىن يۇقۇرغا سۈرسەم تور كۆرگۈ  ئېچىلىدۇ….. يەنە نۇرغۇن قوللىنىشچان ئىقتىدارلىرى بار. خەنچە كۆرۈنمە ھالەتتە ھەممىنى خالىغانچە تەڭشەشكە بولىدۇ. دېتالنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن ئىكراندىكى سائەت بەلگىسى ئۈستىنى تۇتۇپ تۇرغاندا باشقۇرۇش بېتى ئېچىلىدۇ.

2.WinterBoard

بۇ دېتال ئادەتتە ئالماغا ئۆزگىچە تەگلىك ۋە ئىكران ئۈنۈمى ھاسىل قىلىدۇ. ئالما ئۆزى تەمىنلىگەن ئىكران ئۈنۈمى بىر نەچچە خىللا بولۇپ باشقا يانفونلارغا ئوخشاش ئىكران كۆرۈنۈشى، رەسىملەر، كۆزنەك ئۈنۈملىرىنى ئۆزگەرتىشتە چەك بار. تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان كىيىن WinterBoard دېتالى ئارقىلىق cydiaتەمىنلىگەن چەكسىز ئىكران ئۈنۈملىرىدىن پايدىلغانلى بولىدۇ. بۇرۇن 91 چوماقچىسى ئارقىلىق بۇنداق ئىشلارنى قىلغانلار ئەمدى بۇ دېتال ئارقىلىق قىلسا ئەڭ ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشەلەيدۇ.

3.InfiniFolders

بۇ يۇمشاق دېتال ئارقىلىق ئىكرانغا تېخىمۇ كۆپ كۆزنەك پاتۇرغىلى بولىدۇ. ئالما نىڭ بىر بېتىدە 4*4=16 دانە كىچىك سىنبەلگە (قوللانما) سىغىدۇ. ئۇنىڭغا يەنە ھۆججەت قىسقۇچ قوشۇلسا، ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىگە يەنە 3*4=12 دانە بالا سىنەلگە پاتىدۇ. InfiniFolders ناملىق بۇ دېتال ئارقىلىق ئىكرانغا خالىغان ساندىكى سىنبەلگىنى پاتۇرغىلى بولىدۇ. شۇنداقلا ھۆججەت قىسقۇچقىمۇ تېخىمۇ كۆپ سىنبەلگە پاتۇرۇشقا بولىدۇ.

4.MyWi


بۇ يۇمشاق دېتال ئارقىلىق iphone نىڭ 3G تورىدىكى سېگىنالنى wifi شەكلىدە باشقا wifi ئۈسكىنىلەرگە ئورتاق قىلىپ بەرگىلى بولىدۇ. بىلوگگېر نەزەرى ئادەتتە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان ئىقتىدارلارنىڭ بىرى مۇشۇ. باشقا تورداشلارنىڭمۇ زامانىۋى ئۈسكىنىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىپ يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىرشىشى ئۈچۈن بۇ خىل چارىنى سىناپ بىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

5.My3G


بۇ يۇمشاق دېتال بەزى قوللىنىشچان دېتللارنى ئالداش ئۈچۈن ياسالغان. يەنى ئالما دىكى بەزى يۇمشاق دېتاللار پەقەت wifi مۇھىتىدىلا ئىشلەيدۇ. مەسىلەن facetima. شۇڭا سىز 3G تورىدا تورىغا چىققان بولسىڭىز، لىكىن مۇناسىۋەتلىك دېتال پەقەت wifi مۇھتىدىلا ئىشلىسە، سىز بۇ دېتال ئارقىلىق ئۈسكىنىگە سۈنئىي wifi مۇھىتى بەلگىلەپ 3Gتوردىمۇ ھەممە يۇمشاق دېتالدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرالايسىز.

iPhone نىڭ كۆكچىش(BlueTooth)نى يېشىش ئۇسۇلى

كۆكچىش(BlueTooth)نى(خەنچە 蓝牙) نۇرغۇنلىرىمىز ئاڭلاپ باققان. شۇنداقلا بازاردىكى 20 سوملۇقتىن 20000 سوملۇققىچە بولغان تېلفونلاردا ئاساسەن ئوموملاشتى، باشقا ھەركەتچان ياكى بىقىندى ئۈسكىنىلەرمۇ بۇ خىل مۇھىت
نى ئىشلىتىۋاتىدۇ. لىكىن ئالما مەھسۇلاتلىرىدىكى كۆكچىش(BlueTooth) بىر قەدەر ئالاھىدە بولغانلىقتىن يىڭى ئۆگەنگۈچىلەر تۈگۈل پىشقان ئالمىچىلارمۇ تولۇق پايدىلىنىپ بولالمىدى.

Appleنىڭ قايسى خىل مەھسۇلاتى بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئاساسەن دېگۈدەك كۆكچىش(BlueTooth)نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. بۇنىڭ بىرىنجى سەۋەبى، دەل كۆكچىش تېخنىكىسىنىڭ نۆۋەتتىكى بىر قەدەر پىشقان يىقىن ئارىلىق ئۇچۇر يەتكۈزۈش كىلىىشمى بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئىككىنچدىن، كۆكچىش(BlueTooth) ئۈسكىنىلىرىنىڭ تەننەرخى تۆۋەن. ئۈچىنچىدىن، بۇنداق ئۈسكىنىلەرنىڭ ئۆزئارا قوللاشچانلىقى ياخشى، قوللىنىلىش دائىرسى كەڭ.تۆتىنچدىن، كۆكچىش(BlueTooth) ئىشلىتىدىغان سىگىنالنىڭ قاپلاش دائىرسى يىتەرلىك، شۇنداقلا بۇ سىگىنالنىڭ چاستوتىسى ھەقسىز، ھىچقانداق ئورۇنغا ھەق تۆلىمەيلا بۇ چاستوتىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىرىشكىلى بولىدۇ.

appleمەھسۇلاتلىرى ئامىركانىڭ «ئۈن-سىن بۇيۇملىرى نەشىر ھوقۇقىنى قوغداش نىزامى» دىكى بەلگىلىمە ۋە شىركەت ئۆزىنىڭ نەشىر ھوقۇقى تۈزۈمى بويىچە ھۆججەت كۆچۈرۈش مەشغۇلاتى چەكلەنگەن. لىكىن تىڭشىغۇچقا ئۇلاپ ئاۋاز ئۇزۇتۇشقا ياكى تور سېگىنالىنى ئورتاق تارقىتىشقا بولىدۇ.

تۈرمىدىن قاچۇرۇش قانۇنلۇق دەپ ئېلان قىلىغاندىن كىيىن نۇرغۇن 3-تەرەپ يۇمشاق دېتاللىرى بارلىققا كەلدى. ئاساسلىقى BlueTooth IM ,BlueTooth Image ,BlueTooth logo theme,  BlueTooth Mode, BlueToothToy…. دېگەندەك. ئىقتىدارلىرى ھەرخىل، بۇ يەردە ھەممىنى تەھلىل قىلىپ ئولتۇرمايمىز، زۆرۈر بولغاندا ئۇدۇللۇق تەھلىل قىلساق كۇپايە . ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ قاتتىق دېتال سەپلىمىسى يۇقىرى، شۇڭا ئۈسكىنىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن ئېچىۋىتىلگەن يۇمشاق دېتاللاردىن كۆپرەك پايدىلىنىپ ھاجىتىمىزدىن چىقىشقا تىرىشىمىز.

مەن تۆۋەندە كۆكچىش(BlueTooth) دىن پايدىلىنىپ iPhone, iPodTouch, iPad دا ئادەتتىكى تېلفونلارغا ئوخشاش ھۆججەت كۆچۈرۈش مەشغۇلاتى قىلىشنى تونۇشتۇرىمەن. تەپسىلىي بولسۇن ئۈچۈن باسقۇچقا كۆپ بۆلىۋەتتىم، ئەمما ئوڭاي.

1. ئۈسكىنە چوقۇم تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان بولسۇن. دەرسلىكنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.

2. Cydia غا apt.178.com ئادىرىسلىق مەنبەنى قوشۇڭ. دەرسلىكنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ ، شۇنداقلا تۆۋەندىكى دېتاللارنى ئىمكان بار مۇشۇ مەنبەدىن قاچىلاڭ.

3. Cydia دىن نۆۋەتتىكى ئەڭ ياخشى مەشغۇلات باشقۇرۇش دېتالى sbsettings نى قاچىلاڭ. دەرسلىك . بۇ دېتالنىڭ ئىقتىدارى ناھايتى كۆپ، خالاستان بىلوگىمىز بۇرۇنمۇ تەشەببۇس قىلغان يەنە ئىزچىل تەشەببۇس قىلىدۇ. تۆۋەندىكى باسقۇچلارنى تاماملىمىغاندا بۇ دېتال ئارقىلىق iPhone, iPodTouch, iPad نىڭ ھەر خىل ئىقتىدارلىرىنى بىۋاستىلا كونتىرول قىلغىلى بولىدۇ.

4. Cydia دىن ھۆججەت مەشغۇلاتى دېتالى iFileنى قاچىلاڭ. بۇ دېتالمۇ ھۆججەت مەشغۇلاتى ساھەسىدە ئەڭ ياخشى ھىسابلىنىدۇ. iPhone ئىچىدىكى ھەرقانداق ھۆججەتنى خالىغانچە تەھرىرلىگىلى، ئۆچۈرۈش-كۆچۈرۈش مەشغۇلاتى قىلغىلى بولىدۇ. بۇ ھۆججەتنىڭ چوڭ كىچىكلىكى 2.9MB

ئەگەر تۆۋەندىكى باسقۇچلارنى تاماملىمىغاندا بۇ دېتال ئارقىلىق iPhone, iPodTouch, iPad قاتارلىقلارغىلا ھۆججەت يوللاشقا بولىدۇ.

5. Cydia دىن يۇقارقى دېتاللارنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئىشلەيدىغان ، كۆكچىش(BlueTooth) باشقۇرۇش جەھەتتە ئەڭ قولاي دېتال Celeste نى قاچىلاڭ.

6. ئۈسكىنىنى قايتا قوزغىتىڭ.

7. iPhone نىڭ 设置-通用-蓝牙 دېگەن بەلگىلەش تاللانمىسىدىن كۆكچىش نى تاقىۋىتىڭ. ئىكراندىكى باتارىيەنىڭ يىنىغا كۆكچىش بەلگىسى چىقىۋالمىسىلا بولىدۇ.

8. ئىكراندا سائەتنىڭ بەلگىسىنى قوش چەكسىڭىز رەسىمدىكىدەك ئىقتىدار تاللانما كۆزنىكى چىقىدۇ. بۇ يەردىن Celeste نى ئاچىسىز(يىشىل رەڭ ئوچۇق). ئەسكەرتىش: ئالدى بىلەن Cydia نىڭ ئىچىدىن Sbsettings نىڭ قاچىلانغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىڭ. ئاندىن ئىكرانىدىكى سائەت تەگلىكى رايونىدا قوش چېكىڭ، ئوڭ-سولغا سۈرۈڭ،ياكى بېسىپ تۇرۇپ… چوقۇم بىر خىل ھالەتتە قوزغىلىدۇ.

9. iFileنى ئېچىپ يوللىماقچى بولغان ھۆججەت (ھۆججەت قىسقۇچ بولسا پىرىسلاڭ!) نى تاللاپ ئۈستىدە بارماقنى توختاتسىڭىز بىر ئىقتىدار تېزىملىكى چىقىدۇ.

بۇ تاللاشتىن 选择 نى تاللاپ چىققان بەتنىڭ ئاستىدىن رەسىمدىكىنى تاللايسىز.

كىيىنكى قەدەم

ئەمدى ئۈسكىنە ئەتراپىدىكى 蓝牙 ئېچىلغان ئۈسكىنىلەرنى ئىزدەيدۇ. ۋە سىز بىرنى تاللىغاندىن كىيىن تۆۋەندىكى رەسىمدەك

جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن يۇقاردا كۆرۈنگەن نومۇرنى ھۆججەت يۆتكىمەكچى بولغان ئۈسكىنىگە تولدۇرسىڭىزلا ئىش تامام.

قوشۇمچە:

بۇ دېتالدا تۇرۇپ يەنە باشقا ئۈسكىنىلەردىن ھۆججەت قوبۇللاشقىمۇ بولىدۇ. تەرتىپى يۇقارقى تەرتىپتىكى 9- قەدەمگىچە(iFileنى ئاچقان ھالەت) بولىدۇ.باشقا ئۈسكىنىدىن يوللايمىز. قوبۇل قىلغان ھۆججەتلەر /var/mobile/received دە بولۇپ، ئىھتىياجىمىزغا ئاساسەن يۆتكەپ ئىشلىتىمىز.

قوشۇمچە2:

8-باسقۇچتا تاللاش ئىناۋەتسىز بولىۋالغانلار

http://dl.dbank.com/c0xe0n1mi1

ئۇلىنىشتىن

mobilesubstrate_0.9.3367-1_iphoneos-arm.deb دېتالنى چۈشۈرۈپ


دە كۆرسىتىلگەن ئورۇنغا قويۇپ ئۈسكىنىنى قايتا قوزغاتقاي.

iPad تەگلىك رەسىملىرى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!

ھەممىمىز بىلگىنىمىزدەك كومپيۇتېر ئۈچۈن تەگلىك رەسىمنىڭ ئادەم كەيپىياتىغا بولغان تەسىرىنى بوش چاغلاشقا بولمايدۇ.

پاكىز ۋە رەتلىك بولغان گۈزەل تەبىئەت مەنزىرىلىرىنىڭ ۋە سۈزەك،سىپتا ئىشلەنگەن ئابىستراكىت شەكىللەر ئۆز ئىچىگە

ئېلىنغان تەگلىكلەر بىر  قارىغان ئادەمگە ئازادە تۇيغۇ بېرەلەيدۇ.ئادەمنىڭ كەيپىياتغا مەلۇم دەرىجىدە ئارام بېرەلەيدۇ.

شۇنىڭدەك كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ قالغان تېلفۇن ۋە باشقا ئۈسكۈنىلەردىكى تەگلىك

رەسىملەرمۇ گۈزەل بولسا نىمىدىگەن ياخشى-ھە!

بۈگۈن ئايپەد ئىشلەتكۈچىلىرى ئۈچۈن بىر قانچە تەگلىك رەسىم  يوللاندى. بۇ تەگلىك رەسىملەرنىڭ ھەممىسىگە

خالاستان بلوگىنىڭ ئسمى قوشۇپ قويۇلدى.  راس گەپ نى قىلسام ئۆزەممۇ توربەت تامغىسى ئۇرۇلغان تەگلىك

رەسىملەرنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن. شۇڭا! بۇ  تەگلىك رەسىملەر دىكىخالاستان نامى ئاساسەن سۈرەت بەدىيلىكىگە

بولغان تەسىرىنى ئامال بار ئەڭ كىچىك چەككە چۈشۈرۈلدى. بەزى تەگلىكلەردىكى خالاستان نامى بەلكىم خېلى

ئىنچىكە قارىماي  تاپقىلى بولماسلىقى مۇمكىن. تورداشلارنىڭ قوللىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.(بۇلار ھەممىسى ئەسلى بار تەگلىكلەر.

كېيىچە ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى بولغان تەگلىكلەر ئىشلىنىپ تارقىتىلىدۇ. ئاللاھ خالىسا …..)

ئايفون ئۈچۈن تەگلىك رەسىملەر ئەتە ياكى بىر نەچچە كۈندىن كېيىن يوللىنىدۇ ۋە بۇنىڭدىن كېيىن تەگلىك تارقىتىش

قەرەلىك ۋە قەرەلسىز ھالدا يوللىنىپ تۇرىلىدۇ،ئاللاھ خالىسا…

چۈشۈرۈش ئادرېسى:

http://dl.dbank.com/c0on0vc4fe

(ئەسكەرتىش: مەندە ئايپەد بومىغانلىقتىن ئۈنۈمىنى كۆرۈشكە ئامال بولمىدى. شۇڭا تورداشلارنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرىگە مۇھتاج.

كېيىچە ئۆز مىللىي ئالاھىدىلىك ئەكس ئەتكەن ئىجادىي تەگلىكلەرنىڭ ياخشى پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن تەكلىپىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر.)

«iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» پۈتتى

ئارىمىزدا ئالما مەھسۇلاتلىرىنى يىڭىدىن تونۇغانلار كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. شۇڭا خالاستان بىلوگىدىن نەزەرى ۋە مۇركەبىر بىرلىكتە يىڭى ئۈگەنگۈچىلەرنىڭ بۇ «قىممەت» ئۈسكىنىدىن ئەتراپلىق پايدىلىنىشى ئۈچۈن «iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» تۈزۈپ تارقاتتۇق.

كىرىش سۆزى:

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!

قەدىرلىك ئاكا-ئىنى، ھەدە سىڭىل! مەن خالاستان بىلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى نەزەرى. خالاستان بىلوگى بولسا «شىنجاڭ ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى»(XJMac.com) نىڭ تارمىقىدىكى كىچىك بېكەت. مەن «شىنجاڭ ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى» تە ئۇستازلاردىن ئۆگەنگەن بىلىملەرنى تېخىمۇ چۈشىنىشلىك، ئاددى يوسۇندا بىلوگ ئارقىلىق تارقىتىۋاتىمەن خالاس.

ئىلمنىڭ زاكىتىنى بېرىش تەشۋىقى بىلەن بىلوگ قۇرۇلغاندىن بىرى نۇرغۇن ئىلىمسۆيەر قىرىنداشلارنىڭ مەدىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە بىلوگلار ئارسىدا مەلۇم تەسىرگە ئىگە بولدى. بولۇپمۇ زامانىمىزنىڭ ئەڭ ئەركە مەھسۇلاتى بولغان iPhone,iPod,iPad قاتارلىق ئۈسكىنىلەرگە كەسپىي تېخنىكىلىق مەسلىھەت تەمىنلەش شۇئارى بويىچە يول تۇتۇپ كەڭ ئالما ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ.

ئىنىمىز مۇركەبىر يىقىندا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئالما ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن تەييارلىغان iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسنىڭ ئورگىنالىنى ماڭا تاپشۇرغان.مەن بىخلان ئەپەندىنىڭ كۆرۈپ بەرگەن پىكىرى ۋە ئۆزۈمنىڭ ئەمەلىيىتى ئارقىلىق مەزمۇنلارغا يىڭىلاش ئېلىپ باردىم. ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىشلىرى بىلەن كود ئالماشتۇرۇش(ئەسلى مەزمۇن پۈتۈنلەي كىڭەيتىلگەن رايۇندا يېزىلغان)، تەھرىرلەش، بەت ياساش ئىشلىرىنى سەل كىچىكتۈرۋەتتىم.

ئاددىي چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي :بۇ كىتابتا سۆزلەنگەندە مەزمۇنلار گەرچە iPhoneھەققىدە بولسىمۇ بارلىق مەزمۇنلار دېگۈدەك ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن بولغان iPhone,iPod,iPadغا ماس كىلىدۇ. شۇنداقلا بۇ 3 مەھسۇلاتنىڭ مەشغۇلات سىيستېمىسى پۈتۈنلەي ئوخشاش. iPhoneئەسلى ipod touch ئاساسىدا ئىشلەنگەن. ipod touchقا تېلفون ئۇرۇش، يول باشلاش ئىقتىدارى قوشۇلسا  iPhoneغا تەڭداش كىلىدۇ. iPad بولسا ئىكرانى چوڭايتىلغان ipod touchقا باراۋەر دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.

ئاددىيلا كىتابچە، ئاددىيلا لايىھە، ئاددىيلا مەزمۇن… خالاستان بىلوگىنىڭ كەڭ ئالما ھەۋەسكارلىرى، يىڭىدىن ئالما مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۇچراشقانلار ۋە ئۇچراشماقچى بولغانلارغا بەرگەن ئاددىي سوۋغىسى.

كىتابچىنىڭ بارلىق مەزمۇنلىرىنى يېزىپ، رەسىملىرىنى بىر-بىرلەپ سىزىپ چىققان مۇركەبىرگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. بىلىك كۇلۇبىدىكى ئالىمجاننىڭ قىممەتلىك پىكىر بەرگىنىگىمۇ كۆپ رەھمەت. خوش، ئوقۇرمەننىڭ دىققىتى تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا بولغاي…

كىتابچىنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسى : ../load/iPhone.pdf