بەلگە ئارخىپى: cydia

Cydia غا ModMyi ۋە Thebigboss لارنىڭ مەنبەسىنى قوشۇش

Cydia بولسا تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان ئۈسكىنىلەردە چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك ئاساسى دېتال.

خالاستان بىلوگى بۇرۇن Cydia  ئىشلىتىش ھەققىدە مەخسۇس تېما يوللاپ ئوقۇرمەنلەرگە ساۋات بەرگەن. تېما ../928.html

يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان ModMyi ۋە Thebigboss لار بولسا خەلقئارادىكى ئەڭ داڭلىق Cydia مەنبەلىرى. ئۇلارنىڭ قىستۇرما، ئىقتىدار ياماقلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن داڭىق چىقارغانلىقىنى كۆپىنچىمىز بىلىمىز.

ئەمما تۈرمىدىن قاچۇرۇلغاندىلا Cydia غا ئاپتوماتېك قوشۇلىدىغان مەنبەلەر تۇرۇپمۇ ئۇقۇشماسلىق ياكى قەستەنلىك سەۋەبىدىن ئۆچۈرلۈپ كېتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بەزى دېتاللارنى قاچىلىغاندا ياماق تېپىلماي نورمال ئىشلىتىشكە تەسىر يېتىدىغان ياكى ئىشلىمەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.ModMyi ۋە Thebigboss لار ئۆزلىرىمۇ ماس Cydia  مەنبەسىنى ئېلان قىلغان.

Thebigboss نىڭ مەنبە ئادېرسى http://apt.thebigboss.org/repofiles/cydia/

ModMyi نىڭ مەنبەسى  http://modmyi.com/cydia/

ZodTT& Mac Citi نىڭ مەنبەسى http://cydia.zodttd.com/repo/cydia/

لىكىن بۇ مەنبەلەرنى يۇقارقى دەرىسلىكتىكى چارە ئارقىلىق قوشۇشقا سىستىما ھوقۇقى يەتمەيدۇ، شۇڭا نۇرغۇن تورداشلار (كۆز ئىشارىسى ئارقىلىق كىتاب ئۆرۈش)دەك Cydia دىكى Thebigboss نىڭ مەنبەسىدىن دېتال چۈشۈرۈشتە قىينالدى. شۇنى كۆزدە تۇتۇپ تۆۋەندە يۇقارقىىدەك يۇقىرى ھوقۇقلۇق مەنبەلەرنى قوشۇش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇراي.

1. ئالدى بىلەن Cydia نىڭ باش بېتىنى ئاچىمىز. بارلىق يىڭى بەتلەرنى تولۇق چۈشۈرۈشنى ساقلايمىز. ئەڭ ئۈستۈنكى قۇردا چۈشۈرۈش ھالىتى يوقىسىلا بولىدۇ.

2. سول تەرەپ يۇقىردىن تۆۋەنگە قاراپ More Package Sources دېگەن خەتنى باسقاندىن كىيىن يىڭى بەت ئېچىلىدۇ.

3. بۇ بەتتىن يۇقاردىكى Thebigboss ،ModMyi، ZodTT& Mac Citi ئۈچ مەنبەنى قوشۇپ بولغاندىن كىين تۆۋەندىكى تاللاش مەنبەلىرىنىمۇ تولۇقسىز قوشۇپ دېتال چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.

Cydia ئارقىلىق APP Store دىن ئىزدەش

تۆۋەندە تونۇشتۇرماقچى بولغان ئەپ ئارقىلىق APP Store دا نۆۋەتتە ئەڭ كۆپ سېتىلىۋاتقان 200 ھەقلىق ئەپ ۋە نۆۋەتتە ھەقسىز تارقىتىلىۋاتقان چۈشۈرلىشى ئەڭ كۆپ 200 ئەپنى بىۋاستە كۆرەلەيمىز.

قىستۇرما قاچىلاش ئ‍ۈچۈن Cydia غا ModMyi repo نىڭ مەنبەسىنى قوشۇپلا  AppMosaic دەپ ئىزدەيمىز.

چۈشەندۈرۈلىشى

Close[SWF] - AppMosaic

iOS 5.0.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جامائەتلىرىمىز! ئوبدان تۇرۇشۇپلىمۇ؟ نەزەربايمۇ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن پالاقشىپ يۈرۈپ ئازراق تورغا چېقىش پۇرسىتى بولغاچقا باشقىسى بولمسىمۇ ئۇچۇر يوللىغاچ تۇراي.

ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك، iOS 5.0.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىش ئۇسۇلىنىڭ چىقمىقى بەسى مۈشكۈل بولدى. ھەم تېخىمۇ مۈشكۈل بولىدۇ. چۈنكى Appleدىكىلەر دۋاملىق تۈردە ھەرخىل ياماقلارنى چىقىرىپ يوچۇقلارنى ئېتىپ تۇرغاچ پارتىزانلارنىڭ كۈنى تەسكە چۈشىۋاتىدۇ.

Cydia دا نۇرغۇن ياخشى ئەپلەرنى قاچىلاپ كۆنۈپ قالغان ئادەم بىراقلا تۈرمىدىن قاچۇرمىغان ئۈسكىنىگە چاپلىشىپ قالسا ھەقىقەتەن قولايسىزلىق ھىس قىلىدىكەن. ھەم ئىقتىسادى ياخشى بولمىغانلار ئۈچۈنمۇ تەسكەن.

يىقىندا يەنە بىر داڭلىق تۈرمىدىن قاچۇرۇش گۇرۇپپىسى Pod2g دىكىلەر iOS 5.0.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىش فىلىمىنى ئېلان قىلدى. كۆرۈلگىنى iPhone4 بولۇپ نۆۋەتتىكى iPod Touch نىڭ ھەممە نەشرى، iPhone نىڭ 4s تىن باشقا نەشرى، iPad1 قاتارلىق ئۈسكىنىلەر مۇكەممەل قاچىدۇ. بۇنى ئېلان قىلىشقا ھەپتە ۋاقىت كەتمەيدۇ.

Apple يىڭىدىن ئىشلەتكەن A5 تىپلىق CPU دىكى قوش نىگىزلىك iPad2, Iphone4s لەرنىڭ لاھىيەسىدە بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشىلىنىش بولغانلىقى ئۈچۈن خاككېرلار تېخنىكىلىق قىيىنچىلىقلارنى يىڭىپ بولالمىدى. ئەمما ناھايتى ئۈمۈدۋارلىق بىلەن بىزگە يىقىندا بۇ ئىككى داڭلىق ئۈسكىنىنىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلىنى كۈتۈشىمىزنى قەيىت قىلدى.

مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى چىقسا خالاستان بىلوگى مۇناسىۋەتلىك دەرسلىكنى ئېلان قىلىدۇ. نەزەرى، شەھرىستان-ئۈرۈمچى، سارايى-ئاق تا يېزىلدى.

4.3.3غىچە بولغان نەشرىنى ئاددى تۈرمىدىن قاچۇرۇش

خالاستان بىلوگىدا تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەپ تولا سۆزلەپ كەتتۇق، ھەممەيلەننىڭ ئىڭىدىكى بىر مەسىلە شۇكى : تۈرمىدىن قاچۇرۇش تەس.شۇڭا بازاردا بەزىلەر 200 سومدىن ھەق ئېلىپ تۈرمىدىن قاچۇرۇپ يۈرىدۇ. تۆۋەندە iOS نىڭ 4.3.3 غىچە بولغان بارلىق نەشىرلىرىنى ئەڭ ئاددى ئۇسۇلدا تۈرمىدىن قاچۇرۇشنى سۆزلەي. بۇ ئۇسۇلنى كۆپچىلىك بىلىدۇ دەپ ئېلان قىلمىغان، لىكىن قارىسام بىلمەيدىغانلار كۆپكەن، ياردىمى تىگەر.

بۇ ئۇسۇلدا بۇرۇنقىدەك ئايرىم يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈش، DFU غا كىرىش… دېگەندەك كەسپىي باسقۇچلار يوق.بىر تور بەتكە كىرىپلا ئاددى ئۇسۇلدا تۈرمىدىن قاچۇرغىلى بولىدۇ. بۇرۇنقى تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇللىرىنى بۇ ئۇسۇل كارغا كەلمىگەندە ياكى تورغا چىقالمىغاندا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

شۇڭا Apple Store دېكى  ئۈسكىنىلەرمۇ apple نىڭ يۈزىگە تۈكۈرگەنگە تەڭداش قىلىنىپ مۇشۇ ئۇسۇلدا تۈرمىدىن قاچۇرۇپ قويۇلغان.مۇناسىۋەتلىك خەۋەر(نەزەربايمۇ ئىككىنى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ ئوينىغان شۇ يەردە خا خا ).

Open[SWF] - 北京三里屯apple
 

بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ كۆپ يازمىنى بىلوگىمدىن كۆرۈڭ. ../category/apples/jb

تۈرمىدىن قاچۇرۇش

iPhone,iPodtouch,ipad نى تورغا ئۇلاپ safari دا بىراقلا  http://www.jailbreakme.com// غا كىرىپ ئۈستىدىكى install دېگەننى باسساقلا ئۈسكىنە cydia نى ئاپتوماتىك قاچىلاپ ، تۈرمىدىن قېچىش يامىقىنى ئۇرۇپ بېرىدۇ. ئىكرانغا cydia نىڭ بەلگىسى پەيدا بولغىنى تۈرمىدىن نورمال قېچىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

بۇنىڭدىن كىيىن بىز مۇناسىۋەتلىك ياماقلارنى ئۇرۇۋەتسەكلا ئىش تامام ۋەسسالام!

تۆۋەندىكسى تۈرمىدىن قاچۇرۇش مۇتەخەسىسىلىرىنىڭ jailbreakme بېتىگە قالدۇرغان تەشەببۇسى:

JailbreakMe is the easiest way to free your device. Experience iOS as it could be, fully customizable, themeable, and with every tweak you could possibly imagine.

Safe and completely reversible (just restore in iTunes), jailbreaking gives you control over the device you own. It only takes a minute or two, and as always, it’s completely free.

Please make an iTunes backup before jailbreaking.

خالاستان بىلوگىمۇ بارلىق ئالما ھەۋەسكارلىرىنى تېخنىكىلارنى ئۆگۈنۈپ قويۇش بىلەن بىرگە ئىقتىسادى كۈچى ياربەرسە چوقۇم يېشىۋىتىلگەن دېتاللاردىن ۋاز كېچىپ ھەقلىق دېتاللارنى appstore دىن سېتىۋىلىپ ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كىيىن چوقۇم تۆۋەندىكى دېتاللارنى قاچىلاشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

[تەۋسىيە]iPhoneنى تەھرىرلەش،بارماق دېسكا قىلىش

ئالدىنقى تېمىمىزدا iPhone ھۆججەتلىرىنى باشقۇرۇش دېتاللىرىدىن بىر نەچچىنى تونۇشتۇرغان. بۇ تېمادىن كۆرۈڭ. يۇقارقى ۋە تۆۋەندىكى دېتال بارلىق نەشىردىكى iPhone,iPodTouch,iPad كە ماس كىلىدۇ.

مەن بۈگۈن ئالما ھەۋەسكارلىرىغا ئىشلىتىش ناھايتى قولاي، قوزغۇتۇش پىروگراممىسى ۋە باشقا دېتال قاچىلاش كەتمەيدىغان ھۆججەت باشقۇرۇش دېتالى تەۋسىيە قىلىمەن. دېتال قاچىلانغاندىن كىيىن پەقەت كومپيۇتېر بىلەن iPhone پەقەت بىر قىسمىي توردا بولسا(ياكى ھەر ئىككلىسى Internetقا ئۇلانغان بولسا)  iPhone نىڭ خالىغان ھۆججەتلىرىنى خۇددى كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېسكاسىنى زىيارەت قىلغاندەك زىيارەت قىلىپ، ھۆججەت ئۆچۈرۈش، كۆچۈرۈش مەشغۇلاتى قىلىشقا بولىدۇ.iPhone ھەقىقىي مەنىدىكى «بارماق» دېسكاغا ئايلىنىدۇ.

بۇ دېتالنىڭ نامى Samba ، تېخى يىقىندا Cydiaدا ئاشكارا تارقىتىلغان ھەقسىز دېتال. بۇرۇن Linux,Mac OSۋە Windows قاتارلىق مۇھىتلاردا SMB كېلىشىمى ئارقىلىق «سۇپا ئاتلىغان» مەشغۇلاتلارنى قىلىشقا ئىشلىتىلگەن. تۆۋەندە iOS تە قانداق ئىشلىتىش توغۇرلۇق ئازراق سۆزلەي.

1. تۈرمىدىن قاچقان ئۈسكىنىگە ئاۋال ئالدىنقى تېمىدا تونۇشتۇرۇلغان SBSettings نى قاچىلاڭ.

2. Cydia غا apt.weiphone.com نى قوشۇڭ. Sambaنى قاچىلاڭ. ھەم رەسىمدىكىدەك Samba نىڭ ئوچۇقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىڭ، ۋە ئۈسكىنە IP سىنى خاتىرلەڭ. 

2. ئۈسكىنىدە 设置-Samba دېگەن تەرتىپتىن كىرىپ Samba نى ئېچىڭ، Enabledنى ئوڭغا سۈرۈڭ.ئاستىدىكى ئورۇنغا پارول كىرگۈزۈڭ(خالىغانچە)، ئاندىن  Change Passwordدېگەننى بېسىڭ(پارول كۆرۈنمەيدۇ. نورمال). رەسىمدىكىدەك.

 

3.كومپيۇتېرغا يۇقاردا ساقلىۋالغان IP نى كىرگۈزىمىز. شەكلى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ.

4. چىققان كۆزنەكنى تولدۇرىمىز. ئابونت نامى root ، پارولى 2-باسقۇچتا كىرگۈزگەن بىلەن ئوخشاش.

5.ئېچىلغان بەت دەل iPhone نىڭ بارلىق ھۆججەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆزنەك.

 بۇ يەردە كۆك رەڭدە بويالغانلىرى 2- دەرىجىلىك مۇھىم قىسقۇچ (ئابونت قاچىلىغان قوللىنىلىشچان پىروگراممىلار بار).

ئۇنىڭ ئىچىدىكى Share قىسقۇچى بولسا 3-دەرىجىلىك مۇھىم بولۇپ ئابونت iPhone نى «بارماق دېسكا» قىلىپ ئىشلەتكەندە مۇشۇ يەرگە ھۆججەت ساقلايدۇ. ئۆچۈرۈشكە، يىزىشقا بولىدۇ.

قىزىل رەڭدە بويالغىنى 1-دەرىجىلىك مۇھىم ھۆججەت قىسقۇچ بولۇپ ھۆججەتلەرنى پەقەت كۆرۈشكە بولىدۇ، ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ(باشقىچە تەھرىرلەپ ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. بىراق خالاستان بىلوگى ئىشلەتكۈچى ئۈسكىنىسىنىڭ بىخەتەرلىكى سەۋەبلىك تەھرىرلەشنى تەشەببۇس قىلمايدۇ. ھەر قانداق ۋىرۇس مۇشۇ ھۆججەتنى ئۆزگەرتىپلا قويسا ئالما سىستىمىسى بۇزۇلۇشى مۇمكىن).

تۆۋەندىكى تەھرىرلەش ئېلىپ بىرىلمىغاندا سىستىما ھۆججەتلىرى (main readonly) ، ئابونت قاچىلىغان پىروگراممىلار (mobile readonly)، رەسىم ساقلاش مۇندەرىجىسى (camera readonly)لار پەقەت ئوقۇغىلى بولىدىغان، «بارماق دېسكا»  (share readonly) مۇندەرىجىسى ئوقۇغىلى يازغىلى بولدىغان ھالەتتە. ئىھتىياجغا ئاساسەن تەڭشەشكە بولىدۇ.

قوشۇمچە: ھۆججەت قىسقۇچلارنىڭ ھوقۇقىنى تەڭشەش جەريانى تۆۋەندە.

1. ../2321.html دىكى ھۆججەت باشقۇرۇش دېتالى تۈرىدىن بىرنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ. i-Funbox تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

2. iPhone نىڭ /etc/samba/smb.conf مۇندەرىجىسىدىن smbدېگەن ھۆججەتنى كۆچۈرۈپ كومپيۇتېرغا ساقلاڭ، ۋە خالىغان قۇرال (ياخشىسى خاتىرە دەپتەر) ئارقىلىق ئېچىڭ.

ئاندىن ماس ئورۇندىكى Read Only (ئوقۇشقىلا روخسەت) دېگەن تۈرلەرنىڭ ئۇدۇلىدىكى  Yes,No لارنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق يۇقارقى 5-باسقۇچتا كۆرسىتىلگەن ماس مۇندەرىجىلەرنىڭ ئوقۇشيېزىش ھوقۇقىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ. رەسىمدىكىدەك.

يۇقارقى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، نەزەرىنىڭ ئۈسكىنىسىدە سىستىما ھۆججەتلىرى (main readonly) پەقەت كۆرگىلى بولىدىغان. ئابونت قاچىلىغان پىروگراممىلار (mobile readonly)، رەسىم ساقلاش مۇندەرىجىسى (camera readonly)، «بارماق دېسكا»  (share readonly)مۇندەرىجىسى ئوقۇپ يازغىلى بولىدىغان  قىلىپ تەڭشەلگەن.

كومپيۇتېرغا كۆچۈرگەن ھۆججەتكە تەھرىرلەش ئىلىپ بىرىپ بولغاندىن كىيىن ساقلاڭ ۋە ئەسلى مۇندەرىجىگە چىقىرىپ ئەسلىدىكى ھۆججەتنى قاپلىۋىتىڭ.

iOS5 ئىلان قىلىنمايلا تۈرمىدىن قېچىپ بولدى

de>>ئالدىنقى تېمىمىزدا iOS5 نى ماختاپ ئۇچۇرۇپ، تونۇشتۇرۇپ بولدۇق. تېخى WWDC 2011 دا ئەمدى ئېلان قىلىغان iOS5 نىڭ سىناق نەشرى بۈگۈنكى كۈندە چەتئەلدىكى خاككىرلار تەرىپىدىن تۈرمىدىن قاچۇرلۇپ بولۇندى.

ios5 كە يىڭىلاش تەمىنلەيدىغان ئۈسكىنىلەر ipodtouch3,ipodtouch4,iPhone3Gs,iphone4,ipad1,ipad2,iTV1,iTV2 قاتارلىقلار بولۇپ، 9- ئايدا ئېلان قىلىنىدىغان iPhone نىڭ 5-ئەۋلاد نەشرى iPhone4s كىمۇ قاچىلىنىدۇ. يىل ئاخىردىكى ipad3 مۇ مۇشۇ نەشىرنى قوللايدۇ. ھازىر تورلاردا تارقالغىنى apple دىكىلەر دېتال ئاچقۇچىلارغا تەمىنلىگەن سىناق نەشرى بولۇپ ھەقىقى نەشرى يىقىندا چىقىدۇ.

iTunes10.5Beta نەشرىدە تۇرۇپ نەشىر كۆتۈرۈشكە بولىدۇ. http://developer.apple.com/devcenter/ios/index.action

مۇناسىۋەتلىك نەشىر كۆتۈرۈش سىناق بولىقىنى تۆۋەندىكى ئادىرىستىن چۈشۈرگەي. داۋاملىق ئوقۇش

Cydia ئىشلىتىش دەرسلىكى

ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق، Cydia بولسا بارلىق تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان ipod,iphone,ipad لەرنىڭ ئەڭ ياخشى ياردەمچىسى. Cydia ئارقىلىق appleنىڭ appstore دىمۇ تەمىنلەنمىگەن ياكى تەمىنلىنىش دائىرسىدىن ئېشىپ كەتكەن يۇمشاق دىتاللارنى چۈشۈرۈپ قاچىلاشقا بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق apple مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ. شۇڭا بۇ دىتالنىڭ ئابونتى ئادەتتىكى iTunes ئابونتىدىنمۇ كۆپىلىكى مۆلچەرلەنمەكتە.

Cydia بولسا iTunes store غا ئوخشاش ئابونت نوقتا دىتالى بولۇپ JayFreeman(saurik) نىڭ باشقۇرشىدا Okori Group ۋە UCSB ئونىۋىرىستىتىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئېچىلىدۇ. ئادەتتە تۈرمىدىن قاچۇرۇش جەريانىدا Cydia ئاپتوماتىك قاچىلىنىدۇ، شۇڭا تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان ياكى قاچۇرۇلمىغانلىقىنى بىلىشتە Cydia نىڭ بار يوقلۇقىغا ئاساسلىنىشقىمۇ بولىدۇ.Cydia دا تەمىنلىنىدىغان قوللىنىشچان يۇمشاق دىتاللار ئاساسەن سىستىما ھوقۇقىغا تولۇق ئىرىشىدىغان بولۇپ ئىجرا بولغاندا ئوڭايلا root دەرىجىسى بويىچە قوزغىلىدۇ. شۇڭا نۇرغۇن تىز ئىجرا سىستىمىلىرى ئادەتتە Cydia دا كۆپ ئۇچرايدۇ. Cydia نىڭ مۇشۇ بىر نەچچە ئالاھىدىلىكى iOS كە يىزىلىدىغان «قانۇنلۇق» يۇمشاق دىتاللار دىن ياخشى بولغاچقا تۈرمىدىن قاچۇرۇلغاندىن كىيىنكى مۇتلەق كۆپ قىسىم يۇمشاق دىتاللار Cydia ئارقىلىق قاچىلىنىدۇ.

ئەمسە سۆيۈملۈك ئوقۇرمەننىڭ iPhone,iPodياكى iPad لىرىگە Cydia قاچىلىنىپ بولدى دەپ قاراپ دەرسلىكنى باشلاي.

Cydia نى بىرىنچى قىتىم قوزغاتقاندا ئىشلەتكۈچىنىڭ رولىنى سورايدۇ، بىز بۇنىڭغا ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچى Usersياكى 用户 دىگەننى تاللاپ بىرىمىز.

بۇ كۆرۈنمە يۈز قوزغالغاندىن كىيىن ئۆزى يىڭىلاش ئىلىپ بارىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن تور شارائىتى بولىشى كىرەك. 3G,wifi تورلىرى بولسا بولىۋىرىدۇ.

يۇقارقى كۆرۈنمە يۈزىدىن Manage 管理 دىگەننى تاللايمىز.

يۇقارقى رەسىمدىن Sources软件源نى تاللايمىز. چىققان كۆزنەكتىن Edit编辑نى باسساق خەتلەر تاللاش ھالىتىگە ئۆتىدۇ. ئۇلاپلا Add 添加 نى باسساق تۆۋەندىكى كۆزنەك چىقىدۇ.

يۇقارقى كۆزنەككە Cydia غا يۇمشاق دىتال تەمىنلەيدىغان مۇلازىمتېرلارنىڭ ئادىرسى يېزىلىدىغان بولۇپ تۆۋەندە مەن قالدۇرىمەن. ھەر خىل مۇلازىمتېرلاردا ھەرخىل يۇمشاق دىتال بار.

ئادىرىسنى قوشۇپ بولغاندىن كىيىن add source添加源 دىگەننى تاللىساقلا توردىن مۇناسىۋەتلىك يۇمشاق دىتال ناملىرىنى ئاپتوماتىك يىڭىلايدۇ.

يىڭلىنىپ بولغان كىيىن بىز  خالىغان بىر تۈرنى بىسىپ ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق يۇمشاق دىتاللارنى كۆرەلەيمىز ۋە خالىغانچە چۈشۈرۈپ قاچلىيالايمىز.

تۆۋەندە مەن كۆپ ئىشلىتىدىغان بىر نەچچە مەنبەنى قالدۇراي:

tgbus http://iphone.tgbus.com/cydia/

weiphone http://app.weiphone.com/cydia/

xsellize http://xsellize.com/cydia/

http://repo666.ultrasn0w.com(كۆرۈنگىنى رەقەم 0

تۆۋەندىكىسى بىر قەدەر كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئادىرىسلار:

نامى ئادىرسى رولى
Dev Unlock
http://apt9.yellowsn0w.com/
Yellowsn0w unlock
iFonetec
http://app.ifonetec.com/cydia/
Cylay / MiVTones
UCWEB
http://wap.ucweb.com/iPhone/cydia
UCWEB
iPhoneCat Team
http://apple.bloks.cat/repo/
Catalan Language Support
iPhone Islam
http://apps.iphoneislam.com/
Arabic Language Support
4pp13 Team
http://apt.123Locker.com
NES/GBA Rom Packs
BigBoss&lanet-iPhones
http://apt.bigboss.us.com/repofiles/cydia/
Themes / Tweaks / Hacks / Apps / wallpapers
Darvens Repository
http://apt.guardiansofchaos.com/
Themes / Wallpapers / Apps / Ringtones
Hackers.nl
http://apt.hackers.nl/
Patches / Hacks / Zuijlen.eu Repo
IngiliZanahtari
http://apt.ingilizanahtari.com/
Turkish Language Support
ModMyiFone
http://apt.modmyi.com
Themes / Wallpapers / Apps / Ringtones
Telesphoreo Tangelo
http://apt.saurik.com/
Cydia Sources / unix utils / cycorder / hacks
Steffwiz
http://apt.steffwiz.com/dists/steffwiz/main/binary-iphoneos-arm/ All Sources / Hacks / MobileInstallation Patch for 2.2
iFone1 Norway
http://c.ifon1.no/
Patches / Hacks
iModZone Cydia Repo®
http://c.imodzone.net/
RockBand / Hacks
SOSiPhone
http://cy.sosiphone.com/
French Language Support
Hackulo
http://cydia.hackulo.us/
hacks :)
iClarified.com
http://cydia.iclarified.com/
Volume Boost / iLog / AutoCorrection ONOFF
iFoneguide
http://cydia.ifoneguide.nl/
Dutch Language Support
iPhoneMod
http://cydia.iphonemod.com.br/
Brazillian Language Support
Intelliborn
http://intelliborn.com/cydia
IntelliScreen
Free Coder
http://iphone.freecoder.org/apt/
Icosta Chines input support
ispazio
http://ispaziorepo.com/cydia/apt/
Backgrounds / Apps / Games / Themes
iphoneal
http://mc2.iphoneall.org/
Indonesia Hacks
SaladSoft
http://nickplee.com/cydiasource/
Chord Directory Nick’s APP Experiments
Rich Creations
http://www.richcreations.com/iphone/apt/
N/A
Code Genocide
http://repo.codegenocide.com/cydia/
iSteamy (Adult)
Andy Dam
http://repo.gafoogle.com/
Installous One tap install for IPAs from Safari
Urbanfanatics
http://urbanfanatics.com/cydia/
ScuummVM
weho.ru
http://weho.ru/iphone/
Notifier / Russian Carrier bundles / hacks
iacces
http://www.iacces.com/apt/
Chinese Keyboards & hacks
iphone.org.hk
http://www.iphone.org.hk/apt/
MobileInstallation Patch / HK settings / lighttpd
iPhone Video Recorder
http://www.iphonevideorecorder.com
iPhone Video Recorder
xsellize.com
http://xsellize.com/cydia/
Apps / Tools/ Patches
zodttd.com
http://zodttd.com/repo/cydia/
Emulators / Quake4iPhone / Doom & VLC4Iphone
hackers.nl
http://in apr.hackers.nl
Themes / Apps / Ringtones
Free Coder
http://iphone.freecoder.org/apt/
iCosta
iPhoneCake
http://cake.mapleidea.com
N/A
Tmgrepo
ftp://tmgrepo.docspages.com:9866058/
N/A
iPhone-storage.de
http://apt.iphone-storage.de/
N/A
Niklas Schroder
http://apt.paperclipsandscrambledeggs.com/
N/A
Zanekills’ Source
http://apt.zanekills.com/
N/A
CZ&SK
http://csid. tym.cs/repo/
N/A
Marcin Laber (Polish)
http://cydia.i-apps.pl/
Apps & Hacks in Polish
Comcute&Gecko
http://gecko.pri.ee/cydia/
N/A
HackmyiPhone
http://hackmyiphone.info/cydia/
N/A
IPA Repo
http://iparepo.com
N/A
Hack&Dev.org
http://iphone.hackndev.org/apt/
iCommander, some Fixes
iPhonehe.com (Hebrew)
http://iphonehe.com/iphone
N/A
iPhonestuff
http://iphonestuff.ru/
N/A
iPuhelin
http://ipuhelin.com/cydia/
Apps / Hacks
iPhone-patch (Bulgarian)
http://mspasov.com/
N/A
SMXY
http://repo.smxy.org/cydia/apt/
N/A

 

appleنىڭ ياخشى ياردەمچىسى cydia چەكلەندى

cydiaنى ھەر بىر apple ئابونتى بىلىدۇ. تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان ھەر بىر apple مەھسۇلاتى مۇناسىۋەتلىك ياماق، دىتاللارنى پەقەت cydia ئارقىلىقلا قاچىلايدۇ.cydia نىڭ ئىشلىتىلىش ئۇسۇلىنى خالاستان بلوگىدىن كۆرۈڭ. شۇڭا بۇ تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ھىماتچىسى ھىسابلىنىدۇ. ئەمما apple شىركىتى بۇ دىتالغا چىش-تېرنىقىغىچە ئۆچ. پەقەتلا ئامىركا قانۇنى تۈرمىدىن قاچۇرۇشنى قانۇنلۇن دەپ بىكىتكەندىن كىيىنلا بۇ دىتال ساقلىنىپ قالغان. لىكىن يىقىندا ھەر خىل خىرىسلارغا دۇچ كىلىۋاتىدۇ.

داڭلىق iPhoneتۈرمىدىن قاچۇرۇش تەتقىقاتچىسى @stroughtonsmith بۇ قىتىم بىر خەۋەر ئاشكارلىدى. يىقىندا ئەنگىلىيە تىلگىراف شىركىتى 3بۇلارنىڭ ئاچقان Cydia يۇمتالىغا قارىتا تور مۇلازىمەتنى تاقىۋەتكەن،

باشقا خەۋەرلەردىن ئىيتىىشچە جوڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشمۇ بۇ ئىشقا دىققەت قىلىۋاتقاندەك. ھازىر مەنمۇ سىنىدىم، cydia نىڭ جوڭگو رايۇنىدىكى بارلىق مۇلازىمەتلىرى نورمال. بىز خاتىرجەم بولساق بولىدۇ. لىكىن پات ئارىدا بىرلەشمۇ aplle شىركىتىگە «»ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن cydia غا مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتلەرنى تاقىشى مۇمكىن. ئۇنداق بولغاندا wifi ئىقتىدارى يوق iphone لارغا نىسبەتەن بىردىنبىر چارە شۇكى ، كۆچمە خەرەرلىششىنىڭ كارتىسى ئارقىلىق cydia مۇلازىمىتىگە ئىرىشىش.

ئەنگىليەنىڭ3 تىلگىراف شىركىتى بۇ مۇلازىمەتنى Bluecoat دىگەن دىتال ئارقىلىق تاقىغان. بۇ دىتال ئادەتتە چەكلەنگەن مەزمۇنلارنى سۈزۈشكە ئىشلىىتلىدۇ. شۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى ئەنگىلىيە 3 تىلگىرافى بۇ مۇلازىمەتنى پات ئارىدا ئىچىۋىتىشى ناتايىن.

بۇ خەۋەرنىڭ يڭى يۈزلىنىشىنى خالاستان بىلوگى يەنە خەۋەر قىلىدۇ. شۇڭا بىرلەشمە خەۋەرلىششىنىڭ cydia مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىۋاتقانلارنىڭ سەرگۈررەك بولىشىنى سەمىگە سالىدۇ.