بەلگە ئارخىپى: icloud

iCloudۋەiOS5 مۇشۇ ئاينىڭ 12-كۈنى ئېچىلىدۇ

خالاستان بىلوگى بۇرۇنلاWWDC 2011 يىغىنىدىن كىيىن iCloudۋەiOS5 ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

بۈگۈنكى كۈندە مانا بۇ ئىككى مەھسۇلاتنىڭ قاچان رەسمىي تارقىتىلدىغانلىقى ئاشكارە بولدى.

iCloud نىڭ بىزگە قانداق قولايلىق ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى بۇ تېمىدىن كۆرۈشكە بولىدۇ. ../2056.html قىسقىلا ئىيتقاندا، بۇ بىر تورغا يۈكلەنگەن بۇلۇتقا ئوخشاش ئۆزى ئىنىقسىز ئەمما، ئىقتىدارى ناھايتى يۇقىرى ھىسابلاش، ساقلاش، بىر تەرەپ قىلىشنى بىر گەۋدە قىلغان سۇپا. ئابونتنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇلازىمتېرلار يۈكلەپ تۇرىدۇ. ئابونت خالىغان ئۈسكىنە ئارقىلىق ئۆزىگە خاس بولغان مەشغۇلات سۇپىسى، ئىقتىدار تىزىملىكى ۋە ساقلاش بوشلۇقىغا ئىگە بولىدۇ. iCloud قا يىڭىدىن Find My Friends ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتىكى 90% دېتال ئاچقۇچى قىززىقىدىغان ھەم دۆلىتىمىزدە ئەڭ مودا بولۇۋاتقان ئورۇنغا ئاساسەن دوستلىشىش، پاراڭلشىش ئىقتىدارى قوشۇلغان.

 iCloud ئادەتتىكى ئەزالار ئۈچۈن 5GB لىق ھەقسىز بوشلۇق ئېچىپ بەرگەن بولۇپ بارلىق ئۇچۇلارنى توردا ماسقەدەملەپ ئۆزىنىڭ i فامىلىلك ئۈسكىنلىرى ئارسىدا توساقسىز بىرلشىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

iOS5نىڭ يەنە قانداق ئىلغار تەرەپلىرىنىڭ بارلىقىنى مۇنۇ تېمىدىن كۆرۈش مۇمكىن. ../2058.html بۇ ھازىرقى ئىقتىدارى ئەڭ مۇكەممەل ئەقلىفون مەشغۇلات سىستىمىسى بولۇپ apple نىڭ پېلانى بويىچە كەلگۈسى ئككى يىل ئىچىدە بارلىق ئۈسكىنە (MAC OS Xئىشلىتىلگەن ئۈسكىنىلەرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) تەدرىجىي ھالدا iOS سۇپىسىغا كۆچىدۈ.يەنى ھەممە نەرسە ھەركەتچان ھالەتكە ئۆتىدۇ. ئۇنداق ئىغىر ئۈستەل كومپيۇتېرى، كىلەڭسىز خاتىرە كومپيۇتېرلارنى ھىچكىم خالىمايدۇ، apple مۇ ئشىلەپ چىقارمايدۇ.

iCloudۋەiOS5 نى قوللايدىغان ئۈسكىنىلەر : 3- ئەۋلادتىن يۇقىرى iPodTouch ۋە 3-ئەۋلادتىن يۇقىرى iPhone  شۇنداقلا iPad. تەپسىلىي: iPodTouch3,iPodTouch4,iPhone3Gs,iPhone4,iPhone4S,iPad1,iPad2 قاتارلىقلار.

iOS5 ئىلان قىلىنمايلا تۈرمىدىن قېچىپ بولدى

de>>ئالدىنقى تېمىمىزدا iOS5 نى ماختاپ ئۇچۇرۇپ، تونۇشتۇرۇپ بولدۇق. تېخى WWDC 2011 دا ئەمدى ئېلان قىلىغان iOS5 نىڭ سىناق نەشرى بۈگۈنكى كۈندە چەتئەلدىكى خاككىرلار تەرىپىدىن تۈرمىدىن قاچۇرلۇپ بولۇندى.

ios5 كە يىڭىلاش تەمىنلەيدىغان ئۈسكىنىلەر ipodtouch3,ipodtouch4,iPhone3Gs,iphone4,ipad1,ipad2,iTV1,iTV2 قاتارلىقلار بولۇپ، 9- ئايدا ئېلان قىلىنىدىغان iPhone نىڭ 5-ئەۋلاد نەشرى iPhone4s كىمۇ قاچىلىنىدۇ. يىل ئاخىردىكى ipad3 مۇ مۇشۇ نەشىرنى قوللايدۇ. ھازىر تورلاردا تارقالغىنى apple دىكىلەر دېتال ئاچقۇچىلارغا تەمىنلىگەن سىناق نەشرى بولۇپ ھەقىقى نەشرى يىقىندا چىقىدۇ.

iTunes10.5Beta نەشرىدە تۇرۇپ نەشىر كۆتۈرۈشكە بولىدۇ. http://developer.apple.com/devcenter/ios/index.action

مۇناسىۋەتلىك نەشىر كۆتۈرۈش سىناق بولىقىنى تۆۋەندىكى ئادىرىستىن چۈشۈرگەي. داۋاملىق ئوقۇش

iOS5 تىن كۆپچىلىككە سالام!

WWDC 2011 غا كۆز تىككەن ھەر بىر تورداشقا مەلۇمكى، بۇ يىغىندا بۇلۇت، mac os x نىڭ يىڭى نەشرى ۋە iOS5 ئېلان قىلىندى. ماقالىنى خالاستان بىلوگىدىن كۆرۈڭ.

ھەممەيلەن تەشنا بولغان iPhone4S ئېلان قىلىنماي ئۇنىڭ مەشغۇلات سىيستىمىسى بولغان iOS5 ئاۋۋال ئېلان قىلىندى(ھازىرقىسى سىناق نەشرى، ئىشىنچە ۋاقتى بار تورداشلار Google دىن ئاختۇرۇپ، چۈشۈرۈپ سىنىسا بولىدۇ). بۇ سىسيستىما بۇ يىلقى ئەڭ چوڭ نەشىر كۆتۈرۈش بولۇپ، يىڭىچە ئىقتىدارلىرى ھەقىقەتەن ئادەمنى رازى قىلىدۇ. بۇلۇت نوقتىسى قاتارلىق كۆرۈپ باقمىغان نوقتا، سىمسىز iTunes ماس قەدەملەش (بۇرۇن تورداشلار بەك سورىغان تېمىدا تونۇشتۇرۇلغان Wi-Fi Sync يەنىلا ئۆز نامىدا ios تىن ئورۇن ئاپتۇ) قاتارلىق ئىقتىدارلىرى apple ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن كاتتا خوش خەۋەر. تۆۋەندە بۇ نەشىردە قوشۇلغان ئىقتىدارلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.

قوزغالدىن كىيىن iPhone دىگەن قارشى ئېلىش كۆزنىكى ئېچىلىپ، ئارقىدىنلا Mac كە ئوخشاشلا ھەر خىل تىلدىكى «قارشى ئالىمىز» دىگەن خەت كۆرۈنىدۇ. قاتتىق، دەھشەت، ئاجايىپ، غەلىتە ئەپسۇسلار بولسۇنكى قارلۇق شىركىتى 2 يىل بۇرۇنلا خەۋىرىنى بەرگەن، ئاللىبۇرۇن پۈتۈپ بولغان ئۇيغۇر تىلى بولىقىمۇ قوشۇلماپتۇ. نەزەرى يەنىلا :«قارلۇق شىركىتىنىڭ باشقىچە مۇھىم قەدىمى بار ئوخشايدۇ» دەپ چۈشەنچە بېرىدۇ. خالاستان بىلوگى ۋە شىنجاڭ ئالما ھەۋەسكارلىرى تورى iOS ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش قەدىمىنى قايتا باشلايدۇ!

ios51

كىيىنكى قەدەمدە رايۇن تاللانغاندىن كىيىن كومپيۇتېرغا ياكى wifi غا ئۇلاپ ئاكتىپلاش ئەسكەرتمىسى چىقىدۇ.

