ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق،wikipedia بولسا دەۋرىمىزدىكى تەسىر دائىرسى ئەڭ چوڭ، ئىچىۋىتىلگەن بىلىم ئامبىرى بولۇپ 200 دىن ئارتۇق تىلدا يىزىلغان چوڭ بىلىم قامۇسى. ئۇيغۇرچە مەزمۇنلارمۇ مەلۇم نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. مەن كومپيۇتېر ۋە باشقا يۆتكىلىشچان ئۈسكۈنىلەرگە چوقۇم قاچىلايدىغان ئۇستاز سۈپەت قۇرالنىڭ بىرى دەل Wikipedia.ۋىكىپېدىيە ھەققىدە كۆپ سۆزلىمىسەممۇ ھەر بىر بىلىم خۇمارىغا مەلۇملۇق___ ۋىكىپېدىيە بولسا زامانىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى،ھەقسىز بىلىم ئامبىرى.

پۈتۈنلەي دېگۈدەك پىدائىيلار تەرىپىدىن مەزمۇن قوشۇلۇپ تەھرىرلىنىدۇ. ھازىر ئۇيغۇرلاردىنمۇ بىر ئىككى ئادەم ئۈزلۈكسىز يىڭىلاۋاتىمىز.ئىشىنچا ۋاقتى بار قىرىنداشلارنى http://ug.wikipedia.org/wiki/Bash_Bet غا چىقىپ كۆرۈپ ئۈگىنىشكە يەنە خالىغانچە مەزمۇن يىڭىلاشقا تەكلىپ قىلىمىز.

خالاستان بىلوگى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنلا مەن بىلىك كۇلۇبىدا ئۇيغۇرچە ۋىكىپېدىيە نىڭ ئامبىرىنى ياساپ تارقاتقان. كىيىن ئازراق مەسىلە بايقىلىپ بۈگۈن يەنە ئىملا، مەزمۇن بىر قاتار تەكشۈرۈلۈپ ئەڭ يىڭى نەشرى تارقىتىلدى.

بۇ ئامبار سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ئاپتورلۇق ھوقوقى، خاتا چۈشەنچە شۇنداقلا جوڭگونىڭ قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق جاۋابكارلىققا خالاستان بلوگى مەسئۇل بولمايدۇ. بۇنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكۈچى چوقۇم دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنلىرىغا ئاڭلىق بويسۇنغان ئاساستا پايدىلىنىشى شەرت.

بۇ ھەقتە پۈتۈنلەي قوللاش ۋە تېخنىكىلىق ياردەم، مەسلىھەتلەر خالاستان بىلوگىدىكى ئايرىم بەتتە ئېلىپ بىرىلىدۇ. قىنى نەزەرىڭىزنى نەزەرىنىڭ بۇرۇنقى يازمىسىغا يۆتكىگەيسىز.

«ئۇيغۇرچە wikipedia نىڭ يىڭى ئامبىرى پۈتتى»نىڭ 20 ئويلىغانلىرى بار

  1. مۇبارەك بولسۇن ، نەزەرباي ، كۆپ جاپالارنى چەكتىڭىز . مېنىڭ MSN ھېساباتامنى قوشۇۋالسىڭىز بوپتىكەن . رەھمەت .

  2. راست، ئۈرۈمچىدە ئېچىلمىدى.
    مۇمكىن بولسا باشقا بوشلۇققا يوللاپ قويسىڭىز شۇيەردىن ئىشلەتسەك بولغىدەك.

  3. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نەزەرى ئەپەندىم
    ئالدى بىلەن WikiUyghurنىڭ يىڭىسىنى تارقاتقىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت! Windowsmobile غا ماس كىلىدىغان نۇسخىسىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتىۋاتىمەن. ئالىپ ئەپەندى بىلەنكى مەسلىھەتلەرپۈتكەن بولسا Windowsmobile غا چۈشۈدىغان نۇسخىسىنىمۇ بالدۇرراق تارقاتسىڭىز بولاتتى، جاپا چىكىدىغان بولدىڭىز ، رەھمەت!

    1. ئامبارنى ئالىپئەنۋەر ئەپەندىگە بىر نۇسخا بەردىم. ئۇياق كەسىپ ئەھلى. تىزلا بىر نۇسخا چېقىرىشىغا تىلەكداشمىز.

  4. mihnatciz ajringzga kop rahmat nazari buradar.bu ambarning yingi nuchicini kaqan tarkitarkin dap tut kuzum bilan kutuwatkan idim.likin biznig xinjangda hakkatan iqilmaptu ,xunqa hapilixip hatta baidu din izdapmu quxuruxka momkin bolmidi. bolca azrak wahtingz bolca 115 digandak baxka mokimrak boxlukka yollap koycing boptikan .bu ambar manga bakla.muyim idi.

  5. ئۆزىمىزگە مۇشۇنداق تەسەللى بەرمەي ئامال قانچە.ئەگەر ۋاختىڭىز چىقىپ قالسا ،تورسىز مۇھىتتا ئشلەيدىغان نۇسىخىسىنى بولسىمۇ بىرەر بوشلۇققا ئايرىم يوللاپ قويغان بولسىڭىز چۇشۇرۇپ كۆرۇپ باقساقمۇ بولاتتى بولمىسا.

    1. مۇشۇ تېمدا چۈشۈرۈش ئادىرسى بار
      مەن سىزلەرنى كۆرەلمەيدىكەن دەپ شۇ تورسىز مۇھىتتا ئىشلەيدىغان ئامبىرىنى ياسىدىمغۇ.

  6. 无法显示网页 :welcome: ،بىز تەرەپتە ئەھۋال مانا مۇشۇنداق.چۇشۇرمەك تۇگۇل باش بەتكىمۇ كىرگىلى بولمايدۇ.قاچاندىن باشلاپ مۇشۇنداق بولۇپ قالغانلىقى نامەلۇم .سىزنى يىڭى ئامبارنى قاچان تارقىتاركىن دەپت تۆت كۆزىمىز بىلەن كۇتۇپ تۇرۋىدۇق،سىزيىڭى ئامبارنى پۇتتۇرگەندە بىزلەردە كىرگىلى بولماس قىلىپ قويۇپتۇ،بولسا باشقا تور دىسكىسىغا يوللاشنىمۇ ئويلىشىپ باقسڭىز،

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: