خۇددى كۈتكىنىمىزدەك 5.0.1 مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچتى.
دوستلارنىڭ redsn0w 0.9.10 نى چۈشۈرۈپ تۈرمىدىن قاچۇرىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن. ۋاقىت قىس دەرسلىكنى يەنە يوللاپ قويىمەن.
بەلگە ئارخىپى: iphone4
يىڭى قارا iPhone4,16G دىن بىرى ئەرزان سېتىلىدۇ
يىڭى مەھسۇلات، 港行 بولۇپ، ئۆزۈم ئىشلىتىشكە ئالغان، ئەمما باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى ماڭا مۇۋاپىق كەلمىدى. قولۇمدا باشقا apple مەھسۇلاتلىرى بار.
ئۆزۈم ئۈرۈمچىدە كاماندۇرۇپكىدا، شۇڭا iPhone مۇ مىنىڭ قولۇمدا. ھەپتە ئاخىردا ۋاقىت چىقىرىپ، نەق مەيداندا سىناپ بېرىشكە ياكى خالىغان ئادېرىسقا سېلىپ بېرىشكە بولىدۇ. زاۋۇتتىن چىققان بارلىق سەپلىمىلىرى تولۇق. ئىكران پەردىسى، تىڭشىغۇچ ئاسرىغۇچ… دېگەندەك قوشۇمچە نەرسىلىرىمۇ بار. نەشرى 5.0
لازىم دەپ ئويلىغانلار ئالاقىلىشىپ يۇقارقى ئىككى ئۇسۇلدا سېتىۋالسا بولىدۇ. سۈپىتىگە بىر يىل كاپالەت بېرىلىدۇ. باھاسى 3900 سوم. باشقا كونكىرىت ئىشلارنى Email دە دېيىشسەك. admin@../
يىپيىڭى iPhone4,16G (ئاق) ئەرزان سېتىلىدۇ
سالام!
ساتارمەن نەزەرى يەنە يىڭى ئۇچۇر يوللايدۇ. يۇقاردا دېيىلگەندەك 香港 دىن كىرگۈزگەن ئاق رەڭلىك، 16G لىق (ئەلۋەتتە قۇلۇپسىز) iPhone4 تىن بىرى ئەرزان سېتىلىدۇ.
ئەسلى بىر دوستۇمغا سېتىۋالغان، ئەمما ئۇ بۇرادەر بۇنىڭغا ساقلاپ بولغۇچە ئاكىسى بىرنى سوۋغا قىلغان بولغاچ ماۋۇسىنى ئەرزانراق باھادا سېتىۋىتىدىغان بولدۇق. ھازىرقى باھا 4000 سوم. كىرانى سېتىۋالغۇچى كۆتۈرىدۇ. بارلىق ئورالما قاپلىرى، ئىشلىتىش قوللانمىسى، تىڭشىغۇچ، ئۇچۇر سىم، ئىكران ئاسراش پەردىسى، ئاسراش غىلاپى، SIM كارتا قايچىسى (MiNi SIM كارتا قاپچۇقى) دېگەندەك سەپلىمىلىرى تېخى ئىشلىتىلمىگەن ھالەتتە. iPhone نىمۇ ئېچىپ سىناپ باقتۇق، مەسىلە بايقالمىدى. سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمىتى 1 يىل.
سېتىۋىلىش ئويى بارلار مەن بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلغاي QQ,Email ————- admin@../
iOS 5 تە تولۇق سۈرەت «全景拍照» ئىقتىدارىنى ئېچىش
مەن تولۇق سۈرەت «全景拍照» ئىقتىدارىنى بۇرۇن Symbian نىڭ بۈيۈك ئىزباسارى Nokia E5 دا بەك ئىشلەتكەن.بۇ خىل ئىقتىدارنى ئىشلىتىپ سۈرەت كۆزى ئارقىلىق ئەتراپىمىزىدىكى 360گىرادۇسلۇق مەنزىرىنى بىرلا رەسىمگە سىغدۇرغىلى بولىدۇ. يەنى، رەسىم تارتىش ئىقتىدارىنى ئېچىپ ئورنىمىزدا 360 گىرادۇس ئايلاندۇرساق ، ئىكرانغا كۆرۈنگەن بارلىق مەنزىرە بىرلا سۈرەتكە ساقلىنىدۇ(ئۇزۇنچاق بىر رەسىم چىقىدۇ). Googleنىڭ كوچا رەسىمى تارتىدىغان ماشىنا — GoogleCar لارغىمۇ مۇشۇنداق ئىقتىدار ئورنىتىلغان ھازىر توردىنلا ئامېركانىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم يەرلىرىنى نەخ مەيداندا تۇرغاندەك كۆرەلەيمىز.تېمىدىن چەتنىمەيلى.
ئالدىنقى كۈنلەردىن تارتىپ نۇرغۇن بىلوگلاردا iPhone نىڭمۇ بۇ ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. چاتاق يېرى، تۈرمىدىن قاچۇرمىغان ئۈسكىنىلەرگە بۇ ئىقتىدارنى قوشقىلى بولمىغان. سىناشقا ئۈلگۈرمەيلا بۈگۈن تۈرمىدىن قاچۇرمىغان iPhone لارغىمۇ بۇ ئىقتىدارنى قوشقىلى بولىدىغانلىقدىن خەۋەر تېپىپ سىناپ مۇۋەپقىيەت قازاندىم.باسقۇچىنى ئورتاقلىشاي:
ئالدى بىلەن iBackupBot نى چۈشۈرىمىز.
ئاندىنiTunesئارقىلىقiPhone نى زاپاسلايمىز. جەريانى: iTunes دىكى iPhoneنامى ئۈستىدە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىنى چەكسەك 备份 كۆرۈنىدۇ.
- كىيىنكى قەدەمدە iBackupBotنى قوزغىتىمىز. file نىڭ ئېچىدىن open nh تاللاپ Library/Preferences/com.apple.mobileslideshow.plistدېگەن مۇندەرىجىدىن رەسىمدىكى زاپاس ھۆججەتنى ئاچىمىز.
- رەسىمدىكى ئورۇنغا EnableFirebreakYES دېگەن كودنى قوشىمىز.
يۇقارقى باسقۇچ تامام. ئاندىن “Export”(输出) نى باسىمىز، كىيىنكى تاللاشتىن “Restore”(还原)نى بېسىپ بۇرۇن تاللىغان ھۆججەتنى قاپلىۋىتىمىز.
بىر ئاز ساقلايمىز. ھۆججەتنىڭ چوڭ كىچىكلكىگە ئاساسەن ۋاقىت كىتىدۇ.
مەشغۇلات تاماملىنىپ iPhone قايتا قوزغالغاندىن كىيىن سىنئىلىش تاللانمىسىدا 全景 دېگەن تۈرنى كۆرۈشكە بولىدۇ.
«جىددى» ئەرزان iPhone4 سېتىلىدۇ
سالام بىلوگداشلار!
مەن كەڭ زىيارەتچىلەرنىڭ ئىھتىياجىغا يەنە بىر ئەرزان، ئىشەنچلىك iPhone4 تەۋسىيە قىلىمەن.
بۇ ئۈسكىنىنى مەن بەك ھۆرمەتلەيدىغان، ئۇستاز سۈپەت دوستۇم ئىشلەتكەن. ئۆتكەن يىلى 5888 يۈەنگە 联通 مەخسۇس سېتىش دۇكىندىن سېتىۋالغان بولۇپ (正品行货).
iPhone4, 16G نۆۋەتتە تىجارەتكە ئىقتىساد ئىھتىياجى بىلەن ساتماقچى بولغانىكەن مەن بىلوگىمغا يوللاپ قويۇشۇم. ئىشەنچلىك مال ئىزدەۋەتقانلار پايدىلانغاي.
ئۆتكەن يىلىنىڭ 44- ھەپتىسى زاۋۇتتىن چىققان. دوستۇم ئىشلەتكەن ۋاقىت تەخمىنەن 10 ئاي ئەتراپىدا. پۈتۈنلەي ئاسراش پەردىسى، ئاسراش غىلاپى بىلەن ئىشلەتكەن بولغاچ ھىچقانداق سۈرۈلۈش ئۇپراش يوق. بارلىق بولاق، ئورالما، قوشۇمچە ئۈسكىنىلىرىمۇ تېخى يىپيىڭىلا. باتارىيەسىدىمۇ ھىچقانداق سىغىم كىچىكلەش يوق. 95% يىڭى دەپ ئىيتىشقا بولىدۇ. پەقەت يىڭى بىر ئاسراش پەردىسى چاپلىتىپ يىڭى دەپ باشقىلارغا سوۋغا قىلسمۇ چانمىغىدەك دەرىجىدە.
قىسقىغىنە بىر يىلدىن بۇيان بىلوگدا نۇرغۇن مەھسۇلات ئۇچۇرلىرىنى قالدۇردۇم، مەندىن مال سېتىۋالغانلارنىڭ تېخى بىرەرسىمۇ سۈپەتتىن رازى بولماي قايتۇرغىنى يوق. ئىشەنچسىز نەرسىنى مەنمۇ تونۇشتۇرۇپ يۈرمىدىم. ماۋۇسى مەن ئۆزۈم نەچچە ئىشلەتكەن، سىنىغان، رازى بولغان iPhone. سۈپىتىگە يەنىلا خالاستان بىلوگى نامىدىن 6 ئايلىق كاپالەت بىرىمەن. باھاسىنى ئەسلى ھازىرقى بازار باھاسى بويىچە يۇقىرى قويۇشنى ئويلىغان، ئەمما پۇلغا ئىھتىياج سەل جىددى بولغاچ 4000 سوم قىلىپ بىكىتتۇق. خىرىدارنىڭ ئىھتىياجى بويىچە ئازراق كىلىشسەك بولىدۇ. كىرانى بىز كۆتۈرىمىز.
ئىھتىياجلىقلار ۋاقتىدا مەن بىلەن ئالاقە قىلساڭلار، رەھمەت. Email,QQ ئوخشاشلا admin@../ تېلفون: بىر يۈز ئەللىك سەككىز،بىر مىڭ ئەللىك تۆت، بىر مىڭ سەكسان سەككىز.ھەركۈنى بېيجىڭ ۋاقتى 0:00 دىن كىيىن تېلفون تاقىلىدۇ.
iOS5 تىن كۆپچىلىككە سالام!
WWDC 2011 غا كۆز تىككەن ھەر بىر تورداشقا مەلۇمكى، بۇ يىغىندا بۇلۇت، mac os x نىڭ يىڭى نەشرى ۋە iOS5 ئېلان قىلىندى. ماقالىنى خالاستان بىلوگىدىن كۆرۈڭ.
ھەممەيلەن تەشنا بولغان iPhone4S ئېلان قىلىنماي ئۇنىڭ مەشغۇلات سىيستىمىسى بولغان iOS5 ئاۋۋال ئېلان قىلىندى(ھازىرقىسى سىناق نەشرى، ئىشىنچە ۋاقتى بار تورداشلار Google دىن ئاختۇرۇپ، چۈشۈرۈپ سىنىسا بولىدۇ). بۇ سىسيستىما بۇ يىلقى ئەڭ چوڭ نەشىر كۆتۈرۈش بولۇپ، يىڭىچە ئىقتىدارلىرى ھەقىقەتەن ئادەمنى رازى قىلىدۇ. بۇلۇت نوقتىسى قاتارلىق كۆرۈپ باقمىغان نوقتا، سىمسىز iTunes ماس قەدەملەش (بۇرۇن تورداشلار بەك سورىغان تېمىدا تونۇشتۇرۇلغان Wi-Fi Sync يەنىلا ئۆز نامىدا ios تىن ئورۇن ئاپتۇ) قاتارلىق ئىقتىدارلىرى apple ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن كاتتا خوش خەۋەر. تۆۋەندە بۇ نەشىردە قوشۇلغان ئىقتىدارلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
قوزغالدىن كىيىن iPhone دىگەن قارشى ئېلىش كۆزنىكى ئېچىلىپ، ئارقىدىنلا Mac كە ئوخشاشلا ھەر خىل تىلدىكى «قارشى ئالىمىز» دىگەن خەت كۆرۈنىدۇ. قاتتىق، دەھشەت، ئاجايىپ، غەلىتە ئەپسۇسلار بولسۇنكى قارلۇق شىركىتى 2 يىل بۇرۇنلا خەۋىرىنى بەرگەن، ئاللىبۇرۇن پۈتۈپ بولغان ئۇيغۇر تىلى بولىقىمۇ قوشۇلماپتۇ. نەزەرى يەنىلا :«قارلۇق شىركىتىنىڭ باشقىچە مۇھىم قەدىمى بار ئوخشايدۇ» دەپ چۈشەنچە بېرىدۇ. خالاستان بىلوگى ۋە شىنجاڭ ئالما ھەۋەسكارلىرى تورى iOS ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش قەدىمىنى قايتا باشلايدۇ!
كىيىنكى قەدەمدە رايۇن تاللانغاندىن كىيىن كومپيۇتېرغا ياكى wifi غا ئۇلاپ ئاكتىپلاش ئەسكەرتمىسى چىقىدۇ.
نورمال ئاكتىپلاشقاندىن كىيىن بۇلۇتتىن ياكى كومپىيۇتېردىن ماتىريالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۆزنىكى چىقىدۇ. بۇ يەرگە ئەڭ ئۈستىدىكى تاللاشتىن كىيىنكى بەتكە ئۆتسەك apple id نى كىرگۈزىدىغان يەر بار.بۇ يەردىن ھەقسىز ھىساب نومۇرى ئېلتىماس قىلىڭ.
كىيىنكى قەدەمدە iCloudۋە ئۈسكىنىنى قايتۇرۋىلىش تاللاشلىرىنى تاللاپ كىيىنكى قەدەمگە ئۆتىمىز. مانا مۇشۇلار يىڭىلىقلاردۇر.
بۇ باسقۇچتا ئىشلەتكۈچىدىن سانلىق مەلۇماتنى apple مۇلازىمتېرغا يولاشنى تەلەپ قىلىش بولۇپ، بىزلەر يوللىمىساقمۇ بولىدۇ.
ئۆزگىرىش خىلى باركەن. iPod دىگەن خەت Music دەپ ئۆرگىرىپ ئىپادىسىنى تېپىپتۇ. SMS قىسقا ئۇچۇر دېگەن خەتمۇ ئەسلىگە قايتىپ Messages بولۇپتۇ.Reminders ,Newsstand دېگەن ئىككى تاللاش قوشۇلۇپتۇ. تۆۋەندىكىسى iPhone3gs نىڭ كەسمە رەسىمى، بەزى مەھسۇلاتلاردا ئازراق پەرق بولىدۇ.
Newsstand تا كۆرۈنگىنى كىتاب ئىشكابى شەكىللىك خەۋەرلەر مەركىزى بولۇپ يەرلىك ئۇچۇرلار،كىتابلار كۆرۈنىدۇ.
Reminders نامىدىكى يىڭى قوشۇلغان خاتىرە دەپتەر نىڭ ئىقتىدارىمۇ مۇكەممەل چىراي.
تام ئاتلاپ تورغا چېقىدىغانلارغا ياكى چەتتىكىلەرگە قولايلىق Twitter مۇ قوشۇلۇپتۇ. مەملىكىتىمىزدە ئېچىلمايدىغان بەتلەر بۇ.
Twitter دە يىڭى ئۇچۇر كەلسە بەت ئۈستىدە كۆرۈنىدۇ. تۆۋەنگە سۈرگەندىن كىيىن بارلىق ئۇچۇرلار بىللە Newsstand دا كۆرۈنىدۇ.
iCloud نى تاللىغاندىن كىيىن مۇناسىۋەتلىك تاللاشلار . بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى خالاستان بىلوگىدىكى ماس يازمىدىن كۆرگەيسىز. ../2056.html
ئۇچۇرنى ئىتتىرىپ چىقرىىدىغان يىڭى ئىقتىدارلىق iMessage. قىسقا ئۇچۇر كەلسە ئاپتوماتىك كۆرۈنىدۇ، تۈرمىدىن قېچىش كەتمىگۈدەك.
Safari كۆرگۈچىسىدىكى Reader دېگەن تاللاشتىن پەقەت بىكەتتىكى ماقالىنى كۆرىدىغان قىلىپ تەڭشەشكە بولىدۇ. ئېىقىم، كۆز تىجەيدۇ.
ھەر خىل تاراتقۇلارغا ھەمبەھىر قىلىش ئىقتىدارىمۇ سەپلىنىپتۇ.
يۇقاردا iOS5نىڭ سىناق نەشرىدە سىنالغان بىر قىسىم ئىقتىدارلارنى كۆرسەتتۇق. ئىشىنىمىزكى، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالقىشقا ئىرىشكەن يۆتكىمە مەشغۇلات سىيستىمىسى iOS بىزنى تېخىمۇ رازى قىلغۇسى.
iphone4 دا تارتىلغان كىنو مۇكاپاتلاندى
بۇ فىلىمنى كورىيەلىك داڭلىق رىژىسور 朴赞郁 باشچىلىقىدىكى گۇرۇپپا iPhone4تە تارتقان بولۇپ ھازىرچە تولۇق نۇسخىسى يوقكەن.
خەنچە ئىسمى 《波澜万丈》 دەپ ئاتالغان بۇ فىلىم پەقەت 30 مىنۇت بولۇپ بىر ئەرنىڭ بىلىق تۇتۇش جەريانىدا تۇيۇقسىز بىر قىزچاقنى سۇدىن تېپىۋىلىشى ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن يۈز بەرگەن قورقۇنۇشلۇق ۋەقەلەت تونۇشتۇرۇلغان.
بۇ قىسقا فىلىم 63- نۆۋەتلىك بىرلىن كىنو بايرىمدا قىسقا فىلىملەر تۈرىدە ”ئەڭ مۇنەۋۋەر قىسقا فىلىم“ مۇكاپىتىغا ئىرىشكەن. فىلىمنىڭ تولۇق نۇسخىسى يىقىندا يوللىنىدۇ.
گۇاڭدوڭ تىلگىرافى تۇنجى CDMA نۇسخىدىكى iPhone4نى سىنىدى
ھەممە تەلپۈنىۋاتقان CDMA نۇسخىدىكى iPhone4 ئاخىرى جوڭگودا تۇنجى قەدەمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك باستى.
CDMA نۇسخىدىكى iPhone4 دىيىلگىنى ئامىركا virizonشىركىتى ئۈچۈن ئۈچۈن بۇيرۇتۇپ ياسالغان بولۇپ ئامىركىدا ئىشلىىتلىش تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بولغان cdma2000 تورىنى قوللانغان بولۇپ دۇنايدىكى نۇرغۇن cmda2000تورى تىلگىراف شىركەتلىرىگە نىسبەتەن ئېسىل خەۋەردىن بىرى ھىسابلىنىدۇ.
ئىزچىل يۇقىرى ئىستىمالچى ئاتىلىۋاتقان apple fans لەرمۇ مۇشۇ باھانىدە يەنە كۆپىيىدۇ. بۇ iPhone بۇ يىل 2-ئاينىڭ 11-كۈنى ئامىركىدا رەسمىي بازارغا كىرگەن بولۇپ تۇنجى كۈنىدىكى سىتىلش مىقدارى 500مىڭدىن ئىشىپ كەتكەن. بۇ ئامىركا تىلگىراف شىركىتى Verizon نىڭ تارىختىكى ئەڭ چوڭ غەلبىسى ھىسابلىنىدۇ. بۇ iphoneدا ئانتىنا قايتا لاھىيەلەنگەن بولۇپ بۇرۇنقى سېگىنال چاتىقى ئاساسەن ئوڭشالغان. شۇنداقلا wifi روتور ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ cmda2000تورىنىڭ 3Gسىگىنالىنى ئوڭايلا wifiئۈسكۈنىلەرگە ئورتاق قىلىپ بىرەلەيدۇ. بىرلا ۋاقىتتا 5 دانە wifi ئۈسكىنىگە سېگىنال تەمىنلەشمۇ apple تارىخىدا بولۇپ باققان ئىش ئەمەس.
گۇاڭدوڭ تىلگىرافى نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ئۇلارنىڭ تىلفون ئۇرۇش سىنىقى ناھايىتى مۇۋاپپەقىيەتلىك بولغان. ئۇلار يىقىندا يەنە قىسقا ئۇچۇر،تەڭلىك ئۇچۇر قاتارلىق ئىقتىدارلارنىمۇ سىنايدىكەن. بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارمۇ خالاستان بلوگىدا ۋاقتىدا تەمىنلىنىدۇ. ھەم جوڭگودىكى سىتلىش كونكىرىت ۋاقتى، باھاسى قاتارلىق ئۇچۇرلارمۇ ۋاقتىدا ئىلان قىلىنىدۇ.ھازىر چەتئەلدىكى بەزى ئوقۇغۇچى ياكى سودىگەرلەر جوڭگولۇقلارغا نىسبەتەن ۋاكالىتەن ئىلىپ بىرىش مۇلازىمىتى يولغا قويۇپتۇ. باھاسى 4500سومدىن 6000 سومغىچە ئەتراپتا. يەنى ھازىرقى WCDMA نۇسخىدىكى iPhone دىن ئەرزانراق.
چۈنكى cdma2000 فورماتىدىكى iphone غا simكارتا چۈشمەيدۇ. پەقەت ئالاھىدە ئۈسكىنە ئارقىلىق بەلگىلەنگەن ئۈزەككە ئۇچۇر يىزىۋىتىلىدۇ. شۇڭا بۇ خىل مۇرەككەپ نۇمۇر يىزىشى جەريانى ھەل قىلىنىشتىن بۇرۇن باھاسى ئارتۇق ئۆسمەيدۇ. ئەلۋەتتە، ئۆزەككە نۇمۇر يىزىش ئىشىنى دەسلەپتە ھەر خىل تىلگىراف شىركەتلىرى قىلىدۇ. تەدرىجىي باشقا شەخسى سودىگەرلەرمۇ قىلىشقا باشلايدۇ.
شۇنى تورداشلارنىڭ سەمىگە سالايكى، iPhone غا نىسبەتەن يۇمشاق دىتال ئارقىلىق ھەل قىلىنىدىغان مەسىلە مەسىلە ئەمەس.لىكىن قاتتىق دىتالغا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق ئۆرگەرتىش بەدەل تەلەپ قىلىدۇ. ۋاقتى كەلگەندەك بىر نۇمۇر يىزىش مۇلازىمىتى نەچچە يۈز سوم بولىشى مۇمكىن. شۇڭا تورداشلار بۇ مەسىلىگە كۆڭلىدە پىلان تۈزۈپ قويىشى كىرەك