ios52

نورمال ئاكتىپلاشقاندىن كىيىن بۇلۇتتىن ياكى كومپىيۇتېردىن ماتىريالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۆزنىكى چىقىدۇ. بۇ يەرگە ئەڭ ئۈستىدىكى تاللاشتىن كىيىنكى بەتكە ئۆتسەك apple id نى كىرگۈزىدىغان يەر بار.بۇ يەردىن ھەقسىز ھىساب نومۇرى ئېلتىماس قىلىڭ.

ios53

كىيىنكى قەدەمدە iCloudۋە ئۈسكىنىنى قايتۇرۋىلىش تاللاشلىرىنى تاللاپ كىيىنكى قەدەمگە ئۆتىمىز. مانا مۇشۇلار يىڭىلىقلاردۇر.

ios54

بۇ باسقۇچتا ئىشلەتكۈچىدىن سانلىق مەلۇماتنى apple مۇلازىمتېرغا يولاشنى تەلەپ قىلىش بولۇپ، بىزلەر يوللىمىساقمۇ بولىدۇ.

ios55

ئۆزگىرىش خىلى باركەن. iPod دىگەن خەت Music دەپ ئۆرگىرىپ ئىپادىسىنى تېپىپتۇ. SMS قىسقا ئۇچۇر دېگەن خەتمۇ ئەسلىگە قايتىپ Messages بولۇپتۇ.Reminders ,Newsstand دېگەن ئىككى تاللاش قوشۇلۇپتۇ. تۆۋەندىكىسى iPhone3gs نىڭ كەسمە رەسىمى، بەزى مەھسۇلاتلاردا ئازراق پەرق بولىدۇ.

ios56

Newsstand تا كۆرۈنگىنى كىتاب ئىشكابى شەكىللىك خەۋەرلەر مەركىزى بولۇپ يەرلىك ئۇچۇرلار،كىتابلار كۆرۈنىدۇ.

ios57

Reminders نامىدىكى يىڭى قوشۇلغان خاتىرە دەپتەر نىڭ ئىقتىدارىمۇ مۇكەممەل چىراي.

ios58

تام ئاتلاپ تورغا چېقىدىغانلارغا ياكى چەتتىكىلەرگە قولايلىق Twitter مۇ قوشۇلۇپتۇ. مەملىكىتىمىزدە ئېچىلمايدىغان بەتلەر بۇ.

ios59

Twitter دە يىڭى ئۇچۇر كەلسە بەت ئۈستىدە كۆرۈنىدۇ. تۆۋەنگە سۈرگەندىن كىيىن بارلىق ئۇچۇرلار بىللە Newsstand دا كۆرۈنىدۇ.

ios511

iCloud نى تاللىغاندىن كىيىن مۇناسىۋەتلىك تاللاشلار . بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى خالاستان بىلوگىدىكى ماس يازمىدىن كۆرگەيسىز. ../2056.html

ios510

ئۇچۇرنى ئىتتىرىپ چىقرىىدىغان يىڭى ئىقتىدارلىق iMessage. قىسقا ئۇچۇر كەلسە ئاپتوماتىك كۆرۈنىدۇ، تۈرمىدىن قېچىش كەتمىگۈدەك.

ios512

Safari كۆرگۈچىسىدىكى Reader دېگەن تاللاشتىن پەقەت بىكەتتىكى ماقالىنى كۆرىدىغان قىلىپ تەڭشەشكە بولىدۇ. ئېىقىم، كۆز تىجەيدۇ.

ios513

ھەر خىل تاراتقۇلارغا ھەمبەھىر قىلىش ئىقتىدارىمۇ سەپلىنىپتۇ.

ios134

يۇقاردا iOS5نىڭ سىناق نەشرىدە سىنالغان بىر قىسىم ئىقتىدارلارنى كۆرسەتتۇق. ئىشىنىمىزكى، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالقىشقا ئىرىشكەن يۆتكىمە مەشغۇلات سىيستىمىسى iOS بىزنى تېخىمۇ رازى قىلغۇسى.

iCloud ھەققىدە چۈشەنچە

Cloud دىگەن سۆزنىڭ خەلقئارالىق تىرانسىپىكىرىيىسى [klaud] بولۇپ ئۇيغۇرچىدا «كلاۇد» قا يىقىنراق تەلەپپپۇز قىلىنىدۇ.apple نىڭ ئىېىسم قويۇش ئادىتى بويىچە ئالدىغا «i» قوشۇلۇپ ئاتىلىدۇ. ئاتاقتا «ئايكلاۇد» دەپ تۇرساق كۇپايە. بۇ مەھسۇلات apple نىڭ يىڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئىلان قىلىنغان.

مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ. . بۇ مەھسۇلاتنىڭ ھەقىقى ئىشلەش جەريانىنى ۋە ئۈسكىنىدىكى ئورنىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.

بۇلۇت ئۇقۇمىنى ئەڭ باشتا google ئوتتۇرغا قويۇپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلرىدىكى ئىزدەش، ئۆمۈچۈك مۇلازېمتېرلىرىغا ئىشلەتكەن، ھەمدە نامى CloudComputing  دەپ ئاتالغان ، «بۇلۇت ھىسابلاش» دېگەندەك مەنىدە. شۇنداقلا googleنىڭ chrome مەشغۇلات سىيستېمىسى ۋە شۇ ناملىق كومپيۇتېرلىرىمۇ بۇلۇت ھىسابلاش مۇلازىمىتىگە بىقىندۇرۇلغان مەھسۇلاتلار. بۇنىڭدا توپلاشتۇرۇلغان بىر مۇلازىمتېرخانىدىكى بىر نەچچە ھەتتا بىر نەچچە مىڭ كومپيۇتېر مەلۇم بىر ئابونتنىڭ بەلگىلىك ساندىكى ھىسابلاش مۇلازېمىتىنى ئەڭ تېز سۈرەتت، بايلىقنى ئەڭ تىجىگەن ئۆلچەم ئاستىدا ئېلىپ بارىدۇ. بۇنى ئابونت ئۆزى سىزەلمەيدۇ، شۇڭا ئىنىقسىز بۇلۇت دىگەن نامدا ئاتالغان. ھەم بىز ئۆيدە ئىشلەتكەن توكتەك ئىشلەتكەن بايلىقى (مۇلازېمتېرنىڭ cpu ئىشلەش ۋاقتى) غا ئاساسەن ھەق تاپشۇرىدۇ.

amazon نىڭ بۇلۇت سۇپىسى ئاساسلىقى ساقلاش مۇلازىمتېرىنى ئاساس قىلغان بولۇپ ئىشلەتكەن بوشلۇقنىڭ ئىقىمغا ئاساسەن ھەق تاپشۇرۇلىدۇ. چېقىمى كىلاسسىك مۇلازىمتېر قۇرغاندىن 10 ھەتتا 100 ھەسسە ئەرزان. جېك بىلوگى ھازىر شۇ بۇلۇت مۇلازىمتېرىدا. بۇ خىل مۇلازىمتېر شەكلى ئىلىمىزدىمۇ خىلى ئوموملاشتى، بىراق بۇ نەرسە ئىسمى جىسمىغا لايىق ئىنىقسىز-بۇلۇت بولۇپ تىگىگە يېتىش خىلىلا تەس، نورمال-بىخەتەر ئىشلىتىشمۇ قىيىن مەسىلە. شۇڭا نۇرغۇن پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرى كۆپ مەبلەغ سىلىپ بۇلۇت سۇپىسىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىۋاتىدۇ. جوڭگوچە مائارىپنىڭ مەھسۇلى بولغان مەنمۇ ئەينى چاغدىكى «كومپيۇتېر تۈزۈلمىسى» دەرسىدە «بۇلۇت ھىسابلاش ھەققىدە» دەپ ماقالە تاپشۇرغان، ئەمما غايەت زور بۇلۇت ئالدىدا يەنىلا ئىنىقسىزلىق يوق ئەمەس.

apple نىڭ يىڭى ئەرمىكى بولغان iCloud بولسا يۇقارقى مەھسۇلاتلارنى ئەۋزەللكىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن بولۇپ بىخەتەرلىك جەھەتتە ھەقىقەتەن يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى دېسەك خاتا كەتمەيمىز.

iCloud مۇلازىمتېرى دەسلەپتە ئېلان قىلىغان مەزگىللەردە ئىشلەتكۈچىلەرگە ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ، كىيىنچە يىلىغا 24.99دوللار ھەق ئىلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەتلىرى تۆۋەندىكچە:

ئاپتوماتىك زاپاسلاش: ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۈسكىنىسىدىكى مۇزىكا، رەسىم، قوللىنىشچان دېتاللار (ئاتالمىش يۇمشاق دېتال) ۋە كىتاب قاتارلىقلار ئاپتوماتىك ھالدا apple نىڭ iCloud مۇلازىمتىرىغا زاپاسلىنىدۇ.ئەسكەرتىش: پەقەت iTunes دىن سېتىۋالغان نەرسىلەرلا ساقلىنىدۇ. ئەمىليەتتە ئىشلەتكۈچى ئۈچۈن ئارتۇق بوشلۇق ئاجراتماي بۇرۇنقى iTunes ئامبرىغا ئۇلاپلا مۇلازىمەت تەمىنلەۋىرىدۇ، مانا بۇ بۇلۇت، ئېنىقسىز.

بۇلۇت نوقتىسى ھۆججىتى:  بۇ مۇلازىمەت ئىشلەتكۈچى iWork (مەك كومپىيۇتېردىكى wordيۇمشاق دېتالى) تا قورغان ھۆججەت ۋە تاراتقۇلارنى تورغا زاپاسلاش.

بۇلۇت نوقتىسى رەسىمى: ھەرقانداق بۇلۇت نوقتا قوللايدىغان i فامىلىسىدىكى ئۈسكنىلەردە تارتىلغان سۈرەتلەرنىڭ ھەممىسى كومپيۇتېردا ساقلىنىدۇ. يىقىنقى 30 كۈنلۈك رەسىم iCloud تا ساقلىنىدۇ. ios تە بولسا 1000 تال رەسىم ساقلىنىدۇ. ئەلۋەتتە بۇلارنى ئۆزئارا ماسقەدەملەشتۈرگىلى بولىدۇ.

بۇلۇت iTunes: سېتىۋىلىنغان ناخشىلار بۇلۇتتا ساقلىنىدۇ، لازىملىق ئۈسكىنىگە خالىغانچە چۈشۈرۈشكە بولىدۇ.

5GB بوشلۇق: ئىشلەتكۈچىنىڭ بارلىق ماتىرياللىرى، ھۆججەتلەر، سىستىما دېتاللىرى بۇ بوشلۇقتا ساقلىنىدۇ. سېتۋىلىنغان ناخشىلار بۇ بوشلۇقنى ئىگەللىمەيدۇ.

Mobile Me ناملىق ئېلخەت: XXXX@me.com نامىدىكى ئېلخەت ئادىرسى تەمىنلىدۇ. ئۇچۇر ئېتتىرىش ئىقتىدارىنى قوللايدۇ، ئېلان قويۇلمايدۇ.

One More Thing: بۇ بۇرۇنمۇ ئېچىلغان مۇلازىمەت. iTunes Match نامىدىكى ناخشا ئىزدەش مۇلازىمىتى. چېقىرىلغان مۇزىكىلار ئادەتتە 256kbps كەڭلىكتە بولۇپ ئاۋاز سۈپىتى كاپالەتكە ئىگە.

يۇقارقلار apple نىڭ بۇ قېتىملىق مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىرىشكەن ئۇچۇرلار. Stave Jobs ئېيتىدۇكى :«كىيىنكى pc دەۋرىگە نىسبەتەن بۇرۇن iOS يوق ئىدى، كىيىن osx بولمايدۇ.» يەنى يۆتكەلمە ئۈسكىنىلەرگە بەكراق دىققەت قىلىپ، ئىشلەتكۈچىنى تەدرىجىي ھەركاتچان يىڭى مۇلازىمەتلەرگە يىتەكلەپ، ئۇچۇر ئامبىرىنى يۆتكىلىشچانلىققا يۈزلەندۈرۈش.

iCloud مۇلازىمەت كىرىش نوقتىلىرى كىيىنكى قىتىم ئېلان قىلىنىدىغان ios5 ۋە Lion غا سىڭدۈرۈلدى، ئىشلەتكۈچىلەر ئۈسكىنە نەشرىنى يۇقارقى نەشىرگە كۆتۈرگەندىن كىيىن بۇ مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمان بولالايدۇ.

WWDC 2011 تىكى يىڭىلىقلار ھەققىدە

2011-يىلى 6- ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە Apple شىركىتىنىڭ يۇمشاق دېتال ئاچقۇچىلار يىغىنى(يىڭى تېخنىكا ۋە يىڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىنىدۇ)- WWDC (Worldwide Developers Conference)ئامىركىدا ئېچىلدى. بۇ يىغىن 14 يىلدىن بىرى ھەر يىلى بىر قىتىمدىن ئېچىلىۋاتىدۇ. بۇ يىغىننى appleنىڭ ئەڭ يىڭى مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلىدىغان ئەڭ كاتتا مۇراسىمى دەپ ئاتاشقا ھەقلىقمىز. بۇ يىغىن ھەققىدىكى تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلارنى wikipedia دىن كۆرۈش مۇمكىن. بۇ يىغىنغا قارلۇق شىركىتىدىكىلەر 2007-يىلى تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ ئۇيغۇر يىزىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ۋە تېخنىكىلىق مەسلىھەتلەرنى بىرىپ كەلگەن. پەخىردىن قارلۇق ئەپەندىنىڭ ئامىركىدىكى يىغىن ئەھۋالى ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئوكيان قامۇسىدىن كۆرگەيسىزلەر.

WWDC 2011 ھەقتە تور دۇنياسىدىكى خەۋەرلەرمۇ بەكلا كۆپ. كۆپ قىسىم تورداشلار مۇناسىۋەتلىك تاراتقۇلاردىن ئازتولا خەۋەر تاپقانمۇ بولدى. مەن نەزەرىمۇ مۇشۇ ھەقتىكى ئۆگەنگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ يىغىنغا ھازىرچە قاتنىشىش نىسىپ بولمىغان(چوقۇم مۇمكىن بولىدۇ) بولسىمۇ ، نەخ مەيدان ئۇلاپ تارقاتمىسىنى كۆرۈپ چىقتىم، قاتتىق ھاياجان ئىچىدە appleنىڭ مەھسۇلاتلرىغا ئىشەنچىم تېخىمۇ ئېشىپ، كۆز ئالدىم بىلەكچىلا يورۇغاندەك بولدۇم.

يىغىنغا يەنە بۇرۇنقىدەكلا staveJobs بوۋاي باشتىلا قىزغىن چاۋاكلار بىلەن كىرىپ كەلدى. بۇرۇنقىدەك پادىچىلار ئىشىتىنى، كىلاسسىك كۆزەينىكى…..بوۋاي قىرىپتۇ، ھالسىزلىنىپتۇ، كىسىلى تېخىمۇ ئىغىرلىشىپۇ…. خوش، يىغىن تەسۋىرى مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن، تۆۋەندە ئوقۇرمەنگە نان بېرىدىغان مەزمۇنلارنى يازىلى.

WWDC 2011 ئاساسلىق مەزمۇنى شۇكى :

1.ئالما شىركىتى amazonۋە google دىن كىيىنلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بۇلۇت سۇپىسى iCloud نى ئېلان قىلدى.

بۇمۇ بىر خىل غايەت زور ھىسابلاش ماشىنىسى ئامبىرىنى ئىشلەتكۈچىگە تەمىنلەش مۇلازىمىتى بولۇپ ھازىرقى پىلاندا ھەقسىز ۋە ھەقلىق ئىككى خىل مۇلازىمەت ئېچىلغان. ھەقسىز سۇپىدىمۇ  itunes دىن چۈشۈرگەن بارلىق ناخشا-مۇزىكا، يۇمشاق دېتال ۋە بەلگىلەشلەرنى بۇلۇتقا ماسقەدەملەش تەمىنلىگەن بولۇپ سىسيتېما نەشىر كۆۈرۈلسە ياكى ئىشلەتكۈچى ئۈسكىنە ئالماشتۇرسا بىر ھىساب نومۇرى بىلەنلا ھەممە ماتىريالنى قايتا چۈشۈرەلەيدۇ. بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ تەپسىلىي بايان ئايرىم تېمىدا.

2.apple يۆتكەلمە ئۈسكىنىلىرى ئۈچۈن يىڭى مەشغۇلات سىيستېمىسى iOS5 نى ئېلان قىلدى.

بۇ نەشىردە يىڭىلىقلار ھەقىقەتەن كۆپ. بۇلۇت ئىغىزى تەمىنلەنگەندىن سېرىت ئىشلىتىش قولايلىقى ۋە تورسىز كومپيۇتېر بىلەن ماس قەدەملەشتۈرۈش قاتارلىق يىڭىلىقلار قوشۇلغان.ئەسلى نۇرغۇن تەھىلىلچىلەر بۇ يىغىندا iPhone نىڭ 5-ئەۋلاد ئۈسكىنىسى iPhone4Sنى ئېلان قىلىدۇ دەپ قارىغان، لىكىن مەزمۇت قەدەم بېسىشنى شەرت قىلغان apple يىغىندا بۇ مەھسۇلات توغۇرلۇق توختالمىدى، ئىنىقكى يۇقارقى يىڭىلىقلار ھەممىسى 9-ئايدا ئېلان قىلىنىدىغان iPhone4S ۋە يىل ئاخىردا ئېلان قىلىنىدىغان ipad3 دە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ios5 تىكى يىڭىلىقلار ھەققىدە خالاستان بىلوگىدا ئايرىم تېما يوللاندى. مەنزىل

3. leopard دىن ھالقىغان LIon مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئېلان قىلدى.

ھەممەيلەن بىلىمىز apple ئاچقان Linux نىڭ darwin نېگىزىدىن ئايرىلىپ چىققان MAC OS X بولسا دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار، ئەڭ چىرايلىق، ئەڭ ئالقىشقا ئىرىشكەن مەشغۇلات سىيىستىمىسى. بۇ ھەقتە باياننى بۇ يەردىن كۆرۈڭ. مەشغۇلات سىيستېمىسى پەقەت Macintosh قىلا قاچىلىنىدۇ. ھەم ھەقسىز ياكى ھەقلىق نەشىر كۆتۈرۈش مۇلازىمىتى تەمىنلەيدۇ.

بۇ سيسستىما ئادەتتكى PC لارغا تەمىنلەنمىگەن، شۇڭا جوڭگودا بۇ سيىستىمىنى ئىشلىتىش شەرىپىگە ئىرىشكەن ئادەم بەكلا ئاز. ئۇيغۇرلار ئېچىدىمۇ پەقەتلا قارلۇق شىركىتى مۇنتىزىم ھالدا Macintosh مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق تەربىيلەش-سېتىش مۇلازىمىتى ئېلىپ بارىدۇ. چەتئەلدىكى تېخنىكلار pc غا قاچىلايدىغان يېشىۋىتىلگەن نۇسخىسىنى تارقاتقاچ بەزى ھەۋەسكارلار ئۆزلىرى قاچىلاپمۇ ئىشلىتىۋاتىدۇ.تېخنىكا تەلىپى يۇقىرىراق، لىكىن قاچىلىمىسا iphone غا يۇمشاق دېتال يازىدىغان xCode نى ئىشلىتىش مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا نەزەرى قاتارلىق ئالمىچىلار pcدا mac os x ئىشلىتىدۇ.

بۇ قىتىم ئېلان قىلىنغان نۇسخسىنىڭ نامى Lion — شىر. سېتىلىش باھاسى بۇرۇنقى نەشىرلەردىن تۆۋەنرەك، ئىقتىدارى جەھەتتە كۆپ بارماق ئورنى سېزىش، Mission Control(ئىجرا ۋەزىپە باشقۇرۇش)،Mac App Store، نەشىر كونتىرولى، ئۇچۇر ئەسلىگە كەلتۈرۈش… قاتارلىقلار ئىقتىدارلاردا ياخشىلىنىش بولغان. بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي بايانلارنى خالاستان بىلوگىنىڭ قۇرۇلىشىغا ئاساس بولغان «شىنجاڭ ئالما ھەۋەسكارلىرى تور بىتى»(يىقىندا ئېچىلىدۇ)دىن كۆرگەيسىزلەر